تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 18

<< دۆڭباغ ناۋاسى >> زادى قانداق ناۋا؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
48
تۆھپە
17
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 19:12:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<< دۆڭباغ ناۋاسى >> زادى قانداق ناۋا؟


    مۇشۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان كوچا كويلاردىن ئۆتسەم بولۇپمۇ ئۈن - سىن دۇكانلىرى ئالدىن ئۆتسەم ئاتالمىش << دۆڭباغ ناۋاسى >> دەپ سەرلەۋھىلىك ماۋزۇ قويۇلغان ئۇسۇللۇك پىلاستىنكىنىڭ تولىمۇ جاراڭلىق قويۇلۋاتقانلىقنى كۆرۈپلا تۇردۇم.بەلكىم مەن ئەمەس مۇشۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن دوسلارمۇ كۆرگەن بولىشى مومكىن ، قارىسىڭىز پىلاستىنكا ئىچىدە < دۆڭباغ ناۋاسى > دىگەن پىلاستىنكا نامى ۋە < ...... پىلىم ئىشلەش مەركېزى > دىگەن ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمىنى كۆرىسىز ، بىر قاراشقىلا ئىملا خاتالىق دەھشەت ئېغىر بولغان بۇ پىلاتىنكىسنىڭ ئىچىگە كىرىدىغان بولىسىڭىز ئەڭ ئاۋال كۆرىدىغىنىڭىز بەللىرىنى 28 تىراكتۇرنىڭ ياغسىراپ كەتكەن چاقىدەك تولغايدىغان ئەرلەرنى ۋە بەدەنلىرىنى جان تالىشۋاتقان ياۋا توشقانغا ئوخشاش گويا يىغىپ ، گويا كىرپ .. دىگەندەك ئۇيغۇر ئۇسۇللىرمىزغا ئەسلا ماس كەلمەيدىغان ھالەتتە ئويناۋاتقان ئاياللارنى كۆرىسىز .( ئىشەنمىسىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بىر تونىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كۆرۈپ بېقىشقا كۆچىرۋالغان ئىدىم ) .مەزكۇر پىلاستىنكىنى ئىشلەش ئۈچۈن مەخسۇس كۈچ ئاجرىتىپ بىردە ئۆي ئىچىدە ، بىردە ھويلىدا ، بىردە ئامبار بويىدا ، بىردە قوناغلىقتا ... دىگەندەك ئىشلەپتۇ .ناخشا بىلەن ئۇسۇل ھەركەتلىرى شۇنداق چاققان ھەم جۇشقۇنكى - ھىندىستانلىقلارمۇ بىر چەتتە قالغۇدەك !  
    خوش ! ، ئۇنداقتا بۇندىن بۇرۇنقى < جاپى >  ،  < ئۇ كۈيلىرى ، بۇ كۈيلىرى > ...قاتارلىق بىر قانچە پىلاستىنكىلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى !گەرچە ئۇ خىلدىكى پىلاستىنكىلار چوڭ - چوڭ ئۈن - سىن شىركەتلىرىدە ھەم قانۇنىي ئاپىراتلار يولغا قويغان ئۈن - سىن دۇكانلىرىدا ئىشلەنمىگەن ھەم تارقىتىلمىغان بولسىمۇ لىكىن نىمە ئۈچۈن بازارلاردا بۈنچە ئەدەپ كىتىدۇ ؟   

    ئۇ خىلدىكى پىلاستىنكىلارنىڭ باشقىلارنى ئاسانلا جەلىپ قىلىشدىكى سەۋەپ ئۆزىنىڭ ئىسىللىكىدە ئەمەس بەلكى ھەر قىسما چاكىنا ، بەدقىلىقلىق ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇل ھەركەتلىرىمىزگە يات بولغان غەيرى پاسۇنلارنى چىقىرىپ كۆرگۈچىلەرنىڭ ھىسىياتىنى ئالدىغانلىقىدا دىيىشكە بوپلىدۇ .مىنىڭچە بۇ بىر قىسىم قاراڭغۇ بازارچىلارنىڭ ئازراقلا پۇلنى دەپ ئۇيغۇر مەدىنيىتىمىزنىڭ ئۆلمەس شەجەرىسى ، دۇنيا خارەكتىرلىك ۋەكىللىك مەدەنىيەت مىراسى بولغان < ئۈن ئىككى مۇقام > مىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھەم ئىتىبارسىزلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .  
    بۇ خىلدىكى پىلاستىنكلار نىمە ئۈچۈن بەك تىزلا تارقاپ يەنە بەك تىزلا يوقاپ كىتىدۇ ؟   
    چۈنكى بۇ بىرخىل بازار ئېقىمى ، يەنە كىلىپ كۆرگۈچىلەر بىر قېتىم كۆرۈپ بولۇپلا يەنىلا ھەقىقى سەنئەت تۇيغۇسى بار ، يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىدىغان نادىر ناخشا - مۇزىكىلىرىمىزغا قايتىپ كىتىدۇ .مەزكۇر < ناۋا > نىڭ قانداق ناۋالىقىغا كەلسەك - مەنچە بولغاندا بۇ سەنئەت ساھەسىنى بۇلغايدىغان ، سەنئەتخۇمار خەلقنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى چەكلەپ قويىدىغان < ناۋا > دۇر !  
    مەزكۇر پىلاستىنكىنى ئىشلەپ چىقارغان پالانچىم ۋە ئۇنىڭ ئۈن سىن دۇكىنىغا ؛

ئىشلەپسىز ئەي قېرىنداش ،
م ت ۋ قىپ ناۋانى .
شەرەپ دىگەن ئوخشايسىز ،
سىنئالغۇغا ئالانى ...
پىلاستىنكا بازاردا ،
توختىدىمۇ ئاقتىمۇ ؟
سوراپ باقاي ئەلگە ئۇ ،
تىرناقچىلىك ياقتىمۇ ؟
پىلاستىنكا پۈتكىچە ،
كۆپلەپ جاپا چىكىپسىز .
نامىڭىزنى قوللىنىپ ،
چولپان بولۇپ كىتىپسىز .  
چولپان دىسەم خوش بولۇپ

ئۇچىۋالماڭ ئاسماندا .
< ھايا > لىقنى ئۆگىتىڭ ،
قىز - چوكانلار تاپقاندا ...
ۋاختىڭىزنى چىقىرىڭ ،
سىزگە سۆزلەي ھىكايە .
ئىككى تۆت تال چوكاننى ( ئۇ پىلاستىنكىدا نەچچە چوكان بارلىقى نامەلۇم )  
قىلىۋالماڭ دەسمايە !

مەزكۇر پىلاستىنكىدا رول ئالغان بىر قىسىم قىز - چوكانلار ۋە ئەرلەرگە ؛
تولغىشىپتۇ بېلىڭىز ئەي ئاكىجان لىپىلدەپ .
چاقىرىدۇ كىملەرنى جىم تۇرالماي ئۆزىچە .
خىجىلچىلىق يوقمىدۇ بۇنداق غەيرى ئۇسۇلدا ؟
ئەركەك ئۈچۈن نۇمۇستۇر ئەل - خالايىق كۆزىچە .
بالاغەتكە يەتكەندە ئوغۇل دەيمىز - ئۆيلەيمىز ،
ئىڭەك قارا بولغاندا رىئاللىقتىن غەم يەيمىز .
شۈنچە ياشقا كىرگەندە قېتىشمىسا بېلىڭىز ،
ئەمدى سىزنى چاقىرساق كەينىگە نىمە دەيمىز ؟ ...
كىيىۋاپسىز شىلەپە ئاپتاپ يامان كەلدىمۇ ؟
قېرىغاندا چىقىرىپ بۇ ئەمدى نىمە قىلىق ؟
شۇنداق ئويناش راھەتمۇ ئايال ئۈچۈن ئېيتىڭە ،
قوپال بولسا بىر يېرى ، بىر يېرى يەنە سىلىق ...
ئايال دىگەن ئائىلە ، مىللەت ئۈچۈن بۈيۈكتۇر ،
ئۆز ئەكسىنى يوقاتقان ئايال ئەمەس بىر ئەخلەت .
مەيدە شىلتىپ ئويناپسىز ئۇسۇلغا نۇسقا قوشۇپ ،
بۇنى كۆرگەن خالايىق دىمەسمۇ < تۈفى > لەنەت !
ئۇيغۇر بولساق ئۇيغۇرنىڭ ئۇسۇلىنى ئوينايلى
بىزگە ناخشا - ئۇسۇللار تېپىلماسقا كەم ئەمەس .
تېتىقسىزلىق ئارلاشقان ناخشا ئۇسۇل - مۇزىكا ،
  سىلەر تونۇپ يىتىڭلار ئۇ ھەقىقى تەم ئەمەس .
دىسەم گەپ ئۇزىراپ كەتكۈدەك ، يەنىلا ئەسلى مەقسەتكە قايىتساق ؛
    مۇشۇ < دۆڭباغ ناۋاسى > دەك ئۆزىمىزنى قەدىرلىمەيدىغان ، ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان پىلاستىنكىلار ۋە ئاشۇنداق پىلاستىنكىلاردا باش رول ئالىدىغان < چولپان > لارنىڭ مومكىن بولسا بۇندىن كىيىن خەلق قوبۇل قىلالايدىغان ، خەلىققە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلالايدىغان ئىسىل پىلاتىنكىلارنى نادىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى يارىتىشىنى شەخسەن ئۈمۈد قىلىمەن !  
    < ئون ئىككى مۇقام > نىڭ بۆشۈكى بولغان دىيارىمىزدا بۇنداق پىلاستىنكىلارنىڭ ئىشلىنىپ بازار تاپقانلىقىدىن بىر ئاز ئۆكۈنۈپ قالدىم ھەم پىلاستىنكا ئىشلىگۈچى ، رول ئالغۇچىلارغا ناقايىل بولدۇم .ئۇلارنىڭ مۇشۇ پىلاستىنكىنى ئىشلەپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا ئىسراپ بولغان ۋاختىغا ، بەدەن قۇۋىتىگە ئىچىم ئاغرىپمۇ قالدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ قىممەتلىك ۋاختى بەدىلىگە كەلگىنى بولسا خەلقنىڭ نەپرىتى ۋە نارازىلىقى بولىشى مۇمكىن .
http://video.sina.com.cn/v/b/32219444-1554027917.html


Rank: 1

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
48
تۆھپە
17
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 19:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە :چولپانلار مۇنبىردىكى سابا


Rank: 4

تىللا
268
تۆھپە
161
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 19:45:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىر ئاغىنە تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، ئېكران ئاستىدىكى ئالاقىلىشىش تېلىغۇنىغا تېلىغۇن قىلىپتىكەن ، تېلىغۇن ئۇلىنىپلا (ئاغىنەم بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەپتۇ) بىز ھازازۇل قانجۇق ئاغىنەمنى تازا تىللاپتۇ . ئاغىنەم نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ، كەچۈرۈڭ خاتا ئۇرۇپ قويۇپسىز دەپ تېلىغۇننى قويىۋېتىپتۇ .


Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
58
UID
248
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 20:47:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=13050 نى چۈشەندۈرىغانلار بارمۇ تىخىمۇ تەپسىلىراق.
يەنى: ھەر ئايدا 49 يۈەن تۆلەپ سۆزلىشىپ تۇرۇپ، IPHONI4S غا ئىرىشكىلى بولامدۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
558
تۆھپە
416
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 21:05:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگىنى ئۇسۇلغا سالسا يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزۇپتۇ دىگەن شۇدە .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:04:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيەت،ئاخبارات نەشىرتات ئورۇنلىرى،بۇنداق نەشىر قلىش ئىجازەتنامىسى يوق ئوبتىك دىسكلىلارنى بازاردىن تازىلاش زورۇر بولۇپ قالدى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
362
تۆھپە
268
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 01:18:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SARBAX يوللىغان ۋاقتى  2012-3-1 22:04
مەدەنىيەت،ئاخبارات نەشىرتات ئورۇنلىرى،بۇنداق نەشىر ق ...

بۇنداقلاردىن بىرنى تازلىسا ئون بولۇپ كۆپىيىپ كىتىۋاتمامدۇ‹ مىزىنى ئىيتسا تىزى،تىزىنى ئىيتسا، مىزى › دىگەندەك.


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 23:05:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ پىلاستىنكىدا رول ئالغانلار پەخرلىنىپ كەتكەندۇ بەلكىم


Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
4
UID
3435
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 23:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە بۇ «دۆڭپاغ ناۋاسې»نىڭ پارىڭى بولىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مېنىڭچە بۇنداق تېتىقسىزلىقلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىپ تورلىرىمىزنى مەينەت قىلىۋالغۇچە ئىلمىي ئىشلار ئۈستىدە پىكىرلىشەيلى، ئەمدى يەنە قانچەيلەن بۇنداق پىلاستىنكىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ باقماقچى بولىشىدۇ.
گەرچە تېما مەزمۇنى شۇ مەينەتچىلىكلەرنى تەنقىتلەش مەقسىتىدە يوللانغان بولسىمۇ «ئويى توغرا، ئۇسۇلى خاتا» بولغان.
مېنىڭ شەخسەن قارىشىم بۇنداق سىنلارنى تورلاردىن تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك، پىلاستىنكا بازارلىرىمىزدا بولسا مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ قويۇڭلار، ئۇلارمۇ ھۆكۈمەت مۇئاشىنى بىكارغا ئالماي بۇنداق مەينەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلىسۇن، ئاۋۇ بېلىنىڭ ئاستىنى سەت تولغاۋاتقان قىز ۋە يىگىتلەرگە ياردەم قىلىپ قىلىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
365
تۆھپە
216
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 11:43:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        كاسسىسىنى ئېتىپ ئوينىغان شۇ قىزنىڭ كۆتىگە ھامان يامان سۈپەتلىك قوڭىيوغان چىقىدۇ. سەكرىۋاتقان پاچاقلىرىغا  يارا چىقىدۇ. مىڭىسى سېسىيدۇ.
       بۇ كىشىلەر ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ. ئەپسۇس ئاشۇ ياش-يىگىتلەر....سىلەر ھەقىقەتەن بىغەم ئىكەنسىلەر...كۈنلەر ئۇزۇن....پۇشايماننىڭ قاچىسىنى ئۆزۈڭلار كۆتۈرۈپ قالىدىغان بولدۇڭلار....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 22:30, Processed in 0.079206 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991