تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 491|ئىنكاس: 12

يۇمۇر ئوينايلى ! ! ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
268
تۆھپە
161
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 20:18:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            سېنىڭ كاساپىتىڭ
باشلانغۇچ 4-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر بالا ماتىماتىكىدا 30نومۇر ئېلىپ ، نەتىجىسىنى چوڭلارغا كۆرسىتىپتىكەن ، ئاچچىقى يامان ئاپىسى ئۇنى ئۆيگە سولىۋېلىپ يېرىم كۈن تىلىدى . يان ئۆيدە بولىۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دادىسى سەبىي يۈرىكى ئازار يېگەن بالىسىغا تەسەللى بېرىپ قويماقچى بولدى ۋە بالىسى چىقىشىغا يېنىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ:
- ئاپاڭنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلۈڭگە ئالما .   دېيىشىگە ، بالا ئاچچىقىنى دادىسىدىن ئالدى :
- ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ ؛ ھەي، جاھاندا قىزلار ئازدەك ئاشۇنداق خوتۇننىمۇ ئالامسەن ! ! !

                                                              ئۆزۈملا دەۋىتەي
يەكشەنبە كۈنىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىنكى يىغىلىشقا ئۈچ ئەسكەر كېچىكىپ قالدى. كوماندىرنىڭ ئاچچىقى ناھايىتى يامان ئىدى .
كوماندىر:
- سەنلەر جاندىن تويغان ئوخشىمامسەن . ئادەتتىمۇ مەشىقنى ياخشى قىلىشمايسەن ،قېنى كېچىكىشكە يوللۇقراق سەۋەپ كۆرسەت ، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن .
ئەسكەر ئا:
- دوكىلات باشلىق ، مەن تاكسى توسۇيالماي پىيادە كەلدىم .
كوماندىر:
- ياخشى ، ساڭا ئەتە بىر كۈن پىيادە مېڭىش جازاسى بېرىلىدۇ . ئارام ئېلىشقا رۇخسەت يوق !
ئەسكەر ب:
- دوكىلات باشلىق ، مەن تېلىۋېزورغا قىززىقىپ كېتىپ كېچىكىپ قالدىم .
كوماندىر:
- ياخشى ، ساڭا ئەتە بىر كۈن تېلىۋىزور كۆرۈش جازاسى بېرىلىدۇ . ئارام ئېلىشقا ، تاماق يېيىشكە رۇخسەت يوق !
ئەسكەر س ھاياجانلانغان ھالدا ۋارقىرىۋەتتى :
-  باشلىق مەن ئۆزۈملا دەۋىتەي !!! مەن ... مەن قىز دوستۇم بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ كېچىكىپ قالدىم .

                                                         سۇغا چۆمۈلۈش مەنئى قىلىنىدۇ
- قىزچاق ، بۇيەردە سۇغا چۆمۈلۈش مەنئى قىلىنىدۇ !
- نېمىشقا كىيمىمنى سېلىشتىن بۇرۇن ئەسكەتمەيسىز؟
- بۇيەردە سۇغا چۆمۈلۈش مەنئى قىلىنىدۇ ، لېكىن كىيىم سېلىش مەنئى قىلىنمايدۇ .

                                                              تاپانچا ۋە سائەت
- ئوغلۇم ، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ساڭا سوۋغا قىلغان تاپانچا قېنى ؟
- جېكنىڭ دادىسى جېكنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر قول سائەت سوۋغا قىپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن تىگىشتىم .
- ھۇ دۆت ،قانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدىغان نېمە سەن !!! كەلگۈسى توي قىلىسەن ، ئەگەر بىر كۈنى كاماندىروپكىدىن قايتىپ ئۆيگە كېلىپ ، خوتۇنۇڭنىڭ باشقىلار بىلەن ياتقىنىنى كۆرۈپ يېنىڭنى سىلىساڭ تاپانچا يوق ، قول سائىتىڭگە بىر قارىۋېتىپ ” سىلەر ياتقىلى قانچە ئۇزۇن بولدى ؟ “ دەپ سورامسەن ؟؟؟

                                                             ئەرزىمەس ئەمەل
لىيۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ ، نەچچە ھەپتە ماختاندى . بۇنىڭدىن زېرىككەن خوتۇنى :
- ماڭا قاراڭ ، بۇئەمەلنىڭ ماختانغۇچىلىكى يوق . بۇئاي-بۇكۈنلەردە مۇئاۋىن باشقۇرغۇچى دېگەن ئەمەل تاللا بازىرىنىڭ پۇرچاق سېتىش بۆلۈمىدىمۇ بار . دېدى
- شۇنداقمۇ ؟ - دېدى لىيۇ گۇمانلىنىپ . ئۇ خوتۇنىنىڭ راسىت سۆزلەۋاتقان ياكى ئۆزىنىڭ چىشىغا تېگىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تاللا بازىرىغا تېلىفۇن بەردى :
- ۋەي ، ياخشىمۇ سىز . ماڭا پۇرچاق سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسىنى چاقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
تېلىغۇندىن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى:
- كونسىرۋالىق پۇرچاق سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسىنى چاقىرىمەنمۇ ياكى توڭلىتىلغان پۇرچاق سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسىنى چاقىرىمەنمۇ ؟

                                                          ھاراق چەكلەش
كاپىتان گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا يىغىن ئاچتى .
- پاراخوتىمىزدا ھازىر ماتىروسلار ئوغۇرلۇقچە ھاراق ئىچىۋېلىپ ، ھەدېسىلا مەست ھالەتتە ئىشقا چىقىدىغان ، مۇشتلىشىدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالدى . تۈزۈمنى چىڭىتىش ئۈچۈن ھەممە ھاراقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىمەن . پىكىر بارمۇ ؟
يىغىن زالى سۈكۈتكەچۆمدى ( كىممۇ زېرىكىشلىك دېڭىز سەپىرىدە ھاراقنىڭ مېھرىدىن كېچەلەيدۇ ) . بۇچاغدا ئارقا تەرەپتىن بىرسى ۋارقىرىدى :
- كاپىتان توغرا ئېيتىدۇ ، بۇرۇنلا بارلىق ھاراقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىش كېرەك ئىدى .
رولچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئاچچىقتىن سەكىرەپ كەتتى :
- بۇيەردە غەۋۋاسلارغا گەپ يوق ؛ ئەگەر بارلىق ھاراقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسەك ، بىرمۇ غەۋۋاس سۇغا چۈشىمەن دەپ ئويلىمىسۇن !!!

                                                       قەبرە ئابىدىسى
بىر ئايالنىڭ ئېرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالدى . قاتتىق ئازاپلانغان ئايال ئېرىنىڭ قەبرە تېشىغا ( مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىم ئۆچتى )  دەپ يېزىپ قويدى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بىر ئەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولدى . تويدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايال قاتتىق ئويلىنىپ ئىلگىرىكى ئېرىنىڭ قەبرە تېشىغا بىر جۈملە قوشۇپ قويدى .  ( مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىم ئۆچتى ، لېكىن مەن بىر تال سەرەڭگە تېپىۋالدىم ).

                                                         خاتالىق
كاماندىروپكىغا بارغان يېرىدە بىر كېچە قونۇپ قېلىپ ، ئەتىسى ئۆيىگە قايتقان ئەر خوتۇنىنىڭ چىرايىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سورىدى :
- تۈنۈگۈن يوللىغان تېلگىراممىنى تاپشۇرىۋالمىدىڭىزمۇ ؟
- سائەت 9 يېرىمنىڭ ئاپتۇبۇسىغا ئۈلگۈرەلمىگەنلىك توغرىسىدىكى تېلگىراممىڭىزنى سائەت 7 يېرىمدا تاپشۇرىۋالدىم .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
591
تۆھپە
346
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 13:34:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان «يادلاپسىز » ماڭا ياقتى ،سىز خۇددى نەق مەيداندا باردەكلا .............. دەيدۇ.... قىلدى ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
851
تۆھپە
395
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 15:05:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىزىق .كۆڭۈل ئېچىپ كىچىكىپ قالدىم دىگىنى بەك قىزىققكەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 4

تىللا
268
تۆھپە
161
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 15:47:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                      مېنىڭ (مانا بۇ ئاسىيلىق) دېگەن تېمام تەستىقلانماپتۇ ، نېمە ئۈچۈن ؟ ؟ ؟


Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
6
UID
612
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 00:23:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  ياخشى يۇللاپسىز


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
177
تۆھپە
91
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 17:00:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-يۇمۇر  بەك  قىززىقكەن


Rank: 4

تىللا
245
تۆھپە
109
UID
2588
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 19:53:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزقارلىق يۇمۇرلاركەن بىزگە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
609
تۆھپە
333
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 20:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدايى ئەپەندى بىلەن تەڭرىتاغ ئەپەندى ئاپتۇنۇنۇم رايۇنلوق 2-دۇختۇرخانا ئالدىدا مۇنبەرنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش تۇغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ گەپ تالىشىپ مۇشلىشىپ كىتىپتۇ ،شۇ چاغدا كامال جامال ئەپەندى بۇلارنى ئاجراتماي قاراپ تۇرسا قارغاي ئەپەندى كىلىپ قىلىپ ۋۇي كامالكا بۇلار مۇشىلىشىپ قان بۇلوپ كىتىۋاتسا نىمىشقا ئاجرىتىپ قۇيمايسىز دىسە كامالكام مەن ھازىر چىش دۇختۇرى بۇلار شۇنچە ئۇرۇشۇپ بىرسىنىڭمۇ چىشى چۇشمىدى چىشى چۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن ئاجرىتىمەن دەپتۇ،،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
964
تۆھپە
724
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:11:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىقكەن بىزنى كۇلكە بىلەن ھۇزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمىت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
459
تۆھپە
222
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 14:28:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت،  تولا كۈلۈپ كەيپىياتىم بۆلەكچىلا ياخشى بولۇپ كەتتى.........................


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:32, Processed in 0.076035 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991