روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6308|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەخىرلىك قىز پەخرىيە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەخىرلىك قىز پەخرىيە

% T; ]7 a5 I; }0 i! L( d. b% {' q  U0 n4 }: s& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ماتېماتىكا پەن تۈرىدە تولۇق نومۇر ئالغان ئەليولئەلا — پەخرىيە ئەشرەپ توغرىسىدا3 i7 F: z9 {# O+ Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئابدۇقاھار ئىمىننىياز
( v/ @/ e- q1 Y0 b# v! [  d9 M* xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

; E6 B( x# D# t" Y4 j
  
2 H4 I# _) `' \! J8 z  m, Q% ^0 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% R# r3 [5 Z% M[MP3]http://www.uyghur.cc/m/ambar/pexriye-sohbet.mp3[/MP3]" W7 O1 y- `7 }/ J6 l7 J* aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ [. E6 S/ a5 L' g0 Z: |    2011–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى) نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ، ئىنتېرنېتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ، ماتېماتىكىدا تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىق خەۋىرى تارقىلىشقا باشلىدى . بۇ ئۇچۇرنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە ئاز-تولا گۇمانلىنىش ئىلكىدە مۇنداقلا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم . ئاخشام تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بارلىق نەتىجىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، جۈملىدىن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەخرىيەنىڭ تولۇق 150 نومۇر ئالغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەيرانلىقى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدىغان ئىش ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام–مەدەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈسى ...5 U' G# m& }3 u' n4 E& I0 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللىي تىل يېزىقتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مەخسۇس ماتېماتىكا يەككە پەن نومۇر چېكى بەلگىلىنىپ ، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئالاھىدە تۆۋەن نومۇر ئېلىپ تۇرۇپمۇ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىشكە خاتىمە بېرىلگەن . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي نومۇرى يۇقىرى بولسىمۇ ، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا تۆۋەن نومۇر ئېلىش سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالماي قالغان ، بۇ خىل تۆۋەن نومۇر ئېلىش ھادىسىسى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە كۆپرەك كۆرۈلگەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئىچىدە ئەڭ تۆۋىنى ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇپ ، ھەممەيلەننىڭ ئېڭىدا ‹‹ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئەڭ قىيىن›› دەيدىغان قاراش پەيدا بولۇپ قالغان . مانا ھازىر پەخرىيە ماتېماتىكىدا تولۇق 150 نومۇر ئېلىپ ، بۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.
' n. N/ K4 [4 }

5 ]) F' N3 b+ ^     مەن پەخرىيەنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيارەتكە كەلدىم . مەكتەپ ئالدىغا چوڭ قىلىپ ئېسىلغان پەخرىيەنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجىسى يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى ، دەرۋازا ئۈستىگە پەخرىيەنىڭ نەتىجىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ پىلاكات تارتىلغان ئىدى . بەزىلەر ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالسا ، يەنە بەزىلەر ‹‹ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز›› دېيىشەتتى ، يەنە بەزىلەرنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قايىللىق چىقىپ تۇراتتى . بۇ خىل ھەقىقەت ئالدىدا كىممۇ ئۇنىڭغا گۇمان نەزەرىدە قارىيالىسۇن ؟
8 v1 s& v0 W' d; ~7 G+ D1 d- R/ t
4 M2 r- g( Q% q# _- r) t2 `/ Jشۇ يەردە تۇرغىنىمدا بۇ جىيىڭ ئىسىملىك بىر كىشىكېلىپ : ‹‹مەن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم ، ئۇنىڭ يۇقىرى نەتىجىسىنى كۆرۈپ بەك خۇشاللاندىم ›› دېدى . ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى يالغۇز مەكتەپ بويىچىلا يۇقىرى ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىرىنچى بولۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدە ‹‹ قوش تىل ›› بويىچە تەبىئىي پەن ئەليولئەلاسى بوپتۇ . پەخرىيەنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ساۋاقداشلىرىدىن مەرھابا ، مۇنىرەلەر ئۇنى تەرىپلەپ : ‹‹ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ ، كەمتەر ۋە ئېغىر–بېسىق ، دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ ›› دېيىشتى .
) L! p3 R$ a! p3 J: W   مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر ئۆمەرنى زىيارەت قىلدىم . ئۇ پەخرىيە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹پەخرىيە ئەشرەپ تولۇقسىزنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، 2008–يىلى 8–ئايدا مەكتىپىمىزگە قوبۇل قىلىنغان ، ئۇ شۇ يىلقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 4–بولغان . ئۇ مەكتىپىمىزگە كىرگەندىن كېيىن ئىزچىل تىرىشىپ ئوقۇدى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى ، تولۇق ئوتتۇرا 1-، 2- يىللىقتىكى نەتىجىسى ئۇدا 1-بولدى . پەخرىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى ›› .: I! ^0 h% m) I. e# @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نىسبەتەن ئەڭ ھالقىلىق پەيت يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا 3–يىللىق مەزگىلى، بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەكرار قىلمىغاندا ، ئىلگىرىكى نەتىجە ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ . مەكتەپ پەخرىيەنىڭ ئوقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ، بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا 3–يىللىققا چىققاندا ، مەكتەپ سىنىپ تەڭشەپ ، ئۇنى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ھەقتە ماھىنۇر مۇئەللىم : ‹‹پەخرىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن ، مەكتەپ ئۇنى خەنزۇ سىنىپقا كىرىپ ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ›› دېدى . ئەمما ، ئۇ ‹‹ قوش تىل›› سىنىپىدا بولغاچقا، باشقىلار ئىنگلىز تىلى ئوقۇسا، ئۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇشى ، باشقىلار خەنزۇچە ئەدەبىيات دەرسى ئاڭلىسا، ئۇ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسى ئاڭلىشى كېرەك ئىدى . بۇ مەسىلىنى قايسى ئۇسۇلدا ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ ؟ ماھىنۇر مۇئەللىم مۇنداق دېدى : ‹‹تولۇق 3–يىللىق 22–سىنىپ پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان تەجرىبە سىنىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ . بىز پەخرىيەنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپى — تولۇق 3–يىللىق 10–سىنىپ بىلەن 22–سىنىپنىڭ دەرس جەدۋىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن خالىي قىلدۇق ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەدەبىيات ۋە خەنزۇ تىلى قاتارلىق دەرسلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سىنىپىغا كىرىپ ئاڭلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردۇق ›› .
. z9 F* L& @: Q3 z: {# Y/ l   پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇنداقلا تەلىيى كېلىپ ئەليولئەلا بولۇپ قالغان ئەمەس . ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىكىدەكلا تىرىشىپ ئوقۇدى . ئاتا–ئانىلىرىمۇ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى . مەكتەپ بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولغاچقا ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا 2 –يىللىققا چىققاندا ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتىن ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كەلدى . ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە ، ئۇ ئالىي مەكتەپ مانېۋىر ئىمتىھانلىرىدىمۇ يەنىلا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى ، ھەتتا ئىككىنچى بولغانلار بىلەن نەتىجە پەرقى 100 نومۇر بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
% l! U3 k* P( p' _- a1 @   پەخرىيەنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇسەمەت ئابدۇغەنى مۇنداق دېدى: ‹‹پەخرىيەنىڭ بۇنداق يۇقىرى نەتىجىسى كېيىنكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ . پەخرىيە ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى ، رىياسەتچىلىك ئىقتىدارى ياخشى ، يېزىقچىلىقتىمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۇنىڭ ماقالىسى ئۈلگىلىك ماقالە سۈپىتىدە سىنىپتا باشقا ساۋاقداشلارغا ئوقۇپ بېرىلىدۇ ›› . پەخرىيەنىڭ مىجەزى ئوچۇق–يورۇق، سىلىق–سىپايە ، كەمتەر بولۇپ، ناھايىتى پائالىيەتچان ئىكەن . ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتىنى ھەممەيلەن بەك ياقتۇرىدىكەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى نومۇر مۆلچەرلەش ۋاقتىدا ئۇ ئومۇمىي نومۇرىنى 690 ئەتراپىدا، ماتېماتىكا نەتىجىسىنى 148 دەپ مۆلچەرلىگەن ئىكەن . نەتىجىسىنىڭ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىقىشىدىنلا ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
7 d* k! B" t/ C  g; b, f   پەخرىيەنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، باشقا ئىشلارغا ۋاقتىنى زايە قىلمايدىكەن .ئادەتتە تورغا كۆپ چىقىپ كەتمەيدىكەن ، چىققان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاساسلىقى ئۆگىنىشىگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرىدىكەن ، ئۇ ھازىرغىچە يانفون ئىشلەتمىگەن بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان .4 H( D- f; R. ?4 d5 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& v/ u$ P6 L) d  s5 ], \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە پەخرىيە كېيىنكى يىللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئىنى–سىڭىللارغا مۇنۇلارنى دېدى : ‹‹ئىمتىھاندىكى پىسخىكا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، پىسخىكىلىق تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنچىلىك تەس ئەمەس ئىكەن . مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئۆگەنسە ، ئۆگىنىش جەريانىدا ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرسە ۋە ئۇنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرسا، تولۇق ئوتتۇرا جەريانىدىكى ئۈچ يىل ۋاقىتنى چىڭ تۇتسىلا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىن ھېسابلانمايدىكەن ›› دېدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى ئارزۇسىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىنى تاللىغان بولۇپ ، گەرچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.) O; e. w8 p7 k2 w: zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھەقىقەتەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر پىسخىكىلىق ‹‹جەڭ››، تىرىشچانلىق بولسىلا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بەيگە ›› گە تەييارلىنىۋاتقانلار چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل ››سىنىپىدا ئوقۇغانلار ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىمكانىيەت يار بەرسە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ھەرخىل ئىنگلىزچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ ، كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇل سېلىشى كېرەك .ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ، بەك رايىغا بېقىپ كەتمەي ، قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ئۇلارنىڭ ياخشى مىجەز–خاراكتېر، پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك . شۇندىلا پەخرىيەگە ئوخشاش پەخىرلىك قىز–ئوغلانلىرىمىز داۋاملىق يېتىشىپ چىققۇسى!!!
$ a& `9 I4 {* L/ ^- o
+ n9 s) G" k9 k& R: c; N, b; Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" v7 h2 q. O* E# @* s: m3 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

0 @" e6 ]* B3 L6 `& s; e* X$ }# I

$ X6 M; U+ Y2 Wمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-29 12:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان قىزكەن، سىزگە ئاپىرىن.
ۋاقتى: 2011-6-29 12:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر توربەتتە كۆرگەن.ھەقىقەتەن بىز پەخىرلەنگىدەك قىزكەن.بۇنداق ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنى ئاپتونۇم رايۇندىكى بارلىق مەكتەپلەرگە رەسىمىسىنى ئېسىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلساق بولىدۇ.
ۋاقتى: 2011-6-29 14:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ پەخرى ئىكەن . تېخىمۇ تىرىشىڭ پەخرىيە كەلگۈسىدە تېخىمۇ پەخىرلىك ئىشلارنى قىلىڭ.
ۋاقتى: 2011-6-29 21:05:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلەن ئۇيغۇر__پەخىرىيەدىن
ۋاقتى: 2011-6-30 21:51:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2011-7-3 22:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . خەلقىمىزنىڭ ھەقىقەتەن پەخرى............

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-28 22:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش