روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5163|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقى بىر ۋەقە، شۇ چاغدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتۇم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم،قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھاببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۈرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بۇيىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى،كىيىن مىنىڭ گىپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ،بېرىشقا قۇشۇلدى،بىز دەريا بۇيىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھىچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى،ئىككىمىز شۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينۇدۇق، بۇ بىزنىڭ ئەڭ پاك،بىغۇبار چاغلىرىمىز بولغاشقا كۆڭلىمىزدە ھىچقانداق غەيرى تۇيغۇ يوق ئىدى،كىم بىلسۇن بىزنى كۈرۈپ نورماللىق ھىساپلىمىغان بىرەيلەن مىنى بىر قىز بىلەن كۆرگىنىنى دادامغا دەپ قۇيۇپتۇ.تېخى ئۇيۇنىمىز تۈگىمەستە دادام قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ دەريا بۇيىغا مىنى ئىزلەپ چىقىپتۇ.ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق،دادام ئالدى بىلەن قىزنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى،ئاندىن مىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامنى ئۆيدىن چىقىرۋەتتى- دە،ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى،ئۆيدە ئالدىن تەيارلاپ قۇيۇلغان يۇلغۇن تايىقى بار ئىكەن.مەن ئېغىز ئېچىپ چۈشەندۈرەي دىگۈچە دادا مىنى شۇ تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق ئۇرۇپ كەتتىكى ئانامنىڭ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىمۇ ئۇنۇڭغا كار قىلمىدى،تاياق سۇنۇپ تۈگىگىچە ئۇردى.ئەتىسى پۈتۈن بەدىنىم ئىشىپ بىر ھەپتە ياتتىم. شۇ بىر ھەپتە جەريانىدا دادام ماڭا پەقەت بىر جۈملىلا سۆز قىلدى:‹‹ سەن دىگەن مىنىڭ ئوغلۇم،بىلىشىڭ كېرەككى، بىر قىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنىڭ قىممىتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقرى بۇلىدۇ، سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ  سىنىڭ مەھبۇبىڭنىڭ،ئاچا سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتىنى،ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بۇلىدۇ،ئۇ قىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ.››
( g& O3 ~- e* T. ?( |: U" {ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇپ جەميەتكە چىقتىم، چەتئەللەردە سودا قىلىپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا دادامدىن شۇ قېتىم يىگەن تاياقنى پەقەت ئۇنۇتمۇدۇم،دادامنىڭ  شۇ گىپىنىڭ باھاسىز ھىكمەت ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا خۇدا ماڭا پەرىشتە سۈپەت بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇھاببەتلىشش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى، ئۇشۇنداق پاك قىز ئىدى. بىز 4  يىل سىردىشىش جەريانىدا تالاي كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدۇق.ئەمما ماڭا ھەر دائىم دادامنىڭ تەربىيىسى،ۋە يۇلغۇن تايىقىنىڭ تەمى ھەمراھ ئىدى ،شۇڭا ئۇقىزنىڭ ئپپىتنى ھايتىمدىن ئۈستۈن بىلدىم ،قەدىرلىدىم بىزمۇھەببەتلىشىپ 4-يىلى مەن سودا ئىشى بىلەن چەتئەلگەچىقىپ 6ئاي تۇرۇپ قالدىم ،ئۇقىز يۇرتىغا قايتىپ مىنى كۈتۈدىغان ،مەن قايتىپ كەلگەندە ئاندىن توي قىلدىغان بۇلۇپ پۈتۈشتۇق.تولمۇ ئەپسۇس،مەن ۋەتەنگە قايتاي دەپ تۇرغاندا چاتاق چىقتى ،پاكىستاننڭ كاراچى شەھرىدىن شاڭگاڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇ پىلانىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بۇلۇپ ،ئۇقىزنىڭ ئۈيىگە تېلفۇن ئۈرسام  ئاپىسى تېلفۇننى ئېلىپ :«ئۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تۇيى بولدى ،ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەڭ »دىمەسمۇ، نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن ،شۇيەردىلا ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن،كىيىن ھوشۇمغا كەلسەم كاراچى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر دېڭىزدا ساياھەت پاراخۇتىدا تۇرۇپتىمەن.8 L* w* c3 U9 _* ?1 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسلىدە مەن ئايرۇپورتتا ھوشۇمدىن كەتكەندە پاكىستانلق بىر چوڭ خېرىدارىم مىنى دوختۇرخانىغا ئاپار غانكەن،دوختۇرلار ھىچقانداق چاتاق يوق ،مېڭىسىگە بىر ئىش قاتىتق تەسىر قىپتۇ ،ياخشى ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ،دەپتۇ.9 X  U9 s5 _6 m  t5 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنىڭ بىلەن ئۇمىنى ئۈزىنىڭ ساياھەت پاراخۇتىدا ئارام ئالدۇرۇۋېتىپتىكەن.نەچچە كۈندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىتىم .ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇقىز ماڭا تېلفۇن ئۇرۇپ مۇنداق دىدى:«مىنى كەچۈرۈڭ ،ئاتا –ئانام زورلاپ تۇيۇمنى قىلۋەتتى،مەن دىگەن بەرىبىر قىزبالا ئىكەنمەن ،ئامال قىلالمىدىم،سىز مىنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقى ئەركەك،سىزنىڭ سۆيگۈڭىزگە .ئرىشكەن ھەرقانداق بىر قىز ئنتايىن بەختلىك ،مەن سىزنىڭ ئامانىتىڭىزنى ساقلىيالمىدىم،مەن مەڭگۇ سىزنى ئارمان قىلىپ ئۆتىمەن.»ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاۋېتىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى،ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلالمىدىم،پەقەت«ئۆز ئىرىڭغا سادىق بول،مەن بىر ئۆمۈر سىنىڭ بەختىڭگە دۇئا قىلىمەن »دىدىم.كۈنلەر ئۈتۈۋاتىدۇ،قۇلاق تۈۋىمدىن شۇقىزنىڭ «سىزمىنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى ئەركەك»دىگەن گىپى بىلەن دادامنىڭ«بىرقىزنىڭ ئپپەت،نۇمۇسىنىڭ قىمىمتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ،سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ سىنىڭ مەھبۇبەڭنىڭ ،ئاچا-سىڭللىرىڭنڭ ئپپىتى،ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ،ئۇقىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ»دىگەن گىپى پەقەت كەتمەيدۇ.8 v, K/ A. V% {  k* iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! I+ L! ]5 Y" m' H, ?( o% fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە:
  r2 D1 ?8 e8 @7 ^+ U& Z) u( f بۇ ماقالە قۇياش ئوغلى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://kuyaxogli.blogbus.com/logs/93117762.html
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-16 20:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ماقالە مەن تور دۇنىياسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچراتقان ماقاللارنىڭ بىرىنجىسى.
ۋاقتى: 2011-6-16 22:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم ئادەمگە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگۈتىدىغان ، ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالە
ۋاقتى: 2011-6-16 22:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئەركەكلەر شۇنداق بولسا ،يولدىن چىقىدىغان قىز-ئاياللارمۇ بولمايتتى.....
ۋاقتى: 2011-6-16 22:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، ھازىرقى جەمىيئەتتە ئۈزىنىڭ ئىپپىتىنى جېنىدىن ئەزىز كۈرىدىغان ، ئۇيۇن ئورنىدا كۆرمەيدىغانلارمۇ بامىدۇ ، ئۇغۇللىرىمىز مەيدىسىنى كىرىپ تۇرۇپ ئۇلارغا شۇنداق خىتاپ قىلالامدىغاندۇ ، مەن مۇشۇ ئىككى يىل  ئالى مەكتەپتە تەربىيلىنىش جەريانىدا كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىمغا قاراپ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ....
# s6 r/ V/ U1 @/ hھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن .......
ۋاقتى: 2011-6-17 09:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن . ئەركەكلىرىمىز قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرمىگەن ۋە ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان ئىپپەت قارىشىنى ساقلىيالىغان بولسىدى قىزلىرىمىزمۇ ئىپپىتىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرمەي قەدىرلىيەلىگەن بولاتتى. ئەركەكلەردىكى ئىپپەت قارىشىنىڭ يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە تېلىۋزورلاردىكى ‹‹قىزلىق ئوپىراتسىيىسى››ئېلانلىرى غەرىپ مودىسىغا ئەگەشكۈچى مىللى ۋە دىنىي ئېتىقادى سۇس ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئەنە شۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. ‹‹ بىر تال ماياق بىر قېرىن ماينى چىرىتىپتۇ›› دېگەندەك بۇ خىل ئادەملەر مىڭدىن بىر بولسىمۇ ئەمما كىچىككىنە دىيارىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاز سان ئەمەس. شۇڭا دوستلارنىڭ تەربىيىنى مۇشۇ ماقالىدىكىدەك ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىمىزدىن باشلىساق جەمئىيەتنىڭ چوقۇم تۈزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن  بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ دېمەڭ. بىزدە ‹‹ تاما-تاما كۆل بولار ›› دېگەن سۆزمۇ بار . بىر - بىردىن ئۆزگەرسەك ئاخىرىدا ھەممىمىز چوقۇم   ئوزگۈرەلەيمىز. ھازىرقى ھالاتكىمۇ ئەنە شۇنداق ئاستا -ئاستا  كەلگەنغۇ بىز !!!!  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-16 04:31

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش