روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3282|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ... تەسىرات ماقالىسى قىلىشق.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-20 12:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› ھەققىدە چۈشەندۈرۈش
$ j0 c: B: M: n: j5 Z7 y شى جىنپىڭ
( K" _* h2 t' A5 @! w ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› ھەققىدە ئومۇمىي يىغىندا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.
3 a0 g6 |8 G/ q$ q7 f3 }9 w   1. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار لايىھەسىنى تۈزۈش جەريانى توغرىسىدا
1 i7 i7 U  k: m, e0 sئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى 3 – ئومۇمىي يىغىنلاردا قانداق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، قانداق قارارلار چىقىرىلغانلىقى، قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلغانلىقى، قانداق ئۇچۇرلار تارقىتىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ كەلگەن. بۇ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەتتا ئون يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
1 L5 p# Y( R- _: }+ y" Q   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەز 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىنى تۈزۈشكە باشلىغان. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانلىرى بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ چوڭ سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇقسانلارنى يوقىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يولغا قويسا ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈلمە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر جەھەتكە چېتىلىدىغان تۈزۈلمىلەرنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىپ بېكىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بىزنىڭچە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ; Y- ^2 p% `6 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارار چىقىرىلدى، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 35 يىل بولدى. بۇ 35 يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىدە، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
5 z0 c5 @* h& S% P2 D$ z   1992 – يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېگەن:‹‹سوتسىيالىزم يولىدا، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىدا چىڭ تۇرمىغاندا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرمىغاندا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىمىغاندا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز››. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر يېتىمىز. شۇڭا، بىز سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىقلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ تەكىتلەۋاتىمىز.
! x. H) m, s" W3 f. Z   مەركەز تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە رېئال ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئىككى ‹‹100يىل›› كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەۋاتىدۇ.
. S# s) {4 ?2 X   تەرەققىيات، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چېكى يوق، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ۋە چېكىنىشكە بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىگە قارىتا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. / K9 [9 j. z$ ^: C, H% fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھازىر، ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىياتتا بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن: تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا گەۋدىلىك، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، تەرەققىيات شەكلى يىرىك بولۇش، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىم تەقسىمات پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ روشەن كۆپىيىشى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، قانۇن ئىجراسى، ئەدلىيە قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ، قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىق مەسىلىلىرى گەۋدىلىك، بەزى ساھەدىكى پاسسىپ چىرىكلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇشى قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئاچقۇچ. 0 C8 ], _# \# b( R6 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ يىل 4 – ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى.
2 b7 y7 K: {* h$ P( u" [   20 – ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ھەققىدە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چىقاردى. جايلار ۋە تارماقلار بىردەك ھالدا: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى، بۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، جەمئىيەت ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى، دەپ قارىدى.
8 [9 s( Y' y& ^" ]0 G+ t$ R7 t   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، پارتىيەمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۇغىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلەردە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئۇچۇرنى تارقاتقان. تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا قانداق تۇغنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانداق يولدا مېڭىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلىپ كەلدى.
9 _# z4 J. B# @  P& F2 X: ^   ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق قارالما قىلىش پارتىيەمىزنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى،‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسلىق تەجرىبىلىرى ۋە ئاساسىي تەلەپلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۇغىنى ئېغىشماي ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم ئىپادىسى.7 A7 f! P/ A3 ~# Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قارالما بېكىتىلگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن ئۆلكە ۋە شەھەر رەھبەرلىرى قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى تەييارلىدۇق.
1 E& r6 F% ]$ z1 E1 U   ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەتتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، مەخسۇس تېمىلاردا دەلىللەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىپ، قارارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ مەزگىلدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ قارارنى قاراپ چىقتى، پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومېتىتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيەسىز زاتلاردىن پىكىر ئېلىندى.
$ j. E3 `' G/ V   ئىنكاس قىلىنغان تەكلىپ – پىكىرلەردىن قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك ھالدا: ئومۇمىي يىغىندا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى نىشانى بايان قىلىندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى، ۋەزىپىسى، مۇھىم پىرىنسىپى ئوتتۇرغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى خەرىتىسى، يېڭى مەنزىلى، يېڭى نىشانى تەسۋىرىلەندى،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى مۇلاھىزىسى، يېڭى تەدبىرى يىغىنچاقلاندى، جەمىئىيەتنىڭ ساداسى، جەمىئىيەتنىڭ تەلىپى، جەمىئىيەتنىڭ ئارزۇسى ئىنكاس قىلىندى، ئومۇمىي پارتىيە، ئومۇمىي جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىدىيە ئورتاقلىقى ۋە ھەرىكەت ئىدىراكى ئويۇشتۇرۇلدى، دەپ قارىدى.$ M; J" v4 L$ H: dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە: ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيە مۇھىم نۇقتىسى، ئەۋزەل تەرتىپى، ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، خىزمەت مېخانىزمى، ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىدىكى بىر يۈرۈش يېڭى زور بۆسۈشلەر شەكىللەندى، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، ئومۇمىي جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىنىشى بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىسزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.
! }$ w; s4 j7 j) q6 S7 B   پىكىر – تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. مەركەز لايىھە تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرنى رەتلەش ، مۇزاكىرە قىلىشنى تاپشۇردى، ھۆججەت لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
2 g! S+ ?4 g# _+ G& Q/ C# i+ c: ^: w   2. ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ۋە نۇقتىلىق مەسىلە 7 o" p" c: ~7 X' h6 n) r1 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇنداق قارىدى: يېڭى ۋەزىيەت ، يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئادىل رىقابەت تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خىزمەت ئۈنۈمى ۋە رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە باراۋەرلىكنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش مۇھىم ئاچقۇچ. 9 t3 \8 K. g2 `$ L: N" A2 B7 P5 v) ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ بىر نەچچە زور تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، مەسىلىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئاڭ بولۇش، چوڭ مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىش، مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىش، ئېلىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر يۈرۈش گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىمىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلاھات مەسىلىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن باشلانغان، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
/ X* @: v+ c" f* K+ @7 y) l+ ~   35 يىلدىن بۇيان، بىز ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولساقمۇ يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، تۈزۈمنى داۋاملىق ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇڭا، ئىسلاھاتنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا قانائەت قىلىشقا بولمايدۇ.
+ _( m, x  P& V9 ^: v& V   ئومۇمىي يىغىن قارار لايىھەسىدە بەش جەھەتتىكى مۇزاكىرە گەۋدىلىك بولدى. بىرىنچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىككىنچىسى، ئىسلاھاتنى ئاساسلىق لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئادەتتىكى تەدبىرلەرنى، تەكرارلانغان تەدبىرلەرنى، يالغۇز تەرەققىيات خاراكتېرىنى ئالغان تەدبىرلەرنى يازماسلىق. ئۈچىنچىسى، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق كۈچلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ ساداسى ۋە ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىر – بىرىگە باغلاش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش. تۆتىنچىسى، ئاكتىپ ۋە پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى لايىھەلەشتە يۈرەكلىك بولۇش، قەدىمى مۇقىم بولۇش كېرەك. بەشىنچىسى، ۋاقتى 2020 – يىلىغىچە لايىھەلەندى، بۇ ۋاقىتقىچە بولغان مەزگىلدە ئىسلاھات يېڭى ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
3 x* \* j# }2 c* L- u+ x   رامكا قۇرۇلمىسىدا، ئومۇمىي يىغىندا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى. مۇقەددىمە ۋە خاتىمەدىن باشقا ، جەمئىي 16 قىسىم، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈندى. بىرىنچى قىسمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئومۇمىي بايان بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۇر يولى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدىن 15 – قىسىمغىچە بولغان ئىككىنچى بۆلەك قىسمەن بايان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن بايان قىلىندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە (ئىككىنچى قىسىمدىن يەتتىنچى قىسىمغىچە)، سىياسىي جەھەتتە ئۈچ تۈرلۈك بەلگىلىمە(سەككىزىنچى قىسىمدىن 10 – قىسىمغىچە)، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە (14 – قىسمى)، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە جەھەتتە بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە(15 – قىسمى) بېكىتىلدى. 16 – قىسمى ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەندى، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش بايان قىلىندى.
! @7 N4 z1 B: `   بۇ يەردە ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان قارارغا چېتىلىدىغان بىر قانچە مۇھىم مەسىلە ۋە مۇھىم تەدبىر توغرىسىدا مەركەزنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تونۇشتۇرىمەن.; v5 j5 A+ }" T% V2 L& Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىرىنچى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش. چۈنكى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە يەنىلا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر.9 M8 _9 |0 E: Y1 z1 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   1992 – يىلى پارتىيەنىڭ 14 – قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم دۆلەتنىڭ ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلىشى ئاساسىدا، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. نەزەرىيەۋى جەھەتتىكى بۇ مۇھىم بۆسۈش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى." N! |% k7 k0 }0 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   20 نەچچە يىل ئەمەلىيەتتە سىناش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ مەسىلە مەۋجۇت، ئاساسلىقى بازار تەرتىپى قېلىپلاشماسلىق، ناتوغرا ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولغان بازارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش، ئاساسلىق ئامىللار بىكار قېلىش بىلەن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئېھتىياج قانماسلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇش؛ بازارنىڭ قائىدىلىرى بىردەك بولماسلىق، تارماق قورۇقچىلىقى بىلەن يەرلىك قورۇقچىلىق مەۋجۇت بولۇش؛ بازار رىقابىتى يېتەرلىك بولماي، ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاشقا ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. - A1 c5 h" f& f6 [* \3 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   پارتىيە 14 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا بىز ئىزچىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، يېڭى ھەم ئىلمىي تەبىر بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدۇق. پارتىيە 15 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹دۆلەتنىڭ ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلىشىدە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى تۈزۈم جەھەتتىن يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسلىق رولىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا.2 S" F+ g7 T8 ]2 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ قېتىم مۇزاكىرە قىلىش ۋە پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەبىر بېرىش كۆپ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەركەز بۇ مەسىلىگە نەزەرىيە جەھەتتىن يېڭى تەبىر بېرىش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەم بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ‹‹ئاساسلىق رولى›› دېگەن سۆزنى ‹‹ھەل قىلغۇچ رولى›› دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ قارىدى.. h) Y$ e6 G3 Y( x5 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھازىر ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بازارلىشىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتلار ھازىرلاندى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم بېسىشىمىز كېرەك. 4 q! a$ O8 E3 p3 t) ^/ _) S. D* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە بايلىق تەقسىملەشتە بازار ھەل قىلغۇچ رول ئوينامدۇ ياكى ھۆكۈمەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينامدۇ دېگەن مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىك بايلىقنى بولۇپمۇ كەمچىل بايلىقلارنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق سېلىنمىسىنى ئازلىتىپ، كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملىشى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشنى بەلگىلىشى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتى بولۇپ، بازار ئىگىلىكى ماھىيەتتە بايلىق تەقسىملەشنى بازار بەلگىلەيدىغان ئىگىلىكتۇر. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جەزمەن مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشى، بازار تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت كۆپ ئارىلىشىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى كېرەك›› دېگەن بۇ تەبىرنىڭ بېرىلىشى پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توغرا قاراشنى تىكلەشكە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە، پاسسىپ چىرىكلىك ھادىسىسىنى چەكلەشكە پايدىلىق.. R2 I$ Z9 V: I9 U* b7 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئەلۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بولۇپ، بىز داۋاملىق ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بازار بايلىق تەقسىملەشتە تولۇق رول ئوينىماستىن بەلكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
$ f2 F7 F/ r6 K" U/ ~   سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھەم بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، لېكىن، بۇنىڭدا بازارنىڭ رولى بىلەن ھۆكۈمەت رولىنىڭ فۇنكسىيەسى ئوخشىمايدۇ. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىلمىي بولغان ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى دەپ تەكىتلەندى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ماكرو تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، باراۋەر رىقابەتلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش، بازارنىڭ نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش رولىنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ تىزگىنسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.
6 V' l) a% L) l5 x% O  m   ئىككىنچى، تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى.+ n5 ?1 m; N& _  m; |6 \( Z: cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشەلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق نامايان قىلىش شۇنىڭدەك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىز دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە.
6 [6 {2 `$ k0 M0 }   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى قەتئىي مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى.
5 e* X" ?8 p# x8 O$ j   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا پارتىيە 15 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا چىڭ تۇرۇش ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتال، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال قاتارلىقلار بىرلىكتە پاي كونترول قىلىش، ئۆزئارا بىرىككەن ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم شەكلى، ئۇ دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قىممەتنى ساقلاش ۋە ئۆستۈرۈش، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە مۇقەررەر تاللىشىدۇر.
) E# W% L7 F0 u( a   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپىتالنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت كاپىتالى بىلەن تىجارەت قىلىشقا ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش؛ دۆلەت كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يەنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان مۇھىم كەسىپلەر، ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، جامائەت مۇلازىمىتى، زور ئىستىقبالغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك. قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاشقا ئاجرىتىش؛ دۆلەت كاپىتالى كىرىمىنى جامائەت مالىيەسىگە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىش كېرەك. . `1 D. S; \7 E0 b7 T: U/ }: R" Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ئورتاق نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. ئۇزاق يىل ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بازار ئىگىلىكى بىلەن ئۆزئارا بىرىكتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت كارخانىلىرىدا قىسمەن مەسىلىلەر ۋە ناچار تەرەپلەر كۆرۈلۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كەلدى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا بىر قاتار قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى يەنى دۆلەت كاپىتالىنى جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانىلارغا كۆپلەپ ئىشلىتىش؛ دۆلەت كاپىتالى داۋاملىق پېيىنى تىزگىنلەپ باشقۇرىدىغان تەبىئىي مونوپول كارخانىلاردا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، مەمۇرىيەت بىلەن كاپىتالنى ئايرىش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش، ئوخشىمىغان كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تور بىلەن توشۇشنى ئايرىش، رىقابەت خاراكتېرلىك كەسىپلەرنى قويۇۋېتىش؛ ماس قەدەمدە يۈرۈشىدىغان، ئۈنۈملۈك تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىلىرىنى رەتكە سېلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كەسپىي دىرېكتور تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەتكە مەبلەغ سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە خامچوت قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت كارخانىلىرى بازارلىشىش بويىچە تاللاپ تەكلىپ قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسى، ۋەزىپە تەمىناتى، كەسپىي تەمىناتىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەر دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.8 k8 @/ }4 Q+ Z5 C" xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، قوللاش ۋە ئۇنى يېتەكلەش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىدار جەھەتتە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاشلا چېقىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسەت ئېتىبارى جەھەتتە ھوقۇق باراۋەر بولۇش، پۇرسەت باراۋەر بولۇش، قائىدە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن بازارغا كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكىتلەندى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول قىلغان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىش، شارائىتى يار بېرىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىش تەكىتلەندى. بۇ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
# z1 G# _  T/ `0 K   ئۈچىنچى، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا. مالىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي تۈۋرۈك. ئىلمىي بولغان مالىيە – باج تۈزۈمى بايلىق تەقسىملەشنى سەرخىلاشتۇرۇش، بازارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مالىيە – باج تۈزۈلمىسى 1994 – يىلى باج ئايرىش تۈزۈم ئىسلاھاتى ئاساسىدا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ شەكىللەنگەن، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. 8 L$ g+ X5 \8 a/ Q- ]& b& E4 Y8 O( Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مالىيە – باج تۈزۈلمىسى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇۋاپىق ئايرىشىغا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئوبيېكتىپ تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رېئال تەلىپىگە تازا ماس كەلمەي قالدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلانغان قىسمەن گەۋدىلىك ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرمۇ مالىيە – باج سىياسىتىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
) W- a2 L+ R' V. i) q0 Q- [   ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ بىرى. بۇ ئاساسلىقى خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تۈزۈم بەرپا قىلىشقا چېتىلىدۇ.4 O! q6 N2 I" w" yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئوچۇق – ئاشكارا بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مەركەز خىزمەت ھوقۇقىنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتى، دۆلەت مۇداپىئە، دىپلوماتىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش، مەملىكەت بويىچە بازار قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى؛ قىسمەن ئىجتىمائىي كاپالەت، رايون ھالقىغان زور تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئورتاق خىزمەت ھوقۇقى دەپ ئايرىش، خىزمەت ھوقۇقى مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەز يۆتكىمە چىقىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بەزى خىزمەت ھوقۇقى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى يەرلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ؛ رايون ھالقىغان ياكى باشقا رايونلارغا تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان جامائەت مۇلازىمىتىگە قارىتا مەركەز يۆتكىمە چىقىم قىلىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.  x6 a% L2 r# P2 b5 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   يۇقىرىقى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج سېلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خامچوتنى ئاشكارىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، باراۋەر، بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ھەم ھازىرقى زامانغا خاس مالىيە سىياسىتى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە كۈچى خىزمەت ھوقۇقىغا ماس كېلىدىغان مالىيە – باج تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
8 R& a; c; {/ T2 J/ J   مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەريان تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى تەدرىجىي نەقلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ھازىر يولغا قويغان مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىغانلىقى، مەركەز بىلەن يەرلىك كىرىم تەقسىماتىنىڭ يەنىمۇ رەتكە سېلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.) G# C6 P2 y5 ]: }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تۆتىنچى، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ ۋە ماس بولماسلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلە. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز يېزىلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. لېكىن، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا پەرقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.& [  I, _  H8 k9 Y  j8 {6 l* ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىچە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك.. J+ t7 h6 \6 @" M8 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا: شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش. بۇ ئاساسلىقى ئائىلىۋى ئىگىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى نېگىزلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئاشكارا بازاردا كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسىغا يۆتكەشكە، يېزىلاردا ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سودا – سانائەت كاپتالىنى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان كارخانىلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش خاراكتېرىدىكى زامانىۋى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا سېلىشقا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەشكەن تىجارىتى قاتارلىقلارغا پاي قىلىپ قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىش. ئىككىنچى، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال – مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش. بۇ ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىق ھوقۇقىغا، دېھقانلارنىڭ ئۆي ئورنىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىم ئامىلنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى تەڭ تەقسىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممىتىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپتالنى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا يۈزلەندۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزىلاردا تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى بىر تۇتاش تەڭ تەقسىملەپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنى قاپلىشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنى شەھەر، بازار تۇرالغۇ ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا پۈتۈنلەي كىرگۈزۈش كېرەك.
7 q2 c/ G* `; W" i   بەشىنچى، كېڭەشلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا. كېڭەشلىك دېموكراتىيە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە خاس ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ سىياسىي ئىشلارغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى، پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
4 ?4 `- D( U2 w' C1 \   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا كېڭەشلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلىپ، جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىلىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى. تەرتىپى مۇۋاپىق، قەدەم – باسقۇچلىرى مۇكەممەل كېڭەشلىك دېموكراتىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، پارتىيە، گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كېڭىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش. قانۇن چىقىرىشنى كېڭىشىش، مەمۇرىي كېڭىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ كېڭىشىش، ئىجتىمائىي كېڭىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ بىرلىك سەپنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدە ئوينايدىغان مۇھىم ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش مەزمۇنى، كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭەشلىك دېموكراتىيەنى شەكىل جەھەتتە كېڭەيتىپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشىنى جانلىق، تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كېڭىشىش زىچلىقىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.; I: M" d0 i- c0 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئالتىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا. ئەدلىيە تۈزۈلمىسى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدلىيەدە ئادىل بولماسلىققا ئاممىنىڭ پىكرى كۆپرەك مەركەزلەشتى، ئەدلىيە ئىناۋىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى مۇۋاپىق بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
, @9 e* J; W# J3 u( a5 A   ئەدلىيە ئىسلاھاتى بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئومۇمىي يىغىن قارارىدا بىر قاتار ئۆزئارا باغلىنىشلىق يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئەدلىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرلار ۋە مالىيە ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي رايونغا مۇۋاپىق ئايرىلغان ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش سودىيە، كېڭەشمە سوت دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتچى كېسىم چىقىرىش، كېسىمچى مەسئۇل بولۇش؛ جازانى يېنىكلىتىش، كېپىلگە قويۇپ بېرىش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش تەرتىپىنى ئەستايىدىل قېلىپلاشتۇرۇش؛ خاتا دېلودىن ساقلىنىش، تۈزىتىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چەتكە قېقىش قائىدىسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇش؛ قانۇنغا، ئەيىبلەشكە چېتىلىدىغان ئەرز – شىكايەتنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش؛ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى جازالايدىغان ۋە تۈزەيدىغان قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار.3 m' F' m; j! L0 u- S' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئەدلىيە ھوقۇقىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ئاشكارىلىقى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.8 `4 U1 t- O$ c! `" F8 I; }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   يەتتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا. چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپرەك غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى مەسىلە ئاساسلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسى تارقاق، بەزى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن، چىرىكلىشىش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بەرسىمۇ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس.
2 l) E( U, R! ~3 v0 H3 W9 ?   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم ئۈستىگە ئالىدىغان سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۈستىگە ئالىدىغان نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش بەلگىلەندى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يىپ ئۇچى ۋە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىللە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىش بەلگىلەندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزدىكى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ئەۋەتىپ، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، يەرلىك، تارماق، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.( ~8 r1 i" K% e( V2 f6 B1 E5 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ تەدبىرلەر ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
; w5 ]' Y( S8 |- K; S    سەككىزىنچى، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدا. تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تاقىلىدۇ، شۇنداقلا بىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭىچە ھەر تەرەپلىمە خىرىس.
& T) s& ~% F' _5 C: B; J    ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئالاقە تور تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاچقا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى نۇقسانلار ئايدىڭلاشتى، بۇنىڭدا ئاساسلىق بىر نەچچە تارماق باشقۇرۇش، فۇنكسىيە گىرەلىشىپ كېتىش، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت بىردەك بولماسلىق، ئۈنۈمسىز بولۇش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقە تورى تاراتقۇلىرىنىڭ خاسلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تور تاراتقۇلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى باشقۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماي قالدى. بولۇپمۇ تارقىلىشى تېز، تەسىرى چوڭ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە تېز ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئابۇنىچىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى بىلەن، قانداق قىلغاندا تور قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، توردا ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.
# d# u9 b  b* y& q   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا پائال پايدىلىنىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەقسەت ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخنىكىدىن مەزمۇنغىچە، كۈندىلىك بىخەتەرلىكىدىن جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشكىچە بولغان ئالاقە تورى باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، توردىن توغرا پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش., f- y) W% W# _  q% Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   توققۇزىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دۆلەت ئامان، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز تاشقى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىچكى جەھەتتە سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتەك قوش بېسىمغا دۇچ كەلدى، تۈرلۈك ئالدىن كۈرۈۋېلىشقا بولىدىغان ۋە ئالدىن كۈرۈۋېلىش قىيىن بولغان خەۋپ – خەتەر ئامىلى كۈرۈنەرلىك كۆپەيدى. خەۋپسىزلىك خىزمەت تۈزۈلمىسى مېخانىزمى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ماس كەلمىدى، كۈچلۈك سۇپا بەرپا قىلىپ دۆلەت خەۋپسىزلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەسىس قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
7 b# {* S8 L, \0 M! @2 J+ A   دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمەت فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىك خىزمىتىدىكى زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش.
3 F1 K2 p$ H& z# w" E   ئونىنچى، دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا. دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش – تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى زور ئىسلاھات، شۇنداقلا سىستېمىسى مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.! x. H# ^; J( v3 B  u. ]4 T9 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەلۇم جەھەتتە تۈزۈلمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈكنىڭ ئىگىدارى ئەمەلىيلەشمىگەن. ئىگىدارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئەمەلىيلەشمىگەن. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، ئومۇمىي يىغىن قارارىدا دۆلەت تەبىئىي بايلىقى، مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي تەسەۋۋۇر – ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بىلەن باشقۇرغۇچىنى ئايرىۋېتىش ۋە بىر ئىشنى بىر تارماق باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش.5 \7 j0 B, V) {1 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلەت ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ ۋە دۆلەت دۆلەت زېمىنى تەۋەسىدىكى بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئالدىنقىسى ئىگىدارنىڭ مەنە جەھەتتىكى ھوقۇقى، كېيىنكىسى باشقۇرۇش مەنىسىدىكى ھوقۇقىدۇر. بۇ تەبىئىي بايلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈك ئىگىدارى ۋە دۆلەت تەبىئىي بايلىق، مال – مۈلۈكنى باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا ئۆزئارا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
( s4 t4 v0 C' {   شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تاغ – دەريا كۆل، ئېتىز، ئورمان ھاياتلىقنىڭ ئورتاق گەۋدىسى، ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىز، ئېتىزنىڭ جان تومۇرى سۇ، سۇنىڭ جان تومۇرى تاغ، تاغنىڭ جان تومۇرى تۇپراق، تۇپراقنىڭ جان تومۇرى دەرەخ. پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش كېرەك، كۆچەت تىكىدىغانلار كۆچەتنىلا باشقۇرسا، سۇنى تىزگىنلەيدىغانلار سۇنىلا تىزگىنلىسە، ئېتىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار نوقۇل ئېتىزنىلا مۇھاپىزەت قىلسا، ئاخىرىدا ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىر تارماقنىڭ زېمىن تەۋەسىدىكى بارلىق دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىش باشقۇرۇش، تاغ، دەريا – كۆل، ئېتىز، ئورماننى بىر تۇتاش مۇھاپىزەت قىلىپ، بىر تۇتاش ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
, ?# Z  t4 W! g' X1 Q/ u; p   ئون بىرىنچى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى توغرىسىدا. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، نوقۇل بىر ياكى بىر نەچچە تارماققا تايانغاندا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.
4 Q5 H: ]: {+ E4 T   ئومۇمىي يىغىن قارارىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىسلاھات ئومۇمىي پىلانىغا مەسئۇل بولۇپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: مەملىكەتلىك زور ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساھەلەر ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
& n0 h  b+ R, @0 D5 r   3. مۇزاكىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا* E; f2 Z5 p# Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ۋەزىپىسى ئومۇمىي يىغىن قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش. بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر نەچچە تەلەپنى قويىمەن.1 z4 I6 |# A% n  P4 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىرىنچى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى ئاشۇرۇش. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا خەلقنى يېتەكلەپ قوزغىغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن بايرىقى. 35 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلق قەلبىنى روھلاندۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا نېمىگە تاياندى؟ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھى ۋە ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى نېمىگە تايىنىپ ئۇرغۇتتى؟ نېمىگە تايىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كاپتالىزم بىلەن بولغان رىقابەتتە نىسبەتەن ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ بۇنىڭدا ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشقا تاياندى.
: V# r, v% U" L/ l$ h   كەلگۈسىگە نىسبەتەن، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىمكانىيەت يوق." M1 x  v; h  I) m* N0 T! Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   نۆۋەتتە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش مەسىلىسىدە، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. ئىسلاھات – ئېچىۋىتىش يېڭى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە قىلچە تەۋرەنمەي، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە ئىسلاھات ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.1 W( j! Y/ k4 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، مەيدان ۋە پوزىتسىيە بولسىلا بولمايدۇ، ئەمەلىي تەدبىر بولۇش كېرەك. ھەرىكەت كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. مەركەز پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش كېرەك.
9 o0 Q7 ~, k% W, E: M, E& X: e   ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇنى تۈگىتىش، مەنپەئەت مۇقىملاشقان قاشانى بۇزۇشتا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، بەزى ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇ تۈزۈلمە سىرتىدىن ئەمەس، بەلكى تۈزۈلمىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. ئىدىيەدە ئازاد بولمىغاندا، بىز تۈرلۈك مەنپەئەتلەر مۇقىملاشقان تۈگۈننى ئېنىق كۆرەلمەيمىز، بۆسۈش يۆنىلىشى ۋە تايىنىش نۇقتىسىنى ئېنىق تاپالمايمىز، ئىجادىي ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايمىز. شۇڭا ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش جاسارىتى بىلەن تۈرلۈك رامكىلارنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، تارماقلارنىڭ مەنپەئەت كاشىلىسنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.- m9 ?, d5 D: ?5 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش، تەكرار مۇزاكىرە قىلىش، قايتا – قايتا دەلىللەش كېرەك، بىراق شۇنىڭلىق بىلەنلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئالغا ئىنتىلمىسە، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، سىناق قىلىشقا پېتىنالمىسا بولمايدۇ. ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى خىزمەت ئەندىزىسى ۋە تۈزۈلمە ئايلىنىشىغا ئازراقمۇ چېقىلماسلىق، بىر قېلىپقا كىرىۋېلىش، ھېچقانداق خەۋپ – خەتىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. تولۇق دەلىللەش ۋە باھالاش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلسىلا، قىلىشقا ۋە ئىشلەشكە تېگىشلىك بولسا يەنىلا دادىل ئىشلەش كېرەك.
2 H1 H5 ]: }2 h; R: b$ u! s   ئۈچىنچى، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇش. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تاقىلىدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم تەرەپنىڭ يەككە ئىسلاھاتى ئەمەس. ‹‹ئومۇمىيەتنى كۆزلىمىگەنلەرنىڭ مەلۇم ساھەنى كۆزلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ››. كۆپچىلىك ئوخشىمىغان تارماق ۋە ئورۇنلاردىن كەلگەن، ھەممەيلەن مەسىلىنى ئومۇمىيەتتىن قاراپ، ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئومۇمىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ قانداق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىغا پايدىلىقمۇ قانداق دېگەنگە قاراش كېرەك. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ھالقىما تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىيەتنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاخىرىدا شەكىللەندۈرگەن ھۆججەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئويغۇن كېلىدۇ.0 s" g1 G3 d* r6 `5 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە ئومۇمىي پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئىسلاھات جەھەتتىكى تۈرلۈك باغلىنىشچانلىقى، سىستېمىلىقى، قوللىنىشچانلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز دادىل بولۇش، قەدەم پۇختا بولۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى قەدەم پۇختا بولۇش بىر تۇتاش ئويلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك دەلىللەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ھەر ساھە ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ھەرقانداق ساھەدىكى ئىسلاھات باشقا ساھەلەرگە باغلانغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ساھەلەر ئىسلاھاتىدا زىچ ماسلىشىش كېرەك. ھەر ساھە ئىسلاھاتى يۈرۈشلەشمىسە، تەرەپلەر ئىسلاھات تەدبىرى ئۆزئارا باغلانمىسا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، مەجبۇرىي داۋاملاشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.5 |1 F6 h" E: q/ M( e* @# d6 R) pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* V9 K2 I$ J9 I' _5 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىلدى.
7 p- H$ U# l- ^   بىرىنچى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە يېتەكچى ئىدىيەسى' f8 r- }( C% V+ j5 H$ Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   1.ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان 35 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىرادىسىنىڭ مىسلىسىز زورلۇقى، ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تەسىرىنىڭ مىسلىسىز كەڭلىكى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
& T6 S7 ~5 l, j, G- i& B: ?   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مېۋىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.7 y5 C$ ?1 u# b, ^0 M! Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چېكى يوق. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى ۋە تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
; q2 j# [: |6 m$ K  N; D7 l9 u0 ]- C   2. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىلانلاپ، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بەختلىك قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمدىكى نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.- x+ j! A3 F3 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئومۇمىي نىشان – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئىناق جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق كۈچلەرنى تولۇق قوزغىتىپ، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كىرەك.
9 }! ~$ f$ M3 |6 l$ Q+ h   بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىي بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسى، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
  h  G) e5 w  G& I   پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
: v' X2 U/ F4 z3 z$ s- q$ @  k/ p8 I   سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش، تېجارەت مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
7 C, K! `! o3 x  l# a$ V" S7 N   خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائى ساھەدىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ھەم ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.9 a+ t9 B6 n5 X' M3 l2 P0 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، بايلىقتىن تېجەشلىك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك زامانىۋى قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
* N+ A# v  v* k- o- Y5 F# T   ئىلمىي ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە، مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. 3 b! m, X) J8 k3 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   3. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ سوتسيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە قويۇپ، تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۇستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنى ئۆز ئارا ماسلىقىنى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. 7 P1 s; J! ^3 `. E4 ?8 ~7 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يادرولۇق مەسىلە – ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچلۇق رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملىشى بازار ئىگىلىكىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەزمەن بۇ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، بازار سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت زىيادە كۆپ ئارىلىشىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەل جايىدا بولماسلىق مەسلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.; h% y, _* v' L' z$ x% Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پائال، ماس، كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بايلىق تەقسىملەشتە بازار قانۇنىيىتىگە، بازار باھاسىغا ئاساسلىنىپ، بازار رىقابىتىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولى ئاساسلىقى ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت., U$ K; u2 H" l; x; `1 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   4.ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇھىمى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېكىنمە، قاتمال، كونا يولدا، ئاسانلا بايراقنى ئۆزگەرتىدىغان خاتا يولدا ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن – ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راسچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە تايىنىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يۈرەكلىك بولۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئىنچىكە كۈزىتىپ ئىش كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.4 l5 n7 |& q6 F. Y0 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھازىر ئېلىمىز تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى. شۇڭا، جەزمەن كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ ئېڭى بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىدىيە، كۆز قاراش جەھەتتىكى چەكلىمىلەرنى يۈكسەك ئىرادە بىلەن پاچاقلاپ، مەنپەئەتنىڭ مۇستەھكەم قاشاسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
) d( }2 Y3 D9 K, k* E9 g0 H% I' q   2020 – يىلغا بارغاندا، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجە قازىنىپ، بۇ ‹‹قارار››دا بەلگىلەنگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قىلىپلاشقان، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك
8 }! n& l( ~$ o ئىككىنچى، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
4 s( i7 M" ^% I# F3 o   ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، ھەم شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى قىلچە تەۋرەنمەي پۇختىلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەدەت بېرىپ، قوللاپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ' P" n, A5 z+ Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   5.مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ يادروسى. تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، قاتتىق قوغدىلىدىغان، راۋان ئوبۇروت قىلىنىدىغان زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاشلا چېقىلىشقا بولمايدۇ.
$ ]1 V$ j/ v; e   دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئادىل ئىشلىتىشىگە، بازار رىقابىتىگە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي قاتنىشىشىغا، قانۇن تەرىپىدىن تەڭ دەرىجىدە قوغدىلىشىغا، قانۇن بويىچە تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
; k0 P" b. y; R8 L/ l   6. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتال، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال قاتارلىق گىرەلەشمە پاينى تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا قوشۇلغان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، بۇ دۆلەت كاپىتالىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، قىممىتىنى ساقلىشى، ئاشۇرۇشى، رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشىگە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى كاپىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە باشقا مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىككە ئايلىنىشىغا يول قويۇلىدۇ. دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتالنىڭ پاي قوشۇشىغا يول قويۇلىدۇ. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكتە كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ پاينى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇپ، كاپىتال ئىگىسى بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ھاسىل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.+ E, ^$ C1 D: w: V) j" a& Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتالنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، دۆلەت كاپىتالى ھوقۇق بەرگەن تىجارەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، بىر قانچە دۆلەت كاپىتالى تىجارەت شىركىتى تەشكىل قىلىنىپ، شارائىتى بار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى مەبلەغ قىلىپ سالىدىغان شىركەت بولۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. دۆلەت كاپىتالىنى تىجارەتكە مەبلەغ قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، خەلق ئىگىلىكى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ھالقىلىق ساھەلەرگە كۆپرەك مايىللاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسلىق جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇھىم، ئالدىن كۆرەر ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغدىلىدۇ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
" ?1 N! o2 L; h# i( ^( l/ ~   بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى يۆتكەپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تولۇقلىنىدۇ. دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوت تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت كاپىتالى تاپاۋىتىدىن جامائەت مالىيەسىگە تاپشۇرۇلىدىغان نىسبەت كۆپەيتىلىدۇ، 2020 – يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت %30 كە يەتكۈزۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.6 h6 g. d" E8 e3 L$ B7 b/ Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   7.دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىككە تەۋە، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. دۆلەت كارخانىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بازار ئىگىلىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى، شۇڭا جەزمەن بازارلىشىش، خەلقئارالىشىش يېڭى ۋەزىيتىگە ماسلىشىپ، تىجارەت تەدبىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كاپىتالنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش، رىقابەتكە ئادىل قاتنىشىش، كارخانا ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك./ ]' G9 E6 L! l& L8 U- N* kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسنى توغرا بەلگىلەش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى كارخانىلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى زورايتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى پاي چېكى كونترول قىلىنىدىغان تىجارەتتىكى تەبىئىي مونوپول ساھە بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، ھۆكۈمەت بىلەن كاپىتال ئايرىلغان، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۆمۈريول تورى ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تۆمۈر يول تىرانسپورتى ئايرىلغان، ئاشكارا رىقابەتلىشىدىغان كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈرلۈك شەكىلدىكى مەمۇرىي مونوپوللۇقنى تەدرىجىي تۈگىتىلىدۇ., C2 ]6 {, E  v4 ]2 a" ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان، ئۈنۈملۈك ئۆلچەپ، تىزگىنلەيدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئىدارە قىلىدىغان قۇرۇلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي دىرېكتور تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ھەم چىقالايدىغان ھەم چۈشەلەيدىغان، خىزمەتچى خادىملار ھەم كىرەلەيدىغان، ھەم چىقالايدىغان، كىرىمنى ھەم كۆپەيتكىلى، ھەم كېمەيتكىلى بولىدىغان تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان، چەكلەيدىغان مېخانىزم ئورنىتىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە خامچوتى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ., t: R. C4 b0 L! h- o6 N6 U( ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلەت كارخانىلىرى بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەكلىپ قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مائاش سەۋىيەسى، ۋەزىپە تەمىناتى، ۋەزىپە ئىستېمالى، كەسپىي ئىستېمالىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
. d; p5 M4 X1 F: |' _   8. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئېشىشقا مەدەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، باج كىرىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولغا ئىگە. ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدە، پىرىنسىپتا باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىككە قارىتىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توساقلارنى يوقىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ساھەسىگە كىرىشىگە ئالاقىدار كونكرېت چارىلەر تۈزۈلىدۇ." D" d: S6 a# N6 z6 N4 {% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت كارخانلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال پاي چېكىنى كونترول قىلىپ تۇرغان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، شارائىتى بار خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.
* c8 n' E$ c/ T( uئۈچىنچى، ھازىرقى زامان بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ: e3 P" F* A0 `1 @. s! C# n0 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى قۇرۇش بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. كارخانىلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئىستىمالچىلار ئادىل تاللايدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىستىمال قىلىدىغان، تاۋار ۋە ئامىللار ئەركىن ئوبوروت بولىدىغان، باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان ھازىرقى زامان بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، بازار توسۇقى كۈچەپ تۈگىتىلىپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقى ئۆستۈرۈلىدۇ.  V& B6 Q- C4 [- r, {2 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   9.ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بازار قائىدىسى ئورنىتىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەل مەبلىغىگە چەك قويۇلىدىغان ساھەلەر تىزىملىكىنى تۈزۈش ئاساسىدا، بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىگە چەك قويۇلىدىغان ساھەلەردىن باشقا ساھەگە قانۇن بويىچە باراۋەر كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا، ئىجازەتتىن بۇرۇن پۇقراۋى مۇئامىلىگە چەت ئەل مەبلىغىگە چەك قويۇلىدىغان ساھەلەرنى قوشۇپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تەدبىقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. سودا – سانائەتچىلەرنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى قولايلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىنى بېكىتىش تۈرى ئازايتىلىپ، ئالدى بىلەن مەمورىي ئىجازەت كېنىشكىسى، ئاندىن تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىش ئالدى بىلەن تىجارەت كېنىشكىسى ئاندىن مەمورىي ئىجازەت كىنىشكىسى ئېلىشقا، مەبلەغنى رويخەتكە ئېلىشتا ئەمەلىي مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى تەدرىجىي تاپشۇرىدىغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. دۆلەت ئىچى سودا ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىلىدۇ.
0 b; [8 ]7 f9 `  n. ~+ I9 b0 U5 g   بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، بىرلىككە كەلگەن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللار تەرتىپكە سېلىنىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش قىلمىشى چەكلىنىپ ۋە جازالىنىپ، يەرلىك قورۇقچىلىققا، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، لەۋزىدە تۇرغانلار تەغدىرلىنىدۇ، لەۋزىدە تۇرمىغانلار جازالىنىدۇ. ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشتەك بازارلاشقان چېكىنىش مېخانىزمى ساغلاملاشتۇرۇلۇپ، كارخانا ۋەيران بولۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. " {1 V" W- `- `) uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   10.باھانى ئاساسلىقى بازار بېكىتىش مېخانىزمى مۇكەممەلەشتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن باھاسى بازاردا شەكىللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بازارغا تاپشۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنسىز ئارىلىشىۋالمايدۇ. سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر، قاتناش، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رىقابەتلىك ھالقا باھاسى قويۇۋېتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى ئاساسلىقى مۇھىم جامائەت ئىشلىرى، جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى، تور تىپىدىكى تەبىئىي مونوپول ھالقىلار بىلەن چەكلىنىپ، ئاشكارىلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازارنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. 1 \1 R2 I+ X5 s  `  s2 j; ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  11.شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرى بەرپا قىلىنىدۇ. يىرىك پىلانغا ۋە ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈش، ئىجارىگە بېرىش، پاي قوشۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، بازارغا دۆلەت يېرى بىلەن باراۋەر، ئوخشاش باھادا كىرىش، ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش يولغا قويۇلىدۇ. يەر ئېلىش دائىرىسى تارايتىلىپ، يەر ئېلىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇۋاپىق، قېلىپلاشقان، كۆپ مەنبەلىك كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەلەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىلمەيدىغان تۈرلەرگە يەر ئاجرىتىپ بېرىش ئازايتىلىدۇ. دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان يەر پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، شەخسلەرنىڭ دارامىتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. يەر ئىجارىگە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنە قويۇش 2 – دەرىجىلىك بازىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
$ [  m; c3 g; {9 _: w; \$ W, h   12.پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىلىشى كېڭەيتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شەرتى بىلەن، شارائىت ھازىرلىغان پۇقراۋى كاپىتالنىڭ قانۇن بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېزلىتىلىپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، زايوم بازىرى راۋاجلاندۇرۇلۇپ ھەم قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. سۇغۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ قاتلىمى ۋە مەھسۇلاتلىرى كۆپەيتىلىدۇ. 8 [: C- B4 |. O0 u! I% V" \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇپ شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان زايوم تاپاۋەت نىسبىتى ئەگرى سىزىقى ساغلاملاشتۇرۇلىدۇ. كاپىتال بازىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چېگرا ھالقىغان كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە سودىسىدىكى ئايرىۋاشلاش دەرىجىسى تەرتىپلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى تاشقى قەرز ۋە كاپىتال ئوبوروتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىدىكى ئايرىۋاشلاش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ( \; \$ I1 `) jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرى ۋە مۇقىم بولۇش ئۆلچىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە خەۋپ – خەتەرنى بىرتەرەپ قىلىش جاۋابكارلىقى بېكىتىلىدۇ. ئامانەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بازارلاشقان چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
- ]0 W$ N1 o5 }( j  f% f! i8 t   13. پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش، ئۇيۇشۇپ يېڭىلىق يارىتىش، كىرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ قايتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بازار يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازارنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى يۆنىلىشى، يولىنى تاللاش، ئامىل باھاسى، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشتىكى يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتىلىق ئورنى كۈچەيتىلىدۇ، چوڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى تايانچلىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئورغۇتۇلىدۇ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش، كارخانىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ. ) l% B: F! z; g6 F# U8 w' i: }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. مەمورىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تارماقلار بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بۆسۈپ تاشلىنىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، خىراجەت تەقسىماتى ۋە باھالاش نەتىجىسىنى ئاساسلىقى بازار قارار قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىلىدۇ. تېخنىكا بازىرى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تېخنىكىنى يۆتكەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتى ياخشىلىنىپ، تەۋەككۈل سېلىنما مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى كاپىتاللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. / v9 r& O  V  W8 l7 v: V/ G& Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   پەن – تېخنىكا يىرىك پىلانى ۋە بايلىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرى جەمئىيەتكە بىردەك ئېچىۋېتىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئاشكارا بولغان دۆلەت پەن تەتقىقات بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تۈر باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. ; }/ i" q( \3 \# I# P: {0 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئاكادېمىكلارنى تاللاش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، پەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ياش، ياش ئىختىساسلىقلار نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاكادېمىكلار پىنسىيەگە چىقىش ۋە چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 6 D% f$ _! _2 e$ W0 z# W2 v4 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تۆتىنچى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ
+ T9 w' t6 q- E2 C: ~! W   ئىلمىي ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش، ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى چوقۇم ھەقىقى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك.
: R4 W" U9 k# d: V8 I1 d   14.ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە – ئىقتىساد ئومۇمىي مىقتارى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، زور ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇش تەسىرى يېنىكلىتىلىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىسېتمىلىق خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، بازار مۆلچەرى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلانىنى يېتەكچى، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش نىشانىنى تۈزۈش ۋە سىياسەت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىش مېخانىزملاشتۇرۇلۇپ، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتى بىلەن كەسىپ، باھا قاتارلىق سىياسەت ۋاسىتىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ تاللاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ئاشۇرۇلىدۇ. خەلقئارا ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
8 N+ a8 W6 F: `   مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ سۇبيېكتىلىق ئورنى تىكلىنىدۇ. كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىدىن، مەملىكەتنىڭ زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى ئېچىش ۋە زور جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان تۈرلىرىدىن باشقىلىرىنى بىردەك كارخانا قانۇن – نىزام بويىچە ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ، ھۆكۈمەت قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلىمايدۇ. ئېنېرگىيە، يەر، سۇ تېجەش، مۇھىت، تېخنىكا، خەۋپسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ بازار ئىجازەت ئۆلچىمى كۈچەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 9 V1 V. K  u6 U' w5 o7 U) E4 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي نەتىجىنى نوقۇل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق باھالاش خاھىشى تۈزىتىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت زىيىنى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ۋەزىنى زورايتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاھالە كىرىمى، ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادنى ھېساپلاش تۈزۈمى ئورنىتىش تېزلىتىلىپ، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك مال – مۈلۈك قەرز جەدۋىلى تۈزۈلۈپ، جەمئىيەتتە بىرلىككە كەلگەن ئۆي – مۈلۈك، ئىناۋەت قاتارلىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار سۇپىسى قۇرۇلۇپ، تارماقلارنىڭ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 7 Q/ t: p9 y, F( Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   15.ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى ئومۇميۈزلۈك، توغرا يۈرگۈزۈلىدۇ. ئورگانلار يەنىمۇ ئىىچاملىنىپ، ھوقۇق يەنىمۇ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مىكرو ئىشلارنى باشقۇرۇشى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلەيدىغان ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ساقلاپ قېلىنغان مەمۇرىي جەھەتتىن تەستىقلىنىدىغان ئىشلار قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇلۇپ، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، يەرلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا تېخىمۇ قولاي، ئۈنۈملۈك بولغان، مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىردەك يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. & A0 E, I5 X/ y& ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھۆكۈمەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلانى، سىياسىتى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، بازار ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەجبۇرىيىتى كۈچەيتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشى كېڭەيتىلىدۇ، ئومۇمەن ئىشلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە تەۋە بولغانلار پىرىنسىپ جەھەتتىن رىقابەت مېخانىزمىغا كىرگۈزۈلۈپ، توختام، ھاۋالە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتتىن سېتىۋېلىنىدۇ.
. N8 m: Z* n, G$ |: k- I   كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى تېزلىتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش سالمىقى زورايتىلىپ، جامائەت باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي ئورۇنلار بىلەن مەسئۇل تارماقلار مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مەمۇرىي تۈسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شارائىت ھازىرلىنىپ، مەكتەپ، پەن – تەتقىقات يۇرتى – ئورنى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. كەسپى ئورۇنلارنى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىپ، شارائىتى يار بەرگەن كەسپى ئورۇنلارنى كارخانا ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كەسپى ئورۇنلارنى بىر تۇتاش تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. 2 L0 k% }" y6 M* H  q3 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
16.ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، فونكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت تەرتىپى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، قارار قىلىش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، ھەم ئۆزئارا چەكلەيدىغان ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدىغان مەمورىي ھەرىكەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۈنۈمنى باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. / S6 u- l0 w6 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. چوڭ تارماق تۈزۈمى پائال، مۇقىم يولغا قويۇلىدۇ. مەمورىي رايون ئايرىمىسىنى تەسىس قىلىش سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ، شارائىتى يار بەرگەن جايلار ئۆلكە بىۋاسىتە ناھىيە (شەھەر)لەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئاپپارات ئىشتاتى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلەنگەن ۋەزىپە سانى بويىچە سەپلىنىپ، ئاپپارات سانى ۋە رەھبەرلەر ئازايتىلىپ، مالىيەدىن بېقىلىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
( ?: _9 v4 V+ K3 y- dبەشىنچى، مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
7 m& z( ^3 u# j3 e+ P3 |   مالىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى، ئىلمىي مالىيە – باج تۈزۈلمىسى بايلىق تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازار بىرلىكىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈزۈم كاپالىتى ھېساپلىنىدۇ. چوقۇم قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، باج يۈكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خامچوتنى ئاشكارىلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى زامان مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
1 i" S- J. Y) Y- {! J+ ]   17.خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ياخشىلىنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا خامچوت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. خامچوتنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەڭپۇڭ ھالەت، قىزىل رەقەم كۆلۈمىدىن چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكە كېڭەيتىلىدۇ. نۇقتىلىق چىقىملارنى مالىيە كىرىم – چىقىمىنىڭ ئېشىشى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن باغلاش ئىشلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، ئادەتتە باغلاش شەكلى قوللىنىلمايدۇ. يىل ھالقىغان خامچوت تەڭپۇڭلۇقى مىخانىزمى، ھوقۇق – جاۋابكارلىق پەيدا بولۇش تۈزۈمى ئاساسىدىكى ھۆكۈمەت ئونىۋېرسال مالىيە دوكلاتى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز باشقۇرۇش ھەم خەۋپ – خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ( B% `  \! d" l' W3 r3 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىشى نۇقتىلىق ئاشۇرۇلىدۇ. مەركەزنىڭ چىقىمنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى چىقىرىشى بىلەن شەكىللەنگەن يەرلىك مالىيە يوچۇقى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈرى ئېنىقلىنىپ، بىرلەشتۈرۈلۈپ، قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەردىكى مەخسۇس تۈر ۋە يەرلىك مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، يېتەكلەش تۈرىدىكى، قۇتقۇزۇش تۈرىدىكى، جىددى ئەھۋال تۈرىدىكى مەخسۇس تۈرلەر قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ، ساقلىنىپ قالغان مەخسۇس تۈرلەر پەرقلەندۈرۈلۈپ، يەرلىك ئىشلارغا تەۋە بولغانلىرى بىردەك ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىشقا كىرگۈزۈلىدۇ. 3 B7 |  c4 z5 _+ X7 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   18. باج تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك باج سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە باج نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باج نىسبىتى مۇۋاپىق ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسى، ھالقىسى، باج نىسبىتى تەڭشىلىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىت بۇلغىشى ئېغىر مەھسۇلات ھەم قىسمەن يۇقىرى ئىستېمال بۇيۇملىرى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنۋېرسال ۋە تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىدۇ. ئۆي – زېمىن بېجى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش كۈچەيتىلىدۇ ھەم ئىسلاھات مۇۋاپىق پەيتتە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بايلىق بېجى ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ، مۇھىت ئاسراش ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
- b4 T: S6 _& p& Z( }   باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باج – سېلىق ئادىل بولۇش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، باجدا ئېتىبار بېرىش، بولۇپمۇ رايونلارنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەخسۇس باج قانۇن – نىزامىدا بەلگىلىنىدۇ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئېنىقلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت بېجى، يەرلىك باجنى ئېلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
6 q# F" _2 f/ w/ K. C( o3 y8 p   19.خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقى مۇۋاپىق كۈچەيتىلىدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار قائىدىسى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلار مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ؛ قىسمەن ئىجتىمائىي كاپالەت، رايون ھالقىغان زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوغداش قاتارلىقلار مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئورتاق خىزمەت ھوقۇقى بولۇپ، خىزمەت ھوقۇقى مۇناسىۋىتى تەدرىجىي راۋانلاشتۇرۇلىدۇ؛ رايون خاراكتېرلىك جامائەت مۇلازىمىتى يەرلىك خىزمەت ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. مەركەز ۋە يەرلىك خىزمەت ھوقۇقىنىڭ ئايرىلىشى بويىچە مۇناسىپ چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەركەز يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىسمەن خىزمەت ھوقۇقى چىقىم جاۋابكارلىقىنى يەرلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. رايون ھالقىغان ھەم باشقا رايونلارغا تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان جامائەت مۇلازىمىتىگە قارىتا مەركەز يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقى چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 3 r& E3 P* M6 G! x* k6 d1 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھازىرقى مالىيە كۈچى ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، باج ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، باج تۈرلىرىنىڭ خاسلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىمىنى ئايرىش يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.
/ t8 ?, ~2 L+ }. }2 n3 J  U: b' Nمەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2013-11/19/content_315196_4.htm
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 12:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتىنچى، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىر گەۋدىلەشكەن تۈزۈلمە، مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
, [$ a, _* }  J- W7 G4 N   شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسى شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق توسالغۇ. تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ سانائەت يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر يېزىنى يېتەكلەيدىغان، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇرۇپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. 9 l5 n% B6 T# F) i* v+ [0 {4 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   21. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىسىتېمىسى تېزدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئائىلە ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكى، ھەمكارلىق ئىگىلىكى، كارخانا ئىگىلىكى قاتارلىق ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا يېرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا دائىر قاتتىق تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى بىلەن دېھقانلارغا ھۆددە يېرىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش، ئوبوروت قىلىش ۋە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قوشۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئاشكارا بازاردا كەسپىي چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىغا ئوبوروت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملەشكەن باشقۇرۇش راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ! B$ r+ W7 Y. \4 b: q1 b3 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   يېزىلار ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، زامانىۋىلاشقان باشقۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ، مالىيە تۈر مەبلىغى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بىۋاسىتە ئاجرىتىلىدۇ، مالىيە ياردىمى بىلەن شەكىللەنگەن مەبلەغنى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشى ۋە باشقۇرۇپ ئىشلىتىشى، شۇنداقلا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئامانەت – قەرز ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. سودا – سانائەت كاپىتالى يېزىلاردا كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋى تېرىقىچلىق، باقمچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بىلەن تىجارەت ئەندىزىسى سىڭدۈرۈلىدۇ. % K, }1 d) m9 Z2 ?7 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   21.دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك ھوقۇقى بېرىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشىكلاتىدىكى ئەزالىق ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، دېھقانلار پاي ھەمكارلىقى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دېھقانلارغا كوللېكتىپ پايغا ئىگىدارلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش، ئۇنى ھەقلىق قايتۇرۇش، رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش نەرسە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، بىر نەچچە سىناق نۇقتىسى بېكىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. يېزىلاردا مۈلۈك ئوبوروتى سودا بازىرى قۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروتى، سودىسىنى ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
2 p8 X0 n4 J/ |7 i: C. p% f   22. شەھەر – يېزا ئامىلىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى ھوقۇق – مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىشى، يەر پايدىسىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى يېزا ئامانەت – قەرزىنىڭ ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا پايدا تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتال يېزا قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، كارخانىلار بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزىلاردا ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شەھەر – يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ. 4 e  X& i; B: K/ E* s0 ~7 Z; w* cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   23.بازارلاشتۇرۇشنى ساغلام راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگوچە يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان بازارلاشتۇرۇش قەدىمى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، كەسىپلەر بىلەن بازارلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ماس ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەھەرلەرنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسى بىلەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ.
& h' [& A( H2 i) T: p4 s9 L# M3 n   شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاشكارا، قېلىپلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشى سېلىنما مېخانىزمى تەسىس قىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەردە شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شەھەر ئۇل ئەسلىھەسىگە مەبلەغ سېلىشىغا ۋە ئۇنى باشقۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى، تۇرالغۇغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت خاراكتېرلىك ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەستىقلاش تەرتىپى چىڭىتىلىپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش، تەڭشەش شەرتىنى ھازىرلىغان ناھىيەلەر تەرتىپلىك ھالدا شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. نوپۇسى كۆپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بازارلارغا نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي كۆلەمگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. رايون ھالقىغان شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 7 u& T8 m7 n; _3 @3 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   يېزا نوپۇسىنى شەھەرلىكلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن يېزا نوپۇسىدىكىلەر تەدرىجىي ھالدا شەھەر – بازار ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. نوپۇس باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېزلىتىلىپ، ئىشتاتلىق بازار ۋە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى تەرتىپلىك قويۇۋېتىلىدۇ، چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. دائىملىق نوپۇسنى شەھەر – بازارلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلەش تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شەھەردە ماكانلاشقان دېھقانلار شەھەر – بازارلارنىڭ تۇرالغۇ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، يېزىدا قاتناشقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەھەر – بازارلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى سىستېمىسىغا ئۆلچەم بويىچە ئالماشتۇرۇلىدۇ. مالىيەنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىشىنى يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن باغلاش مېخانىزمى تەسىس قىلىنىدۇ، شەھەر قۇرۇلۇش يېرى بىلەن مۇۋاپىق تەمىنىلەش چىڭ تۇتۇلۇپ، شەھەر يېرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. % Q  g0 ?4 m6 O: b2 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەتتىنچى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىدۇ
; i, P1 G) K' u' L5 t& n- H   ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشى، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى ۋە ئىچكى ئامىلنىڭ تەرتىپلىك، ئەركىن ئايلىنىشى، بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا قاتنىشىدىغان ۋە ئۇنى يېتەكلەيدىغان رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
' c# F5 s1 m+ Y. w9 Q, c3 d3 l   24. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى قويۇۋېتىلىدۇ. ئىچكى – تاشقى مەبلەغ توغرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىملەر بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ، تاشقى مەبلەغ سىياسىتىنىڭ مۇقىم، ئاشكارا ھەم مۆلچەرلىگىلى بولۇش ھالىتى ساقلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسىنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بالىلارنى تەربىيەلەش، كۈتۈنۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، بوغالتىرلىق تەپتىشلىكى، سودا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى چەكلىمىسى قويۇۋېتىلىدۇ، ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ. تاموژنىدىكى ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ سەرخىللاشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.
3 |: q. b# ^8 b( m; O+ M, T   جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىكى زور تەدبىرى، ھەقىقىي ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كەڭ دائىرىدە ئېچىۋېتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاش كېرەك. سىناق نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، شەرتنى ھازىرلىغان جايلارنى تاللاپ ئەركىن سودا رايونى(پورت)نى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ' H$ K, f' Q9 X4 [: o5 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ تاشقى مەبلەغ سۇبېيكتىلىق ئورنى بېكىتىلىپ، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش جەھەتلەردە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا، خەۋپ – خەتەرگە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت، رايونلاردا قۇرۇلۇش ۋە ئەمگەك ھەمكارلىقى تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا زىممىسىگە ئېلىشقا، يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدە سىرتقا چىقىپ كۆكەرتىشكە مەبلەغ سېلىش، قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش، ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش، بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
0 F$ j; f* S9 ~   ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمىزالاش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ، چەتكە چېتىشلىق مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، كونسۇل قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى بوشلۇقى كېڭەيتىلىدۇ.
# p) r* v' l$ P) Y# P! E  v' j   25.ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. دۇنيا سودا تۈزۈلمىسى قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك، رايونلار، ئىككىلەمچى رايونلار ئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان مەنپەئەت بىرىكمە نۇقتىسى كېڭەيتىلىپ، ئەتراپنى ئاساس قىلغان ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلىدۇ. بازار ئىجازىتى، تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پېرىيوم – كارانتىن قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ، مۇھىت ئاسراش، سېلىنمىنى قوغداش، ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى قارالمىلار ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش تېزلىتىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ; `  V6 u& M" B$ ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىغا قارىتىلغان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق كېڭەيتىلىدۇ.
' p" k; K3 U6 o2 g1 p$ c9 ]: A   26.ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويلىرىنى ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىدۇ. دۇنيانىڭ كەسىپلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق سودىسى، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. پىشىقلاش سودىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى شەھەرلەردە خەلقئارالىق يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتى ئاۋىياتىسيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىپ، كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشقى ئىقتىساد كارىدورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز بويى ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلار بىلەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پورت باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆز ئارا ياردەم بېرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
/ i2 U! G. B# _   چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق پورت، چېگرا شەھەر، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىدا كىشىلەر ئارا ئالاقە، پىشىشقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئۇسۇل ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئېچىۋېتىلگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىپ، قوشنا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، دېڭىز ئۈستى يېپەك يولى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ
. c0 T# [$ t5 \7 f# |5 F" m8 C; @" j سەككىزىنچى، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ
. L0 R8 \4 n" g( _/ F5 B5 o   سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىيە بېيىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردە ئاممىنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالسىتىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
5 L2 {! m( I0 e$ V: g   27.خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ. خەلقنىڭ سۇبېيكىتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇن چىقىرىش، دەللىلەش، ماسلاشتۇرۇش، قاراپ چىقىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە تارماق مەنپەئىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ‹‹بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››نىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلىنىش، خەلق قۇرۇلتىيىغا مەسئۇل بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش، قارار چىقىرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت زور تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىن ئىلگىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خام چوت، نەق چوتقا قاراپ چىقىش، ئۇنى نازارەت قىلىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىدۇ. باج كىرىمىنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كۈچەيتىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى، تور سۇپىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋەكىللەرنىڭ خەلق بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيتىلىدۇ. - [) p! E; J; Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۆھبەتلىشىش، ئىسپات ئاڭلاش، باھالاش، قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ، سۈرۈشتۈرۈش، سوئال سوراش، ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ. ' D# `) s' M2 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
28. كېڭەشلىك دېموكراتىيەنى كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كېڭەشلىك دېموكراتىيە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىسىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىلىك كېڭىشىش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ.
; q0 x1 i3 \0 Q8 M; U$ ?2 x2 X   تەرتىپى مۇۋاپىق، ھالقىسى مۇكەممەل بولغان كېڭەشلىك دېموكراتىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ھاكمىيەت ئورگىنى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، پارتىيە – گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كېڭىشىش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ. قانۇن چىقىرىش جەھەتتە كېڭىشىش، مەمۇرىي كېڭىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، ئىجتىمائىي كېڭىشىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. جۇڭگوچە يېڭىچە ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلھەت سوراش تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 6 _5 u+ F+ M  W' \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىرلىك سەپنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار بىلەن بولغان سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىرىك پىلان بويىچە كېڭىشىش، سىردىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئېچىش شەكىلىدە كېڭىشىدۇ. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە تەكلىپ – پىكىر بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.; E0 k" z  C) g, I4 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەر يىللىق خىزمەت پىلانىنى كېڭىشىپ تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ، بەزى مۇھىم تەدبىرلەردە سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كېڭىشىشنىڭ مەزمۇنى ۋە تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. كېڭەشلىك دېموكراتىيە شەكلى كېڭەيتىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى كېڭىشىش جانلىق، تەرتىپلىك ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پات – پات كېڭىشىلىپ، كېڭىشىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى ۋە ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
& r- A! w) Y& K% @6 \   ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. دېموكراتىيە يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سايلام، كېڭىشىش، ئاشكارىلاش، خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملار مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. خىلمۇ – خىل ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك كېڭىشى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام كېڭىشى تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ، مەھەللە ئاھالىسى، كەنت ئاھالىسى نازارەت قىلىش مېخانىزمى تەسىس قىلىنىپ، ئاممىنىڭ شەھەر، يېزا، مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىدا قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزى ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزى ئۆزىنى نازارەت قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنى ئاساس قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دېموكراتىك مېخانىزم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتراك قىلىش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتەك دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
/ g2 K. H/ S: e: p' m
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 12:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18قۇرۇلتاينى ئۆگىنىش ۋە تەسىرات يېزىشقا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
) `$ E  T# [1 n# \) w2 x5 M# gتۆۋەندىكى ئادىرستىن يەنە تەسىرات ماقالىسىغا ئائىت مەزمۇنلارنىمۇ تاپالايسىلەر(ئازراق ئىش قوشساڭلارلا تەسىرات ماقالىسى پۈتىدۇ- F0 O" R; i' Q" D/ A/ c! m% @2 q" M2 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://uy.ts.cn/node_4542_2.htm
ۋاقتى: 2013-12-20 13:40:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى باياتىن ژورنالدىن ئۇقۇپتىكەنمەن بىردەمدە بۇ يەردە تۇردۇ.
ۋاقتى: 2013-12-20 16:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسڭلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق 11-نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بار. ئاڭلىسام شۇنداق ياخشى نەرسلەر باركەن.

باھا سۆز

http://www.hmtjgz.gov.cn/Views1.aspx?Subid=209  ۋاقتى: 2013-12-20 21:41

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 09:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش