روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6318|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئادۋۇكاتلىققا قىزىقامسىز ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار! 2011-يىللىق مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىش 5-ئىيۇن باشلاندى. تورداشلاردىن تىزىملىتىدىغانلار بولسا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_145880.htm  كۆرۈڭ . . o0 n+ ?2 {& l9 f1 `7 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      مېنىڭ تەۋسىيەم :  ئاز-تولا ئىمكانىيىتى بارلار ۋە قىزىققۇچىلار ئىككىلەنمەي قاتنىشىپ باقساڭلار  .چۈنكى بۈگۈنكى دەۋىردە قورساقتىكى ئۇماچقا قارىغاندا ، گۇۋاھنامە تېخىمۇ بەكرەك مۇھىم بولىۋاتىدۇ .  ئەتراپىمىزدىكى يولداشلار بۇنىڭغا بىزدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، شۇ توغرىدا بىلىمى ياكى ئوقۇش تارىخى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئاۋال ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى باشقا يوللار بىلەن تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەرنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ . * \9 T9 T2 K$ Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
        دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغانلارغا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بېرىدۇ ، ھەمدە" قانۇن  كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش  سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى"›نى تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ گۇۋاھنامە  تۈرلۈك قانۇن كەسپى خىزمەتلىرىنى ئىشلەشتىكى  سالاھىيەت ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا  قالماي يەنە  قانۇن ئورگانلىرىغا خادىم قوبۇل قىلىشتىمۇ ئالاھىدە ئىمتىياز ھىساپلىنىدۇ  . ئەگەر خىزمەتتىكىلەردىن بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈچىلەر بولسا ،قوشۇمچە ئادۋۇكاتلىق كەسپىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . ھەممە نەرسىنى ئاۋال بىلىپ ئاندىن ئىشلەش شەرت ئەمەس، بەزى نەرسىلەرنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ . شۇڭا بۇنى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ قاتنىشىپ كورۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .) E) g6 J7 L5 Q2 L$ {7 E, dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
        ئەدلىيە ئىمتىھانى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ئىمتىھانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ ، ئەمما ئىمتىھاننىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يۇقۇرى،  سۇئاللارنىڭ شەكلى جانلىق . مېنڭچە بۇ ئىمتىھان ئۈچۈن قانۇن كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى يادلاش ياكى ھەممە نەرسىنى تولۇق چۇشىنىش  زورۈر ئەمەس . ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن بېرى، ئالدىنقى يىللارنىڭ سۇئاللىرىنى ۋە پايدىلىنىش جاۋاپلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا بىر قېتىم تەپسىلىي كورۈپ چىقىشتىن ئىبارەت .  بۇ توغرىسىدا قىزىققۇچىلار بولسا ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ . ئالاقىدار ئۆگىنىش ماتىرياللىرى توردا ئىنتايىن كۆپ .بىلىدىغان تورداشلار ياكى ئۆزىدە تەييار ماتىرياللار بار دوستلىرىمىز ئۆز ئارا ياردىمىنى ئايىمىسا .
" z! Q; P2 x3 k0 H- E: r
2 k1 z% A7 b3 v2 | بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوكيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-2 11:15  
: f: v$ b( F1 O6 E. X
; n+ u" f+ Q) c4 s& C7 y( y
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-11 22:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگەكۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2011-6-11 22:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇندىن باشقاكەسىپلەردەقاچانراق ئىمتىھان ئېلىنار
ۋاقتى: 2011-6-12 18:51:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبۇ ئىمتىھانغا ئىككى نۆۋەت قاتنىشىپ باقتىم، بۇ يىل يەنە داۋاملىق قاتنىشىمەن. ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز....
ۋاقتى: 2011-6-12 20:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش مېھرى نىڭ يازمىسى' P, l5 `) T4 ]5 r- O( c- Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. L: q, J6 D  U* A3 e# Q- pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېنىڭ كەسپىم ئوقۇتقۇچى ، مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئەدىليە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بېقىشىنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم لېكىن تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي كەلگەن ئىدىم . بۇگۈن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بېقىش ئىسـتىگىم قايتىدىن قوزغالدى . بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش شەرىت ئىكەن ، مېنىڭ ئوقۇش تارىخىممۇ تولۇق كۇرۇس لېكىن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇتۇش تارىخى ئەمەس ، ماتىرىيال ئارقىلىق ئوقۇش شەكلىدە ئېرىشكەن ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا تىزىملىتالارمەنمۇ ؟ بۇنىڭغا مەسلىھەت بەرسىڭىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-12 22:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! «ھەۋەس »ئۇستاز، «ھەققانىي» تورداش، بۇ يازمىغا ئەھمىيەت بەرگىنىڭلاردىن خۇرسەنمەن .  
) t" O, ~0 R  M, m9 V# o6 C, z    مېنىڭ مۇنبەرگە بۇنى يېزىشتىن مەقسىدىممۇ دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئىتىھانغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئىدى . ئويلىغىنىمدەك قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بار ئىكەن مانا!
+ ]. s/ {( }* C: T   مەن ئەدلىيە ئىمتىھاننىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق تازا تولۇق توختالمىغىنىمدىن ئۆكۈنۈپ ، بۇ توغرىدا يەنە ئىچكىرىلەپ توختالسام بولغۇدەك دەپ تۇراتتىم تېخى! ئىمتىھاندىن ئۆتۈپمۇ قانۇن كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنالمىغانلارنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك . سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش (سودىيە، پىروكراتور(تەپتىش)،ئادۋۇكاتلىق ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قاتارلىقلار)نى بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى مەمۇرى خادىملار ئىشلىگەندىن باشقا ، ئادۋۇكاتلىقىنى جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدىكى سالاھىيەت ھازىرلىغان يەنى ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرمۇ ئىشلىسە بولىدۇ ، ئەمما قىززىق يېرى ئادۋۇكاتلىق ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە تارماقلىرىدىكى بېكىتىلگەن ئاز ساندىكى دۆلەت ھىساۋىدىكى ئادۋۇكاتلاردىن  باشقا مەمۇرلارغا قەتئىي بېرىلمەيدۇ، لېكىن  كەسپىي شىتاتتىكىلەر ۋە باشقا مەمۇر بولمىغان ھەرقانداق خادىم  ۋە جەمئىيەتتىكىلەر ئىلتىماس قىلسا ۋە شۇغۇللانسا بولىدۇ (قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تارىخ بولمىغان ۋە باشقا بېكىتىلگەن شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسىلا ) .  
: I  @- z# `8 L      شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ ساھەگە قىزىقتۇرۇش ۋە باشلاپ كىرىش زورۈر دەپ قارايمەن . كەسپكە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ۋە كەسپ ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن  قانۇن كەسپىگە پىششىق بولۇش كېرەك دەپ قارالسىمۇ ، مېنىڭچە ئىشلەۋېتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ . بىر يىللىق پىراكتىكا مەزگىلىدە ۋە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش جەريانىدا كەم جايلار تولۇقلىنىپ كېتىدۇ .     ; e- @6 p$ x. d( g. v# Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بۇنىڭ ئىجتىماىي ئەھمىيىتى ۋە كەسپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىلىرىدىن باشقا كۆپچىلىك ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان يەنە بىر ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى شۇكى ، سىز ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولسىڭىز ، ئىشتىن سىرت  شۇغۇللىنالايسىز ، پەقەت دىلوغا چىقىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىغان تەقدىردە، مەلۇم ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويسىڭىز ، بۇ خۇددى سىز مەلۇم سودىغا پاي قاتقان پايچىكتەك مەلۇم ئۈلۈش پايدىغا ئېرىشەلەيسىز . بۇ گېپىم قانۇنىي نۇقتىدىن توغرا بولماسلىقى ئېنىق. ئەمما ، بەلگۈلىمە بويىچە ئەدلىيە ئىدارىلىرىغا قاراشلىق ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىي ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە نوپۇزىغا قارىتا قويۇلغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى شۇكى ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كەسپكە خېلى پىششىق ئادۋۇكاتلىرىمىزدىنمۇ كۆپلىرى بۇ خىل سالاھىيەتتە بولمىغاچقا، دىلو ئىشلەشتە شۇ ئورۇندىكى خادىم سۈپىتىدە دىلوغا قاتنىشىدۇ ئەمما، شۇ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ نوپۇزى (   资质   )  ئۈچۈن كۈچ بېرەلمەيدۇ ، شۇڭا مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان ئادۋۇكاتلارنىڭ بىر قىسمى دەل مۇشۇنداق سالاھىيىتى بار ،ئەمما ئۆزى دائىم ئىشلىيەلمەيدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت . بۇ ئەلۋەتتە كەسپ ئىچىدىكى گەپ ،لېكىن بىلىپ پايدىلىنىشىڭلارنىڭ قىممىتى بار دەپ قارايمەن ، بولسىغۇ رەسمىي ھالدا دەۋاغا قانىشىپ ،ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ئەڭ ئەلا. ھىچ بولمىسا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن رەسمىي ھالدا مۇشۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانسڭىزمۇ بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ۋە تەپەككۈر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى دەل مۇشۇنىڭغا ماس كېلىدۇ .
2 W3 ]9 W1 I8 R    «ھەۋەس» مۇئەللىم  ، سىزنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى ئىمتىھانلاردىكى يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق، دوستلارغا پايدىسى بوپ قالار.
* R8 \. I* F' ^* b; }8 r  ^      مېنىڭ تەكلىۋىم يانىلا ھەر كۈنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ ،ئالدىنقى يىللاردىكى سۇئاللارنى پايدىلىنىش جاۋاپلىرى بىلەن تولۇق كورۇپ چىقىش ۋە شۇ ئاساستا تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت . چۈنكى بۇ ئىتىھاننى بېرىپ باققانلارغا ئايانكى ، ئىمتىھاننىڭ 4-تۈرىدىكى دىلو تەھلىلى ۋە مۇھاكىمە سۇئالىدىن باشقا ،قانۇن ماددىلىرى توغرىسىدىكى باشقا ئۈچ خىل شەكلىدىكى سۇئاللار ھەر يىلى ئاساسەن ئوخشاش قۇرۇلما ۋە مەزمۇندا بولىدۇ .قانۇن ماددىلىرى كۆپ بولغان بىلەن ئىمتىھان سۇئاللىرىدا كۆرۈلىدىغان سۇئاللار ئاساسلىقى قانۇن ئەمەلىيىتىدە كۆپ  ئۇچرايدىغان قىسىملىرىلا بولغاچقا، ھەر يىللىق سۇئاللاردا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ پەرق يوق دىيەرلىك . شۇڭا توم توم كىتاپلارنى كۆتۈرىۋالسىڭىز نىمىنى كۆرۈپ نىمىنى تاشلاپ قويۇشنى بىلەلمەيسىز ھەمدە ۋاقىتمۇ يار بەرمەسلىكى مۈمكىن ، شۇڭا يەنىلا ئالدىنقى يىللىق سۇئاللارنى ئىزدەپ تېپىپ شۇنى تولۇق، تەپسىلي كۆرۈڭ ھەمدە تەھلىل قىلىپ، ماھىيىتىنى ئىگىلەڭ، قانۇن ماددىلىرىنى يادلىغاندىن ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
) D" Y: E! R6 k+ ~3 \' V    بۇ يىللىق ئىمتىھاندىكى دىلو تەھلىلى توغرىسىدا مەن ئۆتكەن يىللىق سۇئالنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن تورداشلارغا ئۆز قارىشىمنى قويۇپ باقاي ، ئەمما مۇھاكىمە سۇئالى چوقۇم بۇ يىل سىياىسي قانۇن تارماقلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ئەنئەنىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىش» ئاساسىي تېما پائالىيىتى ۋە بۇ يىللىق سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىرگە قارشى تۇرۇپ، ئىككىنى تەكىتلەش» يەنى - «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ۋە تەرتىپنى تەكىتلەش» توغرىسىدا بولىدىغانلىقى ئېنىق . چۈنكى ئالدىنقى يىللاردىكى مۇھاكىمە سۇئالىمۇ ئوخشاشلا شۇ يىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ چىقىۋاتىدۇ .مەسىلەن :سىلەرگە ئەڭ تونۇش بولغان قانۇننى ئالتىگە ئېلىپ كىرىش(قانۇننى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش توغرىسىدا ماتىريال تەييارلاپ ھېرىپ كەتكەن سىياسىي مۇدىرلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ بۇنى ) ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىددىيىسى ، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى ...قاتارلىقلار دەل ئالدىنقى يىللاردىكى سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنىڭ خىزمەتتىكى مۇھىم نۇقتىلىرى بولغان ھەم قايسى پائالىيەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىلى سۇئالغا ھە شۇ مەزمۇن مۇھاكىمە سۇئالى بولۇپ چىققان ئىدى . * g: @$ n& e, y& Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قانۇن تور بىكەتلىرىدە بۇ توغرىدا ماتىرياللار كۆپ ، مۇنبىرىمىزدە تور ئۇستىلىرى كۆپ بولغاندىكىن ئۇلىنىشىنى كۆچۈرۈپ قويساڭلار ياكى مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويساڭلار ،ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. مەندىمۇ 2004-يىلدىن 2009 -يىلغىچە بولغان سۇئاللار ۋە جاۋابلىرى بار ئىدى . مەنمۇ يوللاپ قوياي. ئايرىم تېما قىلىمىزمۇ ياكى مۇشۇنىڭ ئارقىسىغا ئۇلايمىزمۇ؟تولۇق تېكىستى بىلەن يوللامدۇق ياكى پىرىسلاپ ،ھەممەيلەن ئۆزى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىدىغان ھالەتتە يوللامدۇق ، مەن تور مەشغۇلاتىنى كۆپ بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا مۇنبەردىكىلەر يول كۆرسەتسەڭلار .
+ u1 z( h) t( H  |5 f+ D  «ھەققانىي» دوستىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋابىم : ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا مەن يۇقۇردىكى تېمىغا يوللاپ قويغان تور ئادرىسىدىكى 2011- يىللىق  ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىلىق ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق بار ئىدى بىلەلمىگەن ئوخشايسىز. ئەسلىدە قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرس بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ ،لېكىن ئاپتونۇم رايونىمىدىكى ئوقۇش تارىخ كەڭ قويۇۋېتىلگەن رايونلار(بەلگۈلىمىدە بار ، قەشقەر، ئاقسۇ ،خوتەن .....خېلى كۆپ جايلار شۇنىڭغا كىرىدۇ)دىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار قانۇن كەسپىدە مەخسۇس كۇرس ياكى باشقا كەسپلەردە تولۇق كۇرس بولسا بولىۋېرىدۇ ، كەسپكىمۇ چەك قويۇلمايدۇ .ئوقۇش شەكلىگە قارىتامۇ چەكلىمە يوق .سىز تىزىملاتسىڭىز بولىدىكەن . 5 V6 U% {  c3 ~6 c; k' B9 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
توردا تىزىملىتىش 25-چېسلا ئاياقلىشىدۇ ، 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ۋىلايەتلەردىكى ئەدلىيە ئىدارىلىرىگە بېرىپ نەخ مەيداندا سۈرەتكە چۈشۈپ ،جەدۋەل تولدۇرىلىدۇ ، توردا تىزىملىتالمىغانلار نەخ مەيداندا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ ،شۇڭا توردا تىزىملىتىش بەك مۇھىم . بولسا ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ بۇنى چۈشەندۇرسەك .ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاۋال تورداە تىزىملاتساڭلار ، نەخ مەيداندا تىزىملاتقاندا تىزىملاش ھەققى ۋە باشقا ھەقەلر ئۈچۈن 260 يۈەن كېتىدۇ ، دىمەك بىزدىن كېتىدىغىنى ھازىرچە 260 يۈەن. تىزىملىتىپ بولۇپ ، ماتىريال كۆرۈپ،  9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىدىكى شەنبە ، يەكشەنبىدىكى 4پەن ئىمتىھانغا قاتنىشىسىز .      . s1 I9 M3 E5 d% `6 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇگۈنچە شۇنچىلىك يازاي . يانا پىكىر ئالماشتۇرارمىز . تورداشلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن . ماتىيريالنى قانداق يوللاش توغرىسىدىكى سۇئالىمغا باشلىقلار ياكى تورداشلار يول كۆرسەتكەيسىلەر !

باھا سۆز

پايدىلىق تولۇقلىما ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-2 11:16

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 تەڭگە +1 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان + 3 + 1 مۇكاپات

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-6-13 19:25:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش مېھرى نىڭ يازمىسى- p8 c  b, M/ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

9 o' o& L8 c0 Xمەن چوقۇم تىزىملىتىمەن ، مۇناسىۋەتلىك ىشلار بولسا ئالاقلىشىپ تۇرارمىز ، مۇمكىن بولغاندا qq نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-13 20:13:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى سۇئاللىرى ۋە پايدىلىنىش جاۋاپلىرىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ!  http://www.kanun.cn/Imtihan/  ، بىۋاستە چۈشۈرگىلى ياكى كۆچۈرگىلى بولمايدىكەن، لېكىن  تور مەشغۇلاتىغا پۇختا تورداشلىرىمىز ۋورد نىڭ تەھرىرلەش مەشغۇلاتىدىن پايدىلىنىپ كۆچۈرۈشنى بىلىدۇ . شۇ بويىچە كۆچۈرۈپ ، كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ . يەنە دەيدىغىنىم: دۆلىتىمىزدەك قانۇنچىلىق «تەرەققىي» قىلغان دۆلەتتە قانۇنلارنىڭ سانى تاس قېلىۋاتىدۇ نوپۇيس سانىغا يېتىشىپ ماڭغىلى! ئۇلارنى كۆرۈپ ، ئۆگىنىپ، يادلاپ بولۇشقا بۇ ئۆمرىمىزمۇ قىسقىلىق قىلىشى مۈمكىن ،شۇڭا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئۈچۈن  ئالدىنقى يىللاردىكى سۇئاللارنى جاۋابى بىلەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش ۋە شۇ ئاساستا ماھىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئەڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.

باھا سۆز

پايدىلىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-2 11:11
ۋاقتى: 2011-8-1 18:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەرمۇ مۇشۇ ئىمتىھاننىڭ تەربىيىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز. 2002-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇنىغان ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتتىكىلەر قولىمىزدىن چىقىپ قانۇن  ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. يۇقارقى تورداشلار دېگەندەك ئەدلىيە ئىمتىھانى بىر قېتىم بېرىپ ئۆتۈپ قويىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان ئىمتىھان.
9 d5 X3 J. N2 R: gيىللىق ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە باشقا پايدىلىق ماتېرىياللار پات ئارىدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ(docشەكىلدىكىسى) ھازىر تور بېكەتنى يېڭىلاۋاتقان، شۇنداقلا ئىمتىھانغا پەقەت 1ئايچە ۋاقىت قالغاچقا مەكتەپتە خىزمەتلەر ئالدىراش، بېكەت پۈتۈپ بولغاندا قانۇنغا ئائىت ماتېرىياللار ھەممىڭلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ (بېكەت پۈتمىگەچكە ئادرىسىنى قالدۇرماي تۇراي). ) X$ \% p$ S. ]  v, g2 b+ S! aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتىنچە بلوگىمدىن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز blog.adwukat100.com' h  W8 [* r& m& w9 {" P2 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېلان بولۇپ قالدىمۇ نېمە بۇ؟{:soso_e141:}

باھا سۆز

پايدىلىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-2 11:09
ۋاقتى: 2011-8-2 10:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق كىشىلەر ئەدلىيە ئىمتىھانى بەرسە بولىدۇ؟
) I8 w, q* \5 S1-قانۇندىن مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بارلار6 d# U$ _& p, @. ~% F( Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2-ھەرقانداق كەسىپنىڭ تولۇق كۇرس  ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بارلار
' S( Z+ L+ J& H/ _5 i+ y3-تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمەكتەپ ئىسپاتى ئارقىلىق قاتناشسا بولىدۇ.

باھا سۆز

پايدىلىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-2 11:10

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-28 18:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش