روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6220|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىتاب تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-13 14:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-13 14:58  5 c6 V- a* E2 A6 Q8 k$ rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& W" X' [2 e- I6 {: P2 c5 r
كىتاب تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ    阅读能改变命运$ D" N+ [+ V7 {3 z( O9 [7 `* l7 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
                                               غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

9 W; o8 N7 S- N( H; J6 L3 o0 s
5 v+ Y/ u! \" D0 ~: Z0 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

6 @: r7 z; V/ Pئاپتورنىڭ ئىلاۋىسى: بۇ ماقالە«16- نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك  كىتاب ئوقۇش يىلى»پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن«شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ ھاۋالىسى بويىچە مەخسۇس يېزىلغان ، ھەم شۇ ژورنىلىنىڭ 2015-يىل8-سان؛4-8بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان. شۇمۇناسىۋەتتە «شىنجاڭ ياشلىرى» رېداكسىيەسىدىكى تەھرىر مۈھەررىر يولداشلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈىمەن.# a; E5 w# ]: fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 H- l3 |: p' I9 Q% F( Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر كۈتۈپخانا بىر زىنداننىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ. ـــــــ جالالىددىن رۇمىي
( K9 [# l/ A) B0 Hكىتاب سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەڭ  قۇدىرەتلىك قورالىدۇر. ـــــــ م.گوركى+ |7 f6 Z1 g' l, Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق ئاداملەر كۆزى ئوچۇق قارۇغۇنىڭ ئۆزى ، ئۇنداقلاردىن جەمئىيەت ۋە خەلقكە نەپ يەتمەيلا قالماستىن،يەنە جەمئىيەت ۋە زېمىنغا يۈك بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. ـــــــ قەلب خاتىرەمدىن+ ^) q! B/ T5 f9 T% Y" wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر دانا توختىماي قىلاتتى خىتاپ:& k1 {7 G! d0 f0 k! s8 B) @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«بىلىمسىز كىشىلەر ئەما ھەم بىتاپ»3 K  ?9 R; W) mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سورىدىم:ئەملەشنىڭ دورىسى نېمە؟»
) S; c7 i# L% v  \ئۇ دېدى:«كىتابتۇر،كىتابتۇر،كىتاب!» ـــــــ مامۇت زايىت شىئېرى
2 o1 z4 i6 _9 Oئىلىم-پەنگە مۇھەببىتىم بولغاچقا چەكسىز،
) T! k. b+ Q7 Y6 e8 m/ Jيۈرۈكۈمدە ئىشقى- ئوتى كۆيەر لاۋۇلداپ.
% U, p  ]' N. n. {ئېھ !غەيرەت ،بوشاڭلىق قىلماي ئوقىغىن كىتاب،# }# B' s& S5 s4 O) D* X) Q. jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزەمگە دائىم شۇنداق دەپ قىلىمەن خىتاب.ـــــــ قەلب خاتىرەمدىن(1990-يىل)
- B, i9 e  b  h+ H. j) j; F- hئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى،كتاب ئوقۇش دائىرىسى ۋە ئۇسۇلىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ نادانلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ــــــــ زۇلپىقار بارات ئۆزباش

$ ?$ A& Q' W% s1 e" J' O( [«بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش پوزىتسىيەسى ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىگە باغلىق.» بىلىم ئىگىلىكىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە ئىختىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، ئىسلاھات-ئىچىۋىتىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى- پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ھەسسىلەپ تىزلىتىپ،ئىنسانىيەتنى مىسلىسىز مۇۋەپپىقىيەت ۋە ئاجايىپ كاتتا مۆجىزە خاراكتىرلىك ئۇلۇغ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ،ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-بۇشقاقلىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلماقتا.شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ھەم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى ۋە يېڭى تەلەپلەرنى قويماقتا. 21-ئەسىرگە ئاللىبۇرۇن قەدەم باسقان مۇشۇ دەقىقىلەردە، ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىدا مىسلىسىز ئۆزگىرىش ۋە غايەت زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە؛ ھازىرقى ئىلىم-پەن جانلىقلار غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاشتىن ھالقىپ،گېن كۆچۈرۈش، مېڭە تەتقىقاتى ۋە روھىي ئانالىزغىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان رېئاكتىپ ئۇچقۇر، ھەتتا ئادەملىك ئالەم كېمىسى،ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئاي ۋە مارىسنى ئىلمىي زىيارەت قىلسا،دەرىجىدىن تاشقىرى سۇ ئاستى پاراخودى ئارقىلىق، چوڭقۇر دېڭىز تەھتىدە شۇڭغۇپ كىرىپ بىمالال ئۈزمەكتە. بىلىمنىڭ كونىرىشى زىيادە تىزلىشىپ ،بىلىمنىڭ دەۋرىيلىكى قىسقارماقتا؛دېمەك،بىر ئادەمنىڭ بىر مەھەل ئۆگەنگەن بىلىمى بىر ئۆمۈر ئەسقاتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئالاقىدار ئالىملارنىڭ مۆلچەرى ۋە ئىستاستىكىلىق ئانالىزىدىن مەلۇم بولىشىچە،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى 20يىلىدا ئىنسانىيەت ئېرىشكەن ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئىجات –ئىختىرالارنىڭ ئومۇمىي سانى،پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا  ئېرىشكەن بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپرەك بولغان.يەنە بەزى« ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،بىر ئادەم بىلىمىنىڭ ئاران5-10%تىنى مەكتەپتە ئىگەللىسە،قالغان90-95%تىنى كېيىنكى خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدىكى ئۆزلۈكسىز(ئۆزلىكىدىن)ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدىكەن.» بىر ئادەم ھەرقانچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىمىنى پەقەت ئاساس سىلىش خاراكتىرلىك بىلىم ۋە ئۈنۈملىك ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىنلا ئىبارەت بولۇپ،بىرقانچە يىللا كارغا كېلىشى مۈمكىنكى،ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈرلۈك دەسمايە بولالمايدۇ. " ~# ~! J" `2 g* V5 M% H% n7 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بىز پەقەت يىقىنقى بىر ئەسىرلىك تارىخقىلا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى،جۇڭگوكومپارتىينىڭ رەھبەرلىكىدە،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،ئورنىدىن دەس تۇردى، ئىلىم- پەننىڭ يېڭى باھارى يىتىپ كېلىپ جىمئى ئالەمنى ئىللىتتى. گەرچە بۇبىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە يېڭىلىققا كۆچۈش ،ئىلىم- پەن ۋە دېموگراتىيەگە يىقىنلىشىش جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجە ۋە ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ رىئاللىقىمىز باشقا قىرىنداش مىللەتلەر ۋە دۇنيادىكى باشقا زاماندار مىللەتلەر بىلەن بولغان «ئەقلى ئولنىپىيە» ۋە كۈچ سىنىششتا ھامان ئۆزىنىڭ ئالىمىنى ئەمەس شائىرنى ،ئىلمى ئەسەرنى ئەمەس شېئر-قوشاقنى ئۇلۇغلايدىغان، ئەقلىلىققا ئەمەس ھىسياتقا مايىللىقىمىزنى ئىپادىلەپ، ئىلىم- پەن بىلەن ئاساسەن خوشىمىز بولماي كەلدى. شۇنىڭ بىلەن چىن مەنىدىكى ساماۋى ئىلىملەردىن ھىساپلىنىدىغان تەبىئى پەن، قۇرۇلۇش پەنلىرى ،قوللىنىشچان تېخنىكا پەنلىرى،بىلىش پەنلىرى ۋە پەلسەپە پەنلىرىدە ئىزچىل ئاق توچكا پىتىچە تۆھپىسىز قىلىۋەردۇق. دۇنياۋى ئەقلى مىللەتلەر ۋە پەن- تېخنىكا مىللەتلىرى بىلەن بولغان پەرقىمىز بارغانسىرى چوڭىيىپ مىڭىۋەردى. 3 l8 y0 w( ?. S3 }* tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بىلىم ئىگىلىكىنىڭ يىتىپ كېلىشى ۋە يەر شارىلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ،ھەممە كىشى «بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ،ئۆگىنىش ۋە ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ»دېيىشمەكتە.بۇنىڭ تۈركىسىدە ،پۈتكۈل ئىنسانىيەت يەنەبىر قىتىملىق  كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلمەكتە. ۋاھالەنكى،كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتنىڭ ،ھەتتا بىر دۆلەت ۋە رايۇننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ.كىشىلەر نېمىس مىللىتىدىن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭدار پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۆپ چىقىشى ئۇلار پۈتۈن مىللەت بويىچە كىتاب ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇشتەك ياخشى ئادەتى ۋە ئۈنمۈلىك كىتاب ئوقۇش –تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا. بۇگەپ ئەلۋەتتە ئاساسسىز ئەمەس.ئەرەبلەردە«بىلىمدىن ئارتۇق مەرتىۋە ۋە بايلىق يوق، بىلىمسىزلىكتىن ئارتۇق بەخىتسىزلىك يوق»دەيدىغان ھىكمەت بار. مىڭ يىللىق دۇنياۋىي شاھانە دەستۇر«قۇتاتغۇ بىلىك»نىڭ مۇئەللىپى مەشھۇر دۆلەت ئۇستازى،مۇتەپەككۇر،پەيلاسوپ،يىتۈك شائېر يۇسۇف خاس ھاجىپ«بىلىم دوزاقنىڭ ئىشىگىنى پىچەتلەيدىغان تامغا»،«بىلىمسىز ئىبادەتكە ساۋاپ كەلمەيدۇ»دەيدۇ. بۇ پەلسەپەۋىي ھىكمەتلەر ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ پىشىۋاسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان فرانىس باكوننىڭ «بىلىم كۈچ»دېگەن ھىكمىتىدىن توپتوغرا552يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر.ئالىم شاھ ئۇلۇغ بەگ(1394-يىل3-ئاي22-كۈنى— 1449-يىل10-ئاينىڭ7-كۈنى)ھازىرقى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان پادىشاھلىقنىڭ شاھى بولۇشتىن ئۆزىنىڭەر ئاستىرنومىيە تەتقىقاتى ۋە ساقلىغان كىتابلىرىغا تەڭ قىلمىغان ۋە جان تىكىپ قوغدىغان.ئۇ ۋاقىتلاردىكى كاتت اباي سالاھىدىن زەگەر بىر قىتىم سەمەرقەندتىكى جازىرە رۇمى،ئۇلۇغبەگ ھەزرەتلىرىنى تەكلىپ قېىلىپ،ئۆز ئوغلىنىڭ مۇئەللىم بولغانلىقىنى تەبركلەپ زىياپەت بەرگەندە،قانداقتۇر ئۆزىنىڭ بىھىساب ئانتۇن بىساتىنى كۆز-كۆز قىلماستىن،ئوغلى مەۋلانە مۇھىدىن ئۈچۈن يېغىپ ساقلىغان ئېسىل قوليازما(كىتاب)لارنى جامائەتكە كۆزگەرزمە قىلغان ۋە سورۇن ئەھلىنىڭ قالتسىز ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بۈگىنكى كۈندە بولسا،كىشىلەر ساقلىغان ۋە ئوقۇغان كىتابلىرى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن نومۇس قىلماستىن مال دۇنيارىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامىراق.ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر پەيلاسوپ دوكتور يۇسۇف قارداۋىي تېخىمۇ پاساھەتلىك قىلىپ«بىلىم ئىبادەتتىن ئەلا»دەيدۇ. ئالىملار تەرىپىدىن«قەشقەر ئالىملىرىنىڭ مەنىۋىي داھىسى »[7]دەپ تەرەپلەنگەن يۇقۇرى ئىستىداتلىك تىببىي ئالىم،دورىگەر ،خىمىك،يىتۈك تىل ئۇستىسى،شائېر  ،مەۋلانە ھۈسۈيىنخان ئەكبەر تەجەللېي(1848-6--1932) چەتئەللەردىكى 22يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى تاماملاپ ،ئىسپاھان داشۆسىدە ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە ئىتىبار بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى چىرايلىق رەت قىلىپ، نۇرغۇن ئات-ئۇلاغقا ئارتىلغان كىتابلىرىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە،دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا ،زەرەپشان دەرياسىغا ئۇلۇغ سەل كېلىپ بارلىق كىتاب ۋە مال بىساتىنى سەل ئەپ قاچقاندا،قىلچە ئىككىلەنمەستىن، ئات-ئۇلۇغ بىلەن ئېقىپ كېتىۋاتقان ئالتۇن كۈمۈشلىرى بىلەن كارى بولماي ئەرتىۋالىق كىتابلىرىنى جېنىنى تىكىپ قۇتقۇزغان ۋە سۇدىن سۈزۈپ ئالغان كىتابلىرىنى نەچچە كۈن دەريا بويىدا ئاپتاپقا سىلىپ قۇرۇتۇپ ئېلىپ كەلگەن.يەكەندىكى يېشىل مەدرىستە مۇدەرىسلىك قىلغاچ قوشۇمچە كېسەل كۆرۈپ ئىككىلى تەرەپتىن تېزلا يۇقۇرى ئىناۋەت ۋە شۆھرەت قازىنىپ كەتكەن ئالىمغا  ھەسەت قىلىپ چىدىيالماي قالغان مۇتەئەسسىپ غوجىلار  ئىت كەبى غالچىلىرىنى بۇيرۇپ،(1882-يىلى)تەجەللېنى ئالداپ بۇياقتىن«ھەزرىتىم،بىر ئېغىر بىمار مەزلۇم بارىتى قوزغاپ ئەكىلىشكە ئامال بولمىدى،سىلىنى چاقىرىپ كەلدۇق ،بېرىپ كۆرۈپ قويغان بولسىلىرى » دەپ يالۋۇرۇپ،ئۆيدىن چىقىشىغىلا ،ئۇياقتىن ئىپلاسلارچە كىتابخانىسىگە ئوت قويغۇزىۋەتكەندە،خۇشپىچىم ئالىم تەجەللېي تۇنجى قىتىم قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە شۇ ئاچچىغىدا،ئامبالنىڭ يالۋۇرۇپ توسىشى ۋە ئارقىسىدىن قايتۇرۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆتۈنىشلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلماي،يەركەندىكى مۇدەرىسلىكى ۋە مال بىساتىنى تاشلاپ كۆچۈپ كەتكەن؛ھۈسەنخان مۇسابايۇف ھاجىم(1844-1926)،باۋۇدۇن مۇسابايۇف(1851-1928)لار قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى تۈگەتكەن نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغان تەقۋا كىشى بولۇپ،ئۇنىڭ قەشقەردىكى زەرگەرچىلىك كوچىسىدىكى قوراسىدا 3000پارچىدىن ئارتۇق كىتاب تىزىلغان مەخسۇس كىتابخانىسى بولغان.ئۈچمىڭ پارچە كىتابى بار ئادەم بۇرۇنلاردا ئەمەس بىلىم ئىراسى ئاتىلىۋاتقان،بۈگىنكى كۈندىمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.مەن ئونمىڭ پارچە كىتابى بار چولپان زىيالىنى ئۇچراتمىدىم.مەن يەنە ، بىزنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە«ئۆزلۈك»ىگە مەپتۇن بولۇشۇپ،«مەشھۇرلۇق چۈشى»كۆرۈپ يۈرىۋاتقانلار ۋە ئاتالمىش ئەشۇ ئاۋامىي زىيالېلارنىڭ ئەزەلدىن ئەستايىدىللىق بىلەن بېرىلىپ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى،پەقەت يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت ئىھتىياجى يۈزىسىدىنلا ،زۆرۈيەت ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ دائىملىق كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يازىدىغان ئادىتى يوقلىقىنى بايقىدىم.بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى،«بىلىم يوق يەردە، نادانلىق ئۆزىنى ئىلىم-پەن(بىلىم)، دەپ ئاتايدۇ.»دېگەن بۇ ھېكمەتنى نوبېل  ئەدەبىيات ساھىبى جورجى بېرنارد شاۋ  تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. كەمىنە ئۆزەمنىڭ2004-يىلى يازغان «关于新时期科普创新的几点思考»[C]. [M]. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بوئاۋدا ئاچقان شۇ يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالەمدە ئىفىگىراف  قىلىنغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن 10يىل ئۆتكەندە مەلۇم بىر ئەدەبىياتشۇناسنىڭ بۇ سۆزنى ئۆز ماقالىسىدە«بىر ئاقىلنىڭ ئاغزىدىن»دەپ ئېفىگىراپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ،بۇ ئەدىب ئەدەبىيات نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەدىبنىڭ كىتابىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغانمىدۇ ۋەياكى ئۇ قەستەن مۇشۇ يول بىلەن خەقنىڭ گېپىنى ئۆزىنىڭ قىلۋالماقچىمۇ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.دەرۋەقە بىر يىلدىن كېيىن ،ئۇياقنىڭ بىر ئىلمىي گۇپپاڭچىسىنىڭ بۇ دېگەن پالانى ئېتقان سۆز دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلىۋەتتىم.ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلىشىدىغان يەنە بىراۋنىڭ بۇ سۆزنى قىلچە تەپ تارتماستىنلا ،ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم .ۋە شۇنددىن باشلاپ  بۇ ئىككى ئىلىمدارنىڭ ئىلمىي پەزىلىتى ۋە كەسپىنى سۆيۈدىغان ،ئىلىمخۇمار-كىتابخۇمار ئادەم ئىكەنلىكىدىن تەل-تۆكۈس گۇمانلانماي تۇرالمىدىم.
% z  u  }" d  T! n; \( E0 uكەمىنە كىتابنى«يىمەيمەن».بىراق ، قەيەرگە  بارسام ئالدى بىلەن يەيدىغان ناننى ئەمەس، ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇماقچى بولغان كىتابلىرىمنى بىرگە ئېلىپ ماڭىمەن. مەن ئۇچۇن يورۇغلۇق بارلىكى يەر كىتاب ئوقۇيدىغان سورۇن ۋە پۇرسەت.بىركىمگە سوغات بەرسەم كىتاب بېرىمەن. بىركىم سوغات تەقدىم قىلاي دېسىمۇ كىتاب  تەلەپ قىلىمەن.بۇ ھالەت داۋاملىشىۋاتقىلى 40يىل بولۇپ قالدى.دېمەك، كۈنىمىزدىكى بىزدىمۇ كىتابنى قىزغىن سۆيۈدىغان قىزغىن ھىسسىيات ۋە ئادەتلىرىمىز بار.يەنە تەسىرلەنمەيدىغان كىشىلەر بارمۇ كىتاب ئوقۇماسلىققا يەنە نېمە باھانىڭىز بار؟ مېنىڭچە يەنە تەسىرلەنمەي،بوشاڭ ۋە ھاماقەتلىك قىلىپ كىتاب ئوقۇماي،بىلىمسىز قالغۇچىلار باشلىرىغا ھەر بالا كەلسە ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن كۆرۈشى كېرەك. دېمەك، بىزدىمۇ ئىلىم ئۆگىنىش،كىتاب ۋە بىلىمنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنەسى ۋە شۇنداق ئىسىل ئادەت بولغان.ئايرىم كىشىلىرىمىزد بۈگىنمۇ ھەم بار،بىراق بۇ ئىسىل ئەنئەنە ۋە ئادەت ئومۇمىي ئىجتىمائى كەيپىياتقا ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئادىتىگە ئايلىنالمايۋاتىدۇ. نوبېل مۇكاپات ساھىبى بىرناد شوۋ ”بىلىم يوق يەردە، نادانلىق ئۆزىنى ئىلىم-پەن  (بىلىم)، دەپ ئاتايدۇ.“  دەيدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ئىنسانىيەتكە ئاجايىپ كاتتا مۆجىزىلەرنى ئاتا قېلىپ مىسلىسىز مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ،ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىغىمۇ يۇقۇرى ۋە يېڭى تەلەپلەرنى قويماقتا. كىتاب دەل بىلىملەرنىىڭ بۇلىقى ۋە ئۇستازى. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى ماكسىم گوركى:«كىتاب ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ شوتىسى»دەيدۇ. كىتاب ناۋادا راستىنلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ شوتىسى بولىدىغان بولسا،ئۇنداقتا (كىتاب)ئوقۇش شۇ شوتىنىڭ بالتىقىغا يامىشىپ چىقىۋاتقان قەدەم دېمەكتۇر؛ قەدەم پۇختا ئېلىنمىسا ، شوتا ھەر قانچە ئېگىز،ھەرقانچە مەزمۇت ۋە پۇختا بولغان  بىلەنمۇ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىگىلى بولمايدۇ. دېمەك،  كىتاب ئىنساننىڭ مەدەنىيەتتە ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ بەلگىسى ،شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ كاپالىتى.% r  o2 u5 i2 \( sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قېنى ئۇنداقتا،ئەشۇ بىلىم قەيەردە؟ئۇ نەدىن كېلىدۇ؟بۇنىڭغا بەلكىم ھەرخىل جاۋاپلار چىقىشى مۈمكىن.بىراق شۇنىسى ئىنىقكى، ھەقىقىي بىلىم كىتاب ۋە بىلىمنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشتىن كېلىدۇ،يەنىي ئەقىل بىلەن پاتلانغان بىلىم بىلەن تويۇنغان نادىر كىتابتىن كېلىدۇ.نېمىس يازغۇچىسى گېيۇتې(Johann Wolfgang von Goethe؛1749-1832)«بىر ياخشى كىتاب ئوقۇغانلىق  نۇرغۇن دانىشمەن ئىسىل زادە ۋە ئالىجاناب كىشىلەر بىلەن سىرداشقانغا باراۋەر»دەيدۇ.يەنە ئۇنداقتا،پرۇسىيە(قەدىمى گىرمانىيە)قانداقلارچە مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلار، داڭدار يازغۇچىلارنىڭ ئالتۇن قەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى؟بۇنىڭ جاۋابىمۇ ئوخشاشلا 18-ئەسىردىكى نېمىس خەلقدە ئومۇمىيۈزلۈك كۆتۈرۈلگەن «كىتاب ئوقۇش ئىنقىلابى»،گىرمانىيەنىڭ پەلسەپە دۆلىتى،مۇتەپەككۇرلار پادىشالىقى،يازغۇچىلار ئوردىسىغا؛نېمىس(گېرمان)مىللىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ھەممىگە ئەستايىدىل ۋە مۇتەپپەكۇرانە نەزەر بىلەن قارايدىغان پەلسەپەۋىي مىللەتكە ئايلىنىشىغا بىۋاستە سەۋەپ ۋە تۈرتكە بولغان دېسەك، قىلچە ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىش مۇمكىنكى،كىتاب بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، بىلىم -ئىقتىدار  ۋە ئىجاتكار ئەمگەك كەلگۈسىسىنى يارىتىدۇ.بىر ياخشى كىتاب بىرياخشى مەكتەپ،بىر ياخشى مۇئەللىم،بىر ياخشى سىرداش ھەم دىلكەش دوست.كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەت جۇشقۇن ھاياتى كۈچ ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىدىن مەھرۇم قالغان، ئۈمىدسىز مىللەتتۇر.# C- e. C% J' mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېلىمزدە«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش»دېگەن ئىبارە 2014-يىلى تۇنجى قىتىم ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىغا كىرگۈزۈلىدى . بۇنداق بىر جەڭگىۋار چاقىرىق خاراكتىرلىك ئىبارىنىڭ باش مىنىستىرنىڭ «دوكىلاتى»دا تىلغا ئېلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ دىلنى شاتلاندۇرىدىغان ،قۇتلۇقلىغۇدەك گۈزەل ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش.ئىلىمىز ھەقىقەتەن نەشىرياتچىلىق چوڭ دۆلىتى،بىراق ،پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولمىغانلىقتىن ،يىللىق كىشى بىشىغا ئوقۇيدىغان كىتاب سانى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئاران 5پارچىگىمۇ يەتمەيدۇ.شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن،كىتاب ئوقۇش بويىچە قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىلىپ يولغا قويۇلماقتا.بىراق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغىنى، بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ يەنىلا ئومۇمىيۈزۈك سۇس بولۇشى مەسىلىسىدۇر. دېمەك، جۇڭگولۇقلار تولىمۇ ئەمەلىيەتچىلمۇ ۋەياكى بەكلا مەنپەئەت پەرەس بولۇپ كېتىشتۇقمۇ،خەلقنىڭ ئومۇمەن كىتاب بىلەن ئانچە خۇشى يوق،كىتاب ئوقۇش ئادىتى يوق بولۇش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا.بولۇپمۇ، ئۆزىنى زىيالى چاغلايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بېرىلىپ كىتاب ئوقۇماسلىقى،ئىلمىي كىتابلارنى ئوقۇشنى خالىماسلىقى،ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ۋە نەزەرىيەۋىي تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ياكى بىلمەسلىكنىڭ ئېغىرلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.بۇ رېئاللىق بىز جۇڭگوئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك بىر قەدەر تۆۋەن بولىشى ۋە ئاھالىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ رۇشەن ھالدا تۆۋەن بولىشى تەرىپىدىن بەلگۈلىگەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ-مەدەنىيەت مەھكىمىسى ھەر يىلى23-ئاپىرىلنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»پائالىيىتى قىلىپ بەلگۈلىگەن.شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنىڭدىن ئەمدى خەۋەر تىپىپ،بۇ يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى»قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا چىقتى.قارىماققا بۇنىڭ ئازراق ئۈنىمى كۆرۈلۈپ كىتابخانىلەرگە كىرىۋاتقانلار كۆپۈۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق كىتاب سىتىۋالىدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى،كىتاب بازارلىرىنىڭ ئوبرۇتىنىڭ ئاستا ،سودىدا پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ كەملەپ كېتىشى بۇ ئەھۋالدا تۈپكى ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى چۈشەندرۈپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە،بۇنىڭدا تۇرمۇش تەننەرىقىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى،كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي تاپاۋېتىنىڭ ئازلاپ كېتىشى(ھۆكۈمەتنىڭ پارانۋانلىق تىپىدىكى كىتاب سېتىۋىلىش ۋە كىتاب تەقدىم قىلىش سالمىغى داۋاملىق ئاشماقتا،بۇھال ئەلۋەتتە خۇرسەن بولۇشقا ئەرزىيدۇ.بىكارلىق كىتاب بولسا ھامان ئوقۇيدىغان ئادەم چىقىشى مۈمكىن)،يېزىلاردىكى ئاز بىر قىسىم نادان ۋە مەسئۇلىيەتسىز كادىرلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدىكى كىتابلا بولسا يىغىۋىلىش ۋە ياكى شۇ سەۋەپلىك كىتابنى ساقلىغۇچى«بىشىغا پىت تىرىۋىلىشى»تۈپەيلىدىن خىلى بىرقىسىم كىشىلەر بىركۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كىتابخانىدا تۇرۇپ كىتاب ئوقۇپقايتىپ كېلىشى؛كىتابخانىلەرنىڭ« كۇتۇپخانا»گە ئايلىنىپ قېلىشىگە سەۋەپ بولماقتا.قانداقلا بولمىسۇن،خەلقىمىزدە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ زىيادە ئازلىقى ئادەمنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىر-ئىستىقپالى توغرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىزتىراپقا سالىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە،ئېلىمىز پۇخرالىرىنىڭ2013-يىلى ئىچىدە كىشى بىشىغا ئوتتۇرىچە ئوقۇغان كىتاب سانى ئاران4.77پارچە بولۇپ،بۇ سان كوريەنىڭ 11پارچە بولۇپ، فرانسىيەنىڭ20پارچە،ياپونىيەنىڭ40پارچە،رۇسىيەنىڭ55پارچە،ئىسرائىيەنىڭ66پارچە(مەخسۇس يەھۇدىللارنىڭ  68پارچە)دىن تولىمۇ ئاز ھەم يىراقتا تۇرماقتا.يەنە مەلۇم بولىشىچە ،كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇشقا سەرىپ ئېتىدىغان ۋاقتى ئاران13.43مىنۇت بولۇپ،ئادەملەرنىڭ كىتاب ئوقۇپ بىلىمىنى تولۇقلاش ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئاجرىتىدىغان ۋاقتىنىڭ زېيادە ئازلىقى،يەنئەن يولى دوقمىشىدىكى ھەيۋەتلىك كىتابخانا بىناسىنىڭ ئادەملەرنىڭ «يەمخانى»غا ئۆزگىرەپ كېتىشى قاتارلىقلار ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە.ئۇنىڭ ئۈستىگە،كۆپۈنچە ئوقۇۋاتقان كىتابلارنىڭ ئاساسەن ئەدەبىيات،ھىكايە چۆچەك،شىئېر-قوشاق تىپىدىكى غەيرى ئەقلىيلىك ۋە غەيرىي ئىلىم-پەنگە تەۋە بولغانلىقىدەك رېئاللىق بىزجۇڭگولۇقلارنىڭ ،جۈملىدىن ئۆزىنى تولىمۇ كىلاسسىك ،ئەقىل-پاراسەتلىك ھىساپلايدىغان ماختانچاق ،ئەمما ئۆز سەۋەنلىكلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ نۇقسانلارنى تۈزۈتىپ،ھىسياتچان ئويۇنخۇمارلىقتىن،سوغۇققان پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەتلەردىن بولۇش ئۈستىدە باش قاتۇرىشنى ۋە ئەمەلىي كۈچ سەرىپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان ھەم بىلەلمۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي خەلق بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجات ئىقتىرا قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىز بولىشى؛ئىلمىي كەيپىياتنىڭ سۇس بولىشى؛كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىنىشى ۋە چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەن بولىشىنى بەلگۈلەپ قويماقتا.ئالىملار بۇنى ئوبرازلىق قىلىپ،«جۇڭگولۇقلار كىتاب ئوقۇش كىرزىسىغا دۇچ كەلدى»،ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ،«بىلىم ۋە ئىقتىدار كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە»دەپ زارلانماقتا. ئىنىقكى،بۇخىل ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا،كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلىك ۋە ئىلىم-پەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ،چىن مەنىدىكى باراۋەرلىك،ئەركىنلىك ، دېمىگۇراتىيە ۋە تەڭكەش تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ،پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ-دە،پۈتكۈل مىللەت ئىجتىمائىي قۇرۇلما  ۋە ئاڭ پورماتسىيەسى جەھەتتە يىمىرلىش خاراكتىرلىك خارابلىشىش ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.بۇ ئاخىرى بىرىپ،مىللەتنى مەۋجۇتلۇق كىرزىسىغا دۇچار قىلماي قالمايدۇ. بۇخىل ھالەتنى خىيال قلىپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشمۇئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق  بولۇپ تەن ۋە روھنى شۈركەندۈرۈپ يۈرەكنى ئاغرىتىدۇ. لىكىن دۇنيادىكى باشقا ئەللەر ئومۇمى خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.ئالايلۇق،روسىيە«ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇش پىلانى پىرۇگۇراممىسى»تۈزۈپ يولغا قويماقتا.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇخرالارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىشىغا تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ،كىتاب ئوقۇش ئادىتى ۋە كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈشنى بالىلىق ۋاختىدىن باشلاپ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرەكتە.بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە،جۇڭگونىڭ يۈزدىن بىرگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان ۋىنگىريەدە ھەر 500ئادەمگە بىردىن كۈتۈپخانا توغرا كېلىدىكەن،بىراق يەنە شۇنداق تۇرۇغلۇق ھەربىر ئادەم يىلىغا 20پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سىتىۋاىدىكەن.ئېلىمىزدە بولسا ھەر459مىڭ ئادەمگە بىر كۈتۈپخانا توغرا كېلىدىكەن.ئەمما ،بىزدە بولسا ھەر يىلى كىشى بىشىغا سېتىۋالىدىغان كىتاب سانى ئاران بەش پارچىگىمۇ يەتمەيدۇ.بەش مىليۇن نوپۇسى بار ئىسرائىلىيەدە بىرمىليۇندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشىسى بارىكەن.ئۇيغۇرلار ئومۇمىي خەلق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،ھەتتا نۇرغۇن كىشى ئىلاھىي ۋەھىېنى ئادا قىلسۇن قىلمىسۇن،مەن مۇسۇلمان دەپ،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشىدۇ.بىراق ئەنە شۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر«قۇرئان»دىكى تۇنجى نازىل بولغان ئىلاھىي ۋەھې ۋە ساماۋىي پەرماننىڭ«ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇق پىئېل بىلەن باشلانغانلىقىنى ئۇنتۇپ،كىتابنى تەرك ئەتمەكتە.ئۆزلىرىغۇ ئوقۇمىسۇن، پەرزەنتلىرىنىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ،ئىلىمخمار ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلىشنىمۇ بىلمەي ياشىماقتا.شۈبھىسىزكى،كىتاب ئوقۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن خۇددى ئۈچ ۋاخ تاماقتەكلا زۆرۈر بولۇپ،كىشىنىڭ ئىلمىنى بېيىتىپ،ئىمانىنى مۇستەھكەملەپ،ئەقلىنى بىلەپ «شەكلى مۇسۇلمان»لىقتىن «ئەقلىي مۇسۇلمان»لىق يولىغا ئىلگىرلەپ،پانى دۇنيالىق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، بەخت-سائادىتلىك ياشىشىنى نۇرانە كىلەچەككە يىتەكلەيدىغان،باقى دۇنيالىق ھىدايىتى ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ئۇل ۋە ماياك بولۇپ، بىلىم ئىگىلىكى دەۋردە«ئوقۇ!»دىن ئىبارەت ئىلاھى ۋەھى ۋە ساماۋىي پەرماننى ئۇنتۇپ،ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇماسلىق،مەسچىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇمىغانغا باراۋەردۇر.
  O) g3 d1 @- Q: j* T! c* nمەن بىرمەرىپەتلىك ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكىمدىن ئىلىمخۇمارلىق ئائىلىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچىلىكى دېيىش مۈمكىن.شۇڭا مېنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇم ۋە بەختىمنى كىتابسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.كىتاب مېنىڭ تۇرمۇشىمدىكى ئەڭ يىقىن ھەمرايىم،سىردىشىم ۋە ئايرىلماس دىلكەش دوستۇم.ئوقۇۋاتقان كىتابىمنى تۈگەتمىگۈچە ھەرۋاقىت يىنىمدىن ئايرىماسلىقىم گايدا ئەتراپىمدىكى باشقىلارنى بىزارمۇ قىلىپ قويىدۇ،بىراق مەن ئۈچۈن بەرىبىر.ئىش قىلىپ،ھەممە يەر ھەر ۋاقىت مەن ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغان سورۇن ۋە پۇرسەت.شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۆمرۈمدە ئوقۇغان كىتابلارنىڭ دېسەم بەلكىم بەزىلەر بۇ ئادەم«كىتاب يەمدۇ قانداق؟ئۇ كىتاب بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان ئوىشىمامدۇ؟»دەپ ھەيران قىلىشى مۈمكىن.2006-يىلى 20كۈنلىك ئىچكىرىدىكى ئۆگۈنىش سەپىرىمدىن قايتاشىمدا سېتىۋالغان كىتابلىرىمنىڭ  ۋاكالەتەن توشۇش بېرىش ھەققى ئۆزەمنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتىمدىن ئېشىپ كېتىپ،ئارتۇق قىسمىنى باشقا 6نەپەر سەپەردىشىمغا ئۆزىنىڭ يۈك تاقلىرى ۋە بىرقىسىم كىتابلىرىمى ھاۋالىلىك توشۇپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە بېرىۋىتىپ،قالدىسىنى ھەربىر ئادەم بىر بولاقتىن «زەللە»قىلىپ تۇتقۇزۇپ كۆتۈرگېنىچە ئايرۇپىلانغا ئەپ چىقىپ بېرىشى؛2011يىلى شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش-ۋەزىپە بىلەن چىنىقىشتىن قايتىش ۋاقتىمدا،باشقىلار سېتىۋالغان كېيىم-كىچىكلىرىنى تىز يەزكۈزۈشكە ھاۋالە قىلسا مەن 500نەچچە يۈۋەنگە كىتابلىرىمنى تىز يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغىنىمن2014-يىلى پۈتۈن يىل ئاساسى قاتلامدا ناھايىتى ئالدىراش ئۆتكەن بولساممۇ بىريىل ئىچىدە120پارچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ژورنالنى ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكىمگە ھەيران قالغان، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى سەپداشلىرىمنىڭ«بۇ ئاپەندىمگە ئاش نان ۋە باشقا نەرسىلەر بولمىسىمۇ مەيلىگىكى كىتاب بولمىسا ياشىيالمايدۇ»،دەپ چاقچاق قىلىشتى.تىنچ ئوتلتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشىمىغا كۆپرەك پۇرسەت چىقىرالايدىغىنىمنى كۆزدە تۇتۇپ،يەنە بىر يىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلدىم.% B0 L' ~( c' L* e8 }! Q& @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چوڭ دادام ئىسكەندەر قارىم تولىمۇ تەقۋا مۇئمىن بولۇپ،كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ ھىرىسمەن كىشى ئىدى.ئۇنىڭ تاماق يىگەن ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتلىرى ئاساسەن كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتەتتى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،مېنى ئەقىللىق بولسۇن دەپ«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «توپىسى»بىلەن«ئېغىزلاندۇرغان»ئىكەن.بالىلىق چاغلىرىمدا ئۇ ھەمىشە ماڭا:بالام بۇ دۇنيادا بىرلا رەزىللىك بار ئۇ بولسىمۇ بىلىمسىزلىك؛بۇدۇنيادا بىرلا گۈزەللىك بار ،ئۇ بولسىمۇ ئىلىم ئۆگىنىش،بىلىم پەقەت ئوقۇشتىن كېلىدۇ...»؛«كىتاب ئوقۇساڭ مۇكاپات بېرىمەن،ئىشقىمۇ سالمايمەن؛ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇ،بىكار قالساڭ كىتاب ئوقۇ،بولمىسا بالام دېمەي ئائىلىمىزنىڭ نوپوسىدىن ئۆچۈۋىتىمىز»دەپ قورقۇتاتتى. «جەننەت» ۋە«دوزاخ» ھەققىدە گەپلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىمدا بوبا : «جەننەت»،«دوزاخ»دېگەنلەر زادى قەيەردە؟دەپ سورىسام،كۈلۈپ تۇرۇپ: بالام،«جەننەت»چۇ غايە ئېتىقادلىق ،بىلىملىك كىشىلەر ئارىسىدا،ئىناق –ئىجىل ،بەختىيار ئائىلىلەردە»؛«دوزاخ»چۇ غايە ئېتىقادسىز،ئىلىم-ئىرپانسىز كىشىلەر ئارىسىدا،بۇنى چوڭ بولۇپ ئەقلىڭنى تاپقاندا ھەقىقىي ھىس قىلالايسەن ھازىرچە شۇنداق دەپ چۈشۈنىپ تۇرساڭ بولدى؛ئىشەنمىسەڭ سەن غايە –ئېتىقادسىز ۋە ئىلىم-ئىرپانسىز كىشىلەر ئارىسىغا بېرىپ ياشاپ باق،شۇندىلا ھەقىقىي ھىس قىلالايسەن دەيتتى.ئەمدىلىكتە ئويلۇنۇپ باقسام،بۇ سۆزلەرنىڭ كەنىگە چوڭقۇر پەلسەپە، نۇرغۇن ھىكمەت ۋە ھەقىقەتلەر يوشۇرۇنغان ئىكەن.
/ A; r- m3 E# F8 W" Rخەلقىمىز ئۆزىنى بەكمۇ ئەقىللىك ۋە پاراسەتلىك بىر كىلاسسىك مىللەت ھىساپلايدۇ.مەدەنىيەت كىملىكى ۋە تەۋەلىك مۇناسىۋىتى جەھەتتىن ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت كاتاگوريەسى،قانداشلىق ۋە تىل تەۋەلىكى جەھەتتىن تۈركلەرگە تەۋە دەپ قارايدۇ.ھەمدە بىز دېگەن ئەقلىيلىك ۋە ئىلمىيلىككە ئەڭ يىقىن،سىرھىكمەتلەر بىلەن تولغان ئەڭ جەلبكار،كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان ئىلغار بىر دىننىڭ مۇخلىسلىرىمىز ۋە شۇنداق بىر مەدەنىيەت قوۋمى دەپ پەىرىلىنىش تۇيغۇسىدا بولىشىدۇ.بىراق،شۇ گەپنى قىلىشىۋاتقان كىشىلەردىن،رەسۇللاغا تۇنجى قىتىم نازىل بولغان ۋەھى نېمە ئىدى؟دەپ سورىسا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر«ئوقۇ!»دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.بىراق،«ئوقۇ»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغانلار سانىنىڭ ئازلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمچى چۆچىتىدۇ.ھەتتا بەزى ئاۋامىي زېيالىلار بىرىلىپ كىتاب ئوقۇمايدۇ،ئىلىم-پەن جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى تولىمۇ يىتەرسىز،يەنە بىر مۇنچەئاتالمىش«چولپان زېيالى»،«مۇۋەپپىقىيەت شۇناس»،«ئالىم»لار كۆپۈيىپ،ئالىجوقا سۆزلەپ،كىشىلەرنى ئالداپ،ھەميىنىنى توملىماقتا.بىراق، شۇ «مەشھۇرلۇق چۈشى » كۆرۈۋاتقانلارنىڭ مۇتەلەق كۆپۈنچىسىدە ھەقىقى ئۆزىنىڭ بىلىم-پاراسىتى ۋە ئىدىيەسىگە ئايلان بىرەر ئىلغار ئىدىيە-پىكىرى يوق ،پەقەت شۇ بىلىم لاتقۇلىرى، «ئۆلۈك بىلىم» «ساختا ھەقىقەت»،«ماغزاپ بىلىم»،«ئارىيەت ئىدىيە»،«كلون پىكىر»لەر ئاممىنى قايمۇقتۇرماقتا.بۇنداق ئىللەت ۋاقتىدا تۈزۈتىلىشى كېرەك ،ئالۋەتتە.% C( N+ g$ ]1 e4 @' ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنداق بىر ھەقىقەت بارىكى،ئىلىم-پەننىڭ تەقدىر-ئىستىقپالى ئاۋام-خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسىگە ئەمەس،ئالىملارنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق،بىراق ئاۋام-خەلقنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تەرىپىدىن بەلگۈلىنىپ قالىدۇ. ياپونىيەلىك خىمىيە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى يې يىلاڭجې(رىجوجى نويورى) ئۆتكۈر قىلىپ: ”ئىلىم-پەن ئۇ بىر قوش بىسلىق شەمشەر بولۇپ، ناۋادا بىز قىممەت قارىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىمىزنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولساق، ئىلىم-پەندىن ئىبارەت بۇ قوش بىسلىق شەمشەر بىزنى ھامان مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات يولىدا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىر خىرىس ۋە ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچار قىلماي قالمايدۇ. “[1]كىشىلەر نەزىرىدىكى ىسرائىلىيە تولىمۇ كىچىك بىر دۆلەت .بىراق،ئۇلارنىڭ پۈتكۈل دۆلەت ئاھالىسى كىتاب سۆيەر ئىلىمخۇمار بولۇپ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى «ئېڭڭە!»دەپ توغۇلىشى بىلەنلا«ئىنجىل»ياكى«تالمۇد»دېگەن كىتابلارغا ھەسەل سۈركەپ يالىتىش ،«كىتاب»نىڭ چاڭ-توزىڭىنى ئاغزىغا«قېقىش»ئارقىلىق ئېغىزلاندۇرىدۇ.دېمەك ،ئۇلار كىتاب ئوقۇشنى بوۋاقلىق دەۋرىدىن ،زاكىدىكى ۋاقتىدىن باشلىۋەتسە،بىر ئۆمۈر زىرىكمەي كىتاپ ئوقۇيدۇ.كىتاب ئوقۇش يەھۇدىلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىرخىل مەدەنىيەت ۋە «ئېتىقاد»يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن بولغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ بالىلىرى تىلى چىقىشى بىلەنلا كىتاب!كىتاب تاتلىق دەپ يۈرۈپ،كىتاب ئوقۇيدۇ؛ئايىغى چىقىشى بىلەنلا مەكپتەپكە،كۈتۈپخانىغا چىپىشىدۇ.بىزنىڭ بالىلىرىمىز بولسا تىلى چىقىشى بىلەنلا ناخشا قوشاق ئوقۇيدۇ،ئايىغى چىقىشى بىلەن ئۇسسۇل ئوينايدۇ،مەرىكە –مەشرەپكە قاترايدۇ. قىلچە نومۇس قىلماستىن قۇرامىغا يەتمىگەن نارىسىدە بالىلارنى «كۆيدۈم،پىشتىم»دەيدىغان مۇھەببەت ناخشىسى ھەتتا سىرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنىمۇ سەھنىگە چىقىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.ھەتتا شۇ سەبىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇنداق نەرسىلەرنى ئاڭلاپ –كۆرۈپ نومۇس قىلىش ئورنىغا پەخرىلىنىپ كېتىشىدۇ.بۇھال ئۆزىنى ماختاشقا ئامېراق ھىسسىياتچان ئۇيغۇر بىلەن تولىمۇ روشەن سىلىشتۇرما بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.ۋاھالەنكى، يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەقىللىق مىللەت دەپ قارالماقتا؛ پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەت ۋە زامانىۋىي پەن-تېىنىكا مىللىتى ھىساپلانماقتا. پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يىرىم پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان يەھۇدىلارنىڭ يۈزيىلدىن بۇيان تەبىئىي پەندىكى 600گە يىقىن نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 120نەچچىسىگە يەھۇدىلار ئېرىشىپ،ئومۇمىي مۇكاپات سانىنىڭ 22%تىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەپ بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمەت لىباسىنى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە.كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمىگۈدەك بۇ رېئاللىققا قارىتا، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدا بىرەر سىر ھىكمەت بارمۇ قانداق دەپ ھەيرەتتە قالماقتا.ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھىچقانداق ھەيران قالارلىق يىرى يوق بولۇپ، بۇنىڭ سىرى ئەشۇ يەھۇدى خەلقىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقى، كىتابخۇمارلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.بىز بولساق يەنىلاشۇ «غەزەلخان»، «ئۇسسۇلچى»، «قوشاقچى»، «شىئېرى مىللەت»، «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەندەك «شەرەپلىك » نامار بىلەن ئۆزىمىزنى بەزلەپ، كۆڭلىمىزنى خوشال قىلىپ ئۆتمەكتىمىز. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن،دۇنيادا يەھۇدىلار قۇدىرەتلىك بىر مىللەت سۈپىتىدە نامايەندە  بولماقتا. «1980-يىلدىن2000-يىلغىچە بولغان20يىلدا پەقەت ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىلارلا رويىخەتكە ئالدۇرغان پاتىنىت 7652تۈرلۈك بولغان بولسا؛ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرەبلەر تىزىملاتقىنى ئاران367تۈرلۈك،2008-يىلى بىر يىلدىلا ئىسرايىلىيەلىكلەر 9591تۈرلۈك پاتىنىت ئىلتىماس قىلغان.ئىسرائىلىيەدىكى كىشى بىشىغا توغر كېلىدىغان ئالىم ۋە ئېنجىنېرلار سانى يەرشارىدىكى ھەرقانداق دۆلەتنىڭكىدىن كۆپ.ئۇلار رۇياپقا چىقارغان ئىلمىي ماقالىلەر سانىمۇ دۇنيا بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. [2]ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 50كىمۇ يەتمەيدۇ.يۇقۇرىقى رەسىم مەن 2011-يىلى شاڭخەيدە ۋەزىپە بىلەن چىنىقىۋاتقان مەزگىلىمدە مىترودا كېتىۋىتىپ تارتىۋالغان سۈرەت،مۇتلەق كۆپ ساندىكى شاڭخەيلىك مىتوردا قەغەز كىتاب ياكى ئېلكىتاب كۆرۈپ ماڭىدۇ., v( d6 @  O% f3 [* j9 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىسقىسى،مەيلى قايسى نۇقتىدىن كۈزەتمەيلى ۋە سىلىشتۇرمايلى ،ھازىرقى ھالىتىمىز دىنى ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيېتىمىزنىڭ ئەقىدە ئاساسى بولمىش ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ«ئوقۇڭلار»(ئۆگىنىڭلار)، «ئىلىم (غەيرى ئىسلام ئېلى بولغان)جۇڭگودا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگۈنىڭلار!»   «بىلىم ئىتنىڭ قارنىدا بولسىمۇ ئۆگۈنىڭلار!»،«ئىلىم –ھىكمەت مۈئمىنلەر يۈتتۈرۈپ  قويغان تۆگۈگە ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئېرىشىشكە ھەقلقتۇر.»  ،«قىممەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئالىملارنىڭ(ئىلىمگە بېرىلگەنلەرنىڭ)خەت يازغان قەلىمىنىڭ سىياسى شېھىتلەرنىڭ تومۇرىدا ئاققان قان بىلەن باراۋەر.»،«كىمىنىكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭسا ، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»،«يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارلىق ئەر ئايال مۇسۇلمانغا ئىلىم ئۆگىنىش پەرز قىلىندى»...دېگەندەك ئىلاھىي  ۋەھى ۋە ساماۋىي پەرمانلار بىلەن قىلچە ماس كەلمەي قالماستىن،بۈگىنكى زامان –ماكان تەلەپلىرى بىلەنمۇ ماس كەلمەيۋاتقامتا.ھەتتا بىر قىسىم بىدئەت-خوراپتلىقلارمۇ باش كۆتۈرۈپ قالماقتا.6 i- k0 d5 Y8 z" Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«شىنجاڭ مائارىپ»ژورنىلىنىڭ ئىژتىھاتلىق مۇھەررىرى تاھىر خالىق:«سەن كىتابتىن قانچە يىراقلاشساڭ،ئەقىل-پاراسەتمۇ سەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان مىللەت خار ۋە زەبۇن مىللەتتۇر؛كىتابتىن يىراقلاشقان مىللەت نادان مىللەت؛ئازاب ۋە مەۋجۇتلۇق ئېڭى يوق مىللەت ــ دۇنيادىكى ئەڭ بىچچارە مىللەتتۇر.»دەيدۇ.بىز يەھۇدىلارنىڭ ئىلىمنى ۋە ئىلىمدارنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇلۇغلايدىغانلىقلىرىنى،ئۇلارنىڭ كىتابنى ئۇلۇغلاشتىن باشقا، ئىلىمگە ۋە ئالىمغا قانداق تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىدىنلا كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ئۇلار « پەقەت ۋە پەقەتلا ھىچكىم تارتىۋالالمايدىغان بىردىنبىر مەڭگۈلۈك بايلىق»دەپ ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ،ئومۇمى خەلىق ئىلىمنى، كىتابنى،ئىلىم ئەھلىنى(جۈملىدىن،تەبىئەت پەنلىرى ۋە تېخنىكا پەنلىرى ئالىم مۇتەخەسىسلىرىنى)ئالاھىدە ئۇلۇغلايدۇ-ئەرتىۋالايدۇ.پەرزەنت تەربىيەسىگە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىدۇ.شۇڭا يەھۇدىلاردا ساۋاتسىز،كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئادەملەر يوق.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا بىرمۇ نامراتلىق ئۆلچىمىگە توشىدىغان كەمبەغەل يەھۇدى يوق.شۇ دەقىقىدە ئىچىم قاتتىق ئۆرتىنىش ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە شۇلار ئىسىمدىن كەچمەكتىكى،ئىسىرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندا،ئۇدۆلەتكە قانداقتۇر بىرەر گېنرال قەھرىمان ۋەياكى مەشھۇر سىياسىيوننى پىرزېنېد(زۇڭتو)لىققا نامىزات كۆرسەتمەستىن،ھەممە بىردەك ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئالبىرىېت ئېينىشتېيىن(يەھۇدى)نى كۆرسىتىپ،ئۇنى بو يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئەل بىشى بولۇپ بېرىشكە بىردەك تەكلىپ قىلىشتى.بىراق ئېينىشتېيىن ئىلىمنى قۇدىرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى بولۇشتىن ئۇلۇغ بىلىپ، رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار داۋاملىق تۈردە ئىلىمنى ۋە ئالىمنى ئۇلۇغلايدىغان ئىسىل پاراسىتى ۋە پەزىىلىتىنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ، مەشھۇر خىمىيە ئالىمى كائىم ۋېئىزماننى تۇنجى زوڭتوڭلۇققا تەيىنلىدى.چۈنكى بىر مىللەت ۋەياكى بىر دۆلەت خەتەر ئىچىدە قالغاندا،پەقەت ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق مىڭ ئەپسۇس، بىزگە باشلىق بولىۋاتقانلارنىڭ ساپا-سۈپىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. مىڭ ئەپسۇس،خەلقىمىزنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۇسلىقى ،سەنئەت ۋە شىئېر –قوشاق ئېڭىنىڭ زىيادە كۈچۈك ۋە ئۇنىڭغا دەرىجىدىن تاشقىرى ھېرىسمەنلىكىدىن باشقا،ھەقىقى ئالىملاردا تەشۋىقات ئېڭىنىڭ سۇسلىقى، ئۆزلۈك داۋراڭچىلىرى بولغان شاللاق زىيالى، ھېسيياتچان شائېرلەردەك ئۆزىنى ئاۋامغا «پەردازلاپ كۆرستىشكە » ماھىر ئەمەسلىكىدىن بولسا كېرەك،ئىنسانىيەتنىڭ پەخرىلىك ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىينن ،نيوتۇن ،چىيەن شۆسېنلار ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرنىڭ بەرپاچىلىق ۋە ياشاش پەلسەپە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشقا بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى ۋە بارلىغىنى سەرب قىلغان تۆھپىكار پەيلاسوپ ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كومپىيۇتېر-ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرىشنىڭ باش سەركىسى ۋە تۆھپىكارى ھوشۇر ئىسلام ئاكادىمىيكنى تونۇمايدىغان ئۇيغۇر «ساماندەك».بىراق،«تامدىن چۈشتۈم پوككىدە، يارنى سۆيدۈم چوككىدە؛قويسۇن كىنونى قويسا قويسۇن  قويمىسا يوق بەرسۇن بىر مونى»دېگەندەك ناخشا-قوشاق توۋىلايدىغان قوشاقچى -غەزەلخان،ھەتتا گەپنىمۇ ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمايدىغان ئۇسسۇلچى،سىركچى ، تاققا-تۇققا گەپ قىلىدىغان سەنئەتكارلار ۋە ھىسياتچان شائېرلارنى تونىمايدىغان ئۇيغۇر ئاساسەن يوق.بۇ ھەرگىز ھىسيات ئارىلاشقان ئوخشىتىش بولماستىن،بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن«مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يۈز ئوقۇتقۇچى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۇئال-جاۋابلىق تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر پاجىئە دېمەي تۇرالمايمىز» . بۇنداق پاجىئەنى ھىس قىلغان ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسى ئۆزىگە:«مەن خاراباتىنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھىكمەتلىرىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىمكى،ئىلىمنى ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىنى قەدرىلىمىگەن قوۋم خار ۋە زەبۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈسى؛ بىلسەك ،ئەسلىدە ئۇنداقلاردىن تەڭرىمۇ بىزار بولۇپ، لەنەت قىلارىكەن، چۈنكى ئىلىم ۋە ئىلىمدارنى خار قىلغانلار ئۇنىڭ نەزىرىدىمۇ خارىكەن. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە نىمېشكە ئىلىمنىڭ ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز؟ نېمشكە ئومۇمى خەلق بويىچە ئىلىم-پەنگە يۈرۈشقىلىپ ،زامانىۋىي پەن-تېخىكا مىللىتى ۋە پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەتلەردىن بولۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيمىز؟! ئەجەبا بىزگە ئەجداتلاردىن قوشاقچىلىق –غەزەلخانلىق ،ئۇسسۇلچىلىقلا مىراس قىلىپ،ئىلىم-پەن ۋە تەپەككۇرنى تەرك ئېتىش بىزگە ئۇدۇممۇ؟!»دەپ قاتتىق نىدا قىلماي قالمايدۇ. خەلقىمىزدىكى ئىلىم-پەنگە ئېرىنچەك، ناخشا-ئۇسسۇل ، شىئىر -قوشاققا ھەددىدىن زىيادە ھىرىسمەنلىك شۇ قەدەر چىكىگە يەتكەنكى، بىز ھەتتا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۆمرىدە ئىزىقىپ كېتىپمۇ بىرەر قىتىم كىتاب ئوقۇمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ گېپنىمۇ جايلاپ قىلالمايدىغان، «ساۋاتسىز- بىلىمسىز»لىكىدىن ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئادىمىيەت ساھىسىدىكى زۆرۆر بىلىم ۋە قانۇن-نىزاملارنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەرنى  خەلقىمىزنىڭ«ۋەكىلى» قىلىپ سايلايمىز. ئۇنداق تۆۋەن ساپالىق كىشىلەر قانداقلارچە قانۇنى نۇقتا ۋە ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن بىر پۈتۈن مىللەت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالىسۇن ۋە ئۇنى قوغدىيالىسۇن؟! ۋاھالەنكى،ئۇنداقلار ئۆزلىرىنىنىڭ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك مەجبۇريىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن  يۈرگۈزۈش ئەمەس ، ئەقەللى پۇخرالىق  ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملىك ئادا قىلالىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.ياۋرۇپا ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئاق سۆڭەك-بايلار «تەدرىجى تەرەققىيات،كۋانت،ھۈجەيرە ،AND،tI،نانومىتېر،كلون تېخنكىسى»دېگەندەك كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن خەۋەرسىز قىلىشنى نومۇس بىلىشىدۇ. بىراق،بىزنىڭچۇ ئادەتتىكى ئاۋام ئەمەس،ئۆزلىرىنى چولپان ئاتىشىۋاتقان ئاۋامىي زېيالىلارمۇ تېخى بۇلاردىن ساۋاتسىز. لىكىن دۇنياۋىي ناخشا چولپانلىرىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك.خەلقىمىز يەنە  ئوسمان تۈركلىرىنى ئۇرۇقداشلىق، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى جەھەتلەردىكى ئورتاقلىقىغا ئاساسەن كۆڭلىنى يېقىن تۇتىشىدۇ. مۇستافا كامال زامانىسىدىكى بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا «دىن ئىنساننى باقى دۇنيادا نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئىلىم-پەن بولسا ئىنساننىڭ پانىي دۇنيادىكى تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن. ئۇ يەنە«دۇنيادىكى  ھەرقانداق شەيئى ئىچىدە پەقەت ئىلىم-پەنلا بىزگە يۆلۈنىشنى ھەقىقىي كۆرسېتىپ بېرەلەيدۇ.ئىلىم-پەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا يول ئۈستىدە ئىزدىنىش نادانلىق،ئەقىلسىزلىق،توغرا يولدىن ئاداشقانلىق، ھاماقەتلىك.» [3] دەپ كۆرسەتكەنىكەن.ھەتتا بۇ سۆز كېيىنچە ئەنقەرە ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسىغا ئويۇپ قويۇلغان. ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدىكى بارلىق تەجرىبە ساۋاقلار بىزگە شۇنى تەكرار ئۇقتۇرماقتىكى،پەقەت ئىلىم-پەنلا بۈيۈك گۈللىنىشنىڭ بىردىن بىر يولى. بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى ۋە ھاياتى كۈچى دەل«ئەقلىيلىك بىلەن ئېتىقادنىڭ كېرىلىش كۈچى ۋە كېسىشىش نۇقتىسى» ئارىلىقىدا ھاسىل بولغاندۇر.& [( u; _6 g$ E9 \4 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقا گەپنى بىر ياققا  قايرىپ قويۇپ، نەزىرىمىزنى پەقەت تارىخ نۇقتىسىدىنلا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە پەن-مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان مەكتەپ-مەدرىسە ۋە كۈتۈپخانا ھەققىدىكى مۇنۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. كىتاب ئوقۇش ۋە كىتابنى كۆچۈرۈپ يېزىش ئىسلامدا ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئالى ئىبادەتلەردىن ھېسابلىدىغانلىقىنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئەينى زامانلاردا «دەھرى ئىلىم ۋە پەلسە كىتابلار ھەرقايسى مەسجىد-مەدرىسلەردە ۋە ئۇلارنىڭ سىرتقا ـــ جامائەت ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن كۈتۈپخانىلاردىن ھەرۋاقىت تاپقىلى بولاتتى. دېمەك بىر ئىلىم ئاشىقى تەبىئىي پەن ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلسىلا، كۈتۈپخانا ۋە ئالاقىدار ئىلىم سورۇنلىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەلىك يېتەكچىلىك ۋە ياردەمگە ئېرىشەلەيتتى.»،«كۈتۈپخانا ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورگان ھېسابلىنىدۇ، تەبىئي پەن ئۇ يەردە ئىنتايىن ياخشى پەرۋىش تاپالايدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ ھەمىشە مەدرىسە ياكى مەسجىد قاتارلىق ئورۇنلىرى بولىدۇ ھەم جامائەت ئۈچۈن ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ. پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتتا نەچچە مىڭ كۈتۈپخانا بولغان. پەقەت كوردىۋاندىن ئىبارەت بىر جايدىلا 70 مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىدە 400-500 مىڭ جىلىت كىتاب بولغانىكەن. 1500-يىلىغا كەلگەندە، پەقەت دەمەششىقتىلا 150 مەكتەپ ۋە شۇنچىلىك كۆپ كۈتۈپخانا بولغانكەن. مەراغە (Maragha)  دىكى بىر رەسەتخانىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق 400 مىڭ جىلىت كىتاب ساقلانغانلىقى ئېنىقلانغان. 10-ئەسىردە قاھىرە-ئەزھەردىكى بىر ئىلىم يۇرتى دا 2 مىليون پارچە كىتاب ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 18 مىڭى تەبىئىي پەن كىتابلىرى ئىكەندۇق. بىر كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچى ئۇ كىتابلارنى 400 تۆگىدە ئاران يۆتكەپ كەتكەنمىش. شۇ زاماندىكى بىر باينىڭ مۈلۈكلىرى ئىچىدە 600 يېشىك كىتاب بولۇپ، ھەر بىر يېشىكى قاۋۇل ئىككى ئەر ئاران يۆتكىيەلەيدىكەندۇق. » ، «بىز يەنە شۇ ۋاقىتتىكى ياۋروپانىڭ ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئاران بىر نەچچە يۈز كۈتۈپخانا بارىتى. 14-ئەسىردە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا پەقەت 2000 پارچە كىتاب بولغانىكەن. ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئەسىر كېيىنكى چاغلاردا ۋاتىكاننىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان كىتابلار نەچچە يۈزگىمۇ يەتمەيتتى.»، شۇنچىۋالا غايەت زور مىقتاردىكى كىتابلار ئەينى زاماندا ئەمەس، ھازىرمۇ ئاز سان ئەمەس.« 10-ئەسىردە، پەقەت باغدات  شەھىرىدە 30نەچچە كۈتۈپخانا،10كىتاب خانا بولغانىكەن. باغداتتىكى بىر باي  بالىلىرىغا 600پارچى كىتاب مىراس قالدۇرغانىكەن. ېنىقكى، بۇلارنى ئەرەبلەر كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.» [4]ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم –پەن ئەمەسما؟! بۈگۈنكى كۈندە قايسى باي، قايسى ئاق سۆڭەكنىڭ ئۆيىدە قانچىلىك كىتاب بار؟ قانچە ئادەم كىتاب ئوقۇيدۇ؟ ساپلا ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شېئىر، ناخشا-قوشاق ۋە سۆز تىزمىلىرىدىن باشقا، ھەقىقىي بىلىم بىلەن تويۇنغان، ئەقىل بىلەن يۇغۇرۇلغان،ئادەمنڭ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ مەنىۋىيىتىنى سۇغۇرالايدىغان نادىر تەبىئىي پەن كىتابلىرىدىن نەچچە پارچىسى بار؟ بۇ ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ يېقىنقىنەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيەت گېنىدا ئىلىم-پەن ئېلېمېنتىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى، مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدىكى ئىلىم-پەن فاكتورلىرىنىڭ ئاز، ئېڭىدا ئىلىم-پەن ئامىلىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، زىيادە ئويۇنخمار-سەنئەتخۇمار، ھېسسىياتچان قوشاقچىلىق ، غەزەلخانلىق پىسخىكىسى، ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتىكى گاداي ھەم نامراتلىقىدىن باشقا، كىتاب قۇراقچىلىرى بىلەن بىلىم قويمىچىلىرىنىڭ نومۇسسىزلارچە ئەخلەت كىتابلارنى تۈركۈملەپ تۆكمە قىلىپ ئىلىم ساھەسىنى تەكرار تۆۋەن سەۋىيەلىك «قۇرۇق گەپ»، شېئىر-قوشاق ھەم سۆز ئويۇنلىرى، گەپ تىزمىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، ئەمدىلىكتە ئارانلەتىن يېتىلىۋاتقان كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى گۇمران قىلىۋاتقانلىقىدەك نومۇسسىزلىقلىرىمۇ سەۋەپچى ئەلۋەتتە. لېكىن، شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ- تىرمىشىپ بىلىم ئىگىلىكىدىكى بىلىم لاتقۇلىرى ئىچىدىن مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئېلىش ياكى يۇقۇملىنىپ قېلىش شۇ كىشىنىڭ ئىلمىي ئىممۇنۇت كۈچىگە باغلىق. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مەنىۋىي گادايلىق ماددىي نامراتلىقتىن چەكسىز ئېغىر بولىۋاتقان ئەھۋالدا، بىلمەسلىك، ئۆگەنمەسلىك نومۇس ۋە جىنايەت.
2 u; i8 e- h: Nشۇنى زىكىر قىلىمىزكى، ھەر قانداق بۈيۈك ئىلىم-پەن ئىدىيەسى، قانچىلىك كاتتا ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقيىتى ياكى قانچىلىق ئۆتكۈر يۇقۇرى يېڭى تېخنىكا بولمىسۇن ،ئۇ پەقەت كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ مېڭە بوشلۇقىدىن ئورۇن ئېلىپ ئاڭلىق ، پائال ھەركىتىگە ئايلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قۇدىرەتلىك سىھرى كۈچى ۋە ئاجايىپ كارامىتىنى نامايەندە قىلالايدۇ. نىھايەت!مەيلى ماركىس كۆرسەتكەن«ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىلىم-پەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» [5]ياكى دېڭ شىياۋپېڭ ئوتتۇرىغا قويغان«پەن تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن دانا ھۆكۈملەر ۋە ياكى پەن-تېخنىكىنىڭ ئادەتتىكى بايلىق ياراتقۇچى مۇھىم كۈچلىك ئورنىنى ئۆستۈرىپ،بىۋاستە«بايلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن«پەن تېخنىكا بىرىنچى بايلىق»دەيدىغان ئەڭ زاماندار قاراشلار بولمىسۇن،بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئادەمدىن ئىبارەت ئەڭ جانلىق-ئاكتىۋال ۋە بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان ئادەمنىڭ مېڭە بوشلىقىدىن ئورۇن ئېلىپ،شۇ ھەربىر كونكىرتنى ئادەمنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلانغاندىلا ،ئاندىن«بىرىنچى كۈچ»،«بىرىنچى بايلىق»لىق رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرالايدۇ ۋە بۈگۈنىكى ۋە كەلگۈسى كىشىلەرگە مول پايلىق، ماددىي نىممەتلەر ۋە بەخىت-سائەدەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ(پەقەت توغرا نىيەت ۋە توغرا يولغا توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىلسىلا).ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ يەنىلا خۇددى خىيال قىلغىلى،كۆرگىلى بولمايدىغان «جەننەت مىۋىسى»ياكى كۆرگىلى بولىدىغان ئەمما ئەسلا ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئاينىڭ شولىسىدەكلا بىر ئۇلۇغ «مەۋھۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»،«يوشۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»، «مەۋھۇم بايلىق»سۈپىتىدە قىلىۋىرىدۇكى ،ھىچكىم ۋە قايسى بىر رايۇنغا قىلچە نەپ بەرمەيدۇ.پاراسەتلىك ئىلىمدارلارنىڭ ۋىجدانى شۇنداق خىتاپ قىلۇدىكى،بىلىم ئىراسىدا، كەڭ ئاۋام ئارىسىدا دائىمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل ئاۋامنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش بارلىق ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز، مۇقاملىرىمىز ھەتتا ئانىمىزنىڭ سۈتىدىن ھالال ۋە قىلچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا.شۇڭا بىزنىڭ ھەر ساھە ئىلىم ساھىبلىرىمىز تەبىئىي پەن ئىژتىمائى پەن، ئۇ كەسىپ بۇ كەسىپ دەپ زىغىرلاپ ئۆزلۈك داۋراڭچىلىرىدەك ئىنچىكە تۈر كەسىپ مەزھەپلەرگە ئايرىپ؛يۇرتۋاز ،كەسبباز،مىللەتۋازلىق قىلىپ ئولتۇرماستىن بارلىق ئىلىم-پەن بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى،ئۇنى ئىگەللەش ۋە ئېرىشىش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەقەللىي بولغان سامماۋىي ھوقۇقى، مەجبۇريىتى، قەرزى ۋە پەرزى،دەپ تونۇشى، ھەممە ئىنسان بېرىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشى، بارلىق پايدىلىق ئىلىم-ھىكمەتلەرنى شەرتسىز ۋە ۋاستە تاللىماي ئۆگۈنىشى كېرەك،دەيدىغان ئالى ئەقىدەت بويىچە ئىلىم-پەننىڭ مۇھىملىقى چوڭقۇر ۋە كەڭ كۇشادە تەشۋىق قىلىشى كېرەك.بۇ شۇنداقلا ئۆزىنى ۋىجدانلىق ئادەم سانايدىغان ھەر بىر ئىلىمدارنىڭ ۋىجدانى بۇرچى، پەرزى ۋە قەرزى.
- s( U# u/ z! ?' L$ x3 I4 t. }خەلقىمىنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولىشى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بىر قەدەر قالاق ۋە ئارقىدا قالغانلىقىدەك رېااللىقنى مىخاينىك ھالدا خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاد ۋە ئەقىدە سىستېمىسىغا دۆڭگەپ ،«ئىلىم-پەن بىلەن دىن ھەمىشە زىددىيەتلىك قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ، بىراق ئىسلام دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىدا ئىلىمگە ئىنتىلىشنى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتكۈل كىشىلىك ھاياتتىكى مۈكەممەل مەنىۋى ئىنتىلىشلىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىشنى مۇقەددەس بۇرۇچ دەپ،تەكىتلەيدۇ.» [6] ۋاھالەنكى،ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر، تەپەككۇرلىرى بىلەن جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىپ، ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتقان. ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە تەبىئەت، جەمئىيەت، ئادىمىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا نادىر تەپەككۇرلارنى قىلىپ، ئىلىم-مەرىپەت دۇنياسىغا ماياك بولغان ئىدى. ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىلمىي، بەدىئىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئويغۇنۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى يىقىنى بەش يۈز يىل مابەينىدە خەلقىمىز چىن مەنىدىكى ساماۋىي ئىلىم بولمىش تەبىئىي پەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ قېلىۋەردى. ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش (چۈشىنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھۇزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت.
" }; k* {: j7 S# Uفىرانكىلىن مۇنداق دەيدۇ:« كىتاب ئوقۇشتا ئوقۇغان كىتابلارنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئوقۇغان كىتابنىڭ ئادەمنى قانچىلىك تەپەككۇر چوڭقۇرلىققا باشلىيالايدىغانلىقىغا قارىلىدۇ .»ئۇنداقتا ،قانداق كىتابلارنى ئوقۇش ،قانداق ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىش،ساپاسنى ئۆستۈرۈش،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش؛شۇ ئاساستا،ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن-تەتقىقاتقا خۇرۇچ ۋە ئىلھام ئېلىشنى ئۆگىنىۋىلىش ھەممىدىن مۇھىم ۋە ئاخىرقى مەقسەت بولىشى كېرەك.بىلىم بىلەن تويۇنغان، ئەقىل بىلەن پاتلانغان ئىسىل كىتاب ئادەم ئەقلىنى بىلەن تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرسا، ئەقىل-پاراسەت، ئېتىقاد  ۋە ئەخلاقتىن يىراقلىغان، قۇرۇق گەپ تىزمىلىرى ۋە سۆز ئويۇنلىرى بىلەن بىزەلگەن ئەخلەت كىتابلار گەرچە كىشىگە ئازراق ھوزۇر ۋە ھېس-ھاياجان ئاتا قىلالىسىمۇ ھەرگىز ئەقلنى بىلەن تەپەككۇرىنى ئاچالمايدۇ.شۇڭا بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشتىن كۆرە تىنچ تەپەككۇر قىلغان ياكى يىتىپ ئۇخلىغان ئەۋزەل.
( O8 v4 s6 d8 f% N* ^0 QtIساھەسىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى،تور،تېلىۋىزور، رادىئو،ئېل كىتاب،ئېل ژورنال ۋە باشقا مېدىيەلەرنىڭ «يامغۇردىن كېيىنكى بامبوك»تەك جىمئى ئىقلىمنى قاپلاپ،كىشىلەرنىڭ كۆزنى قاماشتۇرسا، جۆر بولغان  يەرشارىلىشى،خەلقئارا ئىش تەخسىماتىغا قاتنىشىشتىن كېلىۋاتقان ئالماشتۇرۇش ،رىقابەت ۋە مەمكارلىق،ئىجتىمائى ئىختىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن،كىشىلەرنىڭ ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇق-تەرەققىات بىسىمىنى ئاشۇرۇپ،تۇرمۇش رېتىمىنى زىيادە تىزلەشتۈرمەكتە.بىراق بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇش ھېلەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى،ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ موللىقىنى،يىتىشىپ بولالمايۋاتقانلىقلىرىنى باھانە قىلىپ كىتاب ئوقۇشقا« ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتىدۇ». لىكىن،ئىلمىيلىك،ئىشەنچىلىك،سىستېمىلىق، مۇكەممەللىك،قۇلايلىق،ئەبەدىيلىك بولۇش جەھەتلەردىن يەنىلا كىتابقا يەتمەيدۇ.ئۇندىن قالسا ژورنال. ژورنال ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدەكى كىتابتىن كېيىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيەتلەردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. بىراق كىتاب بىلەن ژورنال يەنە پەرقلىك ۋە ئورتاقلىققا ئىگە ھەم ھەر ئىككىلىسىنىڭ قاراتمىلىقى،خاسلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ.مەقسەتسىز،پىلانسىز كىتاب سىتىۋىلىشتىن،كىتابنى ئەمەس «ئاپتور»نى،«ئەخلەت كىتاب»لارنى« سېتىۋىلىش»تىن ساقلىنىش ؛ مەقسەتسىز ،پىلانسىز ،ئۈنۈمسىز كىتاب ئوقۇشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.بۇنداق قىلىش چوقۇمكى ،بايلىقنى ۋە ھاياتنى ئىسراپ قىلغانلىق.ئەخلەت كىتابلارنى ئوقۇپ قويۇپ،مەنىۋىيىتىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى ۋەياكى توكسون پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، نادىر  ھەم ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىممىتى بار ئىسىل كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋىلىش، دائىملىق بولغان سىستېمىلىق ھالدا كىتاب ئوقۇش پىلانى تۈزۈپ ،ئۈنۈملىك كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.ئۇزۇن مۇددەت ـــ ئۆمۈرلۈك كىتاب ئوقۇش،ئۆمۈرلىك ئۆگىنىشتەك ئىسىل خىسلەت ۋە ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈش كېرەك.0 d8 M0 h( X; |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسلاھات –ئىچىۋىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەلنەپ سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىشىشىگە ئەگىشىپ،خەلقنىڭ كىرىمى كۆپ مەنبەلىك ئاشماقتا، تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ئۆزلۈكسىز ئۆسمەكتە. نۆۋەتتىكى كىتاب بازارلىرىدىكى كاساتچىلىق، كىتابخانىغا كىرىپ«كىتاب كۆرۈدىغانلار كۆپ، سىتىۋالىدىغانلار ئاز بولۇش»مەسىلىلىرىنى ئاددىيلا بىزنىڭ خەلق كەمبەغەل،دەپلا يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى،كىيىم-كىچەك،يەپ ئىچىش،بۇزۇپ چىچىش«مۇسابىقىسى»ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان،ئەمما،بىر چوكا تاماق،بىر رۇمكا مەي،بىر قۇتا گىرىم بويۇمىنىڭ ئورنىغا بىر تال كىتاب سېتىۋىلىشنى جالىمايدىغان،ئۆيىدە«ئانا بىلەن دادا ۋە توخۇ سۈتىدىن باشقاھەممە نەرسە تىپىلىدىغان»ھىچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمىغان پار-پۇر ،چاقچۇقلار،بىزەك بويۇملىرىنىڭ كۆپلىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان،بىراق مىليونغا سېتىۋىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ سومغا زىننەتلىگەن ئۆيەلەردە ھەممە نەرسىگە ئورۇن بىرىلگەن، كىتابقا ئورۇن بىرىلمىگەن.ھەشەمەتلىك ياسىداق ئۆيلەردە بىر تال كىتاب ئىشكابى،ئون تال كىتابى يوق ئائىلەلەرنىڭ ساماندەك بولىشى،ئادەمنى شۇنداق كىشىلەر بىلەن بىر قەۋم بولۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلدۇرۋىتىدۇ.مەن يىقىندا،خىزمەت ئېھتىياجى ، تەشكىلنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن «قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك زاماندار ئەقلىي مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ»،«قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئانىلاردىن بولغىلى بولىدۇ»دېگەن تېمىدا نەچچە مىڭ ئادەم قىتىم لىكسىيە سۆزلىدىم.ئارىلىقتا ئۆيەڭلەردە 20پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بارلار قول كۆتۈرۈپ بىقىڭلار ! دەپ سورىسا،400-500ئاڭلىغۇچى بار سورۇندا بەش ئادەم چىقماي مېنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. مەسىلىنىڭ ئاچقۇسى شۇ يەردىكى، بۈگىنكى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى سۇس،كىتاب ئوقۇش بىر خىل تۇرمۇش ئادىتىگە ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئايلانغىنى،ئېتىقاد  يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرىلگىنى يوق؛ ئانا تىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا چىقىۋاتقان نادىر كىتابلارنىڭ كەمدىن كەم ۋەياكى يوق دىيەرلىك بولىشى،بار بولغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىتابلارنى بولسا ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك مادار ۋە چىدام-غەيرەتنىڭ ئازلىقى،سەۋىيەنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەن بولىشىغا قارىماي،تەكرار تۆۋەن سەۋىيەلىك ئەخلەت كىتابلارنىڭ زىيادە كۆپلىكى،ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنىڭ زىيادە ئازلىقى،شىئېر قوشاق ۋە مودىدىن قالغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ زىيادە كۆپلىكى؛ ئەقىل ئوغرۇسى، كىتاب قۇراقچىلىرى ۋە ئىلىم كاززاپلىرىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىنسان-ھىدايىتى ھەم ۋىجدانىنى يوقۇتۇپ،ئىسراپچىىق،تەكرارلىق،ئالدامچىلىق قىلىشلىرى ۋە ئۇنىڭغا پەزىلەتسىز كىتاب قوراقچىلىرى،ئاۋامىي«چولپان»غا ئايلىنىپ قالغان ئاۋامىي زىيالىلارنىڭ خەلقنىڭ مىللىي ھىسسىياتىدىن،ئىلىمگە ۋە ئىلىمدارلارغا بولغان ھۆرمەتلەش پىسخىيكىسىدىن پايدىلىنىپ،ۋاقتى ئۆتكەن «كونا مال»نى يېڭىدىن ئوراپ قاچىلاپ تۆكمە قىلىشى؛«ئەدەبىيات سەھىپىسى»بولمىغان بىرمۇ گېزىت ۋە ژورنال(ھەتتا ساپ ۋە چىن مەنىدىكى تەبىئىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغان«بلىم-كۈچ»،«پەن ۋە تۇرمۇش»قاتارلىق بىردىن بىر تەۋەررۈك بولغان ئىلمىي ژورناللارنىڭمۇ  خىجىل بولماي،تەبىئى پەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان «ئەخلەت مامالە-ئەسەر»لەرنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىپ، ئوقۇرمەنلەر نەزىرىدە«تەرمىلەر»،«ئەدەبىيات گۈلزارى»غا ئايلىنىپ قېلىشلىرى .ئەلۋەتتە يىقىندىن بىرى بۇ ئەھۋالدا زور ياخشىلىنىش بولىۋاتىدۇ،بۇ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدۇ.)بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە كىتاب سېتىۋىلىش ئىستىكىنى ئېغىر دەرىجىدە زېيانغا ئۇچراتماقتا.# m- b% B6 _. |% ]. G) G" C3 }: l" aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىخىقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن  يەنىمۇ ئىنچىكە كۈزىتىدىغان بولساق،«تارىختا ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ ھەقىقەتەن مۈرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى بولغان.نۇرغۇنلىغان ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ۋە مەرىپەتچىلىك(ئەقلىي ئويغۇنۇش ۋە ئىلىم-ئاقارتىش)ھەركەتلىرىدە ئومۇمىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ سەركە بولغانلارنىڭ ھەممىسى دىنغا ئېشەنگەن.» ”«قەتئى مەنىدىكى ئىلىم –پەن تەبىئەتتىن ھالقىغان ئېتىقاد بىلەن سىغىشالمايدۇ.»  ھەم شۇنداقلا،ئەقلىيلىق ۋە ئىلىم-پەندىن يىراقلاشقان ھەر قانداق ئېتىقادمۇ ئوخشاشلا خوراپاتلىق ياكى بىدئەتلىك ھىساپلىنىپ، ئۇنداق ھالەتتە قىلىنغان ئىبادەتكىمۇ ئوخشاشلا ساۋاپ بېرىلمەيدىغانلىقىغا كۈچلۈك دەلىل بار تۇرۇغلۇق.بىراق بۈگۈنكى كۈندە،ئەتىدىن كەچكىچە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشىدىغان «تەقۋادار»ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ مەدەنىيەتنىڭ جېنى ۋە يادروسى،ئۇنىڭ ئۇمۇرىتقىسى ۋە يىلىكى بولغان ھازىرقى زامان ئىلىم –پېنى بىلەن زادى نېمىشكە خوشى يوق؟!مانا بۇ مېنىڭ بۇ تېما ھەققىدە ئۇزاق تەپەككۇر قىلىشىمنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.$ z: M( ]) O2 j" o4 a5 v3 z, Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ۋە يەر شارىلىشىش پەن – تەتقىقات خادىملرىدىن ئىلىم – پەن ئىددىيىسى ۋە توغرا بولغان  ئىلمىي مېتودىلارنى پۇختا ئىگەللەش ئاساسىدا ھەرگىزمۇ «كىلاسسىك نەزىرىيە»، «نوپوز»، «ئۇستاز»دېگەنلەرنىڭ روھى بەخشەندىسى ۋە نەزەرىيەۋىي مەھكۇملىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىقنى، كىتابنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىقىنى؛ نوپوز، ئىلمى مۇنبەر مونوپۇللىقىنى قەتئىي رەت قىلىپ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەتلىك بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.
+ q- i- z' M. a* Oبىز نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيمىز؟ جالالىددىن رۇمىي:«كتاب ئوقۇش روھنىڭ ئوزۇقى(غىزاسى) ،ئەقىلنىڭ دوستى،ئاچقۇچى ھەم بىلەي تىشى،مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر.»دەيدۇ.يۇقۇرىدا ئىلىم بىرىلغان كۆپ قىرلىق مۇھاكىمىلەردىن بەزى قايىل قىلارلىق جاۋابلارغا ئېرىشەلىشىمىز مۈمكىن.بىراق مەن ئۈچۈن ئۇنىڭلىق بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە بولمايدۇ.ماڭا نىسپەتەن ئىيتقاندا، كىتاب ئوقۇش ـــ قانداقتۇر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش(ئىسراپ قىلىش)، ئىش پۇشۇق چىقىرىش ، ئۆزىنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان قوشۇمچە پائالىيەت بولماستىن ،بەلكى ھايات ئادەم ئۈچۈن خۇددى ئوكسىگېندىن نەپەسلىنىپ، ئۈچ ۋاخ تاماق يەپ تۇرغاندەكلا مۇتلەق ئىھتىياجلىق بولغان زۆرۈر بىر ئىژتىمائى جەريان.دېمەك مەن پەقەت لاياقەتلىك زاماندار ئىجاتكار بىر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيمەن؛ كىتاب ئوقۇش مېنىڭ ھاياتىم- تۇرمۇشۇم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن پەقەت ئاش-نان يەپ جان ساقلاشتىن قالسىلا ھەممىدىن مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ ئىھتىياج. كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن ئاش - ئوزۇق ،بىرخىل ياشاش شەكلى، تۇرمۇشنىڭ ئالاھىدە بىرخىل ھوزۇر ۋە لەززىتى.ئىلمىمنى موللىتىپ ئەقلىمنى بىلەيدىغان ،تەپەككۇرىمنى غىرىقلايدىغان،ئۆزۈمنى تولۇقلايدىغان ھەم كۈچەيتىدىغان، تۇرمۇشۇمنى  مول مەزمۇندارلىققا ۋە رەڭدارلىققا  ئىگە قىلىدىغان بىزەك ، ھاياتىمنى يېڭى مەنا ۋە ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان جەريان ۋە ۋاستە .كىتاب ئوقۇش مېنىڭ تەپەككۇر ۋە ئىجادىيىتىمگە خۇرۇچ ۋە ئىلھام ئاتا قىلالايدىغان زۆرۈرى ۋاستە ۋە ئالاھىدە بىرخىل ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش ئادىتىم.كىتاب مېنىڭ روھى دۇنيارىمنى زىننەتلەيدىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مېنىڭ ھاياتىم ۋە تۇرمۇشۇمنى، ھەتتا بەختىمنى كىتابسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. دېمەك مەن شۇ ۋەجىدىن كىتاب ئوقۇيمەن. شۇ مۇناسىۋەتتە، خەلقىمىزگە كىتاب ئوقۇشنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تونۇشنى،كىتاب ئوقۇشنى مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇشنىڭ «شوتىسى»شەرتى،ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىشنى،كىتابنى يىلدا ئەمەس، كۈندە، ھەرۋاقىت ئوقۇپ تۇرۇشنى، تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىشى،كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى ئۈمىت قىلىمەن.مېنىڭچە،بىلىم ئىگىلىكى شارائېتىدا كىتاب ئوقۇش ئادەم ئۈچۈن خۇددىي ئۈچ ۋاق تاماققا ئوخشاش ئادەمنىڭ مەنىۋىي ئوزۇقى.شۇڭا ھەرقانداق برى ئەقىللىك كىشى ئۆزىنىڭ ئىشتاھاسى،تاۋىۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزىگە ھەقىقي «ئوزۇق» بولالايدىغان،ئۆزىنى كۈچەيتىش-تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالايدغىان كېرىكەكلىك نادىر ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تاللاپ تېپىپ ئوقۇش تولىمۇ زۆرۈر.كىتاب ئوقۇغاندا، ھەركىم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى،تەتقىقات يۆلىنىشى،كىشىلىك ھاياتتىكى تەرەققىيات نىشانى،كەسپى ۋە خىزمېتىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن،قاراتمىلىقى بولغان ھالدا،پىلانلىق،نىشانلىق ھالدا ئىسىل كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇش كېرەك.لىكىن قىزىقىشىنىڭ نېمە،كەسپىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئىسىل پەلسەپەۋىي ئەسەر،ئاساسى نەزەرىيە ،ئاساسى بىلىم خاراكتىرلىك نادىر تەبىئىي پەن كىتابلىرى،جۈملىدىنى (تەبىئىي)پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرىنى تاللاپ ئوقۇشنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
5 t$ ~  c  m( {( d1 {& w' s8 K    تارخ بېتىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا شۇنى بايقايمىزكى پۇرۇلىتارىيات ئىنقىلابىنىڭ پىشىۋاسى كارل ماركىسنىڭمۇ ئىنتايىن ئىلىمخۇمار-كىتابخۇمار ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ماركىسنىڭ «كامپارتىيە خىتاپنامىسى»،«كاپىتال»دېگەن ئىككى ئەسىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن.بۇ،بۇتكۈل جاھان ئەھلى ئورتاق ئىتتىراپ قىلىدىغان مۇنازىرىسىز ھەقىقەت.ۋاھالانكى،ماركىسنىڭ تارىخىنىمۇ كىتاب ئۆزگەرتكەن؛ماركىس ئەسلىدە ،ئەمەلىيەتچىل پائالىيەتچان ئادەم بولۇپ،ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە كونكىرىتنى ئىشچىلار ھەركېتىگە قاتناشقان،لىكىن ئۆزى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلى-ۋەسلى ۋە ماھىيىتىدىن ئاڭقىرالماي گاڭگىراپ قالغان ئەھۋالدا، پۇرلىراتىيات ئىشچىلىرىنىڭ ھەركېتىگە ياخشى قۇماندانلىق قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئاقىلانىلىك بىلەن ھىس قىلغان ۋە ئۇ ئىنقىلابنىڭ كونكىرىتنى پائالىيىتىدىن چىكىنىپ مەخسۇس نەزەرىيەۋىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، كىتابخانىغا قايتىپ كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن،40يىل ھىچ ئىش قىلماي يۈرەك قېنىنى سەرىپ ئېتىپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇش ۋە ئىجاتكارلىق بىلەن ئۈنۈملىك تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق«كاپىتال»نى يېزىپ چىققان.«كاپىتال»ھازىرغىچە70نەچچەخىل تىلدا مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان.دېمەك كىتاب ماركىسنى ياراتتى ۋە ئۇنى شۇبىر دەۋىرنىڭ ئاۋاگارتىغا ئايلاندۇرغان،شۇنداقلا ،ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئادەم ۋە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزغان.ئىنىقكى،ماركىس ئەينى زامانىسىدا ئوقۇغان 1500پارچە كىتاب بەلكىم ھازىرقى زاماندىكى15مىڭ پارچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كىتابنىڭ خۇرچى ۋە ماتىريال مەنبەسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.# Y5 ^& _5 [4 c, mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       نۇرغۇن كىشى داھى ماۋ زېدوڭنىڭ ئىلىم ئىستىداتىغا تولىمۇ ھەۋەس-ھەيرەتتە قارايدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ بىلىم-پاراسېتى كىتاب ئوقۇشتىن كەلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.ماۋزېدوڭنىڭ«ئۇزاققا سۇزۇلغان ئۇرۇش»،«زىددىيەت توغرىسىدا»،«ئەمەلىيەت توغرىسىدا»ناملىق ئۈچ چوڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى ئۇنىڭ يەنئەندىكى  ئەڭ جاپالىق ۋە قېيىنچىلىق ۋاقىتتا ئۆڭكۈر ئىچى،تاغ جىلغىلىرىدىكى مۈشكۈل شارائىتتىمۇ قىلچە بوشاشماستىن، قىتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇپ ،ئەستائىدىللىق بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىشىدىن كەلگەن. دېمىسىمۇ ماۋزېدوڭ ھەقىقەتەن ئىلىمخۇمار كىشى بولۇپ،ئۇنىڭ كىشىىك ھاياتتىكى ئەڭ زور خوشاللىقىدىن بىرى كىتاب ئوقۇش ئىدى؛ ماۋزېدوڭ ماركىسىزم-لېنىزىم ئەسەرلىرىنى،تارىخ،پەلسەپە،سىياسى-نەزەرەيە،ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇشقا ئامىراق بولۇپلا قالماي، ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ،پارچە-پۇرات،يۈزەكى ئوقۇشتىن كۆرە، سىستېمىلىق،چوڭقۇرلاپ –تەتقىق قىلىش خاراكتىرلىك كىتاب ئوقۇشنى،شۇئارقىلىق سىستېمىلىق بىلىم ئىستىدات يىتىلدۈرۈشنى ۋە كىتاب ئوقۇشنى نەزەرىيەۋىي تەتقىقات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى.ماۋزېدوڭ نەزەرىيەۋىي ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنقىلاپ غەلبىسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ئۇ يەنە پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى كىتاب ئوقۇشقا ۋە نەزەرىيەۋىي تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.ئۇ1940-يىلىدىكى يەن ئەندە ئىچىلغان يېڭى پەلسەپە ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا تەكىتلەپ«جۇڭگو ئىنقىلابىغا نەچچە يىللار بولدى،لىكىن نەزەرىيە تەتقىقات پائالىيىتى يەنىلا ئىنتايىن قالاق ۋە ئارقىدا قالدى،بۇ بىزدىكى بىرزور ئەپسۇسلىنارلىق ئىش»،دەپ كۆرسەتكەن. سۆيۈملىك باش مېنىستىر( زوڭلى) جۇئېنلەي «كىتاب ئوقۇپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى!»دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.1938-يىلى ماۋزېدوڭ يەنە«پارتىيە ئىچىدە بىر ئىككى يۈز نەپەر ماركىسىزمنى پارچە-پۇرات، ئەمەس سىستېمىلىق  ؛ قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئەمەس، ئەمەلىي ئوقۇغان يولداش بولىشى كېرەك،دەپ تەكىتلىگەن بولسا؛1949-يىلى ئۇ يەنە12پارچە ماركىسىزم ئەسىرىنى تەۋسىيە قىلىپ،«پارتىيە ئىچىدە ئۈچ مىڭ كىشى بۇ 12پارچە كىتابنى تولۇق ئوقۇيدىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!»دەپ كۆرسەتكەن؛1963-يىلى ئۇ يەنە30پارچە نادىر ماركىسىزملىق ئەسەرنى تەۋسىيە قىلىپ،ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى نەچچە ئونمىڭ ئادەمنىڭ بۇ كىتابلارنى ئوقۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«ناۋادا 200نەپەر كادىر ماركىسىزم-لېنىزىمنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟!» [17]دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.6 {  O- Q& [( v; Y7 H5 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماۋ زېدوڭ خانىدانلىقلار(سۇلالىلەر)تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا ئامىراق بەكمۇ ھىرىسمەن ئىدى.ئۇ مۇنداق دەيدۇ«تارىخ ئوقۇش ئەقىلنى بىلەيدىغان ئىش»،«پەقەت تارىخ سۆزلىگەندىلا ئاندىن كىشىلەرنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ»،«تارىخنى ئوقۇغانلىق مۇتەئەسسىپلىك ئەمەس»،«ماركىسىزمچىلار تارىخ ئوقۇشقا  ماھىر بولىشى كېرەك،«بۈگۈنكى جۇڭگو ئەمىلىيەتتە، تارىختىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات جەريانىدىن ئىبارەت.بۇ تارىخ بىلەن ئۇچراشمىغان ۋە ئۇنى تونىمىغانلارنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشەنەلىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ماۋزېدوڭ پەلسەپە ، نەزەرىيەۋىي كىتابلارغا ۋە ماركىسىزم كىلاسسىكلىرىغا بەكمۇ ئامىراق بولۇپ ،بۇخىلدىكى كىتابلارنى ئىنتايىن قېزىقىپ ئوقۇشتىن باشقا، يەنە كوڭزى،مېڭزى ،لاۋزى،سوقرات،ئەپلاتون،كانت،ھىگىل قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا ئامىراق ئىدى.ماۋزېدوڭ پەلسەپىۋىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولىشىدىكى سەۋەبى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭچە: بىرىنچى، پەلسەپە دۇنياقاراش ۋە مېتودىكەغا تەۋە بولۇپ،پەلسەپە ئادەمنىڭ روھى ۋە ئىدىيەۋىي قارىشىنى تۇرغۇزۇش ھەم يىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى؛ئىككىنچىدىن، پەلسەپە ماركىسىزمنىڭ نەزەرىيەۋىي ئاساسى ئىدى؛ئۈچۈنچىدىن پەلسەپە دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش،تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۈرلىق مەسىلىلەرنى ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىشنىڭ«ئىدىيەۋىي قورالى»؛تۆتىنچى ماۋ زېدوڭ نىڭ ھەممە ئىشنىڭ مەنبەسى سۈرۈشتۈرىشكە ئامىراقلىقى ۋە تېگى-تەكتىگە يەتمىگۈچى بولدى قىلمايدىغان مىجەز خاراكتىرى،ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا لوگىيكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا،ھەممىنىڭ ئاخىرقى جاۋابىنى پەلسەپەدىن ئىشدەشكە ئىزدىشىگە ئىلھاملاندۇرغانلىقتىن بولسا كېرەك، كىچىكىدىن باشلاپلا پەلسەپەنى ياخشى كۆرىشىگە سەۋەپ بولغان.شۇ سەۋەپلىك،ئۇنى كېيىنكى كۈنلەردە جۇڭگونىڭ دۇنياغا مەشھۇر سىياسى پەيلاسوپى ۋە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرغا ئايلاندۇرغان.ۋاھالەنكى،پەلسەپەۋىي كىتابلارنى ئوقۇش ماۋزېدوڭنىڭ خۇسۇسىي قىزىقىشى بولۇپلا قالماستىن،تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ نەزەرىيەۋىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى،ئەلۋەتتە.ماۋزېدوڭ تەكىتلەپ«ماركىسنىڭ‹كاپىتال›نى لېنىننىڭ‹ئىمپېئالىزم نەزەرىيەسى›يازالىدى؟ دەل ئۇلار  پەيلاسوپ بولغانلىقى ،پەيلاسوپلارچە كاللىسى بار،دېئالىكتىكىدىن ئىبارەت قورالغا ئىگە بولغان ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ ئەسەرلەرنى يازالىغان»دەپ كۆرسەتكەن.
: [5 v/ p  j6 A. J' Fماۋزېدوڭ ئەڭ كۆپ ۋە يىنىش-يىنىشلاپ ئوقۇغان كىتاب«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»بولۇپ،بۇنداق كىلاسسىك تارىخىي رۇمانلارنى ئوقۇشنى تۇرمۇشتىن بىرخىل ھوزۇر ۋە لەززەت ئېلىشلا بولۇپلا قالماي،ئادەمنىڭ ئەقلىنى بىلەپ تەپەككۇر بۈركۈتىنى قاناتلاندۇرىدىغان دېۋگاتىل دەپ قارايتتى.ئۇ تەپەككۇر ئارقىلىق ماركىسىزمنى يېڭى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇغلق تەدبىقلىيالىغان.ماۋزېدوڭماركسىزم كىلاسسىكلىرىنى ئوقۇشتا ،كاركىسنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرە لېنىننىڭ ئەسەرلىنى بەكرەك ياقتۇراتتى؛1958-يىلىدىكى پارتىيەنىڭ8-نۆۋەتلىك ئىككىنچى قىتىملىق يېغىنىدا ناھايىتى ئېنىق قېلىپ:«لېنىن قىلغان  نۇرغۇن سۆز ۋە ھەركەتلىرى ماركىسنىڭ دېگەنلىرى ۋە قىلغانلىرىدىن ئېشىپ كەتتى،ماركىس ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدەك ئەمەلىيەت بىلەن مەشخۇل بولمىغان،لېنىن قىلىپ باقتى.»دەپ كۆرسەتكەن.
* b  C! G% P, pخەۋەر قىلنىشچە،سىڭگاپورنىڭ سابىق باش مىنىستېرى لى گاڭياۋ ئاۋام تۇرمۇشىنى كۆزدىن كۆچۈرۋىتىپ،بىر قىسىم پۇخرالارنىڭ ئائىلىسىدە كىتاب يوقلىقىنى كۆرۈپ چىرايى تۇتۇلغان ھالدا،بارلىق پۇخرالارنىڭ كىتاب ساقلاش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولۇشنى، ئائىلىسىدە كىتاب ساقلايدىغان جاي بولۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ بىر چاقىرىققا پۈتۈن سىڭگاپور خەلقى پائال ئاۋاز قوشقان.بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا خەلقى سىنگاپورلۇقلارنىڭ پاراسەتلىك ، مەدەنىيلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى مەدەنىيەتلىك خەلق دەپ تەرىپلىشىگە سەۋەپ بولغاندۇر.كىشىلەر يەنە ۋېنجۇلۇقلارنى سودىغا ماھىر ،ئەقىللىك دەپ ئاتايدۇ.بىراق،نۇرغۇن كىشى ھەربىر ۋېنجۇلۇقنىڭ ئۆىدە بىردىن كىتاب ئىشكابى،300پارچىدىن ئارتۇق كىتابى بارلىقىنى،ھەربىر ئائىلىنىڭ 2-3دىن گېزىر-ژورنالغا مۇشتېرى بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.مانابۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ«كتاب ئىشكابى قۇرۇلۇشى»نى چىڭ تۇتۇپ،پۈتۈن شەھەر ئائىلىسىنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلغانلىقىدىن قولغا كەلگەندۇر.
* V* Z; r' O) c) `ھازىرقى مەسىلە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئىشىغا دۆلەت قاتلىمىدىن بارغانسىرى تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،كىتابچىلىق ۋە كۈتۈپخانا .قىرائەتخانا ،كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى،ھەتتا دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشلىرىغىچە بولغان رەھبەرلىك ، سىلىنما ۋە قوللاش سالمىغىنى بارغانسىرى زورايتماقتا.كىتاب ئوقۇش ھەپتىلىگى،كىتاب ئوقۇش بايرىمى،كىتاب ئوقۇش كۈنى،كتاب ئوقۇش ئېيى،كىتاب ئوقۇش يىلى،پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مەقسەت بىرلا بولۇپ،پۈتكۈل دۆلەت ئاھالىسى ۋە ئومۇمى پۇخرانىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى ۋە كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئاھالىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز شىنجاڭلىقلارمۇ پۈتۈن مەملىكەن خەلقى بىلەن ماس قەدەملىك ئىلگىرلەپ،شىنجاڭلىقلارنىڭ«جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئەقلىي مەدەت ۋە ئىلىم-پەن كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئومۇمى خەلق «كىتاب ئوقۇش ئىنقىلابى»قوزغاپ،كىتاب ساقلاش،كىتاب ئوقۇش،بىلىملىك بولۇش شەرەپ، كىتاب ئوقۇماسلىق،بىلىمسىزلىك نومۇس دەيدىغان قويۇق كىتاب ئوقۇش ۋە كۈچلۈك ئىلىم –پەن كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن...
1 L8 K) D: j4 zشۇنى بىلىشىمىز كېرەككى،«بىر ئادەمنىڭ مەنىۋىي تەربىيەلىنىش ۋە ئىنسانىي كامىللىق بويىچە تاۋلىنىش تارىخى دەل شۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخىدۇر.بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي پەللىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش پوزىتسىيەسى ۋە كىتاب ئوقۇش سەۋىيەسى تەرىپىن بەلگۈلىنىدۇ.بىر جەمئىيەتنىڭ ئىلغارلىقى،ئالغا باسقان ۋە ياكى قالاقلىقى شۇ جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنىڭ قانچىلىك يىلتىز تارقانلىقىغا باغلىق.بىر دۆلەت ۋە مىللەتتە كىملەرنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقى،قانداق كىتابلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى شۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيدۇ.»بۇنىڭدىن مەلۇمكى،كىتاب ئوقۇش پەيلاسوپ ،ئالىم بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بىر ياراملىق:لاياقەتلىك  زاماندار ئىختىراۋىي ئادەم بولۇش ئۈچۈندۇر.مەكتەپتە ئوقۇش كەلگۈسىدە بىر ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش ۋە بىر ياخشى ئالتۇرن «كۇرس»قا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،بىر لاياقەتلىك ،ئىجاتكار ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن دەيدىغان،ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىدىغان ئالى ئىستەك ۋە دائىملىق تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.ھەرقانچە ئالدىراش ۋە كەمبەغەل بولساقمۇ،چوقۇم كىتابقا ئازراق مەپلەغ سالايلى!ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇيلى،ئۆيۈمىز ھەرقانچە كېچىك ۋە تار بولسىمۇ كىتاب قويۇدىغان ئورۇن ۋە كىتاب ئىشكابى بولسۇن.ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بولسىمۇ كىتاب ئوقۇيلى!
1 y8 R: G+ d& l% xمېنىڭچە بىر ياخشى كىتاب ئوقۇرمەنگە بىرخىل روھ، بىرخىل تەپەككۇر  مېتودى،بىرخىل يېڭى ئىدىيە ،بىريېڭى قاراش ، بىر يېڭى ئىلھام، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان بىرخىل كۈچ-مادار  ۋە جاسارەت ئاتا قىلىلالىشى كېرەك.لىكىن،جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئىقتىدار ۋە فونكىسىيەنى ئۆتىيەلەيدىغان نادىر كىتابلار زادى قانچىلىق؟ بىز زادى قانداق كىتابلارنى ئوقۇشۇمىز كېرەك؟ رېئاللىق زادى قانداق كىتابلارغا تەقەززا بولماقتا؟ كىتاب بازارلىرىمىزنىڭ  ئەھۋالى قانداق؟ بۇ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ ۋىجدان ۋە ئەقلىمىز بىلەن ئويلاپ كۆرۈشىمىزگە تىگىشلىك، ئەلۋەتتە. بۇ ھەقتە ،«ئۆگىنىش ئىنقىلابى» دېگەن كىتابتا،ئايدا 3-4كىتاب ئوقۇش مەسىلسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.مەن بولسام ،نورمال ئەھۋالدا ھەپتىسىگە 3-4كىتاب ئوقۇيمەن،ھەقىقتەن ئىسىل ۋە ۋە مېنىڭ ئىلىم تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ ، ئەقلىمنى بىلەپ،يۈرەك تارىمنى چىكەلىگۈدەك، تەپەككۇرۇمنى قاناتلاندۇرالىغۇدەك، ئىجادىيىتىمىگە ئىلھام ۋە خۇرۇچ بولالىغۇدەك  ئېسىل كىتابتىن بىرەرنى ئۇچۇرىتىپ قالسام،بىر سوتكىدا بەك ئالدىراش چاغلىرىمدا بولسا ئىككى سوتكىدا تەل-تەكۈس ئوقۇپ، ئۆزەمچە قىممىتى بار مۇھىم ۋە يېڭىلىق دەپ قارىغان قۇرلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ،قاتلاپ ،يان بىلىدىكى بىكار يەرلەرگە دەسلەپكى  قىسقا تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىمنى يېزىپ تاماملاپ بولالايمەن.زۇلپىقار بارات ئۆزباش «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»ناملىق كىتابىنىڭ «كىتاب ئوقۇش سەنئېتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»دېگەن باپبدا مەخسۇس توختىلىپتۇ.كىتاب ھەققىدە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىمدىن سۆيۈندىم؛«ئۆزەم سېتىۋالغان كىتابلارنىڭ ئاستىغا سېزىپ مېڭىش؛ئەخلەت كىتابلارنى ئوقۇماسلىق؛ئىلمىي كىتابلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇش ؛نادىر كىتابلارنى يىنىش-يىنىشلاپ ئوقۇش؛تەرجىمە كىتابلار بولسا ئەسلى (تىل)نۇسقىسىدىكىنى ئىزدەپ تېپىپ نەچچەخىل تىلدىكىسىنى سىلىشتۇرۇپ ئوقۇش؛كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىپ مېڭىش كېرەك؛ فرانكىلىن مۇنداق دەيدۇ:كىتاب ئوقۇشتا ئوقۇغان كىتابلارنىڭ سانى ئەمەس بەلكى ئوقۇغان كىتابنىڭ ئادەمنى قانچىلىك تەپەككۇر چوڭقۇرلىققا بايشلىيالايدىغانلىقىغا قارىلىدۇ.ئەقىللىق كىتابقا ھىرىسمەن ئادەملەر چوقۇم كىتابنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك؛ بىلىم بىلەن تويۇنغان، ئەقىل بىلەن پاتلانغان ئىسىل كىتاب ئادەم ئەقلى بىلەن تەپەككۇرىنى قاناتلاندسا، ئەقىل-پاراسەت، ئېتىقاد  ۋە ئەخلاقتىن يىراق قۇرۇق گەپ تىزمىرى - سۆز ئويۇنلىرى بىلەن بىزەلگەن ئەخلەت كىتابلار گەرچە كىشىگە ئازراق ھوزۇر ۋە ھېس-ھاياجان ئاتا قىلالىسىمۇ ھەرگىز ئەقلنى بىلەپ تەپەككۇرىنى ئاچالمايدۇ.شۇڭا بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشتىن كۆرە تىنچ تەپەككۇر قىلغان ياكى يىتىپ ئۇخلىغان ئەۋزەل.پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن دىكى نادىر كىتابلارنى كۆپلەپ ئپوقۇش؛كىتاب ئوقۇغاندا چوقۇم تەپەككۇرلۇق ئوقۇش كېرەك(كىتاب ئوقۇپ تەپەككۇر قىلماسلىق تاماق يەپ ھىزىم قىلمىغانغا باراۋەر)؛ نەزەرىيە مەھكۇملىقى ۋە مەبۇتلۇق ئىدىيەسىدىن مۇستەسنا ھالدا كىتاب ئوقۇش،ھەرقانداق ئاپتورنىڭ كىتابىنى تەنقىدى نەزەر بىلەن ئوقۇش؛كىتاب ئوقۇشتىن قانداق ھوزۇر ئېلىش،كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى ئىسلاھ قىلىش...»قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇرغۇن قاراشلىرىمىزدا ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنمىز. بۇ يەردى سەھىپە  ھەم ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن،ئۇنىڭ بارلىق پىكىرلىرىنى بىربىرلەپ تەكىتلەپ«قوش ئەستەر»قىلىپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم. شۇڭا،كۆپچىلىكنىڭ ئەسلى ئەسەرنى بىر قىتىم ئوقۇپ مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەپسە تەۋرىمەس ئەبگا ئىلىمدارلارمۇ ۋىجدانىنى قىتلاندۇرۇپ، ئۆزلۈك مەبۇتلىرىنى چىقىپ،ئۆزلۈكنىڭ مەنىۋىي كېشەن ۋە بويۇن تۇرۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ،ئىدىيەۋىي چىچىلاڭغۇلۇقلار تۈگۈتىپ،دىل بىرلىكى ۋە ئىدىيەۋىي ئۆمۈلكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئەل-ئاۋام ئالدىدىى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشلىرى؛ پۈتكۈل مىللەتتە،ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئېڭى تۇرغۇزۇپ« بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، كىتاب ئوقۇش ،ئىجاتچان تەپەككۇر ۋە پاراسەتلىك ئەمگەك گۈزەل كەلگۈسىمىزنى يارىتدۇ»دەيدىغان زاماندار ئۇلۇغ روھنى يىتىلدۈرۈپ، بىر مەيدان «كىتاب ئوقۇش ئىنقىلابى»،«ئۆگىنىش ئىنقىلابى»ۋە تېخىمۇ زور ۋە كەڭ مەنەدىكى چىن ۋە ھەقىقىي«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»(زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىش،قويۇق ئىلمىي مەدەنىي كەيپىيات ۋە كىلىمات ھاسىل قىلىش،ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ھەركېتى دېمەكچى)قوزغاش كېرەك.بۇنى ھەربىر ئادەم ئۆزىمىزدىن،ئۆز ئەتراپىمىزدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ،ئەمەلىي ھەركېتىمىزگە ئايلاندۇرۇش لازىم دەپ قارايمەن.   
/ p) k# Y  w3 L& K9 D1 ^. i" L9 k8 n# w$ d# ?( {: f7 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ماقالە  ئىنتاھىن  ياخشى  چىقىپتۇ  ئاستىغا  سىرىپ   ئەكىلىپ   بولغىچىمۇ   بىر  مىنۇتتەك  كەتتى،  ماقالە  قانچە  كۆپ بولغانسىرى  كىشىنىڭ  ۋاقتىنىڭ  ئېلىش   بىلەن  بىللە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى  ئېلەشتۈرۈپ ھېچكىم  ئوقۇمايدۇ،شۇڭىلاشقا  ماقالە  قانچە  قىسقا  ھەم  ئىخچام  بولسا  باشقىلارنىڭ  بىر  ئوقۇپ  باققۇسى  كىلىدۇ.

باھا سۆز

ماقالە ناھايىتى ئەتىراپلىق يېزىلغان ، ماقالىنى ئەستايىدىل ، تولۇق ئوقۇغان ئادەملا ، ئاندىن ماقالىنىڭ مەزمۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-13 17:11
بەك  بولمىسا  ھەر  بىر   بەتنى  بىر قىلىپ   يوللىسىڭىزمۇ  بولى

باھا سۆز

ماقالىنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئوچۈن ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يوللاپ قۇيدۇم . مەن مۇشۇنداق ياخشى يېزالغان ماقالىلە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-13 17:15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-13 17:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bosat يوللىغان ۋاقتى  2015-12-13 16:02
! X6 K3 ], s7 u" H* i9 |ماقالە  ئىنتاھىن  ياخشى  چىقىپتۇ  ئاستىغا  سىرىپ   ئەكىل ...
- E  {' E: W4 v$ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماقالە ناھايىتى ئەتىراپلىق يېزىلغان ، ماقالىنى ئەستايىدىل ، تولۇق ئوقۇغان ئادەملا ، ئاندىن ماقالىنىڭ  مەزمۇنىنى ، مەركىزى ئىدىيىسىنى ياخشى چۈشىنەلەيدۇ . . \5 ]- X, h1 ~8 e& E) Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ ‹‹ ماقالە  قانچە  كۆپ بولغانسىرى  كىشىنىڭ  ۋاقتىنىڭ  ئېلىش   بىلەن  بىللە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى  ئېلەشتۈرۈپ ھېچكىم  ئوقۇمايدۇ ›› دىگەن سۆزىڭىزلا سىزنىڭ ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچان ئەمەسلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ .5 `. I* M) R6 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىلىم ئىگىللەش بىزدىن تېرىشچانلىق ، ئەستايىدىللىق ، سەۋرچانلىق ۋە ئىرادىلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . 4 \* M; q  J. B: }! p7 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرەر ئەسەرگە باھا بېرىشتە شۇ ئەسەرنى چۈشىنىپ ، تولۇق ئوقۇغان ئادەملا ياخشى باھا بېرەلەيدۇ . 6 {; j  V  d! i, Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( U1 ?' |5 Q0 B2 X

باھا سۆز

سىزنىڭ دىەگىنىڭىز توغرا مەن ماقالىنى ناچاركەن دىمىدىم بەلكى،سېغىمىنى ئازدىنراق قىلىپ يوللىسىڭىز دىمە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-13 17:50
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-13 17:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bosat يوللىغان ۋاقتى  2015-12-13 16:06
8 m- ?& j2 R& v+ Cبەك  بولمىسا  ھەر  بىر   بەتنى  بىر قىلىپ   يوللىسىڭىزمۇ   ...
9 h2 z" t- X7 s' nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ]' x4 U: J4 \5 g8 e6 y5 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماقالىنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئوچۈن ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يوللاپ قۇيدۇم . . h* B5 {5 c3 ], @+ ?' }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن مۇشۇنداق ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرنى تولۇق يىغىپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەۋاتىمەن ، پات ئارىدا بۇ ئېلكىتابنىمۇ ‹‹ روھلان ›› تورىغا يوللايمەن .
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-13 17:119 u: ]6 p% M1 p3 A* J9 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماقالە ناھايىتى ئەتىراپلىق يېزىلغان ، ماقالىنى ئەستا ...

/ @- v. q( w0 O* x* s' Yسىزنىڭ  دىەگىنىڭىز  توغرا  مەن  ماقالىنى  ناچاركەن  دىمىدىم  بەلكى،سېغىمىنى  ئازدىنراق  قىلىپ  يوللىسىڭىز  دىمەكچى., p6 K" e5 z" i) i! ?8 a/ K3 }1 B3 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر ماقالىنى يېزىش  ئاسان ئەمەس  بولغىنىدەك ئوقۇشمۇ  ھەم  تېخىمۇ  قىيىن  ،  چۈنكى  يازغان ئادەم  شۇنىلا  يازىدۇ،ئەمما  ئوقۇغان ئادەم   ھەل  خىل  خىياللارنى  ئويلاپ  ئاپتۇرنىڭ  ھىسياتىنى  مىڭىسىگە  سىڭدۈرۈپ  ئوقۇشى.   كىرەك.
& N# X" Z5 o: S6 [- l9 Pمەسىلەن :مەن  بىر  ماقالە  يازدىم  ئاددىلا  قىلىپ(مىنىڭ  قورسىقىم  ئاچتى  دەپلا)   بىز  بۇنى  ئوقۇغاندا،  بىزنىڭ قورساق ئاچسا  قانداق  ھىسىياتقا كىلىمىز؟.........
+ |% h+ l( K" A4 @6 Tئاددىسى  دۇنيادا  نىمە  كۆپ  بولۇپ  كەتسە   شۇنىڭ  قىدىر  قىممىتى  قالمايدۇ،خۇددى  ئالتۇننى   ئوغۇرلاپ   توپىغا  تەرەت   قىلغانغا   ئوخشاش ...
, E# z; x. M+ ]' ^5 o0 a2 ^) u
5 y4 Y, |2 t( k. M' s4 z8 X) C2 S
يەنە   بىرى  بۇنىڭدا  يەھۇدىيلارنىڭ  گىپىنى  كۆرگەندەك  قىلدىم،بەلكىم  سىز  ئۇلار  ئالغان  نوبىل  مۇكاپاتى  ۋە  كىتااپخۇمارلىكىنى  دىمەكچى   بولسىڭىز كىرەك. ئۇلار  نىمىشقا  توختىماي  كىتاب  ئوقۇيدۇ  چۈنكى  ئۇلار  شۇنىڭغا  ئىھتىياجلىق
ۋاقتى: 2015-12-14 13:21:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەمما، تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيىتقىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت مېنىڭ كۆز قارىشىم.
ۋاقتى: 2015-12-14 18:11:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ماقالە ياخشى يىزىلغان،ئەمما ھەر خىل قاراشتىكى ئادەملەرنىڭ كۆز قارشى ئوخشاش ئەمەس.
ۋاقتى: 2015-12-23 09:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،مېنىڭچە بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە كىتاپنى كۆپ ئوقۇش مەسىلىسى ئەمەس،چۇشنىپ ئوقۇش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم،‹‹مېنىڭچە بىر ياخشى كىتاب ئوقۇرمەنگە بىرخىل روھ، بىرخىل تەپەككۇر  مېتودى،بىرخىل يېڭى ئىدىيە ،بىريېڭى قاراش ، بىر يېڭى ئىلھام، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان بىرخىل كۈچ-مادار  ۋە جاسارەت ئاتا قىلىلالىشى كېرەك.››
$ `- ~* ~  ~  H$ I% z0 {# l كىتاپ ئوقۇش ھەقىقەتەن روھىي ئوزۇق.سىزگە ئاپرىن جاپا چەكتىڭىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش