روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3058|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىتاب ۋە بىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىتاب-ئەقىل گۈلىنىڭ ياپرىقى، ياپراق گۈل-گىياھلارنىڭ زىننىتىدۇر. زىننىتى بولمىغان گىياھنىڭ نە ئۇز ھۆسىن-جامالى بولسۇن؟ ئەقىل كۆچىتىنىڭ ياپراقلىرى بولمىش كىتاب ئۆزىدىن بىخلىنىپ چىققان نوتىلار ئىچىدە زىننەت بولسا، ئۇ ئاشۇ زىننەتلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ، پەسىلسىز ياشىرىپ، كىشىلەرگە باھارنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. ھەر نەرسە باھاردا ياشىرىدۇ، باھاردا جان تاپىدۇ، باھاردا قۇۋۋەتلىنىدۇ…1 \7 ~' K2 ]! O) o4 D$ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب- تەسەۋۋۇرنىڭ مېۋىسى. خۇددىي باغۋەن قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەمگىكى بەدىلىگە مېۋىلىك باغ بەرپا قىلغاندەك، بىزگە بىلىم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئالىم، ئۇستازلارنىڭ ئەقىل مېۋىسى كىتاب ئارقىلىق سۇنۇلدى. بۇ تەملىك مېۋىگە ئېغىز تېگىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلالىغانلار بارا-بارا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى باشقىچە بىر گۈزەل دۇنياغا ئايلاندۇردى. شۇ ئارقىلىق بۇ ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى، چىن ماھىيىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل تۇيۇلدى…
! K; _9 ]- U, f& s( h2 \كىتاب-روھنىڭ يىلتىزى. يىلتىزى بەردەم بولغان كۆچەتنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولىدۇ، بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى زور بولىدۇ. كى گىياھنىڭ يىلتىزىسىز قايسى ھالدا بولۇر؟ قاقشال، قۇرىغان ياپراقلىرى ئۈمىدسىزلىك ئاتا قىلسا، يىلتىزى قۇرىغان ھەر نەرسىدىن ئۈمىد كۈتمەكلىك ئەخمەقلىك ئېرۇر.شۇڭا، كىتاب ئەقىل بېغىنىڭ گۈلىستانىنى باراقسان قىلىدىغان قۇرىماس يىلتىزدۇر. ئۇنىڭدىن چىققان ھەر شاخ، ھەر گىياھ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى زىنھار يوقاتمايدۇ!; L% U6 e9 v2 d9 i/ f3 C; c5 Q" F( cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب-تەپەككۇرنىڭ ئوزۇقى. بۇ ئوزۇقتىن ئوزۇقلانغان مەنىۋىيەت قاناتلانغان تەپەككۇر بىلەن ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلغۇسى. ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ئىجاد قىلغان، شۇنداقلا تەپەككۇرى بىلەن روياپقا چىقارغان تالاي نەرسىلەرنى ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇردى. ھەمدە ئەقىلنىڭ كۈچىدىن ئاپىرىدە بولغان دۇردانىلەرنى ياغاچلارغا، تاشلارغا، تېرە-سۆڭەكلەرگە، كېيىنچە رەخت-يىپەكلەرگە، قەغەزلەرگە پۈتۈپ، ئۆز قىممىتىنى ياراتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىز ۋاراقلاۋاتقان، بىز كۆرىۋاتقان كىتاب مەيدانغا كەلدى.
; ]  B1 E. f8 Qكىتاب-تاڭ قۇياشى. تۈن پەردىسى يېپىلغان شۇ دەملەردە دۇنيانىڭ زىننىتىگە زىننەت قوشىۋاتقان ئىنسان- كىتابنى مەشئەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پارلاق بۈگۈنىنى ياراتتى! يەنە شۇ كىتاب ئارقىلىق ئەتىسىنى يارىتىۋاتىدۇ…قۇياش ئۆزىنىڭ نۇرانە خىسلىتى بىلەن تالاي جانلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. ئۈمىد چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنلەر كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدى، قىممەتلىك نەرسىلەر ئۆز قەدىرى بىلەن ئەتىۋارلىنىدۇ.قولدىن قولغا ئۆتسىمۇ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.$ v& j. T; ~# E  J; Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، تارىخ كۆزى بولۇپ كەلگەن قەھرىمان، پالۋانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىمىزنى زامان-زامانغا باغلاپ كەلگەن پۈتۈككە ئايلاندى. ئىنساننىڭ قىممىتىنى مىڭ يىلدىن، ھەتتاكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يىل ساقلاشتا كىتاب ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى.
* C5 k$ n( o* P4 \مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قولىدا كىتاب، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قولىدا كىتاب، نەۋائىنىڭ قولىدا كىتاب، بىلال نازىمىنىڭ قولىدا كىتاب… ئۇلارنىڭ يولىدىكى، قولىدىكى كىتاب ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن گۆھەر مىسالى دۇردانە، بىردانە كىتابلارنى تۇغدى!دېمەك، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزى بىر كىتاب! كىتاب ئۆز قىممىتى بىلەن كىشىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.
+ @/ t+ y! N8 T5 z6 Tكىتاب-سۈيى خورىماس بۇلاق. ئۇنىڭ چەشمىلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان زىلال سۇلىرىنىڭ ھەر تامچىسى ھەر قۇرلاردا بايان قىلىنىۋاتقان ھېكىمىتى بىلەن نادانلىق دەشت-چۆللىرىمىزنى قاندۇرغۇسى. توپا باسقان، نۇرسىز چىرايىمىزنى نۇرلاندۇرغۇسى. قالاقلىقتىن بەتبۇيلىشىپ كەتكەن مال دۇنياغا ھېرىس روھىمىزنى شۇنداقلا تېنىمىزنى پاكلاپ، جۇلالاندۇرغۇسى! ئىنسان ئۈچۈن سىرىتى زەر تونلار بىلەن پارقىراپ تۇرغىنىدىن روھى دۇنياسى، جۈملىدىن مەنىۋىيەتنىڭ پاكلىنىپ تۇرغىنى مىڭ ئەۋزەلدۇر., G5 [( I* V8 W, v2 [  Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب ئىنساننىڭ قېنى بىلەن باراۋەردۇر. تەندە قان بولمىسا روھسىز، مادارسىز، ھەتتاكى جانسىز مۇردا سۈپەت تۇرغاي. ئول كىتابنى قان مىسالى مۇھىم بىلەن ئەقىلنىڭ تېنى بەردەم بولۇپلا قالماي، بەلكى تەننىڭ قۇۋۋىتى زىيادە بولغاي!« چىرايىنىڭ قېنى يوق »دەپ ئېيتىلغان ئىبارىلەردەك روھنىڭ قېنى يوق ياشىماق ئىنسان ئۈچۈن نومۇسلۇق ئىشتۇر!ئۆزۈڭ گاداي بولساڭمۇ، روھىڭ باي بولسا تالاي بايدىن بايسەن…
( T6 p3 N( Y0 h# q+ Aكىتاب قىممىتىمىزنى ئەسىرلەردىن-ئەسىرلەرگە ساقلاپ قالالايدىغان ئەڭ بىخەتەر گۆھەر ساندۇق. كىتاب ھەممىمىزنى ئەقىل دۇنياسىغا باغلاپ تۇرىدىغان ئالتۇن ئارغامچا. كىتاب كۆزىمىزنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، دىلىمىزنى نۇرلاندۇرىدىغان ئۆچمەس چىراغ!0 d' ^4 s" W* v* x1 k. Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاياتنى مەڭگۈ خورىماس مېۋىلىك باغ قىلاي دېسەك، ئۇنىڭ يىلتىزى كىتاب بولسۇن، چۈنكى ئۇ مەنىۋىيتىمىزنى گۈزەل باغقا ئايلاندۇرىدۇ. مەنىۋىيەت بېغىمىزنى پەرۋىشلەيلى دېسەك، كىتابنى باغۋەن قىلايلى!بۇ باغۋەن بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەرۋىشكاردۇر. چۈنكى ئۇ مىننەتسىز ئەجىر قىلغۇچىدۇر.
/ E6 N# Y- X# G, j: N; jشۇ باغنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىمۇ كىتاب، ئۆكسىمەس ئەلۋەك سۈيىمۇ كىتاب، خورىماس نۇرىمۇ كىتاب! كىتاب-ھاياتلىق ئالىمىنى چىن مەنىسىدە گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى قىلىدۇ. بۇ گۈزەللىك بىلەن جاھان نۇرلىنىدۇ، بۇ تەشنالىقنى كىتابقاندۇرىدۇ، كىتاب باغلاردىن، تاغلاردىن يول ئاچىدۇ. ھاڭلارغا، دەريالارغا كۆۋرۈك سالىدۇ. بۇزۇلماس كۆۋرۈك، يىقىلماس تۈۋرۈك-كىتابتۇر، كىتاب! كىتاب – مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق، كىتاب-نۇرى ئەبەدىي ئۆچمەس چىراغ. كىتابئۆزىنىڭ قۇياشتەك ئىللىق نۇرى بىلەن قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ، ئاجىز كۆزلەرنى نۇرلۇق قىلسا، تەنگە شىپا زىلال سۈيى بىلەن نىمجانلارغا  جان ئاتا قىلىدۇ، تىلى ئاجىزلارغا تىل بېرىدۇ. شۇڭا، كىتابنى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىمىزگە ئەبەدىي ھەمراھ قىلايلى!…" |0 `0 h1 w  d0 S8 |; d8 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇزۇلماس كۆۋرۈك، يىقىلماس تۈۋرۈك -كىتاب!
$ F% @9 k+ ]6 R/ v: x
* i3 t' P* n' y% _& \ئاپتورى :قەلەندەر* {: o0 g) ~- Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) h- a5 v0 B+ [8 R: ^; S8 jمەنبە  :  ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-4-7 10:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يىزىلىپتۇ رەھمەت
3 ~: s, f  B! y! R' x' Z" `
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-4-7 18:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنىڭ قىممىتى ، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ياخشى گەۋدىلەنگەن ئېسىل يازما بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش