روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1608|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياشلىق ھېسلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 20:12  

ياشلىق ھېسلىرى

ئۆگىنىش ، تېرىشىش مەڭگۈلۈك تېما ،
تېرىشقىن ، بىلىم ئال ياشلىق چىغىڭدا .
نادانلىق ، ھورۇنلۇق نۇمۇستۇر دوستۇم ،
ئولۇڭنى پىشىقلا كىچىك ۋاقتىڭدا .

زېرىكىش ئىچىدە ئۆتمىسۇن ئۆمرۈڭ ،
ئىشتىياق باغلىغىن ھۆنەر – ئىلىمگە .
تىنىمسىز قىل ئەجىر ، ئاقنانچى بولما ،
قول قوشلاپ تۇرمىغىن تەييار نېمەتكە .

ياشلىقىڭ ئۆتەر تېز كېتەر كەلمەسكە ،
پۇرسەت بىل ، قەدىرلە ئالتۇن چىغىڭنى .
گۈل ياشلىق ئۆمرۈڭنىڭ پەيتىنى چىڭ تۇت ،
غېرىبلىق باسمىسۇن ئۆمۈر بېغىڭنى .

‹‹ ۋاقىت يوق ›› دېگەن سۆز باھانە سۆزدۇر ،
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تاپقىن ۋاقتىڭنى .
چېچەكلەت ، مېۋە بەر ياشلىق گۈلۈڭدىن ،
پەرۋىش قىل ، سۇلدۇرما نەۋ باھارىڭنى .

ئاجىزلار ياشلىقتا تەسەللىي ئىزدەپ ،
ئىزلەيدۇ بەختىنى قاراپ ھەممە ياق .
بىلگەندە قەدرىنى كېتەر قولىدىن ،
پۇشايمان ھەمرا قىپ ، دەرد تۆكەر ھەر ۋاق .

يىراققا نەزەر سېپ ئەسلىگىن ئۇزاق ،
بۈگۈنىڭ ، ئۆتمۈشۈڭ ، قىلمىشلىرىڭنى .
تېڭىرقاپ تۇرمىغىن ئويغاتقىن دەرھال ،
تەپەككۈر ، ئىدىيەڭ ، پىكىر يولۇڭنى .

توزۇيدۇ ياشلىقىڭ مېھنەتسىز تەردىن .
ئاي ، يىللار يۈزۈڭگە قورۇقلار سېپىپ .
كۈتمىگىن ئېلتىپات خام – خىياللاردىن ،
مەرىپەت ئىزدىگىن ، ئىجتىھات قىلىپ .

ئۆكۈنۈپ پۇشايمان يېمەي دېسەڭ سەن ،
كۆزۈڭنى چوڭ ئېچىپ ، ئۆزۈڭنى ئوڭلا .
ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ گەر ،
تېرىشىپ ئىشلەشكە ئەمدى بەل باغلا .

ياشلىقنىڭ ئۆتمىكى خۇددى ئوقتەك تېز ،
قەدىرلە ياشلىقنى قالدۇر تۆھپە - ئىز .
زارلىماي ياشايمەن دېسەڭ دۇنيادا ،
يىللارنىڭ بوينىغا ئۇنچە – مارجان تىز .

مەنبە : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 )
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-5 15:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگىنىش ، تېرىشىش مەڭگۈلۈك تېما

‹‹ ۋاقىت يوق ›› دېگەن سۆز باھانە سۆزدۇر

ياشلىقنىڭ ئۆتمىكى خۇددى ئوقتەك تېز

ئىش قىلىشتىن قىلغان ئىشقا باھا بېرىش نىسبەتەن ئاسان بولغاچقا، مەنمۇ ئاسىنىغا تۇراي دېدىم:
يۇقىرىقىدەك گەپسىمان مىسرالار شېئىردىن زورۇقۇپ ئورۇن ئالسا بەدئىيلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

باھا سۆز

ئەركىزات ئەپەندىنىڭ تەكلىپ -پىكىرىگە رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-5 15:17
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 15:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 15:04
ئۆگىنىش ، تېرىشىش مەڭگۈلۈك تېما

‹‹ ۋاقىت يوق ›› دېگەن  ...

ئەركىزات ئەپەندىنىڭ تەكلىپ -پىكىرىگە رەھمەت .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 08:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش