روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: نۇرلان
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تاپشۇرۇقنى يىرتىۋەت ئوغلۇم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 13:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 02:25
ھۆرمەتلىك ئۇستاز «كۇسەنى» ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ ھەقىقى ...

جام ئەپەندىمنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدىكى بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىغا تەشەككۈر.
بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز-تاپشۇرۇق بەرمەسلىك ئەمەس، بەلكى تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق بېرىش.
نوقۇل ھالدىكى يېزىش، يادلاش شەكلىدىكى تاپشۇرۇقنى بېرىش ئەمەس، بەلكى بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاشۇرىدىغان، تەسسەۋۋۇرىنى قوزغىتىدىغان، ئىجادچانلىق، مۇستەقىللىق روھىنى ئۇرغىتىدىغان كۆپ خىل شەكىلدىكى تاپشۇرۇق بېرىش.

باھا سۆز

بۇ شېئىرىڭىزنى نەچچە ئوقۇدۇم ، ھەر ئوقۇغىنىمدا قەلىمىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. بۇ ئىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-15 00:50
ۋاقتى: 2015-2-6 23:31:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋەندىكى نىدا مىنىڭ سۇزۇمنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ


ئۇستازنىڭ زارى
(مۇخەممەس)
بۇ يازمامنى مائارىپ بېغىدا ھەسەل ھەرىدەك ئۈن-تىنسىز تەر تۈكۈۋاتقان كۇيۇمچان،جاپاكەش،مىھنەتكەش ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن.ئەزىز تېنىڭلار مەڭگۇ ئامان بولسۇن...

چىقمىدى ئۇستازدىن ھەقنى يازارى،
كۆپ بولغاچ ئۇستازنىڭ بالا قازارى،
جىق جاپا چەكسىمۇ كەسىپتىن رازى
مەنمۇ ھەم مۇئەللىم ئەلنىڭ قاتارى،
ھەقىقەت جاھاندا ئەڭ ئادىل قازى،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئۇ بولغاچ داغدامتى بىز ماڭغان يوللار،
ئۇ بولغاچ يۇرىغان قاراڭغۇ دىللار،
ئۇ بولغاچ يول تاپقان قارغۇ- ئەمالار،
ئۇ بولغاچ گۈللەنگەن ئازات زامانلار،
ئۈن-تىنسىز باش ئەگكەن تاغۇ-دەريالار،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئۇ ئىشچان،مۇلايىم،خۇددى شام-چىراق،
بەخىتتىن ،تەمەدىن،كۈلكىدىن يىراق،
ئالتۇندەك ئەجرىگە يىگىنى شاپاق،
شۇندىمۇ مۇكاپات قوشلاپ شاپىلاق،
نە سەۋەپ تىچ ئەمەس بىچارە قۇلاق،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئاي-ئايلاپ كوپەيدى ساختا ئۆگۈنۈش،
قان قىلدى يۈرەكنى ئاچچىق ئۈكۈنۈش،
تەسكەلدى مەجبۇرلاش،ھەممىگە كۈنۈش،
بەك تەسكەن يالغاندىن ھىجىيىپ كۈلۈش،
كىم دىگەن مۇئەللىم بولغانكىن ئۈلۈش،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئۇ ئەمەس ئەمەلدار ئاددى بىر ئنسان،
توختىماي چاپىدۇ كالىدەك ھەر-يان،
غوجامدەك كۈتەلمەس ئۇنى رېستۇران،
شۇندىمۇ ئاشمايدۇ تىزىدىن چاپان،
جاپاغا كۈنۈك ئۇ دىمەيدۇ ۋايجان،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

شەنبە ھەم يەكشەنبە كەلسە ئەگەردە،
يازمىسا بولمايدۇ پىلان -ئىرادە،
سوھبەت قىپ يۈگۈرەيدۇ تېخى ئۆي-ئۆيگە،
ھىچكىممۇ يەتمەيدۇ ئۇنىڭ قەدرىگە،
ھىچ تەمە قىلمايدۇ قىلغان ئەجرىگە،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


كىلىدۇ ئايەملەر بايرامغا تەڭداش،
ئۇلارنىڭ بايرىمى قىرىق ساۋاقداش،
ئېسىگە كەلمەيدۇ چوڭلارنى يوقلاش،
خىيالى،نىشانى دەرسنى تۇلۇقلاش،
جاپاسى بەك تولا ئۇنىڭكى ئاداش،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

دەم ئالماي ئىشلەشلەر يۈرەكنى ئەزدى،
تەتىلمۇ،بايراممۇ،زىرىكتى تەزدى،
شۇندىمۇ روھ قۇرۇق چۆللەرنى كەزدى،
قاچانمۇ تۈگەيدۇ ئۇستازنىڭ دەردى،
بولدى-بەس بۇلارنى كىملەرمۇ سەزدى،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ھىچ ئارام بەرمەيدۇ ئىككى ئاساسەن،
يالغان سان يۇشۇردى قولدىكى داڭئەن،
جاپادا ئالدىدا،باشلىغى موككەن،
موككەنگە گۈل تەقدىم پۇقراغا تىكەن،
بۇ قانداق سىياسەت،بىز نىمە كۈتكەن،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئۇ تەرگەن باشاققا لىق تولغان خامان،
ئۇ تىككەن كوچەتكە بوي بەرگەن ئاسمان،
ئۇ تىزغن گۈلدەستە پۇراقلار چاچقان،
ئەممازە كورگىنى چەش ئەمەس سامان،
ھەقىقەت بارمىدۇ بۇ قانداق جاھان،
ھېچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنى زارى.

خولاسە چىقىرىپ تەكشۇرۇش ئۆمەك،
مەسىلە كۆپ ئىكەن ‹‹مالىمدا››دىمەك،
بىز ئەمدى بۇپقالدۇق مۇزلىغان يۇرەك،
ئانىسىز قېپقالدۇق يىتىم بالىدەك،
ئىدۇققۇ ئەسلىدە مىللەتكە كېرەك،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ھەجەپمۇ قىينىدى ئىسلاھات دىگەن،
ئانىسىز قايسى ئەر،تولپارنى مىنگەن،
تىلى يوق قايجاناپ قاقاھلاپ كۈلگەن،
ياراقسىز قاي ئەسكەر جەڭلەرگە كىرگەن،
نە سەۋەپ سېلىندى بىزلەرگە يۈگەن،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


بىر مەزگىل يۈردۇق بىز قۇچاقلاپ دوسكا،
ئون مىنۇت دەم ئېلىش ئۆتمىدى بوشقا،
كۆز تەگدى شۇندىمۇ ئازىراق مائاشقا،
كۈن بۇيى ئىشلەپمۇ تويمىدۇق ئاشقا،
يارىماس بۇپقالدۇق بۇ كۈندە قوشقا،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


بۇنۇڭغا ھە دىدۇق كۆندۇق بىر مەزگىل،
ئارىدىن ئۆتمەستىن ھەتتا بىر تەتىل،
دوسكىلار بۇپكەتتى چېقىلە-چېقىل،
ئايرىماق تەس بولدى كىملەردۇربېخىل،
بۇ دىگەن مائارىپ،بۇ قانداق ئەقىل،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


يۇقىرىدىن كەلگەنمىش شۇنداق چاقىرىق،
ماسلاشماي بولماسمىش بولساق ئەقىللىق،
بالىلار چاڭقىدى بۇپقالدى بېلىق،
ھېچكىممۇ دىمىدى بۇ قانداق قىلىق،
ۋىجدانىم ئالدىدا ئولدۇممەن قىرىق،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

شۇ سەۋەپ ئايلاندى مەكتەپ بازارغا،
رھبەرلەر دەسسىدى ئۇسۇل- ساماغا،
بالىلار شۇڭغۇدى كونا مازارغا،
بوغچىمۇ ئاسمايدۇ ئۆيگە ياناردا،
سۆزلىسەك ئېلىنار بۇيۇن كانارغا،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

كىم يالغان ئۆستۈرسە سۈپەتنى شۇنچە،
شۇنۇڭغا توۋلاندى خورلار تېخچە،
ماتىريال يىزىشتى باشلىق كېچىچە،
ساختىغا تەۋە بۇپ كەتتى نەتىنجە،
سۈپەت ئۆسە، مۇشۇنداق ئۆسە،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ساختىپەز كۆپەيدى جاھان شۇ بولغاچ،
زەرداپقا ئايلاندى يۈرەك لىق تولغاچ،
لىغىرلاپ ئاقماقتا كۆزلىرىمدە ياش،
ھەسىرەتكە مۇپتۇلا بۇبقالدىم ياپياش،
چۈنكى بۇ مائارىپ كېلىچەك ئاداش،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

مائارىپ قىسمىتى كەلدى تىزگىنسىز،
سىنىپلار بۇپقالدى تەجىرىبە ئېتىز،
ئاخىرى ئاتالدۇق قالدۇق ساۋاتسىز،
مۇنبەردىن ئايرىلىپ يۈردۇق ساياقسىز،
بىلمىدىم كىملەر خار،كىملەر بەك ئەزىز،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئەتىراپنى بىر ئالدى يالغان ،ساختا نام،
باشلىقنى باي قىلدى جوزا،تاختا،تام،
سۇخەنچى دەللاللار نەچچە سوقتى جام،
سۇرۇنغا بىز لايىق،ئەمما بىزلا كام،
شۇندىمۇ دىللارغا بولالمىدۇق شام،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


ھېچ سۈپەت ئۆسمەستىن شۇئار توۋلاندى،
مەكتەپلەر ھەل بىرىپ قايتا سىرلاندى،
بىر ئۇبدان كىتاپلار يىراق تاشلاندى،
ئاھ،ئۇھلار ھەرجايدا راسا ئاڭلاندى،
غەزەپلىك تىكىلگەن كۆزلەر ئالايدى،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.

ئىسلاھات شامىلى كەلدى ئالدىراپ،
ھەممىز بىر چەتتە قالدۇق گاڭگىراپ،
ئۆز تىلدا نە گۇناھ يۈردى قانسىراپ،
نە ئۈچۈن شۇ باشلار قالدى ساڭگىلاپ،
شۇ مۇنبەت تۇپراقلار قالدى داڭگاراپ،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


چاقچاقنى باشلىدۇق شۇنداق رېھىمسىز،
تۇمۇرلار قۇرىدى بولغاچقا قانسىز،
بىچارە مۇئەللىم قالدى ئامالسىز،
يالغاندىن كۈلۈشلەر،سۆزلەشلەر تەمسىز،
يۈرەكنى غاجىدى بۇ ئاياق چەمسىز،
ھىچكىمگە ئاڭلانماس ئۇستازنىڭ زارى.


شۇقەدەر بىچارە مۇئەللىم ھالى،
بىلسىمۇ كۆز يۇمار بولماستىن كارى،
ئېيىتقىنا نەدە بار ۋىجدان بازارى،
كىمنىڭ راس،كىم يالغان بىلمەيمىز زادى،
چىڭقىساڭ ئۈزۇلەر دۇتتارنىڭ تارى،
قاچانمۇ تۈگەيدۇ ئۇستازنىڭ زارى.

باھا سۆز

ناھايىتى ياخشى شىئىر ئىكەن ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى دائىم يوللاپ تۇرارسىز .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-15 00:55
مەرھۇم روزى سايتكامنىڭ شىئردەكلا چىقپتۇ ،ھەقىقەتەن پاساھەتلىك تىل،بۇ شىئرڭزنى مەھلەي دىسەم نىمە دىيشىنمىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 23:29
كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ " ئۇستازنىڭ زارى" ناملىق بۇ شېئىرى بىلەن مېنىڭ 2009-يىلى يېزىپ، رەھمەتلىك " شەبنەم" تورىدا ئې  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-7 12:35
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-7 12:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 23:31
توۋەندىكى نىدا مىنىڭ سۇزۇمنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ

كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ " ئۇستازنىڭ زارى" ناملىق بۇ شېئىرى بىلەن مېنىڭ 2009-يىلى يېزىپ، رەھمەتلىك " شەبنەم" تورىدا ئېلان قىلغان " مۇئەللىم بولماق تەس" ناملىق شېئىرىمنىڭ چىقىش نۇقتىسى بىر يەردىكەن.
ۋاقتى: 2015-3-13 12:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،نۇرلان ئەپەندىم،سىز شائىرمۇ ،  بۇ شىئىرنى ئوقۇپ ،مەكتەپتىكى چېغىمدا ،تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىم ،يادىمغا كىلىپ قالدى
ۋاقتى: 2015-3-14 23:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 23:31
توۋەندىكى نىدا مىنىڭ سۇزۇمنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ

مەرھۇم روزى سايتكامنىڭ شىئردەكلا چىقپتۇ ،ھەقىقەتەن پاساھەتلىك تىل،بۇ شىئرڭزنى مەھلەي دىسەم  نىمە دىيشىنمىنى بىلمەي قالدىم قىسقىسى تىلىم ئاجىزلىق قىلدى .
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 13:40
جام ئەپەندىمنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھ ...

بۇ شېئىرىڭىزنى نەچچە ئوقۇدۇم ، ھەر ئوقۇغىنىمدا  قەلىمىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. بۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغاندەك ھېس قىلدىم. قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.قەلەم ئىلغار، توغرا قاراش، ئادىمىيلىك، ئەخلاق.... يەنە نىمە نىمىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغاندىلا مۇشۇنداق ئۆتكۈر بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
ۋاقتى: 2015-3-15 00:55:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 23:31
توۋەندىكى نىدا مىنىڭ سۇزۇمنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ

ناھايىتى ياخشى شىئىر ئىكەن ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى دائىم يوللاپ تۇرارسىز .
ۋاقتى: 2015-3-15 13:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جاپاتاتىپسىز
ۋاقتى: 2015-3-16 22:05:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكىدىن تىن ئالالمايدىغان شۇ ئوماقلىرىمىزنى ئائىلىدە بولسىمۇ قىينىمايلى،،،،دەرىسلىرنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقىپ بەرسىلا بولدى،ئاتالمىش 100 نۇمۇرنى دەپ بالىلىرىمىزنى بېسىم ئاستىدا چوڭ قىلماي ئۇلارنى ئەركىن ئازادە مۇھىتتا ئۈسۈپ يىتىلىشىگە بارلىق ئاتا ئانا بولغۇچىلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى،نۇرلان ئۇستازنىڭ بۇ يازمىسى بىز ئۈچۈن بىر ياخشى چاقىرىق،،،،
ۋاقتى: 2015-3-18 18:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار  تاپشۇرۇقنى يىرتىۋەتسە ئوقۇتقۇچىلار تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرگە جاۋابىنى بېرەلمەيدۇ، شۇڭا تاپشۇرۇقنى يىرتىۋەتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشى چاتاق...

باھا سۆز

مۇشۇنداق ئاكتىپ ئوقۇتقۇچىلار تۈپەيلى بالىلىرىمىز تاپشۇرۇقلىرىنى يىرتالماي "خانىمدىن" قورقۇپ ، بىر كەچكىچە ئ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-18 19:06

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-1 22:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش