روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: نۇرلان
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تاپشۇرۇقنى يىرتىۋەت ئوغلۇم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-5 11:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 11:36  

  دەرۋەقە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇش ھەقسىز بولۇش ئىشقا ئېشىپ، بۇ شېرىن چۈشىمىز رېئاللاشتى. ئەمما «ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق يانداشما»لار  ياندىشىپ كېلىۋەرمەكتە. بۇنىڭدا غوللۇق بەزىلەرنىڭ قولى بار..... بۇنداقلار ھامان بىر كۈن چوقۇم جاجىسىنى يەيدۇ ھەم نۆۋەت بىلەن  بەس-بەستە يېمەكتە.
   ئويلاپ قالدىم: مۇبادا بالىلىرىمىز مۇشۇنداق يۈكلەرنى كۆتۈرىۋەرسە، ئېنىقكى ئۇلاردىن چوقۇم  ئېغىرلىق كۆتېرىش ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ، مەكتەپتىن ئۆيگە، ئۆيدىن مەكتەپكە خۇددى ئىشچان چۆمۈلىلەردەك «يۈك» يۆتكەشنى كۈندە نەچچە رەت، ئىزچىل 10 نەچچە يىل مەشىق قىلغاچقا، ھارماس ئىشچان ھامماللار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئىشقىلىپ ھاممالار مۇقەددەس شەھەرلەردىمۇ ئەزىزلىنىۋاتمامدۇ؟!  شۇ مۈكچەيگەن بەل، چەكچەيگەن كۆزلەر ھېچ بولمىسا، ھامان بىر كۈنى دوختۇرخانىلارنى چوقۇم ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرى  تاپقان-تەرگىنىنى چوقۇم دوختۇرخانىلارغا تولۇقى بىلەن ئاتىۋېتىدىغان پىدائىي بولىدۇ....
   بەلكىم، بۇ تەرەپتىن پەخىرلەنسەكمۇ بولغۇدەك.

باھا سۆز

دەرۋەقە راست، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلىرىمىز ماھارەت دەرسلىرىنى " قوشۇمچە پەن" قاتارىدا كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلار  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-5 12:27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 12:27:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 11:31
دەرۋەقە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئ ...

دەرۋەقە راست، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلىرىمىز ماھارەت دەرسلىرىنى " قوشۇمچە پەن" قاتارىدا كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ كۆپ تەرەپتىكى مەسلىلەرگە چېتىلىدۇ.
ئەمما، ئوقۇغۇچىلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىش، ئۇلارنى تۈگىمەس تاپشۇرۇق دۆۋىسى ئىچىدىن ئازاد قىلىپ، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، ماھارەت-ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان پەنلەرنى ئەستايىدىل ئۆتۈشمۇ تەخىرسىز مەسلە بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ ھەقتە ئويلىنىشى، پەرزەنىتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
ئەرك زاد ئەپەندى بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىغا كەلگەنلىكىمدىن خوشالمەن.
ۋاقتى: 2015-2-5 13:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەزى مەكتەپلەر ماڭلىيىغا يېزىۋېلىشتىن نومۇس قىلمىغان « بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دېگەن ماۋۇ خەتنى ھەر بىر قېتىم كۆرسەم،  شۇ خەتنى ناھايىتى چوڭ-چوڭ يازدۇرۇپ ئېسىۋېلىپ ئەمەل قىلمىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خۇنۇك كۆزلىرىگە شۇ خەت ئېسىلغان ۋىۋىسكا تاختايلىرىنى  پۈتۈن-پۈتۈن ھالەتتە تىقىپ كۆر قىلىۋەتكۈم بار ئۇ تۇزكور، قەسەمخورلارنىڭ، ئاسىيلارنىڭ...
   مائارىپ بىلەن سەھىيە ساختىلىق ئىشلىتىدىغان ساھە ئەمەس!
ۋاقتى: 2015-2-5 16:34:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 22:38
جام ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت. مەن سىزن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «نۇرلان» ئەپەندىم، ئىنكاسىڭىزغا ئەمدى جاۋاب قايتۇرۇش مۇمكىن بولدى. ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ ھەر ئىككىلىسى توغرا.
مەن ئىلگىرى بىر مەھەل باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن، بىراق، كېيىنكى مەزگىللەردە ئوبېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «خىزمەت» تىن تەلتۆكۈس قول ئۈزۈپ، مەخسۇس كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ئېچىپ كېلىۋاتىمەن. ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ «مائارىپ مۇھىتى» دا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىم سەۋەبىدىنمۇ ئېيتاۋۇر ئىلگىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنى مائارىپ سىرتىدا تونۇپ باقمىدىم. مائارىپچىلار مەن ئەڭ كۆپ ئارىلىشىدىغان ھەم سىردىشىدىغان كىشىلىرىم. شۇنداق بولغاچقىمۇ بەزىدە ئانچە تونۇمايدىغان كىشىلەرمۇ مىنى ئوقۇتقۇچى ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن. بۇ تونۇش ئەمدى تور دۇنياسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، مەن بۇنىڭدىن تېخىمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. چۈنكى، مەن نەگىلا باراي، نېمە ئىش قىلاي ھامان ئۆزۈمنى بىر «ئوقۇتقۇچى» دەپ تونۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەينى ۋاقىتلاردا دەرس بەرگەن بالىلار مىنى ھازىرمۇ «مۇئەللىم» دەپ چاقىرىشىدۇ. بۇنىڭدىن مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.
ئۆز گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ھۆرمەتلىك «نۇرلان» ئەپەندىم، مەن مانا مۇشۇنداق ھېس- تۇيغۇلار ۋە شارائىتىم تۈپەيلىدىن ھامان ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىمەن، سىرتلارغا چىقسام ھامان مىنىڭ زىيارەت ئوبېكىتىم بىرىنچى بولۇپ، مەكتەپ- مۇزىيخانىلار، كىتابخانىلار بولىدۇ، مۇنبەر ئارىلىسام يەنە شۇ مائارىپ- پەرزەنتلەر ھەققىدىكى يازمىلار بولىدۇ. كۈن بويى تۈگىمەس ئىشلىرىم بىلەن يۈرگەش مانا مۇشۇنداق ئىزتىراپلىق ئويلىنىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بۇ تېمىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن ھازىر ئەمدى قايتىدىن دەرس مۇنبىرىگە قايتالمايمەن. چۈنكى ئۆزۈمنى شۇنداق ھېس قىلغىنىم بىلەن ھۆكۈمەت مىنى بۇ خىل سالاھىيەت بىلەن بىلمەيدۇ. شۇڭا سىزنى ئۆز ئىچىگە كەڭ ئۇستازلار- مائارىپچىلار، شۇنداقلا ئەۋلاد تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئوت يۈرەك قېرىنداشلارغا سەمىمىي ئىلتىجايىم: مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان، ساندا بار، سۈپەتتە يوق بۇنداق ناچار مائارىپ ئەندىزىسىنى تۈگىتىشكە، بىرقىسىم مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە يۈنۈلۈشلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا چامىڭلارنىڭ يېتىشىچە كۈچەپ باققان بولساڭلار؛ مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىرقىسىم قالايمىقانچىلىقلار ئازراق بولسىمۇ تۈگىسە، ئەۋلادلىرىمىز ساپ ھەم ئەمەلىيەتچىل مائارىپ مۇھىتىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلسە. ھىچ بولمىغاندا بىز چوڭ بولغان ئەشۇ دەۋرنىڭ يېرىمىغا بولسىمۇ قايتسا، ئەشۇ ۋۇجۇدىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھېدى كەتمىگەن سەبىيلىرىمىزگە مۇمكىنقەدەر ئازراق بولسىمۇ ئەركىنلىك- تەبئىيلىك بېرىلسە، قوللىرى تۈگىمەس خەت كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن تېلىپ كەتمىسە، كۆزلىرى ئەتىدىن كەچكىچە كىتابتىن باشقا نەرسىگە قاراش تۈپەيلىدىن خونۇكلەشمىسە، «تاپشۇرۇقنى ئۈلگۈرتەلمەسلىك، ئۆگىنىپ بولالماسلىق» تۈپەيلىدىن «كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىد ئاڭلاش» تىن قورقۇپلا- روھىي بېسىم ئىچىدە ئۆتۈپ كەتمىسە!
ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەيلى! «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» نى ئەتىدىن كەچكىچە توۋلاپ يۈرۈۋەرمەيلى! ئۇلارغا كۈن بويى بېسىم قىلىدىغان، ئەركىنلىكىنى بۇغۇدىغان، گۈزەل بالىلىق دەۋرىنى نابۇت قىلىدىغان ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق، ئۇلار تۈرمىدىكى مەھبۇس ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىچ- باغرىمىزنى يېرىپ چىققان ئىنسان بالىسى، ئۇلار بىز قانداق ياسىساق بولىۋېرىدىغان «ماشىنا ئادەم» ئەمەس، بەلكى ئىنسان بالىسى!!!

باھا سۆز

جام ئەپەندىمگە رەھمەت. ھازىر بىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇتقۇچى بەكلا ئاز قالدى، شۇنداقتىمۇ، ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-5 18:35
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 18:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 16:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «نۇرلان» ئەپەندىم، ئىن ...

جام ئەپەندىمگە رەھمەت. ھازىر بىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇتقۇچى بەكلا ئاز قالدى، شۇنداقتىمۇ، ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى سانايدىغان، ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن ئوت يۈرەك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ تىرىشىشى، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك ياردىمى ۋە ھەر ساھەدىكى مەرىپەتۋەرلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بولسىلا، بىزنىڭ مائارىپىمىزدا يەنىلا ئۈمىد بار دەپ ھىس قىلىمەن.
ۋاقتى: 2015-2-5 21:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاپشۇرۇقنى يىرتىۋېتىش كېرەك،بۇ توغرا خىتاب.
بالىلارنىڭ بىلىش دائىرىسى تاپشۇرۇق ۋە كىتاپتىن ئەمەس بەلكى تەبىئەتتىن كىلىدۇ،بالىلار تەبىئەتكە قانچە يېقىنلاشقانچە بىزنىڭ شۇ سەبى باللىرىمىزدا ئۈمۈد تۇغۇلىدۇ،يۇقىردىكى ئەزىزلەرنىڭ مىللى مائارىپ ۋە بالىلاردىكى كەمتۈكلۇك توغرىسىدا قىلىشقان مۇنازىرىسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم ۋە سۇيۇندۇم،مىللى مائارىپنى ھەر دائىم ئەستىن چىقارمىغان شۇ ئەزىزلەرنىڭ ئالتۇن تىنى ئامان بولغاي.ئاخىردا مىللى مائارىپ سىپىدە خىزمەت قىلۋاتقان شۇ جاپاكەش باغۋەنلەر ئۈن-تىنسىز ئۈزىنىڭ ئەقلى ۋە ئەقىدىسى بىلەن شۇ بالىلار ئۈچۈن تەر ئاققۇزۋاتىدۇ،مائارىپتىن ئۈمۈتسىزلەنسەك بۇ ئۈزىمىزگە نىسپەتەن بىر كەمسىتىش،ئەمما مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مىللى مائارىپنى خالىغانچە تەجىرىبە ئېتىزىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئۈزى بىرخىل بېسىم.مەنمۇ بىر كچىك كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى،مىنىڭچە بولسا مەن مەكتەپ مەيدانىنى سىمۇنىت ئەمەس قۇم -توپا بىلەن توشقازسام،سەبى باللىرىمىز يالاڭاياق توپا كىچىپ ئويناپ قۇياش نۇرى ۋە بىز ياشاۋاتقان زىمىننىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرسام ،قىممەت پۇلغا تىكىلگەن ئىسمىنى بىزنىڭ باللىرىمىز ئەمەس ،مەنمۇ ئۇقمايدىغان مەنزىرە دەرىخى بىلەن كوكەرتمەي بالىلار دائىم ئۇچۇرشۇپ تۇرىدىغان قايسى پەسىلدە كوكلەپ قايسى پەسىلدە يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرخلەرنى تىكسەم،بالىلارنىڭ ئۈزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن شۇ دەرخكە يامىشىپ چىقىپ پاختەك تۇخۇمى ئېلىپ چۇشەلەيدىغان قىلىپ يىتۇشتۇرسەم،نۇقۇل ھالدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۇچەيتىپ كىچىك يۇرەك ئەزمەتلەرنى ئەمەس ،خەتەرلىك تۇيغۇسى بار ئۇيۇنلارنى ئوينىتىش ئارقىلىق ئۈزىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئېڭىغا ئىگە پەلۋانلارنى يىتۇشتۇرسەم دەپ ئويلايمەن،ئەمما بۇ ئىختىيارلىق مەندە ئەمەس.بىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىمىز ھەر بىر مائارىپچىلارنىڭ نازارەتچىسى.بەلكىم مەندەك ياكى مەندىنمۇ ياخشى تەربىلەشنى ئويلايدىغان مۇدىرلارمۇ ساماندەك جىق ،ئەمما شۇ ئارمانلىرىمىزنى ھەل قىلالايدىغانلار زادى قانچىلىك،شۇ سەبىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باشقۇرۇش سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىدغانلار زادى قانچىلىك؟
ئەلۋەتتە بىز بۇ قېلىپلاشقان ،تەپەككۇرنى بۇغۇپ ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدىغان تاپشۇرۇقنى ئاتا-ئانىلار يىرتىۋېتىشىمىز كېرەك،مەنمۇ نۇرلان ئەپەندىنىڭ بۇ خورىغا جۇر بۇلۇشقا تەييارمەن.

باھا سۆز

كۈسەنى ئەپەندىمدەك مائارپنىڭ قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان، " بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن"، " بالىلارنى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-5 22:33
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 22:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 21:24
تاپشۇرۇقنى يىرتىۋېتىش كېرەك،بۇ توغرا خىتاب.
بالىلارنى ...

كۈسەنى ئەپەندىمدەك مائارپنىڭ قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان، " بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن"، " بالىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن"، " بارلىق بالىلار ئۈچۈن" دىگەن شۇئارنى ئېغىزدىلا ئەمەس، بەلكى يۈرەكتىن توۋلايدىغان مائارپ ئەھلى بىلەن مۇنبەر يۈزىدە تونۇشقانلىقىمدىن خوشالمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 22:33:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 21:24
تاپشۇرۇقنى يىرتىۋېتىش كېرەك،بۇ توغرا خىتاب.
بالىلارنى ...

كۈسەنى ئەپەندىمدەك مائارپنىڭ قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان، " بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن"، " بالىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن"، " بارلىق بالىلار ئۈچۈن" دىگەن شۇئارنى ئېغىزدىلا ئەمەس، بەلكى يۈرەكتىن توۋلايدىغان مائارپ ئەھلى بىلەن مۇنبەر يۈزىدە تونۇشقانلىقىمدىن خوشالمەن.
ۋاقتى: 2015-2-6 02:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 21:24
تاپشۇرۇقنى يىرتىۋېتىش كېرەك،بۇ توغرا خىتاب.
بالىلارنى ...

ھۆرمەتلىك ئۇستاز «كۇسەنى» ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ ھەقىقىي ئارمانلارغا تولغان ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش مۇدىر دوستلىرىم بار، ھەتتا قوشنا يېزىدا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان، ئۇزۇن يىل بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئىزدىشىپ ئۆتۈۋاتقان يېقىن «باشلىق» دوستۇممۇ بار. ئۇلار بىلەنمۇ يىلدا بىرقانچە قېتىم ئۇچراشقاندا بۇ ھەقتە ئازدۇر- كۆپتۇر ئەھۋاللىشىپمۇ قالىمەن. ئۇلارمۇ خۇددى سىز ئويلىغاندەك ئويلايدۇ، بىراق، خۇددى سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن جەھەتتە ئامالسىز.... سىزگە ئوخشاش «ئۇستاز باشلىق» لارغىمۇ ئاسان ئەمەس، سىلەرمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باش لىڭىشىتىپ، ئامالسىزلىقتىن ئەشۇ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا بەزىبىر سىياسەتلەرنى، تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىسەڭلار بولمايدۇ. «غوجامنىڭ غوجىسى، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار» ئەمەسمۇ شۇنداقتىمۇ مەن ھامان كەڭ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەشۇ سەبىيلەرنىڭ بەختى- سائادىتى، تەبئىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇنداق «تاپشۇرۇق دەپتەر» نى «يىرتىۋېتىش» تەك ئۇسۇل بىلەن ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ناتوغرا خىزمەت ئۇسۇلىغا رەدىيە بېرىشىنى قوللايمەن. مىنىڭ ئويلايدىغىنىم، ئەشۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا- ئالىي ئىشخانىلارغا بېكىنىۋېلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ، بۇيرۇق چۈشۈرۋاتقان، يېڭىدىن يېڭى «تاپشۇرۇق دەپتەر» لەرنى توختىماي «ئىجاد» قىلىۋاتقان ئەشۇ «باشلىق» لار نېمىشقا تۆۋەنگە چۈشۈپ، سەبىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكمەيدۇ، شۇلار بىلەن بىرقانچە  كېچە- كۈندۈز بىرگە بولۇپ، كۈندۈز- كەشلەردىكى پائالىيەتلىرىنى كۈزەتمەيدۇ. نېمىشقا ھە دېسىلا قانداقتۇر «قېلىپلاشقان مائارىپ ئەندىزىسى» دېگەنلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئارتۇقتىن ئارتۇق بېسىم كەلتۈرۈپ بېرىدىغان خىزمەت يۈنۈلۈشىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدۇ؟!
مەن بۇ يەردە ئەشۇ بىچارە سەبىيلەرنىڭ شۇ تاغدەك يۈكلەنگەن «تاپشۇرۇق» لىرىنىڭ ئازلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە كېچە- كۈندۈزلەپ جاپا چېكىۋاتقان، تۈگىمەس خاتىرە- ئىشلەكلەرنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان زېھنىنى بىھۇدە خورىتىۋاتقان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭمۇ جاپاسىنىڭ تېزراق يەڭگىللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

جام ئەپەندىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدىكى بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىغا تەشەككۈر.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-6 13:40
جام ئەپەندىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدىكى بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىغا تەشەككۈر.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-6 13:39
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 13:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 02:25
ھۆرمەتلىك ئۇستاز «كۇسەنى» ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ ھەقىقى ...

جام ئەپەندىمنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەققىدىكى بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىغا تەشەككۈر.
بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز-تاپشۇرۇق بەرمەسلىك ئەمەس، بەلكى تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق بېرىش.
نوقۇل ھالدىكى يېزىش، يادلاش شەكلىدىكى تاپشۇرۇقنى بېرىش ئەمەس، بەلكى بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاشۇرىدىغان، تەسسەۋۋۇرىنى قوزغىتىدىغان، ئىجادچانلىق، مۇستەقىللىق روھىنى ئۇرغىتىدىغان كۆپ خىل شەكىلدىكى تاپشۇرۇق بېرىش.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 18:23

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش