روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: نۇرلان
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تاپشۇرۇقنى يىرتىۋەت ئوغلۇم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-3 21:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 21:47
يىرتقان بىلەن تەتىلدىن يىغقاندا يەرگە قاراپ قالارمىكى ...

تەتىلدىن يىغقاندا  بىر ئامال قىلارمەن.
ۋاقتى: 2015-2-3 23:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز، مەزمۇنى چۈڭقۇر، چۈشۈنۈشلۈك......ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر...
ئېسىل دۇردانىلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا .ئىنتىزارمىز....
مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەتتى دېسە
مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەتتى دېسە
ۋاقتى: 2015-2-4 11:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بولدى قوللايمەن
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-2-4 14:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نۆۋەتتىكى مائارىپىمىزدىكى  ئاچچىق رېئاللىقىمىزنى  غەزەپ-ناپرەتتىن  پۈتكەن تورلۇق قامچا ئارقىلىق رەھىمسىز  ھالدا  قامچىلاپسىز، رەھمەت!
  شۇ تاپتا تۆۋەندە بۇنداق قىلمىش شۇ قەدەر كۆپ. بۇنىڭ باش سەۋەپچىسى ئەڭ ئالدى بىلەن «تەلەپچان» ئاتا-ئانا. ئاندىن يۈزى قېلىن، كاللىسى رۇدېمېنىتلىشىپ كەتكەن «مائاشچى»لار.
   بۇرۇن يەتتە ياشتا مەكتەپكە كىرەتتۇق، ھېلىھەم خەلقئارادا بۇ ياش مەكتەپكە كىرىش يېشى. ئەمما بىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەي، دەۋردىن ئېشىپ كېتىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن قۇچاقتىكى بالىنى ئىلىمگە، ياق، ئالدى بىلەن ساقلىغىلى بېرىشكە باشلىدۇق. ئاتالمىش «بالا باققۇچى» تاپتۇقمۇ دەيلى مىڭ بالادا. ئۇ قانداق سەۋىيەدىكى «باققۇچى»؟ دەل-مەكتەپتىن قاچقان ياكى ئۆزىمىز باققۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالغان ساۋادسىز ياكى چالا ساۋات «پەرۋىشكار».
   بىز تۆتكۆزلۈك، مۈكچەك، مەجروھ «كىچىك ئالىم»لارنى تەربىيەلەشكە بەك ئالدىراپ كەتتۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، بىنا ھۇلىغا مىجىق خىش بېسىلسا، ئۇ كۆپ پايلىمايدۇ. بىزدە تېنى ساغلام، تەپەككۇرى بوغۇلمىغان، ئويلىغىنىنى بىمالال، گاچىلانماي...سۆزلىيەلەيدىغان بالا لازىمكى، بۇنداق ئىتائەتمەن قۇل،  مەجروھ، روھىي ئۆلگەن «كىچىك ئالىم»...لار كېرەك ئەمەس!
   ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتا نۇرلاندەك ئىسيانكار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولمىقى زۆرۈر. بۇ ھەم مائارىپنىڭ بىز تەۋرەنسەك بولمايدىغان بۈيۈك پەرمانى! پەرمانغا بوي سۇنمىساق، بىزنى ئەتىلا كۈتىدىغىنى -نادامەت!

باھا سۆز

ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-4 15:13
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-4 15:13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 15:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 14:49
نۆۋەتتىكى مائارىپىمىزدىكى  ئاچچىق رېئاللىقىمىزنى  غە ...

ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 15:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 14:49
نۆۋەتتىكى مائارىپىمىزدىكى  ئاچچىق رېئاللىقىمىزنى  غە ...

ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-2-4 22:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ئىسىل تېما بوپتۇغۇ- بۇ!
مەن، گەپنىڭ راستىنى دېسەم، مائارىپىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق سان قوغلىشىپ، سۈپەت قوغلاشمايدىغان، ئېغىزدىكى ساپانى ئويلىشىپ، ئەمەلىي ساپانى ئويلاشمايدىغان دەۋرىدە تەكلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاخىرى بۇنداق چۈشكۈن، مەجبۇرىي ھالدا خىزمەت قىلىشتىن يالتىيىپ، كۆزۈم قىيمىغان ھالدا مائارىپ ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدىم. (ئېغىزدىكى ساپا دېگىنىم مائارىپتىكى «ساپا مائارىپى» ئاتالغۇسى كۆزدە تۇتۇلغان). بىراق، ئۆزۈمنى ھازىرمۇ مائارىپ سىرتىدا كۆرۈپ كەلگىنىم يوق، ھازىر تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى، مەن ئەمدى بولسىمۇ ئۈچ پەرزەنتىمنى كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى تەربىيەلىسەم، ئەتراپىمدىكىلەرگە ياخشى تەسىر بېرىش ئارقىلىق، ئائىلە، جەمئىيەت ئالدىدا ئەۋلاد تەربىيەسى ھەققىدە ياخشى، ئۈلگىلىك رول ئوينىيالىسام، مانا بۇ مىنىڭ ئەمدىكى بىردىنبىر ئارمىنىم- ئارزۇيۇم.
«ئەركزات» ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ، مىنىڭ ئەشۇ 8 ياش ۋاقتىمدا مەكتەپكە كىرگەن چاغلىرىم يادىمغا كېلىپ قالدى. شۇ چاغدا بىزگە تۇنجى دەرسلىك كىتابلار تارقىتىلغان ۋاقىتلاردا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا دادام- ئاپامغا: «كىتاب پۇلى بەش موچەن، بەدەل پۇلى بەش موچەن كەپتۇ، ئەتە تاپشۇرىدىكەنمىز!» دەپ ئېيتقىنىمدا دادام رەھمەتلىك شۇ ھامان يېنىدىن كېرەكلىك پۇلدىن سىرت يەنە بىر موچەننى تۇتقۇزغانلىقى ھازىرقىدەك يادىمدا (ئۇ ۋاقىتلاردا دادام يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە باشلانغۇچتىن يېزىمىزدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە مالىيە خادىمى بولۇپ يۆتكىلىپ ئىشلەۋاتقان چاغلار ئىدى).
شۇ ۋاقىتلاردا ماڭا دادام ئېلىپ بەرگەن بىر سومكىدا «ئېلىپبە»، «ماتېماتىكا»، «مۇزىكا» قاتارلىق بىرقانچىلا كىتاب بار ئىدى (يادىمدا شۇلار قاپتۇ، يەنە باشقا دەرسلىكلەر بارمۇ- يوق بىلمىدىم). ئۇنىڭدىن سىرت 5 كىمۇ يەتمەيدىغان دەپتەر، قەلەم، ئۆچۈرگۈچ، ئاندىن چۈشتە يەيدىغان بىر پارچە نادىن باشقا نەرسە يوق ئىدى، شۇنداق يەڭگىل. ھازىرقى بالىلارچۇ؟ ھازىر سومكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن بالىلار مۈكچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى جاھان تەرەققىي قىلىپ، چامادان شەكىللىك سومكىلار چىقىپ كېتىپتۇ، دەستىدىن تۇتۇپ، يەرگە دەسسىتىپ سۆرىسە، ئاستىغا ئورنىتىلغان چاقى ئارقىلىق سىيرىلىپ ماڭىدىكەن، بالىلارغىمۇ ئانچە كۈچ توختىمايدىكەن.
ئېغىزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان، ئەمدىلا 3- 4 ياشقا كىرگەن ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ شۇ بالىلارغا نېمە كۈن دەيمەن، مەكتەپتە باش كۆتۈرمەي ئۆگەنگەننى ئاز دەپ ئۆيگە كەلسىمۇ ئارامچىلىق يوق، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن بىر ئۈستەلنى ئىگىلەپ دېگۈدەك يېيىلغان دەپتەرلىرىنى جىجىلاپ ئولتۇرغان- «يازمىساق ئەتە مۇئەللىم تىللايدۇ» دەپ. بىر زامانلاردا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئوقتۇرۇشلىرىدا «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ئازلايدۇ، ئىخچاملىشىدۇ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىقتىسادى بېسىمى يەڭگىللىتىلىدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولغان ئىدى. ئاتا- ئانىلارنىڭغۇ يۈكى يەڭگىللىدى، ئوقۇش- تاماق ھەقسىز بولۇپ كەتتى، بىراق شۇ بىچارە بالىلىرىمىزچۇ؟!
ھەر نېمە بولمىسۇن يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى مەركىزى ھۆكۈمىتىمىز، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىقلارنى بىر- بىرلەپ ئوڭشاۋاتىدۇ. شۇ بىچارە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەلىيىمۇ كەپ قالا، شى رەئىسىمىز بۇنىمۇ ئويلىشا، چۈنكى، ئۇنىڭمۇ ھىچ بولمىغاندا نەۋىرىسى باردۇ ئوقۇيدىغان

باھا سۆز

جام ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت. مەن سىزنى كومپىيۇتېر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئويلاپتى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-4 22:38
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 22:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 22:12
ئالامەت ئىسىل تېما بوپتۇغۇ- بۇ!
مەن، گەپنىڭ راستىنى دېس ...

جام ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت. مەن سىزنى كومپىيۇتېر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سىز ئەسلىدە مائارپچى ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 18:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش