| 
 ئۈمىد تېنىقلىرى  
 
ئۈمىدسىز – چۈشكۈنلۈك قېينايدۇ مېنى ، 
خىيال كەپتىرىم ھەر ياققا ئۇچۇپ . 
پۇرسەت دەپ تۇتىمەن ھەر بىر مېنۇتنى ، 
ھاياتىم بېغىغا گۈللەرنى تۇتۇپ . 
 
ئۈمىد – ئارزۇيۇم يۈكسەككە ئۆرلەش ، 
ئەجرىمدىن ھاياتىم بېغىنى گۈللەش . 
بىر ئۆمۈر سەرپ قىپ ئەقىل – زېھنىمنى ، 
ئىجتىھات يولىدا قىلىمەن كۆرەش . 
 
يېڭى كۈن ھاياتنىڭ يېڭى ھالقىسى ، 
چىڭ تۇتساق مەنىلىك ئۆتەر كۈنىمىز . 
ئىرادە سېپىلى قىلايلى ھاسىل ، 
شۇندىلا ھاياتتا ئۇتۇپ ئۆتىمىز . 
 
ھورۇنلار تۇتمايدۇ ۋاقىتنى يولداش ، 
كۆپۈكلۈك خىيالغا بولىدۇ سىرداش . 
ھەمنەپەس بولىدۇ غەيۋەت – شىكايەت ، 
بىكارچى ، غەيۋەتچى بولىدۇ قولداش . 
 
‹‹ تۇنجى باشلىنىش – يېرىم غەلبە ›› دۇر ، 
تاۋلايلى ئىرادە چۈشۈپ چېلىشقا . 
مەغلۇپ بوپ يىقىلساق چېلىشتا ئەگەر ، 
يەنە بىر سىنايلى قايتا ئۇتۇشقا . 
 
پىلانلىق ، نىشانلىق ئۆتەيلى دوستلار ، 
كىتابنى ھەمراھ قىپ يېڭى بىر يىلغا . 
چاڭقىغان دىللارغا زەمزەم قۇيايلى ، 
يېتەكلەپ ئۇلارنى ئېرپان يولىغا .  
 
مەنبە : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 ) 
2015-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى   |