روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1668|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى :سىلەر مىنىڭ ئىلھام قۇشلۇرۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىلەر مىنىڭ ئىلھام قۇشلۇرۇم

تۇرسۇنگۇل ئوسمان (پىغانى)

بوخچاڭلارغا قاچىلاپ قۇياش،
ئۈمۈت بىلەن كەلگەنمۇ يۈدۈپ.
كەچ كىرىشتىن بىزارمۇ سىلەر،
يۈرەمسىلەر قۇياشنى كۈتۈپ.

ئۈمۈت نۇرى چاقنىغان كۆزلەر،
تىكىلمەكتە ھەيرەتتە ماڭا.
قوزغىلىدۇ بالىلىق ھىسلار،
ھەر قارىسام سىلەرگە يانا.

كۆزۈڭلەردىن ئىزدەيمەن ئۈنسىز،
مۇنبىرىمدە تۇرۇپ بالىلىق.
ئارمانلىرىم قاناتلىنىدۇ،
ھەۋەسلەرگە تولار قەلبىم لىق.

ئەتىراپىمدا بولۇپ پەرۋانە،
يۈرۈشكەندە سىلەر ۋىچىرلاپ.
ھىس قىلىمەن ئۆزەمنى شۇ دەم،
بالىلىققا قايىتقاندەك چاغلاپ.

تىكىلگەندە ماڭا دائىملا،
قىرىق جۇپ كۆز ئۈمۈتتە بىقىپ،
كۈۋەجەيدۇ قىززىق قانلىرىم.
تومۇرۇمدا شۇرۇلداپ ئېقىپ،

سىلەر مىنىڭ ئىلھام قۇشلۇرۇم،
ئىجادىمغا ئۇل ھازىرلىغان.
قۇياشىغۇ سىلەر ئەتىنىڭ،
بۇلۇت يېرىپ كۆكتە پارلىغان.

يۈرۈگۈمگە تاتلىق سىزىملار،
تاراپ كىتەر مىھرىڭلار بىلەن.
شام چىراق بوپ يورۇتۇپ دىلنى،
يىتىشتۈرەي غۇنچىلار تىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-1 22:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنگۇل ئوسمان (پىغانى) شىئىرى ياخشى چىقىپتۇ ، يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-2-2 11:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 14:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شئېرىڭىزغا ئاپىرىن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-5-5 05:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش