روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1472|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېشىللىق سۆيگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېشىللىق سۆيگۈسى


چاڭ – توزاننى سۈمۈرۈپ ،
پاكىز قىلدى يېشىللىق .
ھۆسىن قوشتى ئەتراپقا ،
ئادەملەرگە ئىجىللىق .

يېشىللىقتۇر سالقىنلىق ،
يېشىللىقتۇر پاكىزلىق .
يېشىللىق ئۇ زىننەتتۇر ،
بېرەر ئەلگە خۇشاللىق .

يېشىللىقتىن ئايرىلسا ،
ھېچكىم بولماس سالامەت .
يېشىللىقنى سۆيمىسەڭ ،
سەندە بولماس لاياقەت .

دەشت – چۆلنى ، يەرلەرنى ،
ياشارتتى ئەل ، تەر تۆكۈپ .
قاقاس يەرلەر ئۆزگەردى ،
مول ھوسۇل ، ئاشلىق بېرىپ .

كۆچەت تىكىش ئۇلۇغ ئىش ،
نابۇت قىلىش جىنايەت .
قەدىرلىسەڭ ئەمگەكنى ،
ئېلىپ كىلەر سائادەت .

چەيلەپ – دەسسەپ ئاڭسىزلار ،
مەينەت قىلدى ‹‹ يېشىل ›› نى .
پاكىزلىقتىن بۇلغۇنۇپ ،
تۆكتى زېمىن يېشىنى .

قاقاس يەرلەر ئۆزگىرىپ ،
قۇرۇلدى كۆپ ئىمارەت .
تولدى ئەتراپ ‹‹ يېشىل ›› غا ،
ئۆتەر كۈنلەر بەك راھەت ،

چىمنى دەسسىمە دوستۇم ،
بېرەر ئۇ بىزگە راھەت .
ئەل ئالدىدا تەنبىھ يەپ ،
تارتما ھەرگىز خىجالەت .

ئۆز يۇرتۇڭنى ياشارتقىن ! ،
كۆچەت تىكىپ ، گۈل تېرىپ .
يېشىللىققا پۈركەنسۇن ! ،
جۇدۇن كەتسۇن ، توڭ ئېرىپ .

قۇلاڭ سېلىڭ مۇھىتنىڭ ،
چەككەن – ئاھۇ – زارىغا .
يېتىڭ گۈزەل مۇھىتنىڭ ،
قەدرىگە ھەم ھالىغا .

ھەممە بىردەك ئاسرايلى ! ،
يېشىللىقنى دوست تۇتۇپ  .
تەبىئەتنى سۆيەيلى ،
ھەممە بىردەك قول تۇتۇپ .

مەنبە : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 )
2014-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-28 22:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەتنى سۈيۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى. بۇنىڭغا بىزنىڭ ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسى گۇۋاھ . يازمىڭىزدىن سۈيۈندۇم.

باھا سۆز

يازمامغا ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن شئىر يېزىشقا ئەمدىلا كىرشكەن ‹‹ مايسا ›› تەكلىپ - پىكىرىڭل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-28 23:46
يازمامغا ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن شئىر يېزىشقا ئەمدىلا كىرشكەن ‹‹ مايسا ›› تەكلىپ - پىكىرىڭل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-28 23:46
ۋاقتى: 2015-1-28 22:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ بۇ يېقىملىق لېرىكىسى- مۇھىت ئاسراش جەھەتتە ياخشى تەشۋىقات ئەندىزىسى بولالايدىكەن. قەلىمىڭىز يەنىمۇ نۇرلانسۇن.

باھا سۆز

ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-28 23:49
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 23:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 22:08
تەبىئەتنى سۈيۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى. بۇنىڭغا بىزنى ...

يازمامغا ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن شئىر  يېزىشقا ئەمدىلا كىرشكەن ‹‹ مايسا ›› تەكلىپ - پىكىرىڭلارغا تەشنامەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 23:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 22:08
تەبىئەتنى سۈيۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى. بۇنىڭغا بىزنى ...

يازمامغا ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن شئىر  يېزىشقا ئەمدىلا كىرشكەن ‹‹ مايسا ›› تەكلىپ - پىكىرىڭلارغا تەشنامەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 23:49:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 22:25
ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ بۇ يېقىملىق لېرىكىسى- مۇھىت ئاسراش  ...

ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
ياخشىمۇ سىز ئەزھەر ئ‍ەپەندىم،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تىلى بەكمۇ يىنىك يېقىشلىق چىقىپتۇ،،،،،ھارماڭ،،،،،كىيىنكى ئ‍ىجادىيەتلىرىڭىزگە زور ئ‍ۇتۇقلارنى تىلەيمەن ☺!!!!!!

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-29 11:09
رەھمەت سىزگە .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-29 11:09
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 11:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 02:20
ياخشىمۇ سىز ئەزھەر ئ‍ەپەندىم،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تىلى  ...

رەھمەت سىزگە .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 11:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 02:20
ياخشىمۇ سىز ئەزھەر ئ‍ەپەندىم،،،،،شىئ‍ىرىڭىزنىڭ تىلى  ...

رەھمەت سىزگە .
سىزنىڭ باشقا يوللانمىللىرىڭىزنى كۆرگەن. بىراق شېئىر يازغىنىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمەن.  ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللايتىڭىز. بۇنى ئوقۇپمۇ شۇنداق مەمنۇن بولدۇم.  ناھايتى راۋان، يىنىك، يېقىشلىق يېزىپسىز. بەك ياقتۇردۇم. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك، ئۆتكۈر بولسۇن!

باھا سۆز

گەرچە كەسپىم ئەدەبىيات بولمىسىمۇ ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتەك قىزىقىمەن . شىئىرغا بولغان قىزىقىشىم ھەم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-29 19:34

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-1 08:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش