روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1168|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

توردا تۇنۇشقان ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۈتكۈل خىزمەتداشلىرىڭغا چاپلاشقان QQ كېسىلى ساڭىمۇ چاپلاشتى. مانا، ئۆيگە كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن قايتىپ باقمىغىنىڭغا ئۈچ ھەپتە بولغانلىقىغا قارىماي، ئىشتىن چۈشۈپلا يەنە كومپىيۇتېر ئالدىغا كېلىپ مۈكچەيدىڭ. يۈرەكلىرىڭنىڭ ھاياجاندىن دۈپۈلدەك سوقۇۋاتقانلىقى جىددىيلەشكەن چىرايىڭدىن چىقىپ تۇراتتى. تاماكا قالدۇقى بارماقلىرىڭنى قىزىتقاندىلا ئاندىن ئالدىڭدىكى كۈلدانغا مىجىپ باستىڭ-دە، يەنە بىر تال تاماكىنى دورداي كالپۇكلىرىڭغا قىستۇردۇڭ.
****   ****    ****
«تاك...تاك...تاك» QQ ئىشىكى چېكىلدى.
ئالدىراشلىق بىلەن تىزىملىكنى ئاچتىڭ. يەنە شۇ ئۆزىگە «تارىم» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئەكرەم. كەيپىڭ ئۇچقان ھالدا «سۈبھى»گە خەت يېزىشقا باشلىدىڭ:
— يېقىندىن بۇيان تورغا چىقمىدىڭىزغۇ؟
بەش-ئالتە سېكۇنتلاردىن كېيىن ئىنچىكە سىگنال ئاۋازى بىلەن تەڭلا قارشى تەرەپتىن خەت كەلدى.
— شۇنداق، مىجەزىم يوق.
QQ سىگنال كانىيىدىن بىرىنىڭ دوستلۇق تەلەپ قىلىپ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
«شاھ قۇت» دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا يەنە ئەرۋاھىڭ ئۇچتى. «پەرى» نى كۈتۈۋاتقىنىڭغا بىر ھەپتىدىن ئاشتى. ئالدىنقى شەنبە كۈنى كەچتىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچرىتالمىدىڭ.
****   ****    ****
ئۆيگە كىرىپلا ئايالىڭنىڭ مىقتەك قادىلىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆردۈڭ.
— بولدى، بىز ئاجرىشايلى، — دېدى ئۇ بىر پەس سۈكۈتتىن كېيىن.
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۈن-تىنسىز قارىدىڭ. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا «پەرى» بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەكچى بولغىنىڭنى كىم دەپ قويدىكىن تاڭ، شۇنىڭدىن بۇيان ئاراڭلاردا جېدەل قۇرۇمىغانىدى.
— ئاجرىشىپ كېتىشىڭلاردىكى سەۋەب نېمە؟ — دەپ سورىدى نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ئورنىدىكى ئاقپىشماق ئايال.
— QQ — ئايالىڭ زەردە بىلەن جاۋاب بەردى.
ئاجرىشىش جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇۋاتقان چاغدا ھەر ئىككىڭلار كۆزلىرىڭلاردىن سىرغىۋاتقان ياشنى بىر-بىرىڭلاردىن يوشۇرۇپ تەتۈر قارىشىۋالدىڭلار.

ئايالىڭ بىلەن ئاجرىشىپ 18 كۈن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا «پەرى» نى تاپالمىدىڭ. ھەر كۈنى كېچىسى 11-12 لەرگىچە ئۇنى كۈتكىنىڭ كۈتكەن. مەيلى، ئۈچ كۈن بۇرۇن تونۇشقان «ھەمراھ» ئىسىملىك ماۋۇ تورداشمۇ «پەرى» دىن قېلىشمايدىغاندەك تۇراتتى.
«ھەمراھ» قا خەت يېزىشقا باشلىدىڭ.
— قانداق تاماقلارنى ياخشى كۆرىسىز؟
قارشى تەرەپتىن جاۋاب خەت كەلدى.
— قىيمىلىق تاماقلارنى.
بۇ دەل سەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار ئىدى. يەنە خەت يازدىڭ.
— نېمىگە ئۆچ؟
— يۇيۇلمىغان پايپاق پۇرىقىغا.
ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىڭ. خۇداغا شۈكرى، سابىق ئايالىڭنىڭ ھەر خىل چارە-تەدبىرلىرى، پايپاقلىرىڭنى زېرىكمەي يۇيۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە ھازىر پۇتۇڭ پۇرىمايدۇ، يەڭگىل نەپەس ئالدىڭ. قارشى تەرەپتىن خەت كەلدى.
— «قەيسەر يۈرەك» دېگەن فىلىمنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈچ قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.
توۋا، تېخى بىر ئاي ئالدىدا بۇ فىلىمنى بىر كۈندە تەكرار ئۈچ قېتىم كۆرگەنىدىڭ، شۇ كۈنى كاللاڭ گادىرماچ بولۇپ كەتكەن، تېخى ئايالىڭغا باش پېرسوناژنى ئالا-تاغىل دوراپ بەرگەنىدىڭ.
خەت يازدىڭ.
— قىزىقىشىمىز ئوخشايدىكەن.
— ئەلۋەتتە.
— ئىككىمىز چىقىشىپ كېتەلەيمىزمۇ؟
—ئەگەر ماڭا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىزلا.
****   ****    **** 
بۈگۈن «ھەمراھ» بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇڭ، پۈتۈشكەن جايغا يېقىنلاشقانچە يۈرەكلىرىڭ جىددىي سوقۇشقا باشلىدى. كۆز ئالدىڭغا ھەر خىل قىياپەتلەر كېلەتتى. قىزىق، ئۇ ھەتتا بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنى سەن ئەڭ كۆپ كېلىدىغان «ئەتىرگۈل تېز تاماقخانىسى» غا، يەنە كېلىپ 212-ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئىشىكنى ئېچىپلا ھەيرانلىقتىن ئاغزىڭ ئېچىلىپ قالدى. تىلىڭ گەپكە كەلمىدى، ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ئىشىك نومۇرىغا قارىدىڭ، خاتا ئەمەس، دەل 212. ئايالىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا تاماق يېگەن ئايرىمخانا دەل شۇ. مانا، ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلادىكىدەكلا ئايالىڭ قىپقىزىل ئەتىرگۈل رەڭگىدە كۆڭلەك كېيىپ، ھېلىقى چىرايلىق تەبەسسۇمىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ سېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
يەڭگىل باش لىڭشىتىپ سالام قىلغاندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەمشەلگىنىڭدە، ئايالىڭ قولىدىكى ساڭا ئاتاپ ئالغاچ كەلگەن بىر نەچچە جۈپ پايپاق بىلەن ئىچ مايكىنى ساڭا سۇنغاچ:
— ئەگەر ماڭا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىزلا، چوقۇم چىقىشىپ كېتەلەيمىز، — دېدى.
كۆزلىرىڭگە ئىسسىق ياش كەلدى. سوۋغىنى ئالماقچى بولغان قوللىرىڭ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتتى.
مەنبە: شىنخۇا تورى
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
كېيىنكى: روبائىيلار
ئالدىنقى: تۈن خىياللىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى  تىما  ئىكەن  .....!   ئۈندىداردا   ئۇقۇغاندەك  قىلغان ....
ۋاقتى: 2015-1-11 09:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-1-11 10:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇنبەرلەردە ئوقۇغان، ياخشى يېزىلغان ئەسەر .
مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئ‍وقۇغان بۇ ئەسەرنى ،،،،،،دەل ھازىرقى جەمىيەتنى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ ،،،،مۇشۇمداق ياخشى تىمىلار ئ‍ۈزۈلۈپ قالمىسۇن،،،،،ھارماڭ دوستۇم

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-31 19:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش