روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2118|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شامال بولۇپ مەن ....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شامال بولۇپ مەن ....

ئالىمجان ئابدۇرىشىت (شاھ دىل)


شامال بولۇپ مەن
ئەركىن يايلىسام ،
باغلىرىڭ ئارا
گۈللەرنى پۇراپ
شاختىن - شاخلارغا
سەكرەپ ئوينىسام،
ئىتىز قىرىڭغا
باغرىمنى يېقىپ
چۇڭقۇر مىھرىمدە
ئەركىن سويلىسام .

شامال بولۇپ مەن ،
تۇيدۇرماي كىلىپ
رومالىڭ قايرىپ
ئايدەك ھۆسنىڭگە
ئاتەش مىھرىڭگە
قانغۇدەك قانسام .
روجەكلىرىڭدىن -
كۆز قىسسا يۇلتۇز
بۇلۇتنى باشلاپ
كۆزىنى توسۇپ
سۆيگۈڭ يولىدا
پەقەت مەن ئۆزۈم
ئۆزۈملا ماڭسام ،
سۆيگۈڭ يولىدا
ئۆزۈملا قالسام
....................
بۇ يىگىت سۆزى ،
ئەي !
ئۇيغۇرقىزى....!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-3 10:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھدىلنىڭ ئەركىن شېئىرلىرى چۈشىنىپ ئوقۇغان ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئەركىنلىكنى ھىس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە چوڭقۇر مەنالارنىمۇ ئاتا قىلىدۇ. يەنىمۇ ھوسۇللۇق بولۇڭ، قېرىندىشىم.

باھا سۆز

نۇرلان ئۇستازنىڭ باسىدىن شۇنچە خۇشال بولدۇم ، رەھمەت ئۇستازلارنىڭ قوللىغىنىغا !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-3 12:51
شىئېرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر بېرىدىكەن.  شىئېردىكى ئەركىن مىسرالىرىڭىز ، جانلىق ھەم جايىدا ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىز شىئېرىڭىزنى تېخىمۇ يېقىشلىق قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. ياخشى يازمىلارنى كۈتىمىز قېرىندىشىم

باھا سۆز

مەنمۇ چوقۇم تىرىشىمەن ....رەھمەت .....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-3 12:52
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 12:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاھدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 13:02  
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 10:58
شاھدىلنىڭ ئەركىن شېئىرلىرى چۈشىنىپ ئوقۇغان ئادەمگە بى ...


نۇرلان ئۇستازنىڭ باھاسىدىن شۇنچە خۇشال بولدۇم ، رەھمەت ئۇستازلارنىڭ قوللىغىنىغا !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 12:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 11:49
شىئېرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمگە بىر خىل ھۇزۇر بېرىدىكە ...

مەنمۇ چوقۇم تىرىشىمەن ....رەھمەت .....
ۋاقتى: 2015-1-3 13:09:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئرنىڭ تىلى ھەقىقەتەن يېقىشلىق ،ئەركىن چىقىپتۇ .قەلىمىڭىز بەركەت،زېھنىڭىز قۇۋۋەت تاپقاي ...

باھا سۆز

خىرىستال خانىمنىڭ باھاسىدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم .... رەھمەت سىزگە...  ۋاقتى: 2015-1-3 13:22
ۋاقتى: 2015-1-3 13:14:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامال بولۇپ مەن ،
تۇيدۇرماي كىلىپ
رومالىڭ قايرىپ
ئايدەك ھۆسنىڭگە
ئاتەش مىھرىڭگە
قانغۇدەك قانسام .

بۇ مىسرالار ماڭا بەكمۇ ياقتى،،،،ھارماڭ

باھا سۆز

سىزگە يارىغان بولسا شۇنچە خۇشال بولدۇم .....  ۋاقتى: 2015-1-3 13:20

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 22:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش