روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4869|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يامغۇرلار سىرغىدى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يامغۇرلار سىرغىدى...

شاھ دىل


يامغۇرلار سىرغىدى يۈزۈمنى بويلاپ ،
ياشلىرىم قېتىلىپ كەتتى ئۇنىڭغا .
تەلمۈردۈم بەك ئۇزاق ، سىغېنىش بىلەن-
ۋىسالغا تۇتاشقان كىلەر يولۇڭغا .


يامغۇرلار سىرغىدى جىسمىمنى بويلاپ ،
مۇزلىدى تەنلىرىم مۇزلىدى يۈرەك .
ۋىسالنىڭ نۇرلىرى ئۆچكەن خانەمگە ،
قەلبىڭدىن پارلىغان بىر قوياش كىرەك .


2009 - يىلى    قەشقەر
ئالدىنقى: ۋىجدان سورىقى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-1 17:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا  ياخشى يېزىلغان شېئىر. شاھدىل ئەپەندىمنىڭ قەلىمى يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-1 17:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئۇستازنىڭ باھالىرىغىمۇ كۆپ رەھمەت !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تىرشىڭ.
ۋاقتى: 2015-1-1 20:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرچانلىقى كۈچلۇك ھەم بەك ياخشى يېزىپسىز. ئەمما قارىسام شىئرىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەكلا.......ئەگىشىپ يازاي دىسەم كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيۋاتىدۇ. ئەمما بىر كۈنى چۇقۇم يازىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-1 23:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈندۈم .... مەنمۇ ئۇستازلار بىلەن پىكىرداش - سۆھبەتداش بولۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن !
ۋاقتى: 2015-1-1 23:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 20:14
تەسىرچانلىقى كۈچلۇك ھەم بەك ياخشى يېزىپسىز. ئەمما قارى ...

بولسا شۇنداق قىلىڭە ھۆرمەتلىك «نەۋرۇز» ئەپەندىم، قەلىمىڭىزگە ئىنتىزارمەن
مۇشۇ ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى «شاھدىل» قېرىندىشىمىزنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى تېمىسىنى كۆرۈشۈم. مەنمۇ سىزدەكلا ھېس قىلىپ قالدىم، قارىغاندا بۇمۇ بىر شېئىر يېزىشتىكى ئۇسۇلۇبمۇ قانداق: مەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئاخىرىنى سەن چىقار دەپ بىزگە خىتاب قىلىۋاتقاندەك، ئەشۇ يازغان شېئىرلىرىدا ئىپادە قىلىنغان تۇيغۇنىڭ ئىچىگە بىزنى ئىتتىرىپلا تۇرىدىكەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-2 00:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 23:35
بولسا شۇنداق قىلىڭە ھۆرمەتلىك «نەۋرۇز» ئەپەندىم، قەل ...

ھۆرمەتلىك ‹‹جام›› ئەپەندى قەلىمىڭىز ئارقىلىق ھىسلىرىمنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغۇم بار ، ‹‹نەۋرۇز››ئەپەندى بىلەن ئىككىڭلار بىر چۈشۈرۈپ بىرىڭلار ....
مەن ئەگىشىپ باقايمۇ،،،،،،
ۋاقتى: 2015-1-2 11:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 23:35
بولسا شۇنداق قىلىڭە ھۆرمەتلىك «نەۋرۇز» ئەپەندىم، قەل ...

بەزىدە قەلەم مىنى راستىنلا قىيناپ قويىدۇ جام ئەپەندى. يەنىلا سادىق ئوقۇرمەن بولۇشمۇ بىر خىل ھۇزۇر. تېما ئىگىسى ئۆزى بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۈرۈپ داۋاملاشتۇرسا ۋە ياكى باشقا شائىرلار داۋاملاشتۇرسا ئاندىن بىر نىمە دەرمىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 02:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش