روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‏قارنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏قارنىڭ ھېكايىسى
‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)

لەپىلدەپ چۈشكەن قار ‏ئۇرۇلۇپ ‏ئاچچىق،
سۆزلەيدۇ زېمىنغا ئۈنسىز ھېكايە.
قايىتتىم مەن قار دەسسەپ مۇڭلۇق ‏ئېسەدەپ،
يەنىلا سۈيۈملۈك قانلىق قەبرەمگە.

قار ياققان كېچىدە چۈچۈپ ‏ئويغۇنۇپ،
مۇقەددەس ‏ئازاپتا ‏ئەسلىدىم سىنى.
سەن مىنى ‏ئۇنۇتقان ‏ئاشۇ دەقىقە،
بۇ سەۋدا يۈرەكتە نە قىلسۇن سەبرى.

تەقدىرنىڭ كۈزىدىن ‏ئۇزىغان بۇ كەچ،
قار يېغىپ زىمىننى ‏قوينىغا ‏ئالدى.
‏ئۈلۈممۇ ‏ئاسۇقنى قىلغاندا مازاق،
سىمايىڭ ‏ئەشەددى قىينىدى جاننى.

‏ئاپ‏ئاق قار ‏ئىچىدە بىر ‏ئوت بار بىر ‏ئوت،
تۇنجى رەت خەير-خوش دىدىم ‏ئۆزۈمگە.
‏ئازاپنى يېشىمغا مىلەپ يىمەكچى،
‏مەن شۇنداق بەك ‏ئامراق قار ياققان كەچكە.

2014-يىلى 11-دېكابىر ‏ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-11 16:03:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-12-11 16:33:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئاقسۇ شەھىرىدىمۇ قار ياغقان ئوخشىمامدۇ؟
بىز تەرەپتىمۇ خېلىلا يىغىپ قويدى ئۈچ كۈندىن بېرى
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-11 16:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئاقسۇ شەھىرىدىمۇ قار ياغقان ئوخشىمامدۇ؟
بىز تەرەپتىمۇ خېلىلا يىغىپ قويدى ئۈچ كۈندىن بېرى
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە.
تېلفۇنىڭنى ‏ئىتىۋاپسىغۇ؟
گېپىم قالدى يەنە ‏ئەتىگە.

قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
سەن كەتكەندە پېشىڭنى قېقىپ.
سېغىنغاندا بىلىمەن سىنى،
ھە!‏ئاشۇنداق بولىسەن كەيىپ.

قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
دەرىزەڭگە چۈشسە ‏ئاق ‏ئاپپاق.
تېلفۇنۇڭنى ھەر بىر ‏ئاچقاندا،
يۈرۈكۈڭدىن مىنى سوراپ باق.....
قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە.
تېلفۇنىڭنى ‏ئىتىۋاپسىغۇ؟
گېپىم قالدى يەنە ‏ئەتىگە.

قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
سەن كەتكەندە پېشىڭنى قېقىپ.
سېغىنغاندا بىلىمەن سىنى،
ھە!‏ئاشۇنداق بولىسەن كەيىپ.

قار يېغىشنى تىلىدىم بۈگۈن،
دەرىزەڭگە چۈشسە ‏ئاق ‏ئاپپاق.
تېلفۇنۇڭنى ھەر بىر ‏ئاچقاندا،
يۈرۈكۈڭدىن مىنى سوراپ باق.....
ۋاقتى: 2014-12-11 18:16:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا قارغا ئامراق مەنلا ئەمەسكەنمەن. 6-قەۋەتتىكى شېئىرىڭىزدىكى «سېغىنغاندا بىلىمەن سېنى، ھە! ئاشۇنداق بولىسەن كەيپ.» دېگەن مىسرالار بەك تاتلىق چىقىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 02:04  

‏قار چۈشسە يۇزۇمگە ‏ئۇرۇلۇپ ‏ئاچچىق,
سەزدىمكى بەك سوغاق بۇ يىل كەلگەن قىش .
قول ‏ئاسان توڭلايدۇ بۇنداق سوغاقتا,
بەكمۇ تەس سۆيگەننى چۈشىنىپ يىتىش.
پاھ پاھ....نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئىلھامى تازا تۇتۇپتۇ بۇ قاردا. بىزنىڭمۇ بۇ تەرەپتە نەچچە كۈن بولدى قار يېغىپ، توختاپ، يەنب يېغىپ تۇرۋاتقىلى. يېقىندىن بېرى يېزىلغان بۇ بىر نەچچە پارچە شېئىرىڭىزدا "قەبرە" ،" قان" لا دەيسىزغۇ.  ھەممىسى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.  ئەگىشەي دەپ ئەگىشىپ بولالمايدىكەنمەن بىراق. يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 10:47
پاھ پاھ....نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئىلھامى تازا تۇتۇپتۇ بۇ ق ...

شائىرە ئايشەمگۈلنىڭ يازمامنى ئوقۇپ قىممەتلىك ئىنكاس قالدۇرغىنىدىن سۈيۈندۈم. يازمىللىرىمدىكى «قەبرە»،«ئۈلۈم»،«قان».....لارغا مەن «ھايات قىسمىتى1» نامىدىكى شىئېرىمنىڭ ئىكاس قىسمىدا چۈشەنچە بەرگەن. ۋاختىڭىز يەتسە كۈرۈپ باقارسىز. رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 14:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش