روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2016|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانام مىنى تۇغقان شۇ كۈنۈڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 08:54  


ئانام مىنى تۇغقان شۇ كۈنۈڭ
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)

بۇ شىئىرىمنى ماڭا ھەر جەھەتتىن ھەم ئانا ھەم ئۇستاز بولغان مەڭگۈلۈك يۈلەنچۇكۇم مىھرىبان ئاپام مەريەم مۇھەممەتنىڭ مىنى تۇغقان كۈنىگە بېغىشلايمەن ،،،،،

ئىڭە !!!دەپ قوڭغۇراق چېلىنغان شۇ دەم،
جان ئانا يېنىدىن قوغلاندى شەيتان.
ئۇ كۈنى ئەزرائىل كەتتى قۇرۇق قول،
ئوت كەتكەن بىر غاردىن چىقىپ پەرىشان.

توققۇز ئاي توققۇز كۈن تۇلىمۇ ئۇزاق،
تۇلىمۇ تاتلىق بىر خىيال ئىلكىدە.
چانىقىڭ ياش ئەمما روھىڭدا جەننەت،
جان ئانام شاتلىقتا ياش تۆككەن كىچە.

شەيتانغا ھاياتىڭ بوپ قالغاندا زىت،
شەپقەتسىز بىر راھەت قىينار تىنىڭنى.
ئوغۇزخان پۇشتىدىن كەلدى بىر سادا،
كۈتۈرۇپ ئۈلۈمنىڭ ،
                            ئۈلۈم خېتىنى.

مەن شۇنداق تۇغۇلدۇم قارشى ئۈلۈمگە،
جۇدۇندا قانلىرىم كەتمەيدۇ سوۋۇپ.
جان ئانا سەن مىنى تۇغقان شۇ كۈنۈڭ،
تارىمنىڭ يۈرىكى ياندى ئوت بۇلۇپ.

2014-يىلى27-ئۆكتەبىر
ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا (قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +13 تەڭگە +6 يىغىش سەۋەبى
توغرۇل + 13 + 6 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-4 13:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-4 13:47:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى باھانىسىدە ئاپام بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغىنىمغا ئۈچ كۈن بولۇپ كەتكىنى يادىمغا كېلىپ قالدى.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-4 16:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانلارنى قانچە ماختاپ  ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەرسەكمۇ ئۇلارنىڭ ئەجرنى قايتۇرۇپ بوللالمايمىز. رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى شىئرنى يىزپسىز رەھمەت سىزگە.
ياخشى يېزىپسىز،رەھمەت
ۋاقتى: 2014-12-5 22:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىڭىز ھەققىدىكى بۇ شىئىرىڭىز بىلەن بىزمۇ ھۇشىمىزغا كەلدۇق،،،ئانىلار ياشىسۇن،،،،ھەممىمىز بۇ  ھەپتىدىكى دەم ئېلىشنى شۇ مىھرىبان ئانىلىرىمىز بىلەن ئۆتكۇزەيلى،،،،ئەلۋەتتە دادىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى     يەنىمۇ نادىر تىمىلىرىڭىز بارلىققا كەلسۇن،،،،،سىزدەك بىر ئىسىل پەرزەنىتنى تۇغۇپ تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان شۇ ئاپىمىزنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولسۇن،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ياخشى يېزىپسىز،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-12-7 04:22:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 04:33  

ھەقىقىي بىر ياخشى شېئىر، ياخشى كۈيلەرنىڭ باشلامچىسى!
بىز ئەتراپىمىزدىكى كۆپىنچىلەرنىڭ ھەرخىل شەكىلدە «توغۇلغان كۈن خاتىرىسى» ئۆتكۈزۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلار ئۆزلىرى (دوست- يارەنلىرى) نىڭ شۇ «توغۇلغان كۈنى» نى قىقاس چوقان ئىچىدە تەبرىكلىشىدۇ، ئەشۇ تەبرىك سورۇنىدىن يىراق بىر پىنھان بولۇڭدا ئەشۇ «توغۇلغان كۈن» شادلىقىدىن مۇستەسنا بىر ئانا غېرىبانە ھالدا مەيۈسلىنىپ ئولتۇرىدۇ؛ ياق! مەيۈسلەنمەيدۇ، ئەكسىچە ئەشۇ پەرزەنتىنىڭ شۇ قۇتلۇق كۈنىنى ئۈنسىز- تەمەسىز تەبرىكلەيدۇ، شۇ بىغۇبار ئاق ھەم پاك كۆڭلىدە ئەشۇ يۈرەك پارىسىنىڭ يەنە سانسىزلىغان «توغۇلغان كۈنى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ- تېلەيدۇ. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! ئەشۇ «توغۇلغان كۈنى» نىڭ شادلىقىدا مەستخۇش بولغان ئەشۇ ئىنسان ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان شۇ ئانىسىنىڭ قېشىدا ئەشۇ كۈنلىرىنىڭ بىرەرىدە «ئانا، سىز مىنى ئاچچىق تولغاق يەپ، ئۆلۈم چەمبىرىكى ئىچىدىن مىڭ مۇشەقەتتە سىلكىنىپ چىقىپ ئاپىرىدە قىلدىڭىز، ‹تۇغقان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن›» دەپ قانچە قېتىم تەبرىكلىگەن بولغىيتى؟!
ھەي، ئويلاپ باقسام، راستىمنى دېگەندە مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ، شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭمۇ بىرەر قېتىم «ئاپا، مىنى تۇغقان كۈنىڭىزگە ئاپىرىن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ» دەپ تەبرىكلەپ باقماپتىمەن (گەرچە مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ چاغقىچە توغۇلغان كۈنۈمنى بەك كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەبرىكلەپ باقمىغان بولساممۇ، كۆڭلۈمدە ئاپامنىڭ مىنى بۇ گۈزەل ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغىنىدىن چەكسىز شادلانغان بولساممۇ). شۇڭا بەلكىم بۇنداق ئىنكاس سۆزلىرىنى يېزىشقىمۇ لايىق كەلمەستىمەن. ئەمما، ھازىر بولسىمۇ، شۇلارنىڭ ئۆمرىدە (بىزنىڭ ئۆمرىمىزدە) بىرەر قېتىم بولسىمۇ مۇشۇ سۆزنى دەپ بېقىشىمىز، ئانىلىلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى پەقەت ناخشا- قوشاقلار بىلەن ئەمەس، ھەقىقىي ۋاپا- ساداقەتلىك ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن بىلدۈرۈپ، شۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا، بىزگە قىلغان ئەجرىگە شۇنچىلىك بولسىمۇ ھەشقاللا ئېيتىشقا تىرىشىپ بېقىشىمىز كېرەك.

باھا سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جام ئەپەندى. بۈگۈن يوللانغان تېمىللرىمنى ۋە بېرىلگەن ئىنكاسلارنى قايتا كۈرۋېتىپ بۇ ئىنكا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-8 00:24
ۋاقتى: 2014-12-7 13:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسسىياتىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-8 00:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 04:22
ھەقىقىي بىر ياخشى شېئىر، ياخشى كۈيلەرنىڭ باشلامچىسى!
ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جام ئەپەندى. بۈگۈن يوللانغان تېمىللرىمنى ۋە بېرىلگەن ئىنكاسلارنى قايتا كۈرۋېتىپ بۇ ئىنكاسىڭىزنى قايتا ئۇقۇپ مۇشۇنداق ئاقىللارچە قالدۇرۇلغان ئىنكاسقا جاۋاپ يازمىغىنىمنىڭ بەكلا ھۆرمەتسىزلىك بولغىننى ھېس قىلىپ تولىمۇ خىجىل بولدۇم. نۇرغۇن شىئېرلارنى يېزىپتىمەن. تورغا ۋە ياكى گېزىت ژورناللارغا بېرىپ مۇنداقلا قالدۇررۇلغان ۋەزىپىلىك ئىنكاسلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. ئەمما سىزدەك ئەستايىدىللىق ھەم مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئىنكاس يازدىغانلار، ئەسەرلىرىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوقۇيىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەسەرلىرىمنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى ھەم مەسلەكدىشىم بولغان جام ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت. سالامەت بولۇڭ،.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 05:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش