ئۇچۇپ ئۇچۇپ چۇشىۋاتىمەن،
تۇتاي دەپمۇ تۇتالمايۋاتمەن.
ئاستى چوڭقۇر قاپ قارا جىلغا،
چۇشۇپ كىتشمىدىن ئەنسىرەۋاتمەن.
ئۇچۇپ ئۇچۇپ چۇشىۋاتىمەن،
يەر تەكتىگە چۆكىۋاتىمەن.
ھىچكىم يوق قۇتقۇزۇشقىمۇ،
يۇلقىنجىيمەن تىپىرلايمەن ۋاقرايمەن.
ئۇچۇپ ئۇچۇپ چۇشىۋاتىمەن،
ساق چۇشۇشنى تىلەۋاتىمەن.
بىر چارە يوق ھايات قىلشقا،
ماجالىم يوق قىلىشقا ئامان.
ئۇچۇپ ئۇچۇپ چۇشىۋاتىمەن،
يىراق يىراق جايغا كىتىۋاتىمەن.
چاقىرسا ئاڭلىماس تىلفۇنمۇ بارماس،
شۇنداق يىراققا كىتىۋاتىمەن.
تىرىڭ-تىرىڭ چىقىراق ئاۋاز،
چىقتى قايدىن بىلمەيلا قالدىم.
قىمرلاپ يۇلقىنىپ كۆزۇمنى ئاچتىم،
ئوف دىدىم ئورنىمدىن تۇردۇم.
سائەت جىرىڭلاپ ئويغاتمىغاندا،
باراتتىم مەن نەگە بەلكى باقىغا.
شۇكرى يۇزمىڭ شۇكرى ئاللاغا،
مەن تىخى ھاياتكەنمەن راسلا.
شۇنداق ئۇخلاپ قوپالماي قالسام،
قالۇر دوس يارەنلەر بەلكى ھەيرەتتە.
چۇش كۆرۇپ چۇشۇم تۇگمەي قالسا،
ئەلۋىدا دەۋالاي چۇش كۆرمىگەندە. |