روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 11542|ئىنكاس: 18
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

  ئوقۇتقۇچىلار كېچىلىرى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان بولدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-15 14:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                      ئوقۇتقۇچىلار كېچىلىرى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان بولدى
; _7 p: T& D1 J. \$ A* E5 _7 \& o* S4 X# ?) T) u$ V0 A4 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە راسخوت ياردىمى بېرىلىدۇ.1 q; J- J# V3 M3 g, o, Q! Q3 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

3 `, O/ d3 O+ s: Q) a* d& Q      مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن راسخوت ياردىمى بېرىدىغان بولۇپ، ياردەم قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان، كەلپىن، ئاۋات قاتارلىق ناھىيەلىرى دائىرىسىدە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ رايونلاردىكى ھەربىر مەكتەپكە تۆت ئامانلىق قوغدىغۇچى ھېسابىدا راسخوت ياردىمى بېرىدىغان بولۇپ، ھەربىر ئامانلىق قوغدىغۇچىغا بېرىلىدىغان بىر يىللىق تولۇقلىما 15 مىڭ 750 يۈەن بولىدىكەن. راسخوت ياردىمىگە كېتىدىغان خىراجەتنى ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىكەن.5 V- \$ [' l  K+ M; M0 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

5 I- i# d: x/ @# k; u, ^      ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىكەن. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىق قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۈرلۈك مائارىپ مەبلەغلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم ئىكەن.

2 W" [) r# `' S& G" k+ w# C- y' t
) z$ B) t( `8 F# n                                             (شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-15 14:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ تۈزۈممۇ تازا ياخشى ئەمەلىيلەشمەيدىغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2014-11-15 14:31:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپ چىقىپ بۇ يەردە قوشلاپ باقىدىغان بولۇپ كەتتۇققۇ ئەمدى.
ۋاقتى: 2014-11-15 16:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپ ئاشۇ گېزىت يۈزىدە ئەمىلىيلىشەرمىكىن جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-11-15 18:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈزۈملەر قاچانغىچە ئەمەلىيلىشىدۇ ، بۇنى ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ .
ۋاقتى: 2014-11-15 18:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ يەردە مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ھازىرچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى.
ۋاقتى: 2014-11-15 18:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن يانفۇن گېزىتىدىن كۆرگەن
مەنمۇ باشقا تور بەت ۋە يانفۇن گېزىتىدىن كۆرگەن ئىدىم بۇ خەۋەرنى. ئەمەلىيلىشىشىگە قانچىلىك ۋاقىت كىتەركىن تاڭ؟!
ۋاقتى: 2014-11-16 00:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويچە ناھىيە مەركىزىدىن 12 كېلومېتىر يىراقلىئىقتىكى بىر يېزىدا چېنىقىۋاتىمەن. ئەسلىدىكى 4 نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى 2 نەپەرگە قىسقارتىلدى. شۇڭا دەيمەنغۇ؟
قىسمەن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتچىلىكنى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ بۆيۈك مەسئۇلىيىتى. بىز دەرىس ئۆتۈپ چارچىدۇق. دەپ قاراپ. نۆۋەتچىلىكتە تۇرمايۋاتىدۇ. ياكى قايىل بولمايۋاتىدۇ. شۇنۇڭ بىلەن بارلىق يۈك ھېلقى ئايدا 1000 يۈەن ئالدىغان ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ زىممىسىدە. مەكتەپمۇ. ئوقۇتقۇچلىلارنى نوۋەتچلىككە تىزىپ قويدۇ. بىراق سۈربشتىسىنى قىلمايدۇ. سۈرۈشتىنى ئامانلىق ساقلىغۇچىدىن قىلدۇ... ھېلىقى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ مەكتەپتىن پەقەت ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ. ئۇنۇڭ ئۆيىدە ئاچ ياتقان بالا چاقىلىرى ئۇنۇڭغا روھى بېسىم بولۇپ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش