روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4806|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۈيۈك ئالىم، داڭلىق تېبابەتشۇناس − ئەبۇ نەسىر فارابى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-22 21:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 22:03  
" O# z) D% A2 _' B. L! b/ h3 b3 `( q+ B$ @8 I0 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈيۈك ئالىم، داڭلىق تېبابەتشۇناس − ئەبۇ نەسىر فارابى' d5 X( l5 o6 T" @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان فارابى (870 − 950) مىلادىيە 870 − يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب − ئوترار − جەۋھەر شەھىرىنىڭ ۋاسىچ ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز − توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىستېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 10 − ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىدى، ئۇ ئاساسلىق شەھەرلەرنى كۆردى. ئۇيغۇر − تۈركىي تىل − ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى، جۈملىدىن پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىدى. 30 ياشتىن ھالقىغاندا ئەينى زامان ئىسلام شەرقىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداد شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە باغدادتا ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىۋالدى. مەشھۇر خرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى. كېيىن ھەرران شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خرىستىئان ئالىمى، ئارىستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننابىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيىۋىي تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى.
4 [! |, ^, B' Y4 A' v4 v+ W
- R+ k6 C. H/ z! `# @9 b9 U# r; o; I( Q6 s4 F; Y9 C; Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" J+ f! x! }; a7 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فارابى ناسىر ئىبىن ئەخمەت (914− 943) زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا بىر قېتىم كېلىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ يەردە قالالماي ئوتتۇرا يېقىن شەرققە قايتىپ كەتتى. ئۇ ناسىر ئىبىن ئەخمەتكە «ئەتتەلىم ئەسسانى» (ئىككىنچى تەلىمات) ناملىق كىتاب سوۋغا قىلدى ۋە «ئىككىنچى ئۇستاز» دېگەن ھۈرمەتلىك نامغا ئىگە بولدى. فارابى خەلىپە مۇقتەدىر (908−923) دىن باشلانغان ۋە بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەن دىنىي ئەسەبىيلىك تۈپەيلى شىمالىي سۈرىيە ھەمەدان خانلىقىغا سۇلتان سەيپۇد − دەۋلە ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى. بۇ چاغدا شەرقنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلىرى − مۇتەنەببى (915− 965)، ئەبۇ پىراس (923 − 968)، مۇئەررى (937 − 1057) قاتارلىقلار سەيپۇد − دەۋلە سارىيىغا توپلانغانىدى. فارابى سەرگەردان قىياپەتتە، تۈركىي لىباستا سەيپۇد − دەۋلە ئالدىغا كىرىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ كىملىكىنى ساراي ئەھلى بىلمىگەن بولسىمۇ، ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ۋە مۇزىكا ماھارىتى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى تونىدى ۋە ئۇنىڭغا دۆلەت ئۇستازى سۈپىتىدە ھۈرمەت بىلدۈردى. ئۇ ھەلەب، دەمەشق، مىسىرغا بېرىپ ئىلمىي لېكسىيىلەر سۆزلىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارىستوتىلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى.فارابى ھىجرىيىنىڭ 339 − يىلى (مىلادىيىنىڭ 950 − يىلى)، ماھى رەجەپ (دېكابر)  ئېيىدا سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە قىلىش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى سەيپۇد − دەۋلە باشلىق كىشىلەر دەمەشق شەھىرىنىڭ «بەبەس  سەغىر» ناملىق كىچىك سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى، فارابى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتىسىز ئىدى.% \$ Q/ z, S- f' iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل بىلىش تارىخىدا پەن − مەدەنىيەت، پەلسەپە، مۇزىكىشۇناسلىق، تېبابەتشۇناسلىق، ماتېماتىكا، لوگىكا، مېخانىكا، ئېستېتىكا… قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يېزىپ كېينىكىلەرگە قالدۇرغان، ئىسائاك نيوتۇننىڭ پۈتكۈل ئالەملىك تارتىشىش نەزەرىيىسىدىن 700 يىل بۇرۇن مەزكۇر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىتالىيە ئالىملىرىدىن گالىلېي بىلەن تور چېللى ئاتموسفېرالىق بېسىم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن 700 يىل بۇرۇن مەزكۇر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان «شەرقنىڭ ئەڭ ئالىي پەيلاسوپى ۋە ئارىستوتىلچىسى» ئاتاقلىق ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ئىلىم − پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە مۇكەممەل بىلىم ئىگىلەش مەقسىتىدە بارلىق زېھنىنى تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئىگىلەشكە قاراتقان بولۇپ، باغداد، ھىرات قاتارلىق ئىلىم − پەن مەركەزلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد ئەتتى) تۈركىيە ئالىمى ئەخمەت ئاتەش ئۆزىنىڭ «فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق كىتابىدا فارابىنىڭ 160 پارچە ئەسىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسەتكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەشرەپ ئابدۇللا ئۆزىنىڭ «ئەبۇ نەسىر فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيىسى» ناملىق ماقالىسىدە فارابىنىڭ 120 پارچە ئەسىرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسەتكەن. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» ناملىق كىتابتا «ئۇنىڭ 300 پارچىگە يېقىن ئەسىرى ئىلىم − پەن دۇنياسىغا تارقالدى» دېيىلگەن). ئۇ مەشھۇر خرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر ئىبنى يۇنۇستىن تېبابەتچىلىك ئىلىمىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىلىمگە ئاتالغان ھاياتىنىڭ بىر قىسىمىنى تېبابەتچىلىك ئىلىمىنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىپ، بۇ ساھەدىمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە يازغان ئەسەرلىرىدىن مۇھىملىرى: «تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقلۇقى ھەققىدە» ، «پەسىل ۋە ھاۋا كېلىمات توغرىسىدا»، «ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مەۋجۇداتلار توغرىسىدا» (ئەلمەۋجۇداتۇل مۇتەغەييىرە)، «ئادەم ئورگانىزمى ھەققىدە ماقالە» (كالام ئەزائىل ئىنسان)، «ھايۋان ئورگانىزمى ھەققىدە ماقالە» (كالام ئەزائىل ھەيۋان)، «روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە رىسالە» (رىسالەئى ماھىيەتى نەفەس)، «روھ ۋە پسىخولوگىيە ھەققىدە» (ماقالىتەيىن نەفسىي)، «ئۆمۈرى تەبىئىييە»، «ھېس ۋە ئىدراك قىلىش ھەققىدە» (كىتابۇل ھېس ئىداراك)، «پىكىر قىلىش، ئەقىل − ئىداراك ۋە ئۇنىڭ تاكامۇللىنىشى» ، «ئادەم ئۇخلىغاندا چۈش كۆرۈش ھەققىدە» ، «ساراڭلىق ھەققىدە كىتاب» (كىتابۇل جۇنۇن)، «ئادەم نېمە ئۈچۈن خاتالىشىدۇ؟» (لىمازا يەختئول ئىنسان)، «چوڭ ئەقىل» (ئەلئەقلۇل كەبىر)، «ھېكمەت گۆھەرلىرى ھەققىدە رىسالىلەر» (رىسالەت فۇسۇسىل ھەكىم)، «مەسىلىلەر بۇلاقلىرى» (ئويۇنۇل ماسائىل)، «ئەقسائىل ئۇلۇم»، «مەنانى ئەقىل»، «ئىسكەندەر ئەل ئەفرۇدىسنىڭ نەفىس − جان (روھ) ھەققىدىكى ماقالىسىگە شەرھى» (شەرھى ماقالەتۇل ئىسكەندەر ئەفرودىسى فىننە پىس)، «ئەقىل توغرىسىدا بۈيۈك كىتاب» (كىتاب فى ئەل − ئەقىل كەبىر)، «ئەقىل توغرىسىدا كىچىك كىتاب» (كىتاب فى ئەل − ئەقىل سەغىر)، «تەبىئەتشۇناسلار سۆزلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆزگىرىشچان مەۋجۇدات ھەققىدە سۆز» (كىتاب ئەل مەۋجۇدات ئەل − مۇتەغەييىرە ئەل − مەۋجۇت بى ئەل كەلام ئەت تەبىئى)، «چۈش ھەققىدە ئەبە نەسىرنىڭ سۆزى» (كەلام لەھۇفى ئەر − رۇيا)، «چەكلىك ۋە چەكسىز قۇۋۋەتلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتاب» (كىتاب فى ئەل − قۇۋۋە ئەل − مۇتەباھىيە ۋە غەير ئەل مۇتەناھىيە) «خىمىيە سانائىتىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە بۇ سانائەتنى يوققا چىقارغۇچىلارغا رەدىيە» (مەقالەئى ۋۇجۇبى سانائەت كىميا ۋە ئەر − رەدد ئەلا ئەل − مۇبىتەلىھا)، «تەبىئەت ۋە شەيئىنىڭ ئەسلى ۋۇجۇد ۋە ماھىيىتى ھەققىدە» (كەلام ئەملا ئەلا سايلىن سەلاھۈ ئەن مەنا زات ۋە مەنا جەۋھەر ۋە مەنا تەبىئە)، «نەفىس − روھ − جاننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە رىسالە» (رسالەفى ماھىيەت ئەن − نەفىس)، «گالېننىڭ ئادەم ئورگانىزمى ھەققىدە ئارىستوتېلغا بىلدۈرگەن ئېتىرازىغا رەدىيە» قاتارلىق 82 پارچە ئەسىرى بار.فارابى تېبابەتچىلىك ئىلىمىنى نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. ئۇ ئەمەلىي تېبابەتچىلىك بىۋاسىتە شەخسنىڭ كېسەللىكىنى داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرلۇق سەنئىتىنىڭ مەقسىتى − كېسەللىك تۈرلىرىگە قارىمۇ − قارشى ساغلاملىق تۈرلىرىدىن ئىبارەت… تېبابەتچىلىكنىڭ قۇرالى ئۇزۇقلاندۇرۇش، دورىگەرلىك، يېرىپ داۋالاش ۋە باشقىلار ھېسابلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە «ئىنسان ئورگانىزمى ھەققىدە رىسالە» ناملىق ئەسىرىدە ئادەم بەدىنىنى كېسەللىكتىن ئاسراپ قېلىش ئۈچۈن دوختۇرلارغا «ئادەم ئورگانلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش؛ بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىق ھالىتىنى، ئۇنىڭ نورمال ۋە غەيرىي نورماللىق ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش؛ ساغلام ھالەت ۋە كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەندە ۋە ھەرقايسى ئورگانلاردىكى ئىپادىلىرىنى تەتقىق قىلىش؛ ھەرقايسى دورا − دەرمانلارنى، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى، دوختۇرلۇقتا قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىلەر ۋە ئەسۋابلارنى بىلىش؛ ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ھەرىكەت − مەشغۇلىيەت قائىدىلىرىنى بىلىش لازىم.» دېگەن تەلەپلەرنى تەۋسىيە قىلغان.
  J0 e! ~3 n$ fفارابى تېبابەتچىلىككە ئائىت يازغان مەخسۇس ئەسەرلىرىدە يۇقىرىقىدەك تېبابەتچىلىك نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم كېسەللىكلەر ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ، سەۋەبى ئېنىقلانمىغان بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خېلىلا ئىشەنچىلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. زېھنى ئېلىشىش ياكى ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل روھىي كېسەللىك بولۇپ، فارابى بۇ خىل كېسەللىك ھەققىدە ئۆزىنىڭ «مەدەنيەتۇل فازىلە، ۋەل مەدەنيەتۇل فاسىقە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق يەردە توغرا مۇۋاپىق ھەل بولالماسلىقى، ئىنسانىيەت ئەقلى ۋە زېھنىي ئەينىكىنىڭ ئۆز تەبىئىي يارىلىشى بويىچە تەرەققىي قىلىش شارائىتىگە ئىگە بولالماي، ھەرخىل ناتوغرا چۈشەنچىلەر بىلەن دۇغلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە تاشقى شەيئىلەرنى ئۆز ھەقىقىي، ئۆز ئەينى ياكى ئۆز قىياپىتى بويىچە ئىدراك قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئىنسان تۇغۇلۇپ 15 − 16 ياشقا كىرگىچە ئۇنىڭ ھېسسىياتى غالىب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى بىرەر ئوي − پىكىر ۋە ھەرخىل خام خىياللار ۋە راست خىياللاردىن خالىي بولالمايدۇ. 18 ياشتىن 28 − 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ياشلاردا ئىسيانكارلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك روھى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ زېھنىگە ھەر سائەت، ھەر مىنوت ھەرخىل ئوي − خىياللار ۋە خۇراپىي پىكىرلەرمۇ كېلىدۇ ۋە توغرا ھەقىقەت بولمىغان ھەرخىل خاتا سېزىم، خام خىياللار ۋە خۇراپىي پىكىرلەرمۇ كېلىدۇ ۋە توغرا ھەقىقەت پىكىرلەرمۇ كېلىدۇ. بەزى ئادەملەر كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ، ھەقىقىي پىكىرلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە تەبىئىي مەنتىقى كۆز قاراشلار بىلەن تەربىيىلەنگەن بولىدۇ. بەزىلەر ساختا پىكىرلەرنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ، بۇ ئىككى خىل زېھىن ھادىسىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ئىنسانلار ئارىسىدا ياكى شەخس ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلىرىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەش ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە.»
( Y  t1 V/ s4 @+ ?$ r/ @0 gفارابىنىڭ «كىتابۇل ئەقلى كەبىر ۋە سەغىر» (چوڭ ئەقىل ۋە كىچىك ئەقىل)، «كىتابۇل جۇنۇن» (ساراڭلىق ھەققىدە)، «كىتابۇل روئيا» (چۈش ھەققىدە)، «كىتابۇل فى نەپسى ئىنسان» (ئىنسان زېھنى) دېگەن كىتابلىرىدا روھىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى، ئالامەت، داۋالاش چارىلىرى… قاتارلىقلار ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىۋىپلىرى پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا مۇتەپەككۇرلىرى خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا روھ، ئەقىل − پاراسەت ھەققىدە ئىزدەنگەن بولۇپ، بۇ خىل تارىخىي ئىزچىلىققا فارابىمۇ يېقىندىن ماسلاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەلئەقىل كەبىر» (چوڭ ئەقىل) كەبى كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە ئەقىل ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بەرگەن بولسا، «رىسالەئى ماھىيەت ئەل − نەفىس» (نەفىس − روھ − جاننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە رىسالە)، «فەلسەفەتۇ ئەرىستۇتالىس» (ئەرەستۇ فەلسەفەسى) … دېگەندەك ئەسەرلىرىدە روھ ھەققىدە خېلى كۆپلىگەن بىلىملەرنى تەقدىم ئەتكەن. بۇ «فەلسەفەتۇ ئەرستۇتالىس» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:6 r2 w) @7 s8 y0 H' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«ئەگەر ئىنسان خەير-خاھلىق، گۈزەللىك، ئالىيجاناپلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىققا باشقا ئادەملەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزى ۋە ئۆز روھى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇد نەرسە ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بولسا، ئۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ خەير-خاھلىق ۋە كامالەتكە ئېرىشىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم سەزمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ روھى ئۇلۇغۋار ۋە ئالىيجاناپ بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم بۇ پەزىلەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئادەم مەلۇم بىر دەرىجىدە شۇ خەيرخاھلىقلارنى ئۇنىڭغا خەلق بەخشەندە قىلغان، دەپ ئويلايدۇ ياكى ئۆزىدىكى پەزىلەتلەرنىڭ بەر كاماللىقى، ئۇلۇغۋارلىقى ۋە ئالقىشىغا سازاۋەرلىكىگە، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئادەملەر ئېرىشەلمەيدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان خەير-خاھلىقلارغا ئېرىشكىنىگە خەلق سەۋەبچى دەپ ئويلايدۇ». «روھىي ھەقىقەتلەرگە ئېرىشىشتە نېمىلەرگە ئىنتىلىشنى، روھىيەتىدە نېمىلەر پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، كۆرۈنۈپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئاساسلىرىنى، ماھىيىتىنى بىلىشتە، بۇ ئاددىي ئىنسانىي بىلىمگە ئېرىشىشكە بولغان ئىنتىلىش ياكى نە پەنگە، نە ئادەمگە تەئەللۇق بولمىغان ھەددىدىن تاشقىرى خاھىشمۇ ياكى شۇ ئىزدىلىۋاتقان تۆت مەقسەتكە ئائىت بولغان، ھەقىقەتەنمۇ چىن ئىنسانىي خاھىشمۇ؟ مۇنداق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشتا، ئىنسان كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاشۇ ئىنسانغا خاس، ئىزدىلىۋاتقان تۆت مەقسەت ھايۋانغىمۇ تەئەللۇقتۇر. چۈنكى ھەربىر ھايۋاننىڭمۇ بەدىنى، ھېس − سەزگۈسى، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بار ۋە شۇلار سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە ھېس سەزگۈسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئەمما ھايۋاندىن ھېس − سەزگۈ ئارقىلىق ئىدراك قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇش سەۋەبلىرىنى بىلىشكە ۋە يەردىكى ھەممە نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇق سەۋەبلىرىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش يوق. مەۋجۇدلىقى سەۋەبلىرىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش پەيدا قىلغۇچى نەرسىلەرگە ھايۋان ھېچ بىر ھەيران بولمايدۇ.») q' G+ M% T8 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فارابىنىڭ قارىشىچە، ئاسمان جىسىملىرى، ئىسنان، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە روھ بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىرى ئوخشىمايدۇ. ئاسمان جىسىملىرى (پەلەك) روھ سەۋەبلىك ماھىيەتلىك دەۋرلىك ھەرىكەتكە ئىگە. ئۇلار پانىي دۇنيادىكى ھاياتلىق روھلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ گۈزەل ھالەتتە مەۋجۇت. ئاسمان جىسىملىرىدا ھېس ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە روھ بولمايدۇ. پەقەت چۈشىنىش روھى بولىدۇ. بۇ تەرەپتىن ئىنسان روھى بىلەن ئوخشىماسلىققا ئىگە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات روھلىرىنىڭ قۇۋۋەتلىرى بىر ئاز ئاجىز، ئۆسۈملۈك روھلىرى كۆپىيىش، ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھايۋانات روھلىرى يۇقىرىقى ئىقتىدارىدىن سىرت، يەنە پايدىغا ھېرىس قىلىش خاھىشىغا ئىگە. ئىنسان روھلىرى ئەقلىي روھتۇر.«ئىنسان روھلىرى تەننىڭ سۈرىتى، يەنى تەن ئوخشىمىغان روھلارنىڭ يەككە ماددىسى (ماھىيىتى)».
; I8 V5 a4 Z5 l0 nروھنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇشى ۋە يوقۇلۇشى توغرىلىق ئۇ مۇنداق قارىغان: «بىر تائىپە كۆچۈپ ۋۇجۇدلىرى يوقالغاندىن كېيىن، روھلىرى قوشۇلۇپ سائادەتكە ئۇلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن شۇلار بىلەن ئوخشاش ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلارمۇ كۆچۈپ ئارىدىن يوقالغاندىن كېيىن ئاۋۋال كۆچكەنلەرگە ئوخشاش بەخت مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىقدار ۋە خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولغان روھقا قوشۇلىدۇ.»% P, I- [4 q3 L3 Y. uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلۇغ ئالىم فارابى قۇۋۋىتى مۇتەسەررىپە (ھۆكۈم قىلىش قۇۋۋىتى) − قۇۋۋىتى مۇتەپەككۇر (تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى) ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، «ئىلمۇن نەفسىي» (پسىخىلوگىيە) كىتابىنىڭ «ئادەم نېمە ئۈچۈن خاتالىشىدۇ؟» دېگەن ماۋزۇسىدا شۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ زاھىرىي دۇنيا » (ئوبيېكتىپ دۇنيا) دا خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىشى، ھەر خىل بەخىتسىزلىكلەرگە ئۇچرىشىنىڭ ئەسلى مەنبىيىنى بەزىلەر «پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە ھادىسىلەرنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكى ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا توغرا ئىنكاس قىلىنمىغانلىقى، يەنى ئەمەلىي ھەقىقەتنىڭ ئادەم تەپەككۇرىغا ئۆز ئەينى بىلەن ئىنكاس قىلىنمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەيدۇ. بۇمۇ توغرا. لېكىن، خاتالىقنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىمى ئىنساننىڭ ئۆز ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خىيال دۇنياسىدا ئەكس ئەتكەن ھەر خىل ناتوغرا ۋە ئەمەلىيەتسىز نەرسىلەرنى ھەقىقەت دەپ ئويلىغانلىقى، ئادەم ھادىسىلەرنى، ماددىلارنى ۋە ئۇنىڭ سۈپەت خاراكتېرىنى ئەقىل ۋە تەپەككۇرغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلماستىن، ئۆز خىيالى قۇۋۋەتلەر ئەقىل دۇنياسىدا ھۆكۈمرانلىقنى ئىگىلىۋالغان ئادەملەر ياكى ساراڭ بولىدۇ ياكى ھەمىشە خىيال دۇنياسىغا چۆكۈپ ياشايدىغان ئەخمەق ۋە نادانلاردىن بولىدۇ. شۇڭا قۇۋۋىتى مۇتەپەككۇر ئادەمگە نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، خىزمەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم كۈچتۇر. ئەقىلنى مەركەز قىلغان قۇۋۋىتى مۇتەپەككۇر ھېسسىيات ئارقىلىق كەلگەن بىلىم ۋە چۈشەنچىلەر ئالامەت − بەلگىلەر بىلەن مەلۇم بولغان نەرسىلەرنىلا ئويلىيالايدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئەمما دۇنيادا ھېسسىيات، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بىلەن ئىدراك قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ھەقىقەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنى بەش سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ياكى بىلىم ۋە تەپەككۇر بىلەن سېزىش، بىلىش، مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى ئادەتتىكى ئەقىلدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ناھايىتى ئىقتىدارى يۈكسەك ئىنساندا يەنە بىر ئەقلىي قۇۋۋەت بار. ئۇ «ئىشىق» دېيىلىدۇ. بۇ دەرىجىگە يەتمەك ناھايىتى قىيىن. بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەت تەربىيىلىنىشكە ۋە مەخسۇس ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئادەتتە تەسەۋۋۇپ، ئىجتىھاد، رىيازەت، ئىستىقامەت دېيىلىدۇ. بۇنداق «ئىشىق» ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى شەھۋانىي ھېسسىياتتىن كېلىپ چىققان تەسىرات − ئاتالمىش «ئىشقى − مۇھەببەت» بولماستىن، بەلكى ئۇ ئەڭ يۈكسەك ئالىيجاناپ ۋە ئەڭ شەرەپلىك ئىقتىداردۇر. دېمەك، ئەقىل بىلەن ئىدراك قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى «ئىشىق» بىلەن ئىدراك قىلىش مۇمكىن. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى نەپسانىيىسى ئىككى ئات قوشۇلغان ھارۋىغا ئوخشايدۇ. بىر ئات پەسكەش خىيالىي ھېسسىياتنىڭ ياكى نورمال تەبىئىي شەھۋانىي تەلەپلەرنىڭ مىسالى بولۇپ، يەنە بىر ئات ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە يۈكسەك مەنىۋى چۈشەنچىلەرنىڭ مىسالىدۇر. ئەقىل ياكى قۇۋۋىتى مۇتەپەككۇر بولسا، مۇشۇ ھارۋىنى باشقۇرىدىغان ھارۋىكەشنىڭ مىسالىدۇر…» دەيدۇ. ئالىمنىڭ تېبابەتچىلىك ۋە ئەخلاق توغرىسىدا يازغان خېلى كۆپ ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ يەردە بىرمۇ - بىر تونۇشتۇرۇلمىدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-23 10:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ،بۇ ،ئادەم ھازىربولغان بولسا ھاما،بەك ياخشى بولىدىكەن،پۇلنى جېق تاپقۇدەك چوڭ بازاردىكى تىۋىپتەك ، ھارمىغاسىز،ياخشى تىما ئىكەن. سىز تىبابەت ئىشلىرى بىلەن ،مەشغۇل بولىدىكەنسىز ھە ؟
ۋاقتى: 2014-10-23 11:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بۇيۈك تىبابەت ئالىمى فارابىنىڭ دۇنيا تىبابەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش