پەن ئۆگەنمەكلىك كېرەك  
 
نامى بار، بى ئىقتىدار بولسا مىسالى پور تېرەك ،  
ئۇ زامانىۋى قۇرلۇشقا ھىچ قىلىپ كەلمەس كېرەك .  
ئۇسسۇغاندا ئەلگە سۇ توڭغاندا ئاتەش بولمىساڭ ،  
قانچە داشۆدە ئوقۇپ چىقساڭمۇ گەرچە بى كېرەك .  
 
كۆزلىسەڭ ئەل بەختىنى بولسۇن ئىچىڭدە مول بىلىم ،  
بولمىسا بۇنداق سۈپەت بولغانغا تەڭ دانىڭ پۈچەك .  
ئويلىسا كىمكى روناق ، خەلقى ئۈچۈن تاپماق ئىجاد ،  
يوق جاھاندا ياخشىراق پەن ئۆگەنمەكتىن بۆلەك .   
 
پەن بىلىمنىڭ ئۇلىنى دەسلەپتە سالغىن پۇختىلاپ ،  
شوخ  ئېچىلغان چېچەكمۇ مول مېۋىگە ئالدىن دېرەك . 
شۇنچە چوڭ ھەيۋەت بىنا دەسسەيدۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ،  
بولسا ئاجىز ئۇل ئەگەر ئۇ بىر دۆۋە داشقال كېسەك .   
تەۋسىيە : بۇ بەك ياخشى شېئىر ئىدى ، مەن بەك ياقتۇراتتىم . يادىلىغىنىم بويىچە يېزىپ باقتىم .  تۆتىنچى كۇپلىتى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ،  تولۇق بىلىدىغانلار بولسا  ۋە بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورىنى بىلىدىغانلار   يوللاپ قويساڭلار ! مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇكەن . رەھمەت سىلەرگە !   
 |