روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4944|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۈزگە چىققان نەرسىلەر كىسەلدىن بىشارەت بىرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆز خالتىسى ئىششىپ قارىداپ كەتسە، تال بىلەن ئاشقازان ھالسىرىغان بولۇشى مۇمكىن؛
3 ~. k4 l$ T& kماڭلايدىن ياغ ئۆرلەپ چىقسا ھەم چېچەك چىقسا، ئۆپكىدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن: ناۋادا ئادەمنىڭ ماڭلىيىغا قورۇق چۈشسە، داغ ئۆرلىسە، چېچەكسىمان مۇنەك چىقسا، چۈررەك بولۇپ قالسا، ھەمدە ياغ ئۆرلىسە، بۇ ئادەمنىڭ ئۆپكىسىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى، يەنى زىققا، زۇكام ياكى روھىي بېسىم بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا تاماق تەركىبىنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ مۇھىم. يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل يەپ ئۆپكىنى ياشارتىش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، قوناق، كاناماش، كاۋا، پەمىدۇر، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، قارا ماش، نىلوپەر يىلتىزى، تاتلىقبەرەڭگە ۋە نەشپۈت يەپ ئۆپكىنى ئاسراش كېرەك. تۇرمۇشتا ئىسسىق كىيىنىشكە،شامال تېگىپ قالماسلىققا، ئەڭ مۇھىمى ئاچچىقلانماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.. ]; G$ U4 }: e  yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قوشۇمىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا مۇنەك چىقسا، بۇ يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ بوشاپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن: قوشۇمىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا مۇنەك چىقسا، قاپارتما ئۆرلىسە، بۇنىڭغا ئاغرىق قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنداقتا بۇ يۈرەك تىقىلمىسى ياكى يۈرەك سېلىش، يۈرەك سېلىش رېتىمى بۇزۇلۇش، يۈرەك ۋە مېگە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ياز پەسلى يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدىغان ياخشى مەزگىل، يۈرەك ئادەتتە قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا پەمىدۇر، چىلان ۋە ئۈزۈم يەپ بەرسە، يۈرەكنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
* N- t$ {1 p% q" y: \1 _2 s/ zكۆز خالتىسى ئىششىپ قارىداپ كەتسە، تال بىلەن ئاشقازان ھالسىرىغان بولۇشى مۇمكىن؛ كۆز خالتىسى ساڭگىلىسا، قارىدىسا، ئىششىسا، بوشاپ كەتسە، ئۇنداقتا ھەزىم قىلىش يولىدىن چاتاق چىققان، كەيپىيات بۇزۇلغان، قورساق كۆپكەن ۋە تال ياكى ئاشقازاندىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ بېىشارىتى بولۇشى مۇمكىن؛ ناۋادا ئاشقازان ۋە تالنى ياخشىلىماقچى بولساق، ئادەتتە كاۋا، سەۋزە دېگەندەك «سېرىق يېمەكلىك»نى كۆپرەك يەپ بەرگىنىمىز تۈزۈك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كېچىچە ئۇخلىمايدىغان، زىيادە چارچايدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش ئاقىلانىلىق.
# L5 b' ?' p6 ]9 q, x4 E. kچىراي كۆكىرىپ قالسا، جىگەردىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن؛ كۆز قۇيرۇقىغا ئۇدۇللىشىدىغان ئەزا جىگەردۇر. كۆز قۇيرۇقىغا بالدۇر قورۇق چۈشسە، ساڭگىلىسا، پەللە ئورنى كۆپسە ۋە سانجىلىپ ئاغرىسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتش، سېرىقلىق چۈشۈش، سەمىرىپ كېتىش ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ تاشقى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كۆز قۇيرۇقىدىكى سىزىق بەك ئاشكارە بولسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەر ۋە ئۆت كېسىلىنىڭ ئالامىتى. ئەگەر جىگەرنى ئاسرىماقچى بولساق، ئاچچىقلىنىش ياكى جىددىيلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەپ، كەيپىياتنى خوشال تۇتۇشىمىز، جىگەرنى ئازادىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن دورا يېيىش بىلەن بىللە، چېنىقىپ جىگەرنى قۇۋۋەتلىشىمىز لازىم.
0 Y: u8 @7 u$ Y7 G, c; x% f& Rچىراي خۇنۇكلەشسە، بالدۇر قورۇق چۈشسە، بەلكىم بۇ بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن؛ چىرايى خۇنۇكلىشىپ نۇرىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ بۆرىكىدىن چاتاق چىققان بولىدۇ. ناۋادا بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتسە، ئادەم قېرىشقا باشلايدۇ، بۇنداق چاغدا تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى يەپ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرىشىمىز تولىمۇ مۇھىم.1 i& s. {0 R! F; b7 x- Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ _! }2 M, v% s8 R8 N(«ياشانغانلار تۇرمۇشى»گېزىتىدىن، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن)
! E& Z! G/ m) S7 T- ]9 Bمەنبە:ئوكيان تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-10-13 21:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-10-14 10:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2014-10-14 16:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 18:51

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش