روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4072|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىش جەريانىد.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالە يوللىغۇچىنىڭ ئۆز قەلىمىگە مەنسۇپ. روھلان تور مۇنبىرىدىن باشقا ھەر قانداق مۇنبەر تور بېتىگە يوللاش ۋە ھەر خىل نەشىرگە تەييارلاش قەددى مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇ ماقالە شىنجاڭ مائارىپ گېزىتىگە يوللانغان ھەم بېسىلغان . كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ . ) i9 m8 u$ P" U, D/ C" Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 a3 A! e7 S9 Q3 Q+ D' Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% @+ {% S. l, ^  |! Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
" X! N: H" s! `, y+ K, Pبۈگۈنكى كۈندە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىشى ئۇمۇمىيۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مائارىپ مېنىستىرلىكىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەھەر-يېزا مەكتەپلىرىگە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەسھەلىرى، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئەسۋاپلىرى سەپلەندى. بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى شەيىئىگە بولغان قىزىقىش تۇيغۇسى بىلەن يېڭى شەيىئىدىن قورقۇش،ھېيىقىش ھېسىياتى تەڭلا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. 8 i& e7 e5 |9 q* w2 U- e( m  \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.(كەڭ دائىرىدە كۈزۈتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقىم تۇپەيلىدىن،دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. كەسپداشلارنىڭ تەنقىدى كۆز قاراشتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
/ o; Q0 P1 v9 H# N    1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز
+ n$ M/ f, u3 V8 ~, cئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى،مەيلى پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردا بولسۇن مەيلى ياش ئوقۇتقۇچىلاردا بولسۇن ئورتاق مەۋجۇد ھادىسە.ئوتتۇرا ياشتىن يوقۇرى پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىشكە نىسبەتەن بىر خىل قورقۇش-ھېيىقىش ھېسىياتىدا. ھە دېگەندىلا ئۆز يېشىنىڭ چوڭلاپ كەتكەنلىكىنى، زامانغا لايىق يېڭى شەيىئى- ھادىسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىدۇ. ماھىيەتتە كومپيوتېر تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئىلغارلىشىشى، كومپيوتېر يېزىقىنىڭ خەنزۇچە بولۇشى، ئانا تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قېيىنچىلىق ( ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنى قەيەردىن قانداق چۈشۈرۈش، قانداق قاچىلاش، قانداق بېسىپ يېزىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلار) ۋە گەرچە يېڭى شەيىئىگە بولغان قىزىقىش كەيپىياتى ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تەپچىپ تۇرسىمۇ، كىمدىن قانداق سوراش، قانداق ئۈگىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىچكى ھېسىياتتىكى تېڭىرقاشلار بۇ باھانىنىڭ ھەقىقى سەۋەبىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ، پىشىقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى شەيىئىگە بولغان تونۇشى تۆۋەن، چۇشەنچىسى تېيىز، ئىشلىتىش بىلىم تېخنىكىسى ئاجىز بولۇشتەك مەسىلىلەر ئاشكارلاندى ./ h8 e. y1 D3 W* Z* `6 q7 d; @9 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىغان ياش ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىشكە نىسبەتەن قىزغىن ، جۇشقۇن ھېسىياتتا. ئەمما، يېرىم چېلەك سۇدەك چايقالغىنى چايقالغان .بۈگۈنكى كۈندىكى ئوقۇتۇش مۇنبىرىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىپىگە ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدار قابىلىيىتىنىڭ ماس كەلمەسلىكى تەتۇر تاناسىپ ھالەتنى شەكىللەندۇردى. ياش ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئوقۇتۇشتىكى مەسئۇليەتسىزلىك ، ئۈگىنىشتىكى بوشاڭلىق ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، شەكىلۋازلىقنى قوغلىشىش ... ... قاتارلىق خاھىشلار ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىكى سەۋەپتۇر. شۇ ۋەجىدىن ، كاتتا بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ ئالى ئۇنۋان ئالغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق بولۇشتەك مەسىلىلىرى ئاشكارلاندى .
$ a& B+ K/ r% \2 ]# [) k$ J2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھى ئاجىز 5 G* t8 K4 E* T8 A% U8 U/ S, |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىدىغان كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى توردىن چۈشۈرشكە ئالدىرايدۇ. ھەم توردىن چۈشۈرگەن دېتالنى شۇ پىتتى دەرسخانىغا سۆرەپ ئاپىرىپ دەرس ئۆتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇتۇشقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. تەلىم-تەربىيە بىرىلسە ، گەپ تۈگىگىچە ئاڭلىغاندەك قىلىدۇ-يۇ گەپ تۈگۈشى بىلەنلا ئات ئايلىغانغا يول سارىغانغا بولىدۇ .كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى توردىن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ . ئەمما، مەقسەت نىشان قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. توردىن چۈشۈرگەن ماتېرىياللارنى ئەقىل كۆزىمىز، ئوي پىكىرىمىز بىلەن تاسقاپ تەڭشەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادى تەدبىرلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتۇش مىتوتىغا ماسلاشتۇرۇپ تەدبىقلاپ ، دەرسىخانا ئوقۇتۇشىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ يەردە ياش ئوقۇتقۇچىلارغا دەيدىغىنىم ئىجادى تەپەككۈر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇشكە تىرىشىڭ.
3 X: [, E- D' ]( n' m% a3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئىرادىسى ئاجىز
( K$ G) x1 E+ N9 z' z5 @ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ياساش تېخنىكىسى بىر قەدەر تۆۋەن . بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۇرلۇك سەۋەپلەر مەۋجۇد بولسىمۇ، ھالقىللىق بولغىنى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
$ |; Q4 g; j! V3 Jكۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالى مەزمۇن(تېكىست)، رەسىم، ئاۋاز(موزىكا)، فىلىم، كارتون قاتارلىق ئېلىمىتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ . بىر كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ياساش ئۈچۈن پەقەت بىرلا يۇمشاق دېتال كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزىق ، رەسىم ، موزىكا، فىلىم ،كارتون قاتارلىق ئېلىمىتلارنى تەھىرلەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرىنى بىلىش زۆرۆردۇر. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمى يىتەرلىك بولماسلىقى تۇپەيلىدىن ياسىغان ئوقۇتۇش دېتالىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيىسى ۋە ئىشلىتىش سۈپىتىمۇ ناچار بولماقتا. جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بولمىخۇر،تۇتۇرىقسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلدۇرۇپ ، ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى ھەم ئادەم كۈچى بايلىقى ئىسىراپچىلىقىنىڭ ئۆزىلا  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىكى ماھىيەتلىك سەۋەپلەردىن ھېسابلىنىدۇ .! H) r+ h1 t+ v! N: s  \; U1 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە ، كومپيوتېرنى قانداق ئىشلىتىش ئەمەس كومپيوتېرنى قانداق ئېچىپ، قانداق يېپىشنى بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇد بولۇشى بىزگە يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ شەكىلىنىشى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەرنىڭ تۇرتكىسىدىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ،ماھىيەتتە ھەر كىم ئۆز مەقسەت نىشانى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئىنىق ئايرىۋالسا، بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچىمىز يېتەرلىك . ئەلۋەتتە.
8 M2 {) x0 b# C/ |- ]# p9 O5 c, R3 n% r3 ?- Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +55 ئىناۋەت +40 تەڭگە +55 بايلىق +40 تۆھپە +25 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 55 + 40 + 55 + 40 + 25 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-9-30 18:19:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا، ھەر بىر تورداش بىردىن كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دېتالى ياساپ(لايىھەلەپ)، روھلانغا يوللىساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ۋاقتى: 2014-9-30 19:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىلا تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپتۇ، بولسا مائارىپ ئەندىزىمىز ۋە مەكتەپ سارائىتىدىمۇ داۋاملىق ئىزدىنىپ ماقالىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يېزىپ باقسىڭىز دېگەن قاراشتىمەن.
ۋاقتى: 2014-9-30 21:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىغا خىلى باش قاتۇرۇپسىز ، تېخىمۇ ئىزدىنىڭ .
ۋاقتى: 2014-9-30 21:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىغا خىلى باش قاتۇرۇپسىز ، تېخىمۇ ئىزدىنىڭ .
ۋاقتى: 2014-10-1 10:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان ماقالە ئىكەن ،تىخىمۇ تىرىشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 09:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش