روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىلىكتىرۇن ئۈسكىنىلىرىنىڭ خەرىتىسىنى كۆرۈشتىن ياردەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن يېرىم يىلدەك بولدى كومپىيۇتىر رىمۇنىتچىلىقىنى ئۈگېنىۋاتقان ئىدىم،مۇشۇ خەرىتە كۆرۈشنى بىلەلمىدىم،ئۇستازلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بوپ قالدىم،ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار(ھە راست،ئۇستزىڭىزدىن سورسىڭىز بولمامدۇ،دىمەڭ،ئۇستام خەنزۇ ئىدى،دىسەم ئاستا-ئاستا ئۈگىنىۋالىسەن دەيدۇ،مەن سەل ئالدىراپ قالدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-11 08:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلار،بەزى ئورۇنلاردا ئىملا خاتالىقى بولۇپ قاپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-11 22:28:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان رىمۇنىتچى ئۇستاملار يوق ئوخشىمامدۇ
ۋاقتى: 2014-8-11 23:18:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خەرىتە كۆرۈشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئېلىكتىرون دېتاللارنىڭ بەلگىسىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك ،لېكىن بۇ ماتىرىياللار خەنزۇچە ئۇيغۇرچىسى يوق دىيەرلىك .شۇڭا سىز چوقۇم ئېلىكتىرون تېخنىكىسىغا ئائىت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.مەن خەرىتە ئېلىكتىرونغا ئائىت خەرىتە كۆرۈشنى بىلىمەن ،لېكىن سىزگە قانداق ئۆگىتىمەن.بولسا شۇ خەرىتىنى كۆرسىتىپ سۇئال بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ. ك ك نومۇرۇم 352555801
↓چۈشۈرۈڭ↓, g$ j& l0 N6 [$ q: ?- B0 d% V  Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماۋۇ دىتالنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلىۋېلىڭ ، ياردىمى بوپ قاسا تېخى ياخشى . ئەگەر يۇقاردىكى پەتتار ناملىق تورداش بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز چ چ دا سۆزلەشكەن توك يولىغا دائىر سوئال جاۋابلىرىڭلانى خاتىرلىۋېلىپ ئېلكىتاب قىلىپ يوللاپ قويساڭلا ئۇيغۇرچە ماتىريال دىگەن شۇ ، قانداق دىدىم
ۋاقتى: 2014-8-12 02:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز كومپىيوتېر ياساش ئۈچۈنلا ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەرنىڭ  خەرىتىسىنى كۆرۈشنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز بۇ مېنىڭچە بىر نادانلىق بوپ قالغۇسى. باشقا ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشنى ئۈگەنمەكچى دىسىڭىز ئۇ باشقا گەپ .ئېلىكتىرونلۇق دېتالنى تونۇش ، خەرىتە كۆرۈش ئۈچۈن ،كىتاپخانىلارغا كىرسىڭىز دېتال رەسىمى ، چۈشەندۈرۈلىشى، ئېلىكتېر زەنجىرلىرىنىڭ ئۇلىنىش ئىسخىمىسى چۈشۈرۈلگەن كىتاپلار خېلىلا كۆپ. شۇنىڭدىن كۆرۈپ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالسىڭىز بولىدۇ.  سىز كومپىيوتېرغا نىسبەتەن ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە بۇزۇلغان دائىرە  يەرلىرىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۇرسىڭىزلا بولدى. كومپىيوتېر ئوڭشىماق ھەممىدىن ئاسان دەپ قارايمەن ،چۈنكى كومپىيوتېر سايمانلىرى ئاساسەن كىچىك تاختىلىق ئېلىپ سېلىشقا شۇنداقلا گۇمانلىق بۇزۇلدى دەپ قاراغان دېتاللىرىنى تاختىسى بىلەنلا چىقىرىپ باشقىسىنى سېلىپ  سىناشقا ئەپلىك . مەسىلەن: كومپىيوتېرنىڭ باش ئاپرات روزىتكىنى چاتقاندا ھىچقانداق سادا يوق . بۇنىڭدا روزىتكا سىمى ، ياكى  مەنبە تەكشۈرۈلىدۇ ياكى يېڭىسى سىرىتتىن ئۇلۇنۇپلا تەكشۈرۈلىدۇ.... cpu نىڭ شامالدۇرغۇچى ئايلىنىپ ئېكران يورۇمىسا ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسۈتۈش كارتىسى ھەم كۆرسۈتۈش كارتىسىنىڭ bios تىن تەڭشىلىشى ئېكراننىڭ ئاپراتقا ئۇلانغان سىملىرى ئۇلۇنۇش ئېغىزلىرى تەكشۈرۈلىدۇ دىگەندەك...... پارچە كىچىك دېتالنى تەكشۈرۈپ رىمونىتچىلىق قىلىدىغان ئىش قاممىدى ھازىر....نىمە جاپا................

باھا سۆز

ناچار: 5.0
ناچار: 5
تىمىدا كومپيۇتىر ياسايمەن دەپتىمۇ ياكى رىمۇنىت قىلىمەن دەپتىمۇ؟  ۋاقتى: 2014-8-18 17:23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-12 11:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرە كومپىيۇتىر دىگەنلەر ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس ئوخشايدۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 03:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش