روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1682|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھايات قىسمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 11:53  

ھايات قىسمىتى

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)

كېچە جىمجىت يوللار بەك ئوزاق،
بۇ ھاياتنىڭ مەنزىلىگە ئوخشاش.
ئاجايىپ ئىستەك بار ئۈلۈم كۈزىدە،
ساڭا سوۋغام بىر تامچە كۆز ياش.

ھېس قىلدىم مەن ئۈچۈن تۆككەن يېشىڭنى،
شۇ تامچە كۆز يېشىڭ دەريادىن ئۇلۇق.
ئاجايىپ ھېكمەت بار ھەقنىڭ سۆزىدە،
بىلمىدىم يۈرۈكۈڭ سېزەلەمدۇ يوق؟

ھالسىراپ قالغۇدەك بولساڭ ناۋادا،
ئىچىۋال قەدەھتە تۇرار كۆز يېشىم.
ئاجايىپ قىسمەت بار قەبرەم ئىچىدە،
ئەينەكتەك چېقىلىپ كەتمەكتە تېنىم.

قەسىدەم تەمتىرەپ تۇرىدۇ جىمجىت،
شۇ تامچە كۆز ياشتا كۈيۈپ ئۆلىمەن.
ئاجايىپ كۈتۈش بار سەكرات ئۈستىدە،
ئابدۇريىم دىسەڭ گەر قايتىپ كىلىمەن.......

2014-يىلى 1-ئاۋغۇسىت
ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +6 يىغىش سەۋەبى
توغرۇل + 15 + 6 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-1 19:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىزگە بارىكاللا    ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۇلمىگەي   كۆپرەك يۇللاپ تۇرغايسىز

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2014-8-2 17:16
ۋاقتى: 2014-8-1 20:18:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئىرىڭىز ناھايىتى قاپىيداش ، ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-8-1 23:09:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر پەلسەپىۋىيلىك پىكىرلەر ئويغاق مىسرالار بىلەن بىرلىشىپ،  ھاياتنىڭ قىسمىتىنى  سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق روشەن گەۋدىلەندۈرۈپتۇ. بولۇپمۇ شېئىرنىڭ  2-كۇبلىت بىلەن 4-كۇبلىتى ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قىلدى. نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ يوقاپ كەتمەي مۇنبەرنى يوقلاپ تۇرىشىنى، قەلىمىنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-2 17:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر پەلسەپىۋىيلىك پىكىرلەر ئويغاق مىسرالار بىلەن بىرلىشىپ،  ھاياتنىڭ قىسمىتىنى  سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى

نۇرلان ئەپەندىنىڭ بەرگەن يۇقۇرى باھاسىغا تەشەككۈر.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 12:03:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلىرىمگە بىر ئىزاھات بىرىپ ئۉتسەم ئەسەرلىرىمدىكى ئۈلۈم، سەكرات، قەبرە،تاۋۇت..................لار ھەرگىزمۇ بەزى ئوقۇرمەنلىرىم ئويلىغاندەك مىنىڭ ئىرادىسىز ۋە ياكى ھەقىقەتەن ‹‹سەكرات››ئۈستىدە قالغان ئىرادىسى مېيىپ ، مەجرۇھ بىر ئادەم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھ بولالمايدۇ. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمگە ئايانكى مەن خوددى مەرھۇم ئاتامغا ئوخشاش قەيسەرلىكنى ، جەسۇرلۇقنى ھايات نىشانىمنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ ياشاۋاتقان ، كېلەچەككە يۈكسەك ئىرادە بىلەن قاراۋاتقان بىر ئاددى بەندە. مەن  بۇ ھەقتە ‹‹ئاتىسىز بايرام›› نامىدىكى يازمامدىمۇ يۈشۈرۈن چۈشەنچە بەرگەن .شۇڭا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ يازمىللىرىمنى ئويغاق تەسەۋۋۇر بىلەن ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. يازغانلىرىم ئوقۇرمەنلىرىمگە قىلچىلىك مەنا ئاتا قىلالىسا مەن ئالەمچە خوش .........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 12:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا ئىزاھات يۈزسىدىن تۆۋەندىكى سۆزۇمنى يەنە بىر قېتىم يوللاشقا مەجبۈر بولدۇم. ئوقۇرمەنلىرىم توغرا چۇشەنگەيسىلەر......
بۇ ھاياتىمدا توپ توپ كىشىلەر ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ، كىشىلەرنىڭ ئۈلۈم،تەقدىر،ھاياتلىق،دۇنيا ۋە باشقىلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى تېرىۋالغۇم كەلمەي يەككەيىگانە تەپەككۇر قىلىشقا، بۇ دۇنيانى يەككە ھالدا كۈزۈتۈشكە ئادەتلىنىپ كەلدىم. نۇرغۇن دوسلۇرۇم مەندىن:يازغان شىئېرلىرىڭنىڭ ھەر بىر نەپەسلىرىدىن ئۈلۈم پۇرايدۇ دەپ سەۋەبىنى سوراشتى. ھەقىقەتكى ھەممىمىز ئۈلۈم بەندىسى. ئۇقۇرمەنلىرىمنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئۇقۇغاندىن كىيىنكى تەسىراتىدىكى  ئۈلۈم،رىئاللىقتىكى ئۈلۈم ۋە شىئېرلىرىمدىكى ئۈلۈم ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئەمەس. مەنمۇ قانداقتۇر بىرەر مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن روھى سۇنغان ئىرادىسى مېيىپ ئادەم ئەمەس.يازغان ئەسەرلىرىم سىزگە جاسارەت دىگەننى ئاڭلىتالىسا بۇ مىنىڭ غەلبەم. ئىمانىم كامىلكى رىئال دۇنياغا سىزگە ئوخشاشلا يۇكسەك غايە بىلەن تەلپۇنۋاتقان ئاددى بىر بەندە. ئاللاھقا شۇكرىكى ئۈلۈمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقىرۋەتمىدىم. بىر كۈنلەردە دوسلۇرۇم :ئابدۇرېھىم سەپەر قىپتۇ دىگەن خەۋەرنى بىر بىرىگە ئېچىنىش تەلەپپۇزدا يەتكۈزگەندە، مەن ئۈچۈن خالىغان بىرى ياش تۆككەندە، قەبرەم تەرەپتىن ئۈتۈپ كېتىۋاتقان بىرلىرى  خالىس نىيەتتە ماڭا ئاتاپ دۇئاغا قول كۈتۈرگەندە، مىنى يۇشۇرۇن ياخشى كۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئۈنسىز يىغىسىنى باشقىلار سىزىپ قالغاندا ،مەن قىلغان ياخشىلىقنىڭ ئۈنۈمى كۈرۈلۈپ يامانلىقلىرىمنى كىشىلەر سۈرۈشتۈرمىگۈدەك بولغاندا، مىنى سېغىنغانلار مىنىڭ ئىزنالىرىمنى ئىككى ئوغلۇمدىن ئىزدىگەندە، ئاللا كىملەر سۆھبەت ئارىسىدا مىنى ئەسلەپ:ئابدۇرېھىم ھەر ھالدا بولىدىغان ئادەم ئىدى...دەپ ئۇھسىنغاندا ، مەن يازغان شىئېرلار مىنى سېغىنغانلارغا مەن ھەققىدە مەن دەپ بولالمىغان يۈرۈك سىرلىرىمنى ئىزھار ئەتكەندە، رەسىم كۆرىۋاتقانلارنىڭ نەزىرى رەسىملەر ئارىسىدىكى ماڭا ئالاھىدە ئاغدۇرۇلغاندا، ئىسىمداشلىرىم ئىختىيارسىز مىنى ئەسلەتكەندە، سىياقداشلىرىم يۈرەكلەرنى جىغ قىلىپ تىترەتكەندە، كىمدۇر بىرى تاماق ئۈستىلدە ئاۋالقىدەك مىنىڭ بولىشىمنى ئارزۇ قىلغاندا، مەلۇم بىرلەر ھاياتلىقىمنىڭ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك بەختى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە مىنىڭ قەدىرىم ھەقىقى ئۆتۈلگەن بولىدۇ
‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)
ۋاقتى: 2014-8-7 18:06:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، مەنىسى چۇڭقۇر، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن...
مۇشۇنداق ياخشى شئېرلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

باھا سۆز

ياخشى باھالارنى بەرگەن مەرىپەت خانىمغا رەھمەت  ۋاقتى: 2014-8-9 11:38
ۋاقتى: 2014-8-8 10:58:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەسىدەم تەمتىرەپ تۇرىدۇ جىمجىت،
شۇ تامچە كۆز ياشتا كۈيۈپ ئۆلىمەن.
ئاجايىپ كۈتۈش بار سەكرات ئۈستىدە،
ئابدۇريىم دىسەڭ گەر قايتىپ كىلىمەن.......

شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،بولۇپمۇ يۇقارقى مىسرالار ماڭا بەك يارىدى.ئىلھاملىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.

باھا سۆز

ئۇزۇندىن بېرى يوقاپ كەتكەن تاڭنۇر خانىمنىڭ قەدىمى مەرھابا.رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2014-8-9 11:39
ۋاقتى: 2014-12-24 13:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 16:11  


قەلەملىرىڭىزگە ئاللا بەرىكەت بەرسۇن ،داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغايسىز!شۇنداق بىر جۈملىنى قىستۇرغۇم كىلىدۇ:

كۆز ياشلارغا چىلىنىپ چىققان ئازاپ ئەڭ تاتلىق بولىدۇ،
ھەققى كۆز ياش يۇرەكنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يەرلىردىن چىقدۇ،
خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن –ھۈسەن قەلبىمىزنى بىردەمگىنە ئىللىقلىققا موپتىلا قىلىغاندە،
شۇڭا كۆز ياشلارغا بىرىپ خاتىمە ،
ياشاپ قالاي بۇندا سىغىنىپ.
يوللىرىڭغا يول بەرسۇن جېنىم ،
مەن باغرىڭغا كىتەي بىر سېڭىپ .................

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 16:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش