روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پۇشايمان〖شىئىر〗

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(بىر ئوغۇل)دەپ چوڭ بولدۇم تەربىيە ئالماي،
چوڭلارنىڭ سۆزلەرىگە قۇلاقمۇ سالماي.

نېمە قىلسام يول قويدى مېنى باشقۇرماي،
خاتا قىلسام يان باستى،تەنقىدمۇ قىلماي.

شوخلۇق قىلسام خۇش بولدى مېنى باشلىماي،
ناچار ئىللەت،ئۆسمىنى كىسىپ تاشلىماي.

دېگىنىمنى قىپ بەردى مىنى توسۇماي،
كىرەكسىز دەرەخ بولدۇم شاخنى پۇتىماي.

ئويناپ يولدىن قايتىمەن مەكتەپكە بارماي،
يالغان ئاغرىق بولىمەن يوتقاندىن چىقماي.

تەرتىپ بۇزۇپ يۈرىمەن زادى جىم تۇرماي،
مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ياخشى ئاڭلىماي.

مۇشت كۆتۈردۈم ھەممىگە ئۇرۇشتىن قورقماي،
دائىم جىدەل تېرىيمەن كۆڭۈل تىندۇرماي.

پۇل خەجلەيمەن كۈندىلا ھېچبىر سانىماي،
ئاتا-ئانامنى قاقشاتتىم پەقەت ئايىماي.

باشلانغۇچتا قالدىم مەن سىنىپ كۆچەلمەي،
جەمىيەتكە چىقۋالدىم ياخشى ئوقۇماي.

(ئەركە)قىلىپ چوڭ قىلدى(تاك)قىلىپ چەكمەي،
خاتالاشسام ئۆتتىغۇ ھىچ يەرگە تەگمەي.

غەيرىي كىيىم كىيىمەن ھەرگىز تاللىماي،
ھەر خىل رەڭنى كىيۋالدىم زادى ئىلغىماي.

چاچنى ئۇزۇن ئۆستۈردۈم خىجىلمۇ بولماي،
ھەر خىل رەڭدە بوياتتىم قىزلاردىن قالماي.

چەكتىم ھەر خىل تاماكا بىر كۈن توختىماي،
ئەمدى ھالىم شۇ بولدى پەقەت ماڭالماي.

ئىچتىم ھاراق ئاقىۋەتنى زادى ئويلاشماي،
جىگىرىم زەخمە يەپتۇ قىرىققا بارماي.

تاپقىنىمنى يەپتىمەن نەپسىم ھىچ تويماي،
مىراسلارنى تۈگەتتىم بىرنىمۇ قويماي.

قىمار ئويناپ كىچىچە يۈردۈم ئۇخلىماي،
كۈندۈزلىرى ياتىمەن ئورنۇمدىن تۇرماي.

ئۆي ئوچاقلىق بولمىدىم پۇلمۇ يىغالماي.
بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتتۈم تويمۇ قىلالماي.

نىشانىم بىر باغ ئىدى،لىكىن يېرىم ساي،
نامراتلا ئۆتۈپ كەتتىم ھىچ بولاماي باي.

دائىم ئويناپ يۈرۈپتىمەن ئىتىزغا بارماي،
مەھسۇلاتمۇ چىقمىدى كەتمەننى چاپماي.

ئۆمرۈم ئۆتۈپتۇ راھەت كۆرەلمەي،
يامان ئىللەتلەر مەندىن يوقالماي

قەلەندەرگە ئايلاندىم قولۇمدا قالماي،
تۇققانلار بىزار بولدى مىنى ئوڭشالماي.

پۇل بار چاغدا ئەگەشتى دوستلار ئايرىلماي،
ئاچ قالغاندا يىراق قاچتى قاراپمۇ قويماي.

كېچىكسەممۇ ئوڭلىناي،يولۇمنى تاپاي،
ئەقىل بىلەن قەدەمنى ئويلىنىپ باساي.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بىر دوختۇر يازغان ئىكەن،رۇخسىتى بىلەن مۇنبەرگە يوللىدىم.
ۋاقتى: 2014-7-3 21:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  دوختۇر  يەنىلا كېسەل داۋالىسا بولغۇدەك.
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 21:40
بۇ  دوختۇر  يەنىلا كېسەل داۋالىسا بولغۇدەك.

ھى ھى ھى...شۇ گەپ،شۇڭا ھازىر توغرا يولنى تېپىپ كىسەل داۋالاۋېتىپتۇ ئەمەسمۈ
ۋاقتى: 2014-7-4 15:01:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزپتۇ ئەمما دوختۇر بولسىمۇ ،يۇرۇتقىنىڭىزغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-7-5 15:29:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپتۇ.جۇما
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-7-5 18:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىردىكى‹ مەن› سىز ئوخشىمامسز  نەپرەت ئەپەندىم
otkoysun يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 18:18
بۇ شىئىردىكى‹ مەن› سىز ئوخشىمامسز  نەپرەت ئەپەندىم:lo ...

كام بولا
مەن تىخى 20 ياش.
شىئىردىكى پىرسۇناژ قىرى ئادەم تۇرسا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 02:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش