روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: yarkanboy
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلان يولباشچىلىرى يىغىنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-6-24 14:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈر سز ئادىلكا  مەن يۇرىتقا كېلىپ تورغا چىقىش ئېمكانىيتىگە ئېگە بولالماي قېلىپ ۋاقتىدا ۋاقىپ بولالماي قاپتىمەن  مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەقىيەتى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى ئايىمايمەن
ۋاقتى: 2014-6-24 14:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەركەن  باي ئەپەندى  مەن خەۋەر تەرجىمە قىلىشنىى  قپلۇمدىن  كېلىشچە قىلىپ بېرمەن ئەمما ھازىر تورغا چىقىش شارائىتىم يار بەرمەي قېلۋاتىدۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ مەسلەممۇ ھەل بوپ قالغۇسى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-27 23:09:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىنىڭ ئايىغىنى ئاستا بوغامدۇق .... ياكى ۋاقتى يەتمىگەن يولباشچىلارنى ئاز تولا ساقلامدۇق؟

تەتىلگىمۇ ئاز قالدى ... روھلاندا ئاستا يىڭىلىقلار بولىشى كىرەك. قىزغىنلىقلار يۇقىرى كۆتۈرلىشى كىرەك. روھلان قاينىشى كىرەك. نەۋاخ روھلان قىززىمىغىلى ....  ..............قاندا دىدىم ئاغىنىلەر ...
ۋاقتى: 2014-7-2 07:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان تورىدىكى ئەزىزلەر ، ياخشىمۇ سىلەر ؟
‹‹روھلان››غا تۆھپە قوشۇش مىنىڭ شوئارىم ئىدى. بىراق بىر يىلغا يېقىن بولدى مەكتەپتىكى خىزمىتىمنىڭ سالمىقى كۆپرەك بولۇپ كەتتى. خۇددى مەكتەپتىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مەنلا ئىشلەۋاتقاندەك .بۇرنۇمنى تارتقىدەك ۋاقىتمۇ چىقرالمىغىلى تاسلا قالىتىم. باشقىلارمۇ خىزمەت قىلىۋاتقاندۇ، بىراق بىزگە بۇ يىل تەڭلا كىلىپ قالدى . ئەخلاق تەربىيە، كۈچلۈك ناھىيە، پارتىيە قۇرۇلۇش، تورلاشقان سىنىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش .......دىگەندەك خىزمەتلەرنىڭ بېسىمى بىلەن روھلاندىكى مەسئۇلىيتىمنى ئادا قىلالمىدىم. ئەمدى تەتىلمۇ كەلدى. ئازراق بولسىمۇ بېسىمىم يىنىكلەر.
مەن بۇرۇندىن تارتىپ يۇمشاق دېتال ئىشلىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن .  مەسلەن: يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش، قاچىلاش، ئىشلىتىش...قاتارلىقلاردا ئۆزۈمنىڭ رولنى جارى قىدۇرالايمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ ئىچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئىشلىگۈچىسى ئۆزۈم بولغاچقا بۇ تۈردە ئورتاقلىشالايمەن.
باشلانغۇچ مەكتەپ  ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ دەرس تەييارلىقى، سوئالى قاتارلىقلاردىمۇ ئۈنۈملۈك تۆھپە قوشالايمەن.
شۇڭا ئاتامانلارنىڭ توغرا چۈشۈنۈپ مۇۋاپىق تۈرلەرگە بەلگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-7-2 17:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكوم ئەزىزلەر. مىنىڭچە ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەر بوپتۇ، مەن يېقىندىن بېرى تورغا چىققىدەك مۇمكىنچىلىك بولماي قېلىپ ھېچقانداق بىر ئىش قىلالمىغانلىقىمدىن خىجىلمەن. بەلكىم قېرىغان ئوخشايمەن ئادىلجاننىڭ مۇشۇنداق تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش پىلانى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بۇنىڭدا مەزمۇنلارنى ھەقىقەتەن تېخمۇ سەرخىللاشتۇرغلى بۇلىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالىمدىن قارىغاندا كۆزۈمدىن كېتىپ قالغاندەك قىلىمەن، كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرالماي قېلىۋاتىمەن. گەرچە مەن چوڭ ياردەملەرنى قىلالمىساممۇ نازارەتچىلىككە بولسىمۇ يارىغىدەكمەن دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭغىمۇ يارىيالمىسام تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىستىپا سورىسام بولارمۇ؟
ۋاقتى: 2014-7-3 18:33:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنكاسنى شۇنچىلىك خىجىللىق ئىچىدە يېزىپ ئولتۈرۈپتىمەن.چۇنكى ئۆزۈمنىڭ روھلانغا بۇرۇنقىدەك كۈچ قوشالمايۋاتقانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان.خىزمەت ۋە ئائىلىدىكى ئىشلار سەۋەبلىك كومپيۇتېر  ئالدىدا بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇشقا ئىمكان بولماي قېلىۋاتىدۇ. ئازراقلا ئىمكان بولغاندا "روھلان"غا كىرىپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ نە ئىنكاس نە تېما يوللاشقا ۋاقىپ بولالمىدىم.شۇ سەۋەبىلىك بارلىق روھلانداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مەن مۇمكىن بولسا تېما ئىنكاسلارنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ۋە excel،word، powerpoint قاتارلىق يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش بىلىملىرى جەھەتتە كارغا كىلىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس قالغىنىنى ئاتامان ۋە باشقا كەسىپداشلارنىڭ قاراپ بىر نېمە دېىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
ۋاقتى: 2014-7-7 17:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار ئۇزۇن ۋاقىت مۇنبەرگە كىرەلمىدىم.بۇ تىمىنى مەنمۇ قوللايمەن.مەن officeگۇرۇپپىسىغا ئەزا بولسام دىگەن ئۈمىدتە مەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-5 18:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش