روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: yarkanboy
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلان يولباشچىلىرى يىغىنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-6-18 08:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن. مەن ئەمدى روھلاننى يوقلاشقا ۋاقىت چىقىرىمەن. بىلىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشاي.
ۋاقتى: 2014-6-18 19:28:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 16:06  

بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق، جايىدا پىكىر بوپتۇ، مەن ھازىر يەنە شۇ ئۆز يېزىقىمىزدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر تېمىسى ئاساس قىلىنغان (باشقىسى قوشۇمچە) تېما- ئىنكاسلارنىڭ خاتا كەتكەن ئىملاسىنى توغرىلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۈستۈمگە ئالاي دەپ ئويلايمەن.
كەڭ باشقۇرغۇچى ۋە ئەزا مۇنبەرداشلارنىڭ مىنى يېقىندىن يېتەكلىشى ۋە تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.
ۋاقتى: 2014-6-18 21:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ.
ھەر يولباشچى ئۆز ئىشىغا ئىگە بولسا بۇمۇ بولىدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 00:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىغا، ۋە پىكىرىمنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن ...

كۆپچىلىكتىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم:  ئۆز پىكىرىڭلار ۋە كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويغاچ، ناۋادا پىكىرىمگە قوشۇلۇپ قالساڭلار يۇقارقى قىرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش، ئۆزەڭلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆزۈڭلار ئەزا بولماقچى بولغان گۇرۇپپا نامىنى بىللە قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار .... رەھمەت


ئەسكەرتىش:  تىمىدا تىلغا ئىلىنغان گۇرۇپپىلار مىسال ئۈچۈن ئىلىنغان.............  

ھەقىقى خىزمەت تەقسىماتىدا بىز يەنىلا يولباشچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىگى بويىچە تاللغان گۇرۇپپىسىنى ئاساس قىلىشىمىز، ۋە ياكى روھلاندىكى سەھىپىلەرنى ئاساس قىلىشىمىز مۇمكىن ........  

شۇڭلاشقا ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بولسا مەن مۇنداق گۇرۇپپا بولسا شۇنىڭغا ئەزا بولاي دەپ يىزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ .........  بۇ گۇرۇپپىلار ھازىرچە مۇكەممەللەشمىدى ...........
ۋاقتى: 2014-6-19 00:33:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزەمنىڭ تەرجىمە گورۇپپىسى ۋە ئەدەبىي ئەسەر گورۇپپىسىغا قاتناشقۇم بارلىقىنى ھەم شارائىتىمنىڭ بارىچە تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەچ تۇراي ، قالدىسى ئەمەلىي قىلغان خىزمىتىم ھىساپ بولسۇن .
ۋاقتى: 2014-6-19 10:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنتايىن ياخشى پىكىر بوپتۇ. مەنمۇ يېققىندىن قوللايمەن.  مەن قايسى سەھىپىگە ياردەمدە بولۇشنى قارار قىلالمىدىم. ئاۋال ئۇستازلار تاللاپ بىكىتسۇن، قايسى سەھىپە ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇشقا ھازىرمەن.
ۋاقتى: 2014-6-20 00:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كەسىپ ئەھلىلىرى ئارا مانا مۇشۇنداق  ئەتراپلىق ئەمەلىي مەسلىھەت بىلەن  باشلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئىش چوقۇم ياخشى نەتىجە بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ، ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، مەن تولۇق قوللايمەن ۋە مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
   1.يولباشچى ئاتالغان ھەر بىرىمىز چوقۇم ئامالىمىزنىڭ بېرىچە، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز تىرىشچانلىقىمىزغا  تايىنىپ، تېما يوللاش، ئىنكاس يېزىش، تېما تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، تىرىشچانلىقىمىز  ۋە ئەمەلىي نەتىجىمىز ئارقىلىق  ئىسىمى جىسمىمىزغا لايىق يولباشچى بولۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك.
   2.چ چ باشقۇرغۇچىلار توپىنىڭ رولىدىن  ئۈنۈمۈلۈك پايدىلانساق. يەنى تېما تەستىقلاش، تېما نادىرلاش، تېما ئۆچۈرۈش، بەلكى بەزىدە ئەزا چەكلەس(چەكلەشكە مەجبۇر قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە)...قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئامالنىڭ بېرىچە بار مەسلىھەت ئىش قىلىش ئارقىلىق ئورۇنسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى بىرلىكتە ئېلىپ، ئىناق روھلان مۇھىتى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقارساق.
  3. ئىنسان دېگەن ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج مەخلۇق. گەرچە ھەممىمىزنىڭ ھال كۈنى اللاغا شۈكرى دېگۈدەك دەرىجە خېلى بولسىمۇ، يەنە ئىلھاملاندۇرۇش، تارتۇقلاشقا خۇشتارمىز. بۇ-ئەقەللىي ئورتاق پىسخىكا. قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ساقلاپ قويۇش، ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى بار خاتىرە بويۇم....قاتارلىقلار ئارقىلىق بولامدۇ، ھېچ بولمىغاندا، يولباشچىلارنىڭ مىننەتسىز  مېھنىتىنى ئەمەلىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپاندۇرساق. بەلكى بۇ پائالىيەتنى باشقا مول ھوسۇللۇق ئەزالىرىمىزغا قەدەر كېڭەيتسەك، راسخودىنى ئورتاق مەسلىھەت ئارقىلىق غەملىسەكمۇ يامىنى يوق. چۈنكى قوينىمىزدىن تۆكۈلسە قوينىمىزغا چۈشىدۇ.
   4. ئۆزۈم ئاخبارات، ئېلان-ئۇچۇر ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قەلەم ساھىبى بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ جەھەتتىكى ئىشلاردىن ئۆزۈمگە تەقسىملەنگىنىنى قىلىشقا تەييارمەن.
      قېنى، باشقا يولباشلارمۇ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا.

باھا سۆز

قوللايمەن!  ۋاقتى: 2014-6-20 16:11

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +55 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 55 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-20 10:29:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ،،، لىكىن بۇ روھلاندىكى مەزمۇنلارنى باشقا توربېتىدە ئېلان قىلىپ پاخاللاشتۇرۇپ ، ئازىراق تىمسنى ئۆزگەرتىپلار ئېلان قىلدىغان ئشلار بار
ۋاقتى: 2014-6-20 13:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك گۇرۇپپىلاغا بۆلۈنگەندە، گۇرۇپپا باشلىقى شۇ گۇرۇپپىغىلا مەسئۇل بولۇپ، باشقا تېما ئىنكاسلارغا يېتىشىپ بولالماي قالارمىكىن. گۇرۇپپا پائالىيىتى قول تۇتىدىغان ئىش. ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. قېنى باشقا باشقۇرچىلار ۋاقتىڭلارنىڭ يېتىشىچە گۇرۇپپىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرغايسىلەر. مەن شۇ Office گۇرۇپپىسىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقاي!!!
ۋاقتى: 2014-6-20 20:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، كەسىپداشلار.
يەركەنبوي قېرىندىشىمىز بۇنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ناھايىتى ياخشى قىلدى، بۇنى قانداقتۇر ئۆزى يالغۇز مۇنداقلا دەپ قويغان گېپى ئەمەس، بىز ئۆز ئارا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن سىلەرنىڭ قىمممەتلىك تەكلىپ-پىكرىڭلارنى ئېلىپ، ئاندىن گۇرۇپپىلارنى مەسلىھەتلىشىپ قۇرۇش ۋە ئىش باشلاش پىلانىمىز بار.
بۇنىڭغا قوللايمىز، ياخشى پىكىركەن دەپلا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويغىنىڭلارنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم، قوللىساق زادى قانداق قوللايمىز، قايسى گۇرۇپپىدا قانداق ئىش قىلپ قوللايمىز دېگەنلەرنى @arkzat ئەپەندى، @arkinjuma ئەپەندى، @aksu ئەپەندى، @zaker219 ئەپەندى، @Perzent ئەپەندى، @جام ئەپەندى، @مېھرى خانىم، @ahat0902 ئەپەندى، @Maarip قاتارلىقلارغا ئوخشاش كونكىرتراق ئوتتۇرىغا قويساق، بولسا گۇرۇپپىلارنى روھلاننىڭ خالىقىغا ئاساسەن تەكلىپ شەكلىدە توپلىساق (روھلاننىڭ خاسلىقىغا ئاساسەن مۇنداق مۇنداق گۇرۇپپىلار قۇرۇلسا مۇۋاپىق دېگەندەك)
ئاندىن قالدى ئىشلارنى شۇ گۇرۇپپىغا مەسئۇل ئادەمنى بېكىتىپ ئىش باشلىساق بولىدۇ ئەمەسمۇ.
بۇ ھەرگىز گۇرۇپپىدىكىلەرگە بېسىم بولۇپ قالمايدۇ، چۈنكى بۇنى چوقۇم ھەر كۈنى بىردىن ياكى بۈگۈن چوقۇم مۇنداق مەزمۇننى يوللايمىز دەپ مەجبۇرلايدىغان ئىش بولمىغاندىكىن، گۇرۇپپىلار بۇيىچە ھەپتىدە بىر ياخشى تېمىنى بارلىققا كەلتۈرسەك مانا بۇ بىزنىڭ قۇرغان گۇرۇپپىمىزنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ.
ئاۋال باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىۋالغاندىن كېيىن روھلاندا نۇرغۇنلىغان خالىس تۆھپىكار ئەزىمەتلىرىمىز بار، شۇلاردىن گۇرۇپپىغا ئەزا كېڭەيتىمىز، ئۇ چاغدا ئىلگىركى ھەپتىدە بىر تېمىدىن ئىككىن كۈنندە بىر ياكى كۈندە نادىر تېمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە گەپ يوق دېگەن گەپ.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر گەپنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ تېمىنى @yarkanboy ئەپەندى يوللاپ باشقۇرغۇچىلار چ چ توپىدا ئۇقتۇرۇش شەكلىدە يوللىغاندىن باشقا ھەر بىر ئادەمگە ئۇچۇر يوللىۋەتكەن ئىكەن، مەنمۇ توپ ۋە ئۈندىداردىمۇ ئەۋەتىۋەتكەن، 4 كۈندىن بۇيان مۇنبەرگە كىرگەن ئەمما بۇ تېمىغا دەسسەپ قويمىغان بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىۋەتتىم، چۈنكى بىز ھەمكارلىققا، ئۆز ئارا قوللاشقا مۇھتاج، ھەرگىزمۇ نام-ئەمەل، شۆھرەتكە مۇھتاج ئەمەس.
ئاخىرىدا ئەركزات ئەپەندى قاتارلىق بىر قانچەيلەنننىڭ بۇ تېمىدىن سىرت بىر قىسىم قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-7 00:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش