روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: yarkanboy
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلان يولباشچىلىرى يىغىنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-6-20 20:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلاردىن @yawa ئەپەندى، @Tursun007 ئەپەندى، @dihanogli ئەپەندى، @tukkuzsaray ئەپەندى، @dulani ئەپەندى، @karwan728 ئەپەندى، @kaplan ئەپەندى، @intizar ئەپەندى، @anginar ئەپەندى، @hawas ئەپەندى، @ئوكيان ئەپەندى، @پىلال ئەپەندى، @saedi ئەپەندى، @xam65 ئەپەندى، @شىرى ئەپەندى، @ئەركيۇرت ئەپەندى، @نەپرەت ئەپەندى، @abdusamar ئەپەندى قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز ۋە يولباشچىلىرىمىزنىڭ بۇ تېمىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكرىنى بېرىپ، ئىز قالدۇرۇپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قلىمەن ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن.
بۇلاردىن بەلكىم ھەۋەس ئۇستاز كىرىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، قالغانلار ئاساسەن روھلانغا كۈندە دېگۈدەك كىرىپ تۇرىۋاتىسىلەر.
ۋاقتى: 2014-6-20 21:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن روھلان ئۈچۈنلا خىزمەت قىلالىساق روھلان مۇنبىرىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەلەيمىز.
ۋاقتى: 2014-6-20 21:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tukkuzsaray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 13:51  

ئالدى بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ سالامەت دىدارلاشقان قېرىنداشلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.مەن ئۈزۈم موقۇملۇق خىزمىتى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلىۋاتقان مارالبېشىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن يېقىندىن بېرى مۇنبەرگە كىرىپ موقۇم تۇرالمىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سۇرايمەن. بۇ خاتىرجەمسىز كۈنلەرمۇ ئاللا خالىسا ئاياقلىشار.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ كۆز قارىشمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسامبىر قىسىم دىمەكچى بولغانلىرىمنى يۇقىرىدا پىكىر بەرگەنلەر سۆزلەپ بولغاچقا قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمىدىم.)
1. گۇرۇپپا خىزمىتىنى ئۆز ئۈسىتىگە ئالغانلار شۇ گۇرۇپپىغا تەۋە تىما يوللاش بىلەن بىرگە بورۇن يوللىنىپ بولغان تىمىلاردىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار يازمىلارنىمۇ رەتلىگەچ ماڭسا. مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە روھلانغا ھازىرغا قەدەر يولىنىپ بولغان پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلارنى رەتلەپ قويساقمۇ 4 - 5 پارچە كىتاب تۈزگىلى بولغىدە ماتىريال بار، ئەلۋەتتە يىتىشىپ قىلغىلى بولسىلا.
2. گۇرۇپپا خىزمىتىنى ئۆز ئۈسىتىگە ئالغانلار  گۇرۇپپىغا تەۋە يوللانغان تىمىلارنى سىناش ،ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بىكىتىش خىزمىتىنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارساق يەنى ئاجايىپ ئىسىل دىتال، سىناپ كۈرۈڭ كاتتا خوش خەۋەر ، ئاجايىپ ھۈنەر دىگەندەك تمىلارنى ئىمكان بار تەستىقلاشتىن بورۇن تەپسىلى سۆزلەندىمۇ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك دىگەننى بىكىتىپ تەستىلىساق. بۇنداق بولغاندا پۈچەك تىمىلارنىڭ يوللىنىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىگەندىن باشقا كىيىنكى پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلارنى رەتلەپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سونۇش خىزمىتىگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارىدىم.
3. پايدىلىنىش ماتىرياللىرىنى يوللىغاندا ۋە توپلىغان يازمىچە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلساق كىيىن تىمىلار توغرىسىدا ئېلكىتاب ياساشقا قولايلىق بولىدۇ دەپ ئويلىدىم.
4. تىما يوللاش ۋە رەتلەپ توپلاش توغرىسىدا چۈشەنچەمنى سۆزلەپ بولدۇم. موشۇ ئىشلارنى رەتلەپ قىلىپ بولالىساق ئايدا ئىككى سان «روھلان تور ژورنىلى»چىقارساق .

بۇ جەھەتلەردە مەن پىروگىرامما لاھىيلەش، ھەرىكەرچان سۈرەت، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ۋىندوۋىس ۋە ئوفىس بىلىملىرى توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى تەمىنلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-6-20 22:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەسلىدە ئادىلجانغا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ 2014-يىلى 3-ئايدىن بۇيان يولباشچىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ۋە بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە خۇددى تۇغماس توخۇ كاتەكنى ئىگەللەپ يېتىۋالغانغا ئوخشاش ھالەتتە تۇرغىنىمدىن نومۇس قىلىپ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپەمدىن چىرايلىقچە ئىستىپا بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم . چۈنكى مەن بىر يىللىق ئاساسى قاتلامغا خىزمەتكە چۈشكەن ، مەن تۇرىۋاتقان بۇ كەنىتتە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ھەتتا يانفۇن سىگنالىمۇ بەزىدە نورمال ئەمەس بولغاچقا ئۆزەمنىڭ بۇرچىنى ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ تۇرغاندا يەركەنبوي ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تېمىسىنى كۆرۈپ قانداق پىكىر قاتناشتۇرۇشنى بىلەلمەي ھەقىقەتەن خىجالەتچىلىكتە قالدىم . ئەمما مەن يېرىم يولدا قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا يەنىلا ئۆزەمنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇراي - دەپ ئويلىدىم .
مەن كومپىيوتىر تېخنىكىسى ، قاتتىق دېتال ، ئۇنۋېرسال يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ، يانفۇن ئەپلىرى ، ماشىنا ئېلىپ-سېتىش ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسىغا مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىغا قاتنىشىش بىلەن بىرگە ھەر ۋاقىت مۇشۇ ھەقتىكى مەسلىھەت ياكى ياردەمگە مۇھتاج روھلانداشلارغا يانفۇن ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن . كومپىيوتىردا تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقا ئامالسىز مۇشۇنداق پىكىر قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم .
مېنىڭ يانفۇن نومۇرۇم : 189976358880
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 20:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، كەسىپداش ...

مەن دايىم تورغا چىقالىشىم ناتايىن.كەچۈرۈڭ ئادىلكا....لىكىن مەن تىمىلارنىڭ خاتالىقىنى تەھرېرلەش،ماس كەلمىگەننى ئۆچۈرۈش ۋەزىپىلىرىنى قىلالايمەن دەپ قارايمەن..مۇقىم بىرلا سەھىپىنى يالغۇز باشقۇر دىسە ھەر كۈنى تولۇق يوقتە مەن...شۇ قولۇمدىن كەلگەنچە تېرىشىمەن  روھلان گۈللىنىشى ئۈچۈن.........بۇيرۇق ۋەزىپە بولسا بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار مەن...و
ۋاقتى: 2014-6-21 00:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intizar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 00:50  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار ، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ؟ مەنمۇ يىقىندىن بىرى ئالدىراشچىلىقتا كۈنۈم كىتىپ بارىدۇ . ئىدارىنىڭ ئىشلىرى بەك تولا بولۇپ كەتتى . مەنمۇ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەرقايسى تۈر بويىچە روھلان تورىنى تېخىمۇ روھلاندۇرۇشنى قوللايمەن . ئەمدى قايسى گۇرۇپپىغا قاتنىشىشنى ھىچ بىلەلمىدىم . چۈنكى مەن مەخسۇس بىر تۈرنى بەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ كەتمىگەن ئۇنىڭدىن ئازىراق ، بۇنىڭدىن ئازىراق نەرسىلەرنى بىلىمەن شۇ ، ئۆزۈڭلارمۇ ئۇقىسىلەر . تولاراق دەرسلىك ئىشلەپتىمەن . مەن قىلالايدىغان ئىشلار : word , excel, PS, سېستىما قاچىلاش ، يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ ياخشى بولسا دەرسلىك ئىشلەش ، ئاندىرويد تېلېفۇنلارغا روت ئېلىش ، ئۇيغۇرچە يىزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلىش دىگەندەك ئىشلار . .... ھازىر پىلانىمدا ئاللاھ تېنىمنى سالامەت قىلسا  پايدىلىق دەرسلىكلەرنى داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرۇش ،ئاندىن كىيىن ئەپ تەرجىمە قىلىشنى تولۇق ئۈگۈنۈپ ياخشى ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ قىرىنداشلارغا سۇنۇش . قالغىنىنى گۇپپىلار مۇقىملىشىپ بولغاندا ئاندىن كىيىن قايسى گۇرۇپپىلارغا كىرىشنى بەلگىلىسەم .
مەن توردىن سېتۋېلىش، IT خەۋەرلىرى، قاتتىق دىتال بىلىملىرى، يانفۇن ئەپلىرى ھەم ئاساسى ۋەزىپلەرنىڭ ھۆددىسدىن چىقالايمەن!
ۋاقتى: 2014-6-21 10:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  روھلانداشلار ، ياخشى تۇرۋاتامسىلەر ؟  مەن ps , AE,edius دىتاللىرىنى ئىشلىتىش ،ئەپ تەرجىمە قىلىش  دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن .
ئاساسەن كۈندە توردا بار ؟  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 13:02  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر بۇ تېمىغا تولىمۇ كىچىكىپ كىرىپ پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
بىر ھەپتىدىن بىرى 2013.يىللىق ئىش ئۈنۈم مۇكاپات سوممىسىنى ئىشلەپ تەستىقلىيىش تارقىتىش ھەم 6-ئايلىق ماماشنى ئىشلەپ يوللاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ھازىرمۇ مالىيە ئىدارىسدا بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن گۇرۇپپىلارغا بولۇنۇپ مەسىئۇل بولۇش پىكىرىنى قوللايمەن .مەن ئوزەمنى مەلۇم گۇرۇپپىدا ئالاھىدە ئىقتىدارىم بار دەپ قارىمايمەن.شۇنداق بولسىمۇ باشلانغۇچ مائارىپ گۇرۇپپىسىدا ئۆزەمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرايمەن دەپ قارايمەن .
تەكىلىپ:ئالدىنقى قىتىم ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك روھلان تور ژورنىلى چىقىرىشنى ئويلىشىپ باقساق
يەنە بىرى دەرس دېتال مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرساق
ۋاقتى: 2014-6-23 03:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم روھلانداشلار!كەمىنە "ئەنگىنئەر"دىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
بۇ ئىنكاسنى شۇنچىلىك خىجىللىق ئىچىدە يېزىپ ئولتۈرۈپتىمەن.چۇنكى ئۆزۈمنىڭ روھلانغا بۇرۇنقىدەك كۈچ قوشالمايۋاتقانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان.خىزمەت ۋە سالامەتلىكىم سەۋەبلىك كومپيۇتېر  ئالدىدا بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇشقا ئىمكان بولماي قېلىۋاتىدۇ. ئازراقلا ئىمكان بولغاندا "روھلان"غا كىرىپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ نە ئىنكاس نە تېما يوللاشقا ۋاقىپ بولالمىدىم.شۇ سەۋەبىلىك بارلىق روھلانداشلارغا ئۆزرە ئېيتىمەن.
.ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم مەنمۇ  گۇرۇپپىلارغا بولۇنۇپ مەسىئۇل بولۇش پىكىرىنى قوللايمەن.ھازىرچە بۇندىن كېيىن ئۆز رولۇمنى جارىي قىلدۈرۈشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ تۈراي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-5 04:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش