بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahat0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-9 16:39
بۇ ھايات گۈلشىنىگە مېھمان ئىكەنمىز بارچىمىز،
بۇ دۇنياغا دوستلار ئاشىق ئىكەنمىز بارچىمىز.
قوش ئىمارەتلەر سالاي دەپ جانىمىز بولدى ۋەيران،
ئەمدى بىلسەم بۇ ئىمارەتلەرگە مېھمان ئىكەنمىز بارچىمىز.
ھەممىمىز
مال-دۇنيالەر تاپاي دەپ ھەرقايان چاپتۇق ھامان،
كۆپلىگەن ماللارنى تاشلاپ بىر كۈن كېتەرمىز ھەممىمىز.
خېرىدار كەلگىنىدە تاسادىپ بىر كۈن بۇ جانغا،
بۇ دۇنيادىن بىر-بىردىن ئۆتۈپ كېتەرمىز ھەممىمىز.
بۇ ئۆزبىك شائىرىنىڭ شېئېرىكەن. ياقتۇرغاچقا دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. |