روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7808|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتا- يۈكسەكلىكنىڭ چوققىسى (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا- يۈكسەكلىكنىڭ چوققىسى
5 y! X- p+ b& J4 W  t+ E6 N
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
) p) H8 R; g$ H" b7 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتا! مەن يەنە قەبرەڭ بېشىغا كىلىپ ساڭا پىچىرلاۋاتىمەن،ئاڭلاۋاتامسەن؟؟
9 c) v, J2 B6 Q/ Wمەن ھەر قېتىم قەبرەڭ بېشىغا چىقسام،كۈچ –قۇۋەتكە تولۇپ، تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ قايتىمەن.ھەر قېتىم ‹‹ئاتا››دىگەن سۆزنى ئېغىزىمدىن چىقارساممۇ شۇنداق بىر يۈكسەك  ئۈمىتۋارلىق روھى قەلبىمگە ئورناپ، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئېشىپ ،خۇددى يېنىمدا سەن باردەكلا،سەن ماڭا يول كۆرسىتىپ، مەدەت بېرىۋاتقاندەكلا...ئىلھاملىنىپ خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن .مانا بىز بىلەن خوشلاشقىنىڭغا توپتوغرا 20 يىل بولۇپ قاپتۇ...بىراق سېنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس مەردانە قىياپىتىڭ،ئىگىلمەس-سۇلماس جەسۇر روھىڭ،ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ مىت قىلىپ قويمايدىغان ئىرادەڭ، باشقىلارغا يالۋۇرۇشنى ،تىزلىنىشنى ،يېغلاشنى ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق نومۇس چاغلايدىغان ھايات مىزانىڭ،ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىيلاش ھەم ياردەم بىرىشتەك ئىسىل خىسلىتىڭ، ھەقىقەت ۋە ئادىللىققا تۇتقان ھېممىتىڭ،شۇنداقلا مەرتلىك ۋە ھالاللىق ھەققىدىكى قىممەتلىك پىكىرلىرىڭ...ھېلىھەم بىزگە ھەمرا بولۇپ ھاياتلىق يولۇمىزنى يۇرۇتۇپ،ھاياتلىق سەپىرىمىزنى مەنىلىك داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا تۈرتكە بولماقتا....2 ?) u! G& M5 Z* e/ n5 J( |' Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن بىزگە ‹‹ كەتمەننى مەنلا چاپاي،كەلگۈسىدە كەتمەن بىلەنلا جان باققىلى بولمايدۇ،سىلەر مەكتەپتە ئوقۇڭلار ،كەسسىپ ئىگەللەڭلار،ھۈنەر ئۈگۈنۈڭلار، بىلىمسىز كىشىنىڭ تەقدىرى ياخشى بولمايدۇ،بىلىملىك كىشىنىڭ تەقدىرى ھامان گۈزەل بولىدۇ.بىلىملىك كىشى بىلەن بىلىمسىز كىشىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! بىلىملىك كىشى ھەرگىزمۇ نامراتلىق پاتقاقلىرىغا پېتىپ قالمايدۇ، ھاياتلىق سەھنىسىدە باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا ، باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالمايدۇ..شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، بىلىم پۇلغا ئايلىنىدۇ،بىلىملىك كىشىنىڭ يولى ناھايىتى كەڭرى بولىدۇ،بىلىملىك كىشىنىڭ قولىغا چىققان تۆمۈر –تېسەكمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ.بىلىمسىز كىشىنىڭ قولىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشمۇ تېزەككە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئاخىرقى ھىساپتا بىلىمسىز كىشى قۇللۇققىمۇ يارىمايدۇ.بىلىملىك كىشىنىڭ قەدەم ئىزىدىن گۈل ئۈنىدۇ،بىلىمسىز كىشىنىڭ قەدەم ئىزىدىن تىكەن ئۈنىدۇ.پۇل،مال،دۇنيا، بايلىق... بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئاقىدۇ،قەدىر-قىممەت،بەخىت-ئامەت بىلىمسىز كىشىلەردىن   قاچىدۇ.بىلىملىك كىشىلەر دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ،بىلىمسىز كىشىلەر يەر شارىغا يۈك بولۇپ ئەخلەت-چاۋارلار ئورنىدا خارلىنىدۇ....شۇڭا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇڭلار!!ھالال ياشاڭلار!!باشقىلارنىڭ رىزقىغا ھەرگىز چاڭگال سالماڭلار!!ھەر قانچە مۈشكۈل ئەھۋالدا قالساڭلارمۇ ھەقىقەت يولىدىن چىقىپ كەتمەڭلار!!ئەخلاق ئادەمىنىڭ ئەڭ يارىشىملىق كېيىم-كېچىكى،شۇنداقلا چىن ئادەملىكنىڭ ھەقىقىي بەلگىسى.ئادەم بالىسىغا بىلىم بىلەن ئەخلاق شۇنداق زۆرۈركى كەڭ تەبىئەت دۇنياسى ھاۋا بىلەن سۇدىن ئايرىلسا قاغجىراپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئادەم بالىسى بىلىم بىلەن ئەخلاقتىن ئايرىلسا ھايۋاندىن بەتتەر بولۇپ كېتىدۇ......بالىلىرىم سىلەر 5 ئوغۇل، 5 قىز جەمى 10 بالا ھەممىڭلار تەن جەھەتتە شۇنداق بىجىرىم يارىتىلدىڭلار ،روھىڭلارنى پەرۋىش قىلىش ،تەرەققىي قىلدۇرۇش ھاياتلىق ئالىمىدىكى تىرىشچانلىقىڭلارغا باغلىق،قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار شۇنچىلىك گۈزەل تەقدىرگە ئېرىشەلەيسىلەر ...بەخىتنى باشقىلاردىن ئوغۇرلىۋالغىلى، قىمار ئويناپ ئۇتىۋالغىلى ئەسلا بولمايدۇ.ھەركىم ئۆزىنىڭ بەختىنى ئۆزى يارىتىدۇ.....››دىگەن ئىدىڭ....دىگەنلىرىڭ بىر-بىرلەپ كەلمەكتە..... سەن ھىچقانداق ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولساڭمۇ شۇ زامانغا نىسبەتەن ئەرلەر قىلىشقا تىگىشلىك ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللىگەن ئىدىڭ. تامچىلىق، ياغاچچىلىق،تۆمۈرچىلىك،توقۇمچىلىق....سەن ئۈچۈن ئاددىلا بىر ئىش ئىدى.ئەقلىمگە كەلسەم مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى سەن ئېلىپ قوياتتىڭ،ي ەرلىك ئۇسۇللار بىلەن بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىپ قوياتتىڭ.ھەتتا بىزگە تىرناقنى قانداق ۋاقىتتا قانداق ئېلىش ھەققىدە تەربىيە بېرەتتىڭ ،شۇ چاغلاردا كونا چالما ۋە ئۆسۈملۈك يۇپۇرماقلىرى بىلەنمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولامدىغاندۇ؟!ئاتام تىرناق ئېلىشقىمۇ نىمانچە ئەھمىيەت بېرىدىغاندۇ؟!دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەنمەن. ئاتا..ئاتا سەن شۇ چاغنىڭ دوكتۇرى ئىكەنسەن. شۇ چاغدىكى ناچار شارائىت، قېچىپ قۇتۇلغۇسىز نامراتلىق، يەنە كىلىپ 10 بالىنىڭ تۈگۈمەس دەردى..سېنى مۇددەتتىن بۇرۇن چارچىتىپ قويغان چېغى؟؟!! توۋا! مەن سېنىڭ بىر قېتىممۇ بىزدىن،تۇرمۇشتىن ۋايساپ باققىنىڭنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ماڭا ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلىرىڭ،جىن-شاياتۇن ۋە جەڭ ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسسەلىرىڭ قانداقتۇ كۆڭلۈمنى ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ياخشى ئادەم بولۇشۇم ئۈچۈن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە ئۆتۈپ بەرگەن ئوچۇق دەرسىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟3 a* B  }  I; {9 m1 o! Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتا.ئاتا،ئەي ئۇلۇغ دېھقان ئاتا !!! سەن بىزنى ئاز بولمىغان جەبرى-جاپالاردا چوڭ قىلدىڭ،تەربىيلەپ قاتارغا قوشتۇڭ. بىراق بىزگە بىر قېتىممۇ ئاجىزلىقىڭنى چاندۇرۇپ باقمىدىڭ........
+ I6 F( _$ ]+ X3 \& jدۇنيادا چىراق بار دىيىلسە ،سەن ئەڭ نۇرلۇق چىراق. دۇنيادا تۈۋرۈك بار دىيىلسە ،سەن ئەڭ چوڭ تۈۋرۈك. دۇنيادا كۆۋرۈك بار دىيىلسە ،سەن ئەڭ مۇستەھكەم كۆۋرۈك.دۇنيادا يۈرەك بار دىيىلسە ،سەن ئەڭ ئوتلۇق يۈرەك.$ F2 r! @0 c+ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قان –تەرىڭ بەدىلىگە ھەممىمىز ئالى مەكتەپنى تاماملاپ،جەمىيەتكە قوشۇلدۇق. پۇلمۇ تاپتۇق، يولمۇ تاپتۇق ...ئاشۇ چاغدىكى نامراتلىقنىڭ سۈر-ھەيۋىسى ئاللاقاياقلارغىدۇ غايىپ بولدى.يېڭى دەۋىر بىزگە يېڭىچە پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلدى.قورسىقىمىز توق، كېيىم-كېچەكلىرىمىز تۇلۇق بولدى.قەلبىمىزدىكى غەم-قايغۇنىڭ ئورنىنى چەكسىز خوشاللىق بىر-بىرلەپ ئىگەللىدى.مانا ھازىر ھەممە نەرسىمىز تەل بولدى.تۇنۇردەك پاكار ئۆيلىرىمىز بىنالاشتى،ئىلگىركىدەك ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يول يۈرۈشكە خاتىمە بەردۇق.ئاستىمىزدا ئىسىل ماركىلىق كىچىك ماشىنىلارمۇ بار بولدى تېخى؟!!!گەجگىمىزنى بېسىپ تۇرغان كونا قەرزىلەرمۇ تۈگەپ ئېشىنچە پۇللارنى بانكىغا قويىۋالدۇق،سەن دىگەندەكلا تەرەققىيات ھەقىقەتەن تېز بولدى.بىراق موشۇ كۈنلەرگە سەن ئۇلىشالمىدىڭ. بىر ئۆمۈر جىن چىراق يۇرۇقىنى كۆردۈڭكى ھازىرقى توك يۇرۇقىنى كۆرەلمىدىڭ،ھاياتىڭدا بىر قېتىممۇ رەڭلىك تېلىۋېزور كۆرەلمىدىڭ،ھاياتىڭدا بىر قېتىممۇ مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرغان شەھەرلەرگە كىرەلمىدىڭ،بىرەر قېتىممۇ رېستۇران مەئىشەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ باقمىدىڭ،بۆگۈنكىدەك ئىلغار ئاپاراتلار سەپلەنگەن زامانىۋى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش پۇرسىتى ساڭا نىسىپ بولمىدى............
9 i: x2 s1 h- j0 @- y+ k- B( S/ W. [كېسىلىڭ ئېغىرلىشىپ ھاياتىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان كۈنلەردە ‹‹ ‹كىزىك›بولۇپ قاپتىمەن بالىلىرىم، خاتىرجەم بولۇڭلار ، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن››دىسەڭ، بىز ساڭا ئىشىنىپتىمىز . ئەسلىدە سەن گىرىپتار بولغان ‹كىزىك›ھازىرقى ‹راك›نىڭ دەل ئۆزى ئوخشايدۇ.كېسىلىڭنى داۋالىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، نىمە كېسەل بولۇپ قالغانلىقىڭنىمۇ بىلمەپتىمىز ئەمەسمۇ؟؟ھەي موشۇ كۈنلەردە بولغان بولساڭ كاشكى شارائىتىمىزمۇ ياخشىلانغان ...ئەڭ ئىلغار دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولاتتۇق. شۇنچە قىسمەتلەر ئالدىدا ئىگىلمەسلىكىڭدىكى سىر-ھىكمىتىڭنى سورىۋالغان بولاتتۇق.ئاپئاق ساقاللىرىڭغا،قاداق باسقان قوللىرىڭغا ،پۇتۇڭنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئالقانلىرىغا ....سۆيىۋالغان بولاتتۇق......تولىمۇ ئەپسۇس! سەن كېتىپ قالدىڭ . سەن بىزگە ئالەمچە ئازاپنى ،چەكسىز سېغىنىش ئوتلىرىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدىڭ.   دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى كەلدى.سېنىڭ ھىكمەتلىك ھاياتىڭنى ئوماق نەۋرىللىرىڭگىمۇ سۆزلەپ بەردۇق.نەۋرىلىرىڭمۇ موشۇ تاپتا سەندىن سۆيۈنمەكتە.سەندەك بىر يۈكسەك ئاتىنىڭ پۇشتى-پاناھى بولغانلىقىدىن ئالەمچە پەخىرلەنمەكتە......بىزدىن سەن ھەققىدە يەنە يېڭى-يېڭى سۇئاللارنى سورىماقتا ......بىز نەۋرىللىرىڭگە ‹‹داداڭلار ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ،پۈتۈن ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ تەتىل قىلمىغان، بىرەر قېتىممۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ باقمىغان،بىرەر قېتىممۇ رۇخسەت سورىمىغان،بىرەر قېتىممۇ مائاش ياكى مۇكاپات ئالمىغان ،ھىچقانداق ئىنۋانى يوق... يۈكسەك بىر دېھقان ئىدى››دەپ جاۋاپ بەدۇق.  F& c5 F' Y5 K  m" i+ i9 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پارلاق ئەقىدىلەرنى بويلاپ كېتىۋاتقان  بۇ يېڭى دەۋىر دېھقانلارغىمۇ ئاجايىپ نۇسرەتلەرنى ۋە پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلدى.بۆگۈنكى بەختىيار كۈنلەرنىڭ نۇرلۇق مەڭزىدە  سېنىڭ ۋە سەندەك ساناقسىز يۈكسەك ئاتىلارنىڭ تەر تامچىللىرىمۇ بار ئەلۋەتتە! جاھاندا يۈكسەكلىك بار دىيىلسە ،سەندەك جاپاكەش، جەسۇر ئاتىلار ئاشۇ يۈكسەكلىكنىڭ چوققىسى!  ئەلۋىدا !... تېنىچ يات ئاتا!.....9 b: h9 R* ~8 V* u" zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ‹‹كۇسەن مەدەنيەتى››دىن
/ Q$ F+ ]& T: |- dئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن; ~: _% t% ?# `! u) _+ u4 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،  روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
0 R, n* u0 Z8 x+ P0 ?! u0 s+ F

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
ئەزھەر36 + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-29 19:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەلىم ئالدىم.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
ۋاقتى: 2014-5-29 23:29:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك تەسىرلەندىم ، بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
ۋاقتى: 2014-5-30 21:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى . چۈنكى دادىدىن ئايرىلىش قانىتى قايرىلغانغا باراۋەر ئىكەن .{:6_265:}

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش