روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 10828|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەن نېمىشقا ئۆلۈۋالدىڭ؟ - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەن نېمىشقا ئۆلۈۋالدىڭ؟
1 t; D# p& E! t6 ]- H(ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان خوتەنلىك 12ياشلىق ئۆسمۈرگە ئوچۇق خەت)
2 V6 J9 q3 K: Q0 `3 R! |9 ]0 w
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

9 {1 p4 X2 Q2 ^6 @
8 B9 y/ G! h) fتەڭرىنىڭ سېنى خوتەن دىيارىدا ئۇيغۇر قەۋمىگە تەۋە قىلىپ يارىتىشى سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ئىدى . سەن تېخى ئەمدىلا 12 – باھارىڭنى ئۆتكۈزگەن ئىدىڭغۇ؟. c) Z6 O* s/ Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماھىيەتتە بۇ سېنىڭ غەمسىز چاغلىرىڭ بولۇشقا تېگىشلىك بالىلىق پەسلىڭ ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، ساڭا غەمسىز ، يۇگەنسىز ئاتلاردەك گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇش ، دۇنيانى بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلىش ، ئاجايىب شوخلۇق بىلەن دۇنيا خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ... نېسىپ بولمىغان ئىكەن . بىز سېنى بىلىم ئال دېدۇق . بىراق مەكتەپكە ئايىغىڭ چۈشىشى بىلەنلا « پۇل بەر !» دېگەن سۆزنى شۇ قەدەر كۆپ تەكرارلىدۇق . سەن «پۇل» دېگەن بۇ ھەيۋەتلىك سۆزى تولا ئاڭلاپ شۇ قەدەر چۆچۈپ كەتتىڭ . بۇ قېتىم 360 كۈن تاڭدىن شامغىچە جاپالىق ئىشلىگەن ئاتا – ئاناڭ تۈگىمەس سېلىق ۋە جەرىمانىلەردىن ئاشۇرۇپ ئاكا – سىڭىل ئىككىڭلارنىڭ ئوقۇشلۇق پۇلى ئۈچۈن ئاران 20 يۈەن بېرەلىدى . بۇ پۇل ئاكا – سىڭىل ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كەملىك قىلاتتى . ئاتا – ئاناڭ سەن ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە يۈركىنى سۇغۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىدى . جەنۇب دېھقانلىرى شۇنداق يارىتىلغان بولسا كېرەك . ئۇلار شۇنچە نامرات تۇرۇقلۇق ھەممىسى ھاتەمدەك سېخى ، مەرد... بىراق مەردانە ئەمەس چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى زەخمىلەنگەن .
* k9 a# Q2 v% E* D. M# qسەن كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق بۇ 20 يۈەننى سىڭلىڭغا بېرىپ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدىڭ ، ياق ، بۇ ھىيلىگەر ، جاللات رېئالىق سېنى ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى . ساڭا ئۆلۈم تېخى بالدۇرلۇق قىلاتتىغۇ ؟!$ \2 W3 h4 f! q- X) w9 Y5 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دېمەك ، سەن نامراتلىقنىڭ قۇربانلىق پاقلىنى بولۇپ قالدىڭ !؟ مەن سېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭنى ئاڭلاپلا دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر پىخسىق ھەم تار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتتىم . بىر چاغدا سېنىڭ ئۆلىمىڭ ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق « ئوچۇق دەرس » ئۆتۈپ بەرگەنلىكىڭنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپقاندەك بولۇپ ، ساڭا ئۇشبۇ خەتنى يېزىشقا قولۇمغا قەلەم ئالدىم . سەن ئۆلۈپ كەتتىڭ ، ياق ! ئۆلىۋالدىڭ ، ياق ! بۇ رەھىمسىز رېئاللىق سېنى تىرىك يەۋەتتى ! ؟) U2 L( m: M0 {: K+ J& Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆلۈمنىڭ شەكلى ئانچە ئاز ئەمەس ، شەرەپلىك ئۆلۈش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ ، بوغۇلۇپ ئۆلۈش كۆرەشتە ئوق بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ ، ساڭا تەقسىم بولغان كۈن تېخى تۈگىمىگەن بولىشى ئېنىق ، بوغۇلۇپ ئۆلىۋېلىشىڭنىمۇ « خۇدا بۇيرىغان ...» دېسەڭ ، بۇ بىزنىڭ نادانلىقىمىزنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ئەمەسمۇ ؟!) Z, ?  `2 [* E6 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇ تاپتا ساڭا غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ : «تۇغۇلۇش – ئۇقۇشماسلىق ، دۇنيا – مەينەت ، ياشاش – بىمەنە ، ئۆلۈم – خوشاللىق » « دېگەندەك پىكىرلىرىنى ئېيتىپ يەرسەم ، توغرا قىلغانلىقىڭغا شۈبھىسىز ئىشىنىپ ، خۇشال بولۇپ كېتەرسەن ! ؟
- f6 A/ u- o+ _4 I" Q. t3 Xسەن ئۆلۈم ئارقىلىق شادلانماقچى ھەمدە يوقسۇل داداڭنىڭ گەجگىسىنى بېسىپ تۇرىۋاتقان سېلىقنى بىر ئاز بولسىمۇ پەسەيتمەكچى بولدۇڭ ! بىراق نامراتلىق دەردىدىن بىرەر قېتىممۇ ھەققىي كۈلۈمسىرەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ، ئۈنلۈكرەك پاراڭ سېلىشقىمۇ پېتىنالمىغان ئاتا – ئاناڭنىڭ يۈرەك – باغرىنى لەختە – لەختە قان قىلىۋەتتىڭ ! شۈنداقتىمۇ سېنى گۇناھكار دېيىشكە بولمايدۇ ./ t- l1 e% J/ H6 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزىلەر « بوغۇلۇپ ئۆلىۋالغانلار جەننەت قارىسىنى كۆرمەيدۇ» دېيىشمەكتە ...
& B0 E0 ?# z6 A# @. Z  Vبەلكىم دوزاخ ئازابى نامراتلىق ئازابى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغاندۇ ؟!3 D) g& d# s# P; k% kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەن باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولساڭ ، ھېچ بولمىغاندا داداڭنىڭ ئوقۇشلۇق پۇلۇڭنى تۆلەش ئىقتىدارى بولغان بولسا ... سەن ئۆلىۋالمىغان بولاتتىڭ ! داداڭدا نېمە گۇناھ ، ئاناڭدىچۇ ؟ ! ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭمۇ جاپالىق ئىشلىگەنگە يارىشا پۇل تاپقۇسى ، باي بولغۇسى ، ئىپتىدائى تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگۈسى بار ئىدى ، بىراق ئۇلار پۇل تاپالمىدى ، باي بولالمىدى ...
4 c) r1 T# t; B6 M0 c$ H5 Y  Hپەقەت « ئاتا – بوۋىمىز ئەينى چاغلاردا قەغەز پۇل ئەمەس ، ئالتۇن – كۈمۈش خەجلەيدىكەندۇق ...» دېگەندەك شىرىن ئەسلىمىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە « بىزگىمۇ خۇدايىم بېرەر!» دېگەندەك قانائەت سۆزلىرىنىلا قىلالىدى شۇ !؟ بىراق رېئاللىق مۇشۇ ھالىتى بىلەن داۋام ئېتىشكە رۇسلاندى .
6 y8 O: P) ^* C& O1 oسەن بىرەر سىياسى خاتالىق سادىر قىلمىغان ، شۇنداقلا ئېتىكا – ئەخلاققا يات ، باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ناچار ئىشلارنىمۇ سادىر قىلمىغان ئىدىڭ . تۇغۇلۇپلا نامراتلىق دەستىدىن بوۋايغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىڭ شۇ !؟نامراتلىق سېنىڭ سۆيۈملۈك ئۆلمىڭ !ئىلگىرى ئاچارچىلىقتىن ، قىيىنچىلىقتىن ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن ، قىرغىنچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈمى سېنىڭ ئۆلۈمىڭگە ئوخشىمايدۇ . شۇنداقلا 80 – يىللاردا غەرب ئەللىرىدە «دۇنيادىن زېرىكىش ، ئۆلۈمىنى سېغىنىش» ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋېلىشىغا ، قەھرىمانلارنىڭ دۈشمەن قورشاۋىدا قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ، فېئوداللىق جەمئىيەتتە نىكاھ ئەر كىنلىكىگە ئېرىشەلمىگەن گۈزەل قىزلارنىڭ ياۋۇز بايۋەتچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ ، ھەمدە يېقىندا يۈز بەرگەن 16 ياشلىق قىز ئامانگۈلنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ زەربىسىگە چىدىماي چاشقان دورىسى يەپ ئۆلىۋېلىشىغا ، قاۋۇل بەردەم يىگىت ××نىڭ بىر ئوچۇم رەقىبلىرى تەرپىدىن ئەرلىك ئپپىتى بۇزۇۋېتىلگىنىگە نۇمۇس قىلىپ بوغۇلۇپ ئۆلىۋېلىشىغا ، ئەمدىلا 25 – باھارىنى ياشاپ تۈگەتكەن زىلۋا بەدەن ، ئۇيغۇر قىزى روشەنگۈلنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىپ قىلىپ ، جازادىن قورقۇپ يۇقىرى بېسىملىق توكنى تۇتىۋېلىپ ئۆلىۋېلىشىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ .8 ?& W+ g6 E  P' `0 q+ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۆۋەتتە جەنۇب يېزىلىرىدىكى دېھقانلار نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قەرز قايتۇرۇش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ . 8 Y4 W- t# c3 h% A& T1 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2001 – يىلى يازدا مەن تۇغۇلغان بۇ سەھرادىمۇ تەن – تۇرقى قەدىمقى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنى ئەسلىتىدىغان 50 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر تۇتاش تېرىقچىلىق قىلىش پۇلىنى دەل ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا يېزىلىق پارتكومنىڭ رەھبىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەەپ ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن غىپپىدە كېتىۋالدى . بىراق ئۇنىڭ چۆچىرىدەك ئالتە بالىسى تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ جاپالىق ئىشلىسىمۇ يوقسۇزلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ زار – زار يىغىلىشىپ قېپ قالدى .  T8 i' N4 v5 O1 m! Z) dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھېلىقى رەھبەر ئۈچ يىللىق تۈرمىگە سولاندى . دېمەك ، بىزمۇ نامراتلىق دەستىدىن بىر يۇۋاش دېھقان تاغىمىزدىن ، مۇھىمى بىر ياخشى رەھبىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق .& Y; y4 r. @# h6 v, v. G" J$ Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆلىۋېلىش – ئاجىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى ياكى غورۇرنىڭ قاتتىق چايقىلىشى بولىشى مۇمكىن.
; k3 q% ]2 y6 H9 s( Bنوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھىمىڭۋايمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىكەن . خەنزۇ ئەدىبلىرىدن چۈ يۈەن ، لاۋ شىلارمۇ شۇنداق ، مەشھۇر شەخسىلەر قامۇسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شەخسىلەرنى ساناشقا توغرا كەلگەندە ئەلۋەتتە ئون بارمىقىمىز كەملىك قىلىدۇ . شۇنىڭغا قارىغاندا ئىسيانكارلىق روھى سۇس كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشتەك كاتتا ئىشلار كەلمەسلىكى مۇمكىن .
3 ?% ?) d9 |# o/ I: h2 S«دۇنيا كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپ» دەيدۇ گىرمانىيە پەيلاسوپى نېتزى . ھازىر كونا ماشىنلار شەھەرلەردىكى مەركىزى كوچىلارغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەندەك ،نامرات كىشىلەر بازارغىمۇ كىرەلمەس بولۇپ قالدى . جەمئىيەتتە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە ...«بىز ھازىر يەر ئاستىدا نېفت دېڭىزى ، سېرىق ئالتۇن خەزىنىسى ، ئېتىزلاردا ئاق ئالتۇنى ، يايلاقلاردا ساناقسىز چارۋا – ماللىرى ، يەر شارىنى ئاغدۇرۇۋەتكۈدەك گازلىرى ...بولغان ئالتۇن تاۋاقنى كۆتىرىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالدۇق ...  » بۇ قىسمەتنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك ؟!
2 [3 ~( {: G# k9 s* rيەھۇدىلار دۇنيادا خورلۇققا ، زىيانكەشلىككە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان مىللەت ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھازىر دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك مىللەتكە ئايلىنالىدى ؟2 H) r4 P7 t- p/ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىقتىساددىن ئايرىلغان مىللەت باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاخىرغىچە ساقلاپ قالالمايدۇ ، مانا بۇ ھالاكەت يولى ، بىز بۇ يولىنىڭ تەنھا كارۋىتى بولۇپ قاچانغىچە ماڭىمىز ؟!( M% o" |, d" Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان كۆپ خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ھامان باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى .
0 i* a3 H- ]+ E5 r. `+ }تۈنۈگۈن كوچىمۇ – كوچا تشلاندۇق ۋېلىسپىتنى مىنىۋېلىپ تۆمۈر – كېسەك ، قۇرۇق قۇتا ، تاشلاندۇق چاچ ... تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بۈگۈن             لىق خوجايىنغا ئايلىنىپ قېلىشى ئانچە كۈلكىلىك ئەمەس .6 W2 e: l. N, Z4 p5 q1 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ئۆزىمىزگە :«نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلار ، خەنزۇلار ، نېگىرلار ...بىزدىن باي ؟ قويۇشقا پېتىنالمىدۇق ، ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنى تارىخ شەجەرىسى نۇقتىسىدىن سېلىشتۇرۇپلا قەلبىمىزنى شادئېتىشكە كۆنۈكۈپ كەتتۇقكى ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىككى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلدۇق . ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساق « ئادەمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق دۈشمىنى دەل ئۆزى»دېگەن ھىكمەتنىڭ ئاساسسىز مەيدانغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بولاتتۇق ، شۇنداقلا گىرمانلاردەك پەلسەپىۋى مىللەت ، خەنزۇلاردەك تىرىشچان مىللەت ، يەھۇدىلاردەك كىتابخۇمار مىلەەت ، ياپونلاردەك ئىجادچان مىللەت ...بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن بولاتتۇق .
0 K+ S. X0 M- M& v( gنامراتلىققا ئۆلۈم ئارقىلىپ جاۋاب قايتۇرۇشنى يۇقىرىقىدەك ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىش تولىمۇ قىيىن.
( R; \& }% h# y0 U2 y$ n) sسەن بىزگە :«خۇدا بىزنى ياراتتىمۇ ياكى بىز خۇدانى ياراتتىقمۇ ؟ نامراتلىق بىزگە ئامراقمۇ ياكى بىز ناراتلىققا ئامراقمۇ ؟ نامراتلىقنىڭ يىلتىزى ئۆزىمىزدىمۇ ياكى باشقىلاردىمۇ ؟ بايلار بولغاچقىلا نامراتلار مەۋجۇتمۇ ياكى نامراتلار مەۋجۇت بولغاچقىلا بايلار مەۋجۇتمۇ ؟ ئادەم ئۆلۈمنى سېغىنامدۇ ياك ئۆلۈم ئادەمنى سېغىنامدۇ ؟ روھى نامراتچىلىق ماددى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ياكى ماددى نامراتچىلىق روھى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟ ئادەم پۇلنى باشقۇرامدۇ ؟ پۇل ئادەمنى باشقۇرامدۇ ؟ ئادەم ياشاش ئۈچۈن پۇل تاپامدۇ ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ياشامدۇ ؟ ...»دېگەندەك بىر قاتار چىگىش سوئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ !4 _$ g! _6 I& Y2 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېقىندا بىر تراكتور بىر كېچە – كۈندۈزدە 36 سائەت خامان تېپىپ بىر مۇنچە پۇلغا ئىشلەپتۇ ، ھېچبىر دېھقان : «بىر كېچە – كۈندۈز 24 سائەت تۇرسا ؟»دېگەن سوئالنى قويالماپتۇ .
  w  K6 X$ s3 }3 S5 _2 b3 n1 n6 Aبىزنىڭ يۇرتتا مۇنداق بىر مەشھۇر چاقچاق بار : مەلۇم بىر ئاشخانا خوجايىنى ئاشخانا ئالدىدىن بايلار ئۆتسە : « گۆش بار ، پولو بار » دەپ توۋلايدىكەن ، نامرات كىشىلەر ئۆتسە : « نان بار ، مەنتەڭ بار »دەپ توۋلايدىكەن ...# C1 n- G/ q, {7 v+ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا بۇ چاقچاقنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ، بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىقتىسادى مەنا يوشۇرۇلغان ، يەنى نامراتلار ئىنتايىن كەمسىتىلگەن .
( e- F& p, t$ C- A, q2 u# cئەسلىدە ھايۋانلار قوغدالغان يەردە ، ئادەملەرمۇ قوغدىلىشى كېرەك ئىدى ، سەن بۇ دۇنيادا خوۋلۇق كۆرمەستىنلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدىڭ ، بىزگە تۇيدۇرماستىنلا كېتىپ قالدىڭ دېسەم سۆزۈم سەل ئېشىپ كېتەر . بىز سېنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىڭنى بىلمەيدىغانغا سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىنورماللىشىپ كەتكەن ساراڭ ئەمەسقۇ ؟ ياكى بىز تۈنۈگۈنلا يەردىن ئۈنۈپ ، ئاسماندىن چۈشۈپ ... ساڭا قېرىنداش بولىۋالغان ئەمەسقۇ ؟ ! بىز ساڭا ھايات چېغىڭدا ياردەم قىلالىساق ئىنتايىن توغرا بولاتتى . ھېلىمۇ ياخشى سەن ئۆلۈمنىڭ ئارقىلىق مېھر – شەپقەتكە مۇھتاج ساناقسىز ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدۇڭ .
0 b" S! J6 r) K7 s0 ~* j* S. ~6 Zدېمەك ، سەن بىزگە يەنىلا پۇرسەت يارىتىپ بەردىڭ ! مۇشۇ تاپتا سېنىڭ نامىڭدىن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭغا : « سىلەر ھەشەمەتلىك سورۇنلاردا ئولتۇرۇۋاتقىنىڭلاردا ھازىرغىچە شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ، كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان ، مەكتەپكە يالاڭ ئاياق بارىدىغان ، ئوقۇشلۇق سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمەي ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى ئەلەم بىلەن يىرتىۋاتقان ...قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەسلەپ قويڭلار !» دېگۈم كېلىۋاتىدۇ .- J; l3 u* B- a9 `* t0 t+ S6 @/ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياردەم – كۆز يېشى ئۈچۈن بېرىلگەن تەسەللى .
# R  z$ _' Z; e  zھەر قانداق رەزىل ئشنىڭ مۇقەددىمىسى – مېھرىبانلىق .
5 J& @% f, d% W0 p  \9 }4 R! Sنامراتلار – بايلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى " g9 X7 \9 C5 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بايلار – نامراتلارنىڭ ئازاب دېڭىزى .1 H$ d+ s$ O+ @8 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .
- V6 E/ D& [5 ]. X% Jبايلار ئۆزىنى مەڭگۈ باي دېگۈسى كەلمەيدۇ .
+ T  b# o3 D4 A5 n! Yبايلار نامراتلارنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەمما بىرەر قېتىممۇ سۆيۈپ قويمايدۇ .
, ?* L- I9 Q" m) _! i. ?) D6 e* Q0 cنامراتلار بايلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئەمما پات – پات سۆيۈپ قويمىسا كۆنەلگىسى ئۇيىمايدۇ ." N/ L7 C- ]7 z$ h+ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نامراتلار بايلارنىڭ چىقىم يوللىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان . 3 V1 u+ I* H9 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بايلار شۈكۈر – قانائەتنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىۋەتكەن .1 ^7 p) ^, F$ t) c1 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نامراتلار – بايلارنىڭ ئەڭ ئېسىل تاماكىسى .
# x9 C6 {' ^. Y) Y$ Z; ~: p4 G" Lبايلار – نامراتلارنىڭ پوچتا ماركىسى .
. T, @, [2 H4 i1 Hدۇنيادا نامراتلار بولغاچقىلا بايلار مەۋجۇت بولالىغان . بايلار ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ئېغىزدىن چىقىرىشنى خالىمايدۇ .
: q) e! ~; c5 o: Z( S8 Sنامراتلار ھەقىقەتنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ . ئەمما ھەقىقەتنى يارىتالايدۇ .6 l: p. F0 E7 ~, Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلگىرى ياپونىيىدە « تۆت خىل كېسەللىك ئىچىدە ئەڭ يامىنى نامراتلىق » دېگەن تەمسىل بار بولۇپ ، قەدىمقى بىر دانىشمەن : « تەل بولمىسا يىمەك – ئىچمەك ، كىيىم – كېچىكى ،' m7 L, F# O' A- V" kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شان – شەرەپ ۋە ئار – نۇمۇسنى يوقتۇر بىلمىكى .»3 Z% J9 `0 N; N# hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەپ ئىيتقان ئىكەن . بۇنىڭدىن نامراتلىق بارلىق پاجىئە ۋە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ «يىلتىزى»ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ .( v9 i3 }6 _' f3 o* u8 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز چوقۇم پارتلاش خاراكتېرىدىكى ئەجىر قىلمايدىكەنمىز « ئالتۇن ساڭغايدىغان ئېشەك » ، « ئېچىل داستىخانىم » ۋە « ئۇر توخماق » قاتارلىق « ئەڭگۈشتەر»لەرگە ئېرىشەلمەيمىز . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمايدىكەنمىز ، ھېچكىم بىزنى نامراتلىق پاتقاقلىرىدىن تارتىۋالمايدۇ .' F# t, O6 r' U8 ]! cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز چوقۇم قەبرەڭگە : «نامراتلىق – جىنايەت» دېگەن سۆزنى ئىنتايىن كۆركەم قىلىپ بېزىپ قويىمىز .) Q. b% Y( O% |& J5 {$ yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ‹‹كىروران›› ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندىن.
# h( O6 ^9 [6 `/ n& {' F# ]بۇ ئەسەر شۇ يىلى ‹‹چوغلۇق ئەدەبىياتى ئەدەبىي ئەسەر مۇسابىقىسىدە›› 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.- r" T+ z% m( E2 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،  روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
& r" D! h# K* ?; M
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-4 00:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقان بولماق تەس
/ u2 `$ `- I7 q/ _7 T& Q8 R( رۇزى سايىت )
- y+ [5 u8 D3 F& L: N1 |  h1 [  u2 h' }  Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
  L' H% X2 V: m; o, V3 zسۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
, t6 \5 `; b5 ~* Pبىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،3 r3 Z8 r6 v# |8 r, F3 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مە س ،" a' V' U* k: r& Z' dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،6 P5 f2 L' A( d' d0 {$ G1 u3 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس6 r5 Y! F! q& m3 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،% T8 T1 ?8 A" V% G; Q7 g/ S4 O$ zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،8 o: W, \% G9 j0 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،9 ~4 |& D9 R  i3 c0 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،' R9 x' U& m+ S, s5 }5 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
" ~$ |6 w3 ~5 ^, I5 P8 Oجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس$ ~, U9 u1 K  n; pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،1 S" A& I5 Z0 {  L/ R* p. |3 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،
6 `2 S8 \( ~- X& @% A9 Mدەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
& }6 G" Q1 r  D0 f% E& dتەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،1 [" B/ b! c. |5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
$ p+ ]9 @; v3 C% l. aجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس4 V) W7 H6 H3 J7 T  Z* [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،
* P# `7 K2 T' _3 Z" {6 k" uتۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،' z  T, J0 m0 D- Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
) N: M/ N/ T8 o* i1 P8 {! S3 g. Pگاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،
6 J: g. l& y! ], X' M' r) Vدەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،
9 z3 L% Q+ @; |جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس8 L/ c9 x9 A5 N+ f) Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
( D7 R& }& L% R" x# D. `' oيۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە - دامبا قېشىغا،
9 D2 ~+ P9 }0 T% Rۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،  X5 W0 Y, s5 ]# x$ H! E$ gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
# x) v: K) [/ C( W. C# tجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
4 v" A. L4 j: l# K/ ^ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
4 m* t$ O7 c2 l' _8 Y+ U0 `1 L4 R, zشاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،1 }. V( r2 K* I2 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،6 H7 P* O/ L2 Z" U; f! A+ vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،  d/ l) m" m9 X: L) i$ k: ]+ m. ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
; z6 l) @$ U4 W8 y* H6 k& ?# i# cجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
3 L  K. N. W: c; fتېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،& C' b& j% W8 B7 r/ dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھە - دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
0 H! A4 _/ j% n, Q3 H2 s" R9 u2 Zئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
8 v- t$ I% ~/ G( m4 h- n' e% V' W5 _ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،. O9 x: t/ P5 B- Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى- V# M. d) D5 P7 o7 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
7 g- r2 m  Q" {, X. V) d9 g, a& ?كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
7 C: v- }6 b1 K4 _7 M; zمېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
, e2 R/ E& b! g% a& r! p- cئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،5 u* s; S% o: [7 g: Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
$ `* S9 {7 s. q" I& b1 fتالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،( C; `  U' ~" R% o" F! jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
9 x  M% d' p( ?4 O) e) ?* Oكېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
0 t& C9 G2 W4 x; b5 Nدىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
5 Z6 h3 O7 v* ^& {6 x( kئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،/ I3 c) Y$ w' T, N$ z( i8 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش ،. g  h, i: G4 i+ _& t) q* T- tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،9 l5 `1 Q1 t( Y2 D0 o+ i7 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس% e# f* y$ ~- Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
( }1 `0 _+ t0 x0 F' Cتوشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،" m' V( ?  U. O: r. mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،- J4 u, y/ G( S% ^1 r. s& Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يوق مائاش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
. x& y! V, }+ X; A- v# x; ~+ c% o, @ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،& \8 Z  Y' G- X$ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
, D  w/ x. i) v, r+ {6 {' V0 dچوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،; L7 ?) h5 Q* U+ [- sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
/ |+ w0 i/ T) iكانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،9 J' d$ s% e" c  X& w6 l3 _6 `. Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
3 X$ m* Q# ?, G8 t9 hشۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
6 W8 ^6 t8 \( Q, b8 F7 ~- [جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
' |( I2 `" S2 J& a# P7 R. k; l9 Lئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،) G  L5 c2 _' r5 L2 ]8 X$ k; A1 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،2 D$ @7 ~# J2 x: d9 u/ G  c6 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،
5 H+ Z! ?+ Z1 w( Uئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،
7 Y! |4 C' t% D& G4 Z, C- jئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،
) D* U: |& }( M0 @3 }جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
( ]' _. B6 ^4 Q9 h- a/ s" Vمەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى ،
: `1 e" i% Z! C* K# K' a/ z8 `; Qدىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،# A$ h; z7 V) S1 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،
+ S# N4 Y" e7 q8 lقەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،5 Z5 u$ |' y& d  Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،; j. Y" \! `9 w/ i+ R, wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
4 V' m$ Z6 [. \2 S! fبەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،
, l8 S+ {) O# p4 [6 U' w1 Sساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،/ ], O8 M; J1 Z) Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزىلا ئاق ،دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،; b: N1 r" E1 N, M' S4 ?+ t; P* [) fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،& {; h. @' N2 b, R- b/ Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،
$ L, C$ m% z7 X$ ]جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس5 u. v7 @# `$ Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،( d/ {+ Q) ~- `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،2 c2 [* V5 T/ f7 ~4 u3 c" d7 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،  l/ I6 m# C8 K7 t6 b7 O' |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
"قاتلىنىپ ئاشتى" دەپ دوكلات يوللىشىپ
( {  Y+ Q3 r3 d& G7 P+ Yمۇكاپات ئېلىشتى تۆرنى گوللىشىپ ،. S. t% o8 p+ P% [4 P# {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس+ @( O* j" l8 w) Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،6 _& e5 N- T, N# T6 m8 s4 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،3 I8 C& ?3 J7 d- W4 P- {/ ?, Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،
+ [. C+ e6 g6 o% V4 z( t; Vئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،
' T" {) k0 Y# N5 z& ^: C( h4 Uدىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى
& R  h3 C6 J/ |- J- rجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس/ ^7 c7 O" M, {( p$ T) }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،2 [! r: N& @+ p' c& P# Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،
4 ^0 y1 k5 S) H# y  dھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،! m4 R( ~& m* v: r8 J, P( }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق - يىمىگى ،
5 E) c8 L' C& _& U' o# Hبارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،( D6 i# B8 E0 a! k9 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس7 ~& y5 O7 }& Y5 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،/ ~# d4 }4 L1 e; T- Q, Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،
, w* u6 ]# n5 ~5 A0 M' Kبىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،
. A  \- {) m- W3 y( R& Rمۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار - يۈلەككە ،
& \' w7 L4 S- ]دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،
! [$ _5 X8 ~5 J- y0 }, t' aجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس( G! I% s5 o' \# g( g4 I+ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ساق تۇرۇپ ئىككى قول - ئىككى پۇتىمىز ،
5 \8 ^1 a9 K9 P- kدەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،$ _- f% t# @; h  hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،: H1 d" j; C# q* }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،
: o/ g& e5 z( Aقاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،! B6 {2 F4 i) N4 d' O) Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس. j5 X1 Z0 y" j- vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،  G! l& K, T( k  Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،
0 ?- X/ d3 U# s+ u+ xئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،1 B3 {0 E. o& b+ u1 K" O3 u" cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،* O% [; F/ u4 ~/ ^3 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،  F  b4 O! d0 O) dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس" y9 l8 v" J& w, Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،چاپان-كەش،
3 s6 ^7 G  k# p$ @! x0 ?ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،! K3 \" j6 e- a6 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،
, b# I6 N/ ~% E9 P! d; Lقىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،+ G4 F& ?* L& {% Y$ V, |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،2 ]4 x. Q% F% r, @" Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
* w+ Z' W1 J. a  l" U+ v* N! \كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،% ~+ ~& D1 n, dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،) K( d% ]; w; a/ kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،7 X& d3 ~/ Y1 [! K* E8 P$ L4 a* Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،
$ G0 ]/ Y" x+ Y, k! Mكەتسەڭلار " چاقتىڭ " دەپ قەھرىنى چاچار ،" ^( |9 k8 J1 w  U8 X5 y2 a2 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
  {/ v9 M/ _* N  L- E! A+ W1 ?: R' w9 Xئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،2 y7 Y( {+ l1 r0 I; H: R* Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،
+ S+ D+ e# o2 \; mپۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،0 X, Z# B' v0 V% yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،7 B' H/ t* y% aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،
$ V1 h% ~. X2 Wجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
, y$ Z! r6 w8 J" \/ D( j! h" kدىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،" d7 J" s9 Y& j  Q4 i, _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،
& H* C  h" Y( l  j, y$ qھەددىدىن ئاشماقتا " ئۈچ قالايمىقان "،0 T- k( F$ D* B& ^/ p# ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەس ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان ،1 U& Q/ \& R  ?; T1 @8 z. ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،
2 L: U' g- g) T1 `جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
$ s$ E4 W3 X( Xدىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،2 i4 E  R) _1 U6 p3 r  P( Y- h2 \. gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،8 F0 J' h4 h+ t+ Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،2 l$ x, [& L- N( Y/ N1 h: Z4 T! Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىم دىدى "دىھقاننىڭ قېنىنى شورا " ؟
  Q/ |; G# |1 q$ P! Uدىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا9 Z0 e9 R& X8 w, Y) F6 `+ m5 R4 H4 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
! r& q$ `! U% [. d; Uدىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن ،
. d: C' x4 \5 W- G: Z3 @دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،3 y0 o* d9 m2 X; a# D0 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن ،
2 i$ t% r/ W4 u2 I7 q6 ~- iقازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،
# I+ u  d& ]2 @8 Lئۇ....ھ دىسۇن ،ھېيت - بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،
& h3 u/ B1 {2 r, o5 U0 A' c4 z) l+ Cجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
+ b) k' B' _% |: [; Z2 T4 Kسەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟+ I& ^3 v: Q4 P: u" E5 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟  O( g  E3 M( F9 D0 `8 Z8 \+ cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟
4 j' k" O, u: cدىھقاندەك ئەل - يۇرتنى باققان نەدە بار ؟, n9 S4 b$ N3 W) C! Z9 U8 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،
, }% i. t7 L/ N5 Oجاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس+ p  Z! o, A' s) q" d, Z0 v2 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،
" C2 @# x, N/ ?) i% Y  S/ kشائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،, ^9 \) U/ Y7 ]) @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،& F. S8 E- O) g/ y7 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،
4 W: m: D  x$ u, d+ uيالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،( i+ C  C2 \1 j) ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
/ l. w. y: a0 @* f$ F2 d
( R, T- t& s, ?, W# H: Z6 @& @  k
7 p3 y, N" {1 aئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش، دىنىمىزدا چوڭ گۇناھ، شۇ گۇناھ بىلەن بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىكار بولۇپ كىتىدۇ، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى
ۋاقتى: 2014-6-4 00:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزلغان ماقالە ئىكەن ،رەھمەت ھەمىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئاددى ئەمما ئورۇنداش تەس بولغان ئىشلار ئىكەن.
ۋاقتى: 2014-6-4 00:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر كاتتا ئەسىرىڭىزنى يوللىغىنىڭىزغا بەك مىننەتدارمەن .
2 e/ q) d' B$ `# _$ G2 ^. gمەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزچىل سۆيۈپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن .. _) E5 D, M4 f' `( xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقا ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز !
ۋاقتى: 2014-6-4 15:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدېگەن ئېچىنىشلىق، ھازىرمۇ شۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ،ياخشى ئەسەركەن.
ۋاقتى: 2014-6-4 16:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چوڭقۇر مەنىلىك ئەسەركەن، ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك.
ۋاقتى: 2014-6-5 17:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئازاپتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى.ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.شۇنداق ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا نىمىشقا قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلالمايمىز،ئۇلارنىمۇ باشقا بالىلار ئېرىشكەن ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىلمايمىز . كوڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.8 @2 Y) G# x# }# b8 [# ~' a, Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياخشى ئەسەرنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا رەخمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش