روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1065|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خىجالەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 21:08  

خىجالەت

ئەكەل دوستۇم قولۇڭدىكى چىنەڭنى،
چاي يېڭىلاي تاتلىق ناۋات سېپ بېرەي.
ئەمدى كەلدۇق گەپنىڭ قىزىق يېرىگە،
ئىچكىرىدە بولغان ئىشنى دەپ بېرەي.

نان ئالغىلى كەلسەم دۇكان ئالدىغا،
زەپ چىرايلىق تەڭتۇش بىر قىز تۇرۇپتۇ.
ناۋاي بالا ئىچىدىكى ئۆيدىكەن،
جىمجىتقىنە چىقىشىنى كۈتۈپتۇ.

مەنمۇ تۇردۇم ئۇ قىزچاقنىڭ يېنىدا،
باش كۆتۈرۈپ قاراپ قويدى لەپپىدە.
كېيىنىشىدىن خەنزۇمىكىن دەپتىمەن،
بىلمەپتىمەن ئۇيغۇر ئىكەن ئەسلىدە.

«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ توۋلىسام،
چىقتى ئۆيدىن ناۋاي بالا ئالدىراپ.
سالاملىشىپ، بىر قۇر ئەھۋال سوراشتۇق،
تۇرۇپ قالدى سۆزۈم ئاڭلاپ گاڭگىراپ.

«ئاۋۋال بېرىڭ ئاۋۇ تۇرغان خەنزۇغا،
بولۇپ قالدى ساقلىغىلى نە ۋاقمۇ».
ھەيرانلىقى چىقار ئىدى كۆزىدىن،
يەنە بىرنى قاراپ قويدى قىزچاقمۇ.

«نەچچىنى» دەپ سورىغاندا قىزچاقتىن،
«بىرنى» دېدى، ھەيران قالدىم ئىشەنمەي.
خىجىل بولۇپ بايا قىلغان سۆزۈمگە،
ئاسمان يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەلمەي.

ئۆز قەلىمىم
كېيىنكى: ۋاپا تەبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-23 21:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى، ئىدىيىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، بارىكاللا! داۋاملىق تىرىشىڭ!
كىچىككىنە بىر ئىشنى شېئىرىي تىلدا بايان قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت رېئال مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالغۇدەك شېئىر ئىكەن.

باھا سۆز

توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، لېكىن ئىدىيە جەھەتتىن تىل ئاڭلاشقا تەييارلىنىپ بولدۇم. بەزى مۇنبەرلەردە ئال  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-23 22:03
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 22:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jam يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 21:13
شېئىرىڭىزنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى، ئىدىيىسى ھەقىقەتەن ياخ ...

توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، لېكىن ئىدىيە جەھەتتىن تىل ئاڭلاشقا تەييارلىنىپ بولدۇم.
بەزى مۇنبەرلەردە ئاللىقاچان باشلىنىپ بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-5-23 22:10:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 22:03
توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، لېكىن ئىدىيە جەھەتتىن ت ...

سىزگە ئۇنى- بۇنى دەيدىغانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بىراق، سىز مەيلى قانداق ‹تىل› ئاڭلىماڭ، بىرلا جاۋاب ‹ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ› دەپلا قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېگەن ئەمەلىيەت، ھەق گەپ تۇرسا. ۋاقتى كەلگەندە ‹ئىت قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يولغا مېڭىۋېرىدۇ› دېگەندەك قولاقنى يوپۇرۇپ ‹گاس› بولۇۋېلىڭ، ئامال يوق ئەمدى
ۋاقتى: 2014-5-24 01:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز.ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.ئامىن.jamئەپەندىنىڭ ئىنكاسىمۇ شۇنداق ئورۇنلۇق بوپتۇ.باشقا تېمىدىكى ئىنكاسلىرىمۇ بەك ئورۇنلۇق يېزىلغان.ھەممىڭلارغا ئاپرىن!
来自安卓客户端

باھا سۆز

ئاللاھ رازى بولسۇن. ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-24 09:00
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 09:00:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 01:11
بەك ياخشى يېزىپسىز.ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.ئامىن.jamئەپەن ...

ئاللاھ رازى بولسۇن. ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-24 10:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى تۇرمۇشلۇق چىقىپتۇ      ئاپىرىن    «ئاللاھ» قۇلىڭىزغا  دەرت بەرمىسۇن     شىئىرلىرىڭىز روھلاندىن ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن    سىزنى قوللايمەن  قېرىندشىم
ۋاقتى: 2014-5-24 10:50:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قارىشىمنى دەپ باقاي. ئەلىشىر ئەپەندىم شېئىرغا يەنە بىر كۇبلىت قوشقان بولسىڭىز، سىز دىگەن "تىل" نى ئىشىتمەس ئىدىڭىز. يەنى : شۇ قىزنى كىيىنىشىگە قاراپ خەنزۇمىكىن دەپ ھىس قىلغان ئىكەنسىز، كىيىنىشىنى تەسۋىرلەپ بىرەر كۇبلىت قىستۇرىۋەتكەن بولسىڭىزلا بولاتتىغۇ؟
يا ئۇ قىزنى تونۇسىڭىز، كېيىن سەت بولمىسۇن، دەپ قالدىڭىزمۇ؟
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ! ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! سىزنى «ئابدىكرەم ئابلىز» ئاكمىزدەك ھازىر جاۋاپ دىسەك، ئارتۇق كەتمىگىدەك، سىزگە ئايشەمگۈل ئاچمىزغا كۆپ تەشەككۈر ...
ۋاقتى: 2014-5-26 23:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزدىن مەڭگۈ نۇرلار چاقنىسۇن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 04:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش