روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 927|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«شېئىر»گۈزەل تەبىئەت!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈزەل تەبىئەت!

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

قوينۇڭدا رەڭدارلىق،قوينۇڭدا قىسمەت،
قىسمەت - كۆچۈرمە،كۆيۈم ۋە ھىممەت.
ھەربىر تىۋىشىڭدا سىرلار بېھىساپ،
تەرتىپلىك،سىممىترىك - گۈزەل تەبىئەت!

قەيەردىن باشلاندىڭ،قەيەردە توختاش؟
مەخلۇقات ھەيرەتتە،تۈگەلسىز بايقاش.
لۇكرىتسى سۆزلەيدۇ فارابىي مۇڭداش،
مۇزىكا-كۈي لىرىك گۈزەل تەبىئەت!

ئەبەدىي بولمايسەن خارلىغانغا خار،
نادانلىقىمىزدىن تاپساق ئىپتىخار.
جىمىكى ئۇلۇغلۇق خىسلەتلىرى بار،
تەپەككۇر ئەھلىگە كىملىك تەبىئەت!

تەسۋىرىڭ سىزىمى ۋۇجۇدقا سىزساق،
سەن تاق،سېنى كىم سىزغاندۇ قانداق!؟
گۇمانلار ئىزدىسۇن، بولمايدۇ ئاخماق،
پەرۋاسىز،بى سۈرۈك گۈزەل تەبىئەت!

ئەرزىمەس مەخلۇقمەن سەزسەم سىرىڭنى،
سەجدىدە بىرنۇرمەن بويلاپ قىرىڭنى.
تىڭشايمەن تۈنلۈكتىن  تىنىقلىرىڭنى،
رەھمىتى مەڭگۈلۈك گۈزەل تەبىئەت!

مەنبە:شەۋقىي تورى«ئەركيار يازمىسى»

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +3 يىغىش سەۋەبى
hakkir44 + 3 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-16 14:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 09:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش