روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرى(2)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرى(2)


ھەسەن ھۈسەن


كەڭ ئالەمگە ياڭرىتىپ تىنچلىق شۇئارىنى ،
ھاۋلارغا يېزىپ ،ئويۇڭلار ئوتتىن .
ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا پەن شۇڭقارىنى ،
بۇلۇتلار بوينىغا مۇنچاق ئېسىڭلار ياقۇتتىن .

ۋەتىنىڭنىڭ ھاۋاسى __ دەردنىڭ دەۋاسى ،
بۇلۇت قۇچاقلاپ ،يۇلتۇزلارنى باغ باغ ئېتىڭلار .
جاراڭلاتسۇن ئاسماننى گاڭ قۇشلار ساداسى ،
بومبا بىلەن دۈشمەننى يەردە تالقان ئېتىڭلار .

« تەقدىردىن بەزگەنلەر »تېخى زادى يوق ،
ئەنە شۇ ئۇرۇش ئەۋلىياسى جاھاننى باسقان .
ئېغىزلىرى ئەزرائىل ،ئىسراپىل كۆزلىرى ئوتلۇق ،
تەييار ئۇنىڭدا ئادەم گۆشىگە قاسقان .

كىم ئۇ بىھۇدە باغدا ماتەمگە مۇقام يۆتكىگەن؟
نېمىشقا ئىڭراپ چالىدۇ مۇڭلۇق پەدە ؟
ئېلىشماستىن ۋاقىتسىز تەقدىرگە باش ئەگكەن
مەجنۇنلار ئۈگىسى يوق تېخى ھېچنەدە .

قېقىپ قانات ، بۇلۇتنىڭ سەن زارىنى ئاڭلاپ باق ،
يەرگە قاراپ قان - ياش تۆكۈپ ،زار - زار يىغلايدۇ .
يەردە بوران كۆرنمىگەچكە ،ئۆپچۈرە ،ھەر ياق ،
تاقەت قىلالماي تېپىرلاپ ،سىنەلىرىنى تىلغايدۇ .

بۇلۇت يىغلايدۇ كۆيۈنۈپ ، ۋەيران يۇرتلارغا قاراپ ،
گۇناھسىز قىرىلغان ھېساپسىز ئادەم باللىرىنى ئاياپ .
بۇلۇت بىلىدۇ ، « بۇلۇت ئۆلمەس بىر ساياھەتچى »
سەيلە قىلىپ كۆرگەن ھەممىنى ،جاھاننى ئارىلاپ .

بۇلۇتلار ئالىپ ھەم كارپاتتىن ئۆتكەندە ،
تۇتۇلۇپ ،جۇتلىنىپ ،جۇدۇنلار تۆككەن .
گۈلدۈرلىرى قاراسلاپ چاقماق سەپكەندە ،
يولغا چىققان قاتىللار تىتىرشىپ مۆككەن .

جۇڭگۇ دېڭىزى ساھىللىرىدىن ئۆتكەن بۇلتلار
ئارقا سەپنى كۆرگەچكە ،دىلى بەك مۇڭلۇق .
كەچۈرسىمۇ ئېگىز ھاۋادا « تىنىچ »مىنۇتلار .
ھاياتىدا « شېرىن سېكۇنت »كۆرمىگەن ئوڭلۇق .

بۇلۇت دەيدۇ : يەر يۈزىنى ھېچ كۆرەلمەيمىز ،
زومىگەرلەر يەردىن سۈنئىي بۇلۇت ياسىغان .
ھەتتا ئاسماندا خاتىرجەممۇ يۈرەلمەيمىز ،
يانلىرىمىزنى سۈنئىي چاقماق ،ئوتلار قاپلىغان .

سۈنئىي تۈتۈنلەر ئارىسىدىن كېلىدۇ ئاۋاز ،
ئارقا سەپتە قېرىنداشلار خانۇ ۋەيران .
بومبا تۆكۈپ قارا قۇشلار قىلغاچقا پەرۋاز ،
قانلىق چۆللەر قۇچاقلار كېرىگەن ھەر يان .

بۇلۇت دەيدۇ :تىزگىنسىز قارا قۇشلارنىڭ ،
توكيو ،بېرلىن ،رىم غارلىرىدا ئۇۋىلىرى بار .
قېنى ،تىنچلىق دۇنياسىنىڭ پولات قۇشلىرى ،
شۇ ئۇۋىنى پارتىلتىپ قىلىڭلار تارمار .

ئۇچۇڭلار ،مېھرىبان بۇلۇتلار يوللارنى ئاچسۇن ،
تۈن قىزلىرى يۇلتۇزلار نۇرلىرىن چاچسۇن ،
ئېگىزلىكتە خالىسانە سەيلە قىلىڭلار ،
زەھەر چاچقۇچ قارا قۇشلار گۆرىگە قاچسۇن !

سائادەتتىن ھاۋالارغا نەقىشلەر ئويۇپ ،
قىزىل چوغدەك ياقۇتلاردىن شۇئار يېزىڭلار !
« ئىنسانىيەت تىنچلىقى » دىن بۇلۇت كۆكسىگە
زادى ئۆچمەس ھەسەن _ ھۈسەن ياساپ تىزىڭلار !

1943 -يىل نويابىر ،ئاقسۇ


غەزەل






دوستۇم ،دىيانەت قوينىنى ئاچىدىغان دىلبەر تاپ ،
ۋىجداندىن شەربەت ئەمدۈرىدىغان كەۋسەر تاپ .

ئىستىكىم مۇشۇ دەپ ،شامال ئارقىسىدىن يۈگۈرمە ،
شەكىل ئۈچۈن ھاڭ تاڭ قالما ،مەڭگۈ جانلىق پەيكەر تاپ .

قىياپىتى ئۇنىڭ تىياتىر گىرىمى بولۇپ قالمىسۇن .
ھېچقانداق ئۆڭمەيدىغان ھەقىقى سەرۋچەر تاپ .

ئىچى كاۋاك سۆلەت __ سەلتەنەتكە زادى يېپىشما ،
ھەر سەھىپىسى دەرتكە دەرمان بېرىدىغان دەپتەر تاپ .

بولسۇن خىيالىڭ سېنىڭ ھەردەم ئىستىقبال قايغۇسى ،
ئادالەت مەيدانىدا پارقىرايدىغان خەنجەر تاپ .

تاغ قازمىغۇچە دىل مەھبۇبى __ غېرىن نەدە ؟!
پارچىلا بىكار تاشلارنى ،بىباھا گۆھەر تاپ .

ئۆتمۈشنىڭ ساۋاقلىرى بەكلى سېنىڭ ئېسىڭدىدۇر ،
تارىخنى يورۇتقىن ،خۇرشد ،ماھۇ __ ئەنۋەر تاپ .

نېمە ئارمان ،ئۆركىشى ،دىل قاينىمىدا ئۆركەشلىسەڭ ،
دىلدا گۆھەر ،دىلدا كەۋسەر ،دىلدىن تاتلىق شېكەر تاپ .

1943 - يىل دېكابىر ، ئاقسۇ




پەرياد




بۇ مېنىڭ غەملىك كۆڭلۈم بولارمىكىن بىر كۈن شاد ،
غەم تالىرىدىن ئۇچۇپ ،بولارمەنمۇ مەن ئازاد .

يا ھەمىشە قىينىلىپ ،زۇلۇم ئوتىدا كۆيۈپ ،
كۈننىڭ سېرىقىن كۆرمەي ،بولارمەنمۇ مەن بەربات .

ۋاقىتسىز غازاڭ بولغان ،باغلار چۆلگە ئايلانغان ،
كۆڭۈلدىكى بۇ بوستان بولارمۇ يېنىپ ئاۋات .

بورانلاردا ئۇچماقتا مېنىڭ جان ئەمگەكلىرىم ،
دەۋردە ئىناۋەت يوق ،كۈن - تۈن قىلىمەن پەرياد .

1943 -يىل 12 - ئاي ،ئاقسۇ


يىللارغا جاۋاپ




ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى .
ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى .

ئوغرلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي ،
بىر __ بىرىنى قوغلىشىپ يورغىلىشىپ ؛
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي ،
يۇپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ ،پورلىشىپ .

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چۋغى ،
تولىمۇ قسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
يىرتىلسا كالېندارنىڭ بىر ۋارىقى
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق .

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ ،ئىزلار كۆمۈلىدۇ ،
يۇپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاقشال ...
يىللار سېخىي ،قۇرۇق كەلمەيدۇ ،ئەكىلىپ بىرىدۇ
قىزلارغا قورۇق ،ئەرلەرگە ساقال .

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كىلمەيدۇ ،
مەيلى ،ئۆتۈۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى ...
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى .

يىللارنىڭ قوينى كەڭ ، پۇرسىتى نورغۇن ،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىەلن ئۆرە تۇرىدۇ .
قاراپ باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن ،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە ...بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ .

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار ،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ .
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ .


مەيلى ،ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار ،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا .
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار ،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا .

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا ،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا .
ئۆلۈم پەستە قېلىش ،كۈرەشنىڭ داۋانلىق تۋغىدا ،
چىدام __ غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەر دەم يادىمدا .

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا ،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا .
كۈرەش باياۋىنىدا ھارماسمەن ئەسلا ،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا .

يىللار ،مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە ،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى .
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى .

يىللار دېىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ .
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ ،دەپ بېرىمىز جاۋاپ.

1943- يىل يانۋار ،ئاقسۇ


ئىككى شېئىر



دوستۇم .... غا


خالايمەن ،دوستۇم ،بۇلاقتەك

خۇشال شارقىراپ ئېقىشنى .

خاليمەن ،ئەركىن تايلاقتەك

ئىجاد يايلىقىدا قىيغىتىشنى ...

خالايمەن ،شېئىرىم ئۇرۇقلىرىنى

ۋەتەن باغرىغا چېچشنى ،

خالايمەن ،دەريا قىرغاقلىرىدا

رەنا گۈللەر ئىچىلدۇرۇشنى .

تۇغدى ئاناڭ سېنى ،چوڭ قىلدى ،

مېرى بىلەن بىقىپ ،

تەربىيەلىدى ،ئوڭ قىلدى .

لېكىن سەن يەنە تىرىش ،ئوبدان ئادەم بول ،

ئۇنىڭ ئۈچۈن

ئىككىنچى مەرىپەت ئانىسىدىن تۇغۇل .


1944- يىل مارت ،ئاقسۇ


بىزنىڭ مەمەت




( بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ )


مەمەت تېخى بۇ يىل

ئاران تۆت -بەش ياش .

قوللىرى بۇدۇرۇق ،

تېنى قاتتىق تاش .


يۈزلىرى ئاپئاق

ھەمدە قارا قاش .

ئاسلان ۋە كۈچۈك

ئۇنىڭغا يولداش .


ئەتىگەن قوپىدۇ ،

يۇيىدۇ يۈزىنى .

باسمايدۇ چاپاق ،

ئۇنىڭ ككزىنى .


ئىشتاننى كىيىپ ،

كۆڭلەكنى ساپماي .

كۆڭلى تىنمايدۇ

مۈشۈكنى تاپماي .


مۈشۈ ك مىياڭلاپ ،

سالام قىلىدۇ .

بۇرۇتلىرى بىلەن ،

سۆيۈپ قويىدو.


ئاڭغىچە يىتىپ

كېلىدۇ كۈچۈك .

كۆزلىرى قىسىق ،

ئەركلەپ چۈچۈك .


ئاۋايلاپ پۇراپ ،

ئاڭا قارايدۇ .

قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ

پۇتنى يالايدۇ .


چايناپ بىرىدۇ

ناننى مۈشۈككە ،

تاشلاپ بىرىدۇ

ئالا كۈچۈككە .


ھارۋىنى سۆرەپ

چىقار كوچىغا

كۈچۈكنى باغلاپ،

يپنىڭ ئۇچىغا .


ياساپ داۋانلار ،

توپا توشۇيدۇ .

زەمبىرەك ياساپ ،

مۈشۈ ك قىتىدۇ.


پاقالچەكلىرى

راساد تۈرۈلگەن .

قولىدا چىۋىق

تالدىن ئۆرۈلگەن .


ئوينايدۇ راسا

تەرلەپ ھەم پىشىپ ،

قىززىق ئويۇنغا

تازا كىرىشىپ .


ماڭىدۇ يوللار ،

كېچىدۇ سۇلار ،

ئارقىدسا قالىدۇ ،

دۈمبەش داۋانلار


"ھوت كۇش " دەپ ئۇ

بېرىدۇ كوماندا .

توخۇ- ئۆردەككە

ياسايدۇ ئاتاكا ...


قاچىدۇ چۈجىلەر ...

ئالدىدا قاقاقلاپ ،

قوغلايدۇ كۈچۈك

ئۇنى پالاقلاپ .


مەمەتمۇ قالماي

ئالغا چاپىدۇ .

خىيالىدا ئۇ

يېڭىش تاپىدۇ .


شۇنداق قىپ مەمەت

ئويناۇدۇ كۈندە .

ھەتتا چۈشىگە

كىرىدۇ تۈندە .


چۈشىدە يەنە

ئۇ بىر قوماندان .

ئالغا -ئالغا دەپ ،

يۈگۈرەيدۇ ھەر يان .


ئاز كۈندە مەمەت

چوڭمۇ بولىدۇ .

مەكتەپكە بالىلار

لىققىدە تولىدۇ .


بەلكى ساۋاقنى

ئوقۇيدۇ ئەلا ،

باشقىلاردىن

قالمايدۇ ئەسلا .


ھەر بىر ئىشىدا

ئۇ چېچەن ، قارام .

تۈگىتىپ ئىشىنى

ئالىدۇ ئارام .


ھېچقانداق ئىشلار

قۇتۇلۇپ قالمايدۇ ،

ئەمما مىلتىقنى

ئۇنتۇپ قالمايدۇ .


نېمىدېگەن راھەت

ئات بوپ ئوينىسا ،

نېمىدېگەن راھەت

مىلتىقلار ئاتسا .


1944 - يىل ئاپرىل ،ئاقسۇ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 11:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ لۇتپۇللا موتەلىپنىڭ ئەسەرلىرنى ياخشى كۆرمەن ساقلىۋالدىم رەھمەت سىلگە.
ۋاقتى: 2014-5-11 13:52:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەڭگىۋار شائىرنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرى كىشىگە ئىلھام ئاتا قىلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-12 09:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇنلۇق شائىرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 16:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش