روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ 2پارچە ئېسىل شېئىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۇسلارغا


يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي،
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن.
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى،
قېزىلگۈللەر سەن بىلەن بولسۇن.

چوققىلارنى ساڭا ئۆتۈندۈم،
ماڭا قالسۇن ساينىڭ تاپىنى.
تەقدىر ساڭا تاۋار تون ياپسۇن،
ماڭا قالسۇن ئەسكى چاپىنى.

ماڭا قىيا باقمىغان ھۆرلەر
بېرىپ سېنىڭ چېيىڭنى قۇيسۇن.
كىبىرلىكتە ماڭا غادايغان
بېرىپ سېنىڭ كىرىڭنى يۇسۇن.

مەن ياسىغان كۆۋرۈكتىن ئۆتسەڭ،
مېنىڭ ئۈچۈن ياساپتۇ، دەپ ئۆت.
سەپەرلەردە ئۇلاغسىز قالساڭ،
ھاپاشلاشقا يەنە مېنى كۈت.

ئاي چىللىسا،مەن قالاي،سەن چىق،
ئايدا دوستۇم بار،دەپ يۈرىمەن.
پەخىرلەنسە مۈلكىدىن ئەللەر،
مەن سېنىڭدىن ھوزۇر سۈرىمەن.

مەن تۇرغاندا غەم قىلىپ يۈرمە،
قاردا قالغان خامانلىرىڭدىن.
غەلۋىر تۇتۇپ ئۆزۈم ئايرىيمەن،
چەشلىرىڭنى سامانلىرىڭدىن.

دورىمايمەن «ئاغزى دوست»لارنى،
ئاغرىپ قالساڭ قەلبىم يىغلايدۇ.
ئىككى قولۇم تاپقانلىرىنى،
سەندىن ئاياپ دۇنيا يىغمايدۇ.

بىرنان تاپسام،يېرىمى سېنىڭ،
تەڭ ئۆلىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەك.
يالغۇز كۈلگەن ياخشىلىق ئەمەس،
تەڭ كۈلىمىز توقلۇقتىن كۈلسەك.

يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي،
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن.
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى،
قىزىل گۈللەر سەن بىلەن بولسۇن






ئۇيغۇر شائىرلىرى


تەزكىرىسى تارىخ بىلەن تەڭ يېزىلغان،
قەدىم يانغان شامدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.
خورازلاردەك ھەر سۈبھىدە چىللاپ تۇرغان،
گويا سۈزۈك تاڭدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

«قۇتادغۇبىلىك»بايانىدا شەرھىسى بار،
«تۈ*ركى تىللار دىۋانى»دا مەدھىيىسى بار،
ئەۋلاتلارغا تۈمەن تۆھپە ھەدىيىسى بار،
تۈگەل شەرەپ-شاندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

يەر يۈزىنى ھەيران قىلدى تەپەككۈرى،
دانالىقتىن چاچقانلىرى ئەقىل نۇرى،
شېئىرلىرى ۋەتەن خورى-ۋىجدان نۇرى،
ياكى ئاپئاق ناندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ئاتائى ۋە سەككاكىلار بايلىقىمىز،
لۇتفى تۇتقان قەلەم قەدىم بايرىقىمىز،
شۇلاردىندۇر بىزنىڭ پىلەك يايمىقىمىز،
ئەلگە روھىي جاندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

قەلەم شاھى نەۋائىدەك سەردار قايدا،
نۆۋبىتىمۇ ئىزلىرىغا بولدى شەيدا،
ئىزلىرىدا زەلىلىمۇ بولدى پەيدا،
تاجى-تالانت، خاندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

تالايلارنىڭ تەسۋىرىدە ئەۋلىيالار،
ھايات خۇددى بىزدە مەشرەپ، ھۇۋەيدالار!
غەزەل ئېيتسا تولغىنىدۇ گۈل-گىياھلار،
گۈزەل كۈيگە بايدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

خىرقىتىمۇ بىر چوغ ئىدى، يالقۇن ئىدى،
قىدىرخانمۇ قەدىرلەنگەچ ئۇنتۇلمىدى؛
ئاماننىسا ئۇيغۇر تۇغقان ئالتۇن ئىدى،
گۈزەللىكتە خالدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ئۇيغۇر ئۇزاق ھازا تۇتقان نىزارىغا،
قۇت ئىدى،دەپ چۈنكى،غەزەل گۈلزارىغا،
شۈكۈر،يەتتۇق موللا بىلال دىدارىغا،
ياخشىلارغا ياردۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى ئۆلمەس بىر روھ،
لۇتۇن روھى مەھكۇملىققا كۆنمەس بىر روھ،
ئۇلار روھىي ئازغۇنلۇقنى بىلمەس بىر روھ،
دۈشمەنلەرگە داردۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

نىمشېھىددەك بېرىپ ئەلگە سۆيگۈسىنى،
ئا.ئۆتكۈردەك كۈيلەپ گۈزەل كەلگۈسىنى؛
تېيىپجاندىن كۆردۇق ئىجاد ئۈلگىسىنى،
تىللا تىلغا كاندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

تالايلىرى شاھلار ئۈچۈن«دۈشمەن»بولدى،
مەشرەپ شۇڭا، زالىملارغا ئۆچمەن بولدى؛
بىلال نازىم پۇقرا بىلەن كۆچمەن بولدى،
تاج بار يەردە كامدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ئەلمىساقتىن ئەل كۆزىدە خىزىر ئۇلار،
تەخت يېنىدا شاھدىن ئاقىل ۋەزىر ئۇلار،
نەزمە بىلەن ئەلگە بېرەر ھۇزۇر ئۇلار،
ئۇندا قەدەھ،جامدۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ۋەكىل ئۇلار ئاۋال ئىنسان غۇرۇرىغا،
ئوتۇن ئۇلار ئانىلارنىڭ تونۇرىغا؛
ھەر ئۇيغۇرنىڭ سوقۇپ تۇرغان تومۇرىغا،
ئۆمۈر بويى قاندۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.

ئۈزۈلمەيدۇ،بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ،
ئۆتەر ئەلنى بىر ئۆزىدىن ئۇلۇغ بىلىپ.
چالار بولسا خەلقى ئەگەر دۇتار ئېلىپ،
ئاڭا بىر جۈپ تاردۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى.





ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

«دۇسلارغا» ناملىق شېئىر «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان.11-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا  ئىرىشكەن.



«ئۇيغۇر شائىرلىرى» ناملىق شېئىر «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان.16-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-8 20:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ  ئېسىل  شېئىرلاركەن ،  رەھمەت  !
ۋاقتى: 2014-5-8 21:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئۇستازىم مۇھەممەدچان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۇنبەردە يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.
تەكلىپ: بىرىنچى شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى توغرا يازسىڭىز.        توغرىسى:  دوستلارغا
ۋاقتى: 2014-5-9 02:00:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئايشۇلارنى  دورىساڭ دەيدىغان بىر شىئىرى بولدىغان
ۋاقتى: 2014-5-9 09:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل شىئېرلاركەن ،رەخمەت قېرىندىشىم.
ۋاقتى: 2014-5-10 18:46:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن بەك ياخشى شىئېرلاركەن. ياقتۇردۇم

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 07:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش