روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 730|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈلنازىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                     گۈلنازىم
                                                                    (كامران)

ئىنتىزارىم بارلىغىىم سەن گۈلنازىم،
ساڭايەتمەس سېغىنغاندا مۇڭ زارىم.
سەنسىزلىكتە خۇش ئۆتەرمۇ بىر كۈنۈم،
سەن ئىدىڭغۇ مېنىڭ ئارزۇ-ئارمانىم.              
      
                                                                                       سەندىن ئۆزگە بولماس ھېچ يارىم،
                                                                                      سەنسىز زىمىستان چىللار باھارىم.
                                                                                     سۆيىمەن دىسەڭچۇ ئاخىرقى بىر رەت،
                                                                                      غازاڭ بولماقتا مېنىڭ گۈلزارىم.


   ئايرىلماقتا يىغلار يۈرۈگۈم،
  ئىنتىزارمەن ساڭا گۈلنازىم.  
ئېرىشەلمەستىن سېنىڭ سۆيگۈڭگە،
ئاخىرلىشارمۇ مېنىڭ ھاياتىم.                                                                              
                                                                                      
                                                                                       
ئالدىنقى: رەببىمگە!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-5 00:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر خېلى ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-5-5 09:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئەمما سەل قىسقا بوپ قاپتۇ يەنمۇ تىرشىڭ.ئۇتۇق تىلەيمەن.

باھا سۆز

قىسقا دېگىلىمۇ بولماس. شېئىر دېگەننى «مانچە كۇبلىت يازىمەن» دەپلا يازغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، گېزى كەلسە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-5 14:07
ۋاقتى: 2014-5-5 14:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىققان شېئىر ئىكەن، قەلىمىڭىز كۈچلۈك، تىل بايلىقىڭىز مول ئىكەن، ھارمىغايسىز!
مۇمكىن بولسا بۇنى بىرەر سەنئەتچى تونۇش- بىلىشلىرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ناخشا قىلىپ كىرىشتۈرۈپ، «يېڭى ناۋا» دېگەندەك سەنئەت خارەكتېرلىك پروگراممىلارغا چىقارسىڭىزمۇ بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

باھا سۆز

قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم. رەھمەت سىزگە!مېنىڭمۇ بۇ شېئرنى سەھنىگە ناخشا قىلىپ ئەپچىقالىسام بەك ياخشى بۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-31 17:16
ۋاقتى: 2014-5-5 14:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 09:03
ياخشى يىزىپسىز ئەمما سەل قىسقا بوپ قاپتۇ يەنمۇ تىرشىڭ. ...

قىسقا دېگىلىمۇ بولماس. شېئىر دېگەننى «مانچە كۇبلىت يازىمەن» دەپلا يازغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، گېزى كەلسە بىر كۇبلىتمۇ بىر شېئىر بولىدۇ. ھېسسىيات- ئىلھام كەلگەندە ئۈچ كۇبلىت ئەمەس 30 ھەتتا 300 كۇبلىت شېئىرمۇ پۈتۈپ كېتىدۇ )مەسىلەن، داستانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ). ناۋادا ئىلھام كەلمىسە كېچە- كۈندۈزلەپ، يىللاپ ئولتۇرساقمۇ بەرىبىر بىر كۇبلىتمۇ بىر نەرسە يازغىلى بولمايدۇ.
شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەرمۇ بار ئىكەنكىن، شېئىر يازدىم دەپ، قاپىيە- مىسرا شەكىللەندۈرۈپ قويۇپ، مەزمۇن- ئۇرغۇ بىلەن كارى بولمايدىغان. ئۆتكەندە مۇشۇ مۇنبەرگە بىر شېئىر چىققان، بۇ مانا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بىر ئۈلگىسى.
ۋاقتى: 2014-5-5 20:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا تېكىستى بولغۇدەك .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-31 17:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىلاممۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم! بەرگەن پىكىرىڭلارنى كۆردۇم.رەھمەت سىلەرگە.!.ئەگەر يىتەرسىز يەرلىرىم بولسا سىلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-31 17:16:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 14:00
بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىققان شېئىر ئىكەن، قەلىمىڭى ...

قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم. رەھمەت سىزگە!مېنىڭمۇ بۇ شېئرنى سەھنىگە ناخشا قىلىپ ئەپچىقالىسام بەك ياخشى بۇلىتى دەپ ئويلايمەن ..ئەمما بۇ تەرەپلەردە تۇنۇشلىرىم بولمىغاچقا بۇ ئويامنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يىتەرلىك ئاساس تاپالمىدىم.
ۋاقتى: 2014-8-2 10:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kamran يوللىغان ۋاقتى  2014-7-31 17:16
قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم. رەھمەت سىزگە!مېنىڭمۇ  ...

راست شۇنداق خىيالىڭىز بولسا ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولىدىكەنغۇ. مەسىلەن ئەتراپىڭىزدىكى، يۇرتىڭىزدىكى تەسىرى بار بىرەر مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلارنى تاپسىڭىزمۇ ياكى قاپيۈرەكلىك قىلىپ، بىرەر داڭلىق ئارتېستنى ئىزدىسىڭىزمۇ مېنىڭچە بولىدۇ. شۇ ساھەدە خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ ئادەم، بەلكىم كۈتمىگەن ئۇتۇققا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
سىزنىڭ بۇ ئىجادىيىتىڭىز- مەزكۇر شېئىرىڭىز مېنىڭچە يوقۇرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسىدە قانداقتۇر بۇرۇنقى شان- شەرەپلىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ يۈرۈيدىغانلار ياكى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇن ئۈچۈن قۇرۇق نامنى كۆتۈرۈپ، ئەلگە تۈزۈك نەپ بېرەلمەيدىغان سامان قۇرساقلارنىڭ تۇترۇقسىز، پەلپەتىش ئىشلىرىدىن مىڭ ياخشى.

باھا سۆز

قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت سىزگە..  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-9 03:37
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-9 03:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 10:53
راست شۇنداق خىيالىڭىز بولسا ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولىدى ...

قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت سىزگە..

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 05:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش