روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4642|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خەنزۇ تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى:9 h# i1 M. {3 v8 P4 Y; }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۆۋەتتە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەممىگە ئايان، مەيلى ئوقۇش، خىزمەت، ئىمتىھان بولسۇن، مەيلى سودا سېتىق، تېجارەت، ساياھەت، ئىش بېجىرىش بولسۇن، ھەر ۋاقىت خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىگە چوقۇم دۇچ كېلىمىز. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ. بولۇپمۇ خىزمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، تېجارەتچى، سودىگەرلەر بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.! T2 Y) P7 _9 F. ^2 y0 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىلەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ، گەرچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا خەنزۇ تىلى دەرسى مۇھىم ئاساسلىق پەنلەر قاتارىدا ئۆتۈلسىمۇ بىراق بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى باشقا دەرسلەرنىڭ كۆپ ۋە زىچ بولۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا ياخشى ئۆگىنەلمەسلىك، ئەمەلىي قوللىنالماسلىق ئەھۋالى نىسبەتەن گەۋدىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىسە ئۆگەنگەن نەرسىلەر ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.* J' X+ n9 K8 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىر مەن 10 يىللىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش داۋامىدا قان-تەرىم بەدىلىگە ئېرىشكەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچىمەن، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار خەنزۇ تىلىنى تۇنجى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەنلەرگە ماس كېلىدۇ. يەتتە قىز ئەھلىگە ئاز-تولا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
+ @! A8 l1 P! s: V& C  بىرىنچى، ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىكى خاتا قاراشلارنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.$ m) D! T/ J9 @0 l5 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. تىل ئۆگىنىشمۇ بىر خىل ئىلىم ئۆگىنىش، ئىسلام دىنى ئىزچىل تۈردە ئىلىم ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىز ئۆگىنىدىغان تىلغا قانداق قارىشىمىزدىن قەتئىينەزەر پەقەت پايدىلىقلا بولىدىكەن، چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم ئۆگىنىش پەرھىزدۇر.# C) v( s6 r) v. I$ f6 n4 {: eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆگىنىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش بىر خىل ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك، بەش بارماقنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بولمىغاندەك، تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئاز-ئازدىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
# u5 l* s0 K* N: [, f" s, D3. خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ يازالايدىغان بولۇش ھاجەتسىز. خەنزۇ تىلى بىر خىل ئىلىپبەسىز تىل بولۇپ، خەتنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشىدۇ.  ھەتتا خەنزۇ يولداشلارمۇ بۇ خەتلەرنى ئەستە تۇتۇشتا قىينىلىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇلارنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش بەسى مۈشكۈل. بىراق بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇ خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ، بىر قىسىمى پەقەت ئالاھىدە كەسپىي ساھەلەردىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، بىز پەقەت مۇشۇ خەتلەرنى ئۆگىنىۋالساقلا كۇپايە. قالغانلىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا لۇغەتتىن ئىزدەپ ئۆگىنىۋالساق بولىدۇ.9 m8 M5 L" v6 w) Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. تۆت تونغا قەتئىي دىققەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ ھالقىغا ھەتتا خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتىدىغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ سەل قارايدۇ. كۆپىنچە ئۆگەنگۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قاراپ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ. چۈنكى تۆت تون ئۆزگىرىشى سۆز مەنىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىسا سۆزلەپ ئىپادىلەش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
/ v. ^& [5 h$ j8 iئىككىنچى، تەييارلىق خىزمەتلەر:
: ~  h) h! N' v1 j1. چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئۆگىنىشكە نىسبەتەن مۇستەھكەم ئىرادە، قەيسەرلىك بىلەن تېرىشىش روھى بولۇش كېرەك. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.  G" Y5 x% ~8 |/ _9 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2 سائەتتىن مۇنتىزىم ئۆگىنىش ۋاقتى، تېنچ، ئازادە مۇھىت بولۇشى كېرەك.0 _$ K0 t9 d) T9 b5 _/ b" Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. كېتەرلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ياخشى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئۆگىنىشنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۆزى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
$ c8 O4 g! H, c& k$ x! }- G
( j5 @8 ]  }; g+ x& J0 V0 |1 Yكۆپچىلىككە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۈچ قىسىملىق دەرسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. دەرسلىكنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، پىنيىندىن تارتىپ، سۆزلۈك، تېكىست، مەشىق، گرامماتىكىغىچە ھەممىسى بار. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.6 z" T% `. w( lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. قورال كىتابلار: يەنى لۇغەت. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولسا كۇپايە.
0 u6 Y* d9 B* q0 g5. بىر دانە يانچۇق رادىئوسى.# z# K+ o5 A4 |( \' r4 E& C6 j2 v$ oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. بىر دانە كىچىك ئۈنئالغۇ ياكى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە mp3 قويغۇچ.
9 s. M7 d1 J1 e+ |7. خەنزۇچە پىنيىن مەشقى توغرىسىدىكى ئۈنئالغۇ لىنتىسى.(قاندىقى بولسا بولۇۋېرىدۇ، پىنيىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تون ئۆزگىرىشى بولسىلا كۇپايە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.)/ D& o3 A! c7 A$ H+ H" ~8 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7. ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا كېتەرلىك چوڭراق دەپتەر.; }1 _1 k* [, f4 `# |& v+ Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆپچىلىككە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۈچ قىسىملىق دەرسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. دەرسلىكنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، پىنيىندىن تارتىپ، سۆزلۈك، تېكىست، مەشىق، گرامماتىكىغىچە ھەممىسى بار. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.1 K6 [( R- [$ x( l9 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. قورال كىتابلار: يەنى لۇغەت. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولسا كۇپايە.
' Z8 t) @2 ~  A5. بىر دانە يانچۇق رادىئوسى." J0 K+ v& A& dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. بىر دانە كىچىك ئۈنئالغۇ ياكى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە mp3 قويغۇچ.0 m, a5 _# H' U7 p8 t# u! Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7. خەنزۇچە پىنيىن مەشقى توغرىسىدىكى ئۈنئالغۇ لىنتىسى.(قاندىقى بولسا بولۇۋېرىدۇ، پىنيىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تون ئۆزگىرىشى بولسىلا كۇپايە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.)
' @; q( e' ~9 w; q8 i; m7. ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا كېتەرلىك چوڭراق دەپتەر.+ e6 P2 [0 b8 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى:( J2 X4 y! Q7 Y6 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' B4 y" N; i* f2 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. دەرسلىكنىڭ باش قىسىمىدىكى پىنيىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندە چوقۇم ناھايىتى ئەستايىدىللىق، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساس خاراكتېرلىك مۇھىم بىلىملەر، بۇلار خۇددى بىنانىڭ ئۇلىغا ئوخشايدۇ، ئۇل مۇستەھكەم سېلىنمىسا ئۈستىنى ھەرقانچە پۇختا سالغان بىلەن ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ياخشى ئۆگەنمىگەندە ئۆگىنىشتە يوچۇق قالىدۇ، بۇنى كېيىن ئۆزگەرتمەك قېيىن. شۇڭا مۇناسىپ دەرسىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى تەكرار ئاڭلاپ، تەلەپپۇز قىلىش، بۇنىڭغا كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك.  پىنيىننىڭ يېزىلىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت پىنيىنغا قاراپ ئوقۇيالىسىڭىزلا كۇپايە، پىنيىن يېزىشنى ئۆگىنىمەن دەپ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. پىنيىن ۋە تونغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كۈن ئەتراپىدا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ.
2 j- ^7 Y+ @; \6 ]( [2. خەت سىزىقلىرى (يەنى بىخۇا )، يان بۆلەك ۋە قەلەم تەرتىپى* D1 ^" p/ R% k; Y3 Y) {6 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇلارمۇ نىسبەتەن مۇھىم مەزمۇن، چوقۇم قەلەم تەرتىپى بويىچە توغرا ۋە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇش كېرەك. شۇندىلا خەتنى تېز، توغرا ۋە چىرايلىق يازغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز.) ?- R$ Q& v" |: p+ o3 F$ r! uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. سۆزلۈك قىسىمى. سۆزلۈك ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تەرجىمىسىنى چوقۇم يادلاش، كىتابقا قارىماي تۇرۇپ، ھەر بىر خەتنى ئاز دېگەندە ئون قېتىمدىن ئۆلچەملىك يادا يېزىش كېرەك. بىر قىسىم كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ھەممە مەنىسىنى ئۆگىنىمەن دەپ لۇغەت ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىق كېرەك. سۆزلۈكنىڭ شۇ تېكىستتە ئىپادىلىنىدىغان مەنىسىنى بىلسەكلا كۇپايە. ' k4 K" `  a& s* z- sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. تېكىست. بۇ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قېيىن نۇقتا. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش تېكىست ئۆگىنىشكە باغلىق. چۈنكى گرامماتىكا، سۆزلۈك، جۈملە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېكىستتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تېكىستنى تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئۆگىنىش كېرەك:. q1 g/ k! e  a  f; p* i/ ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) ئالدى بىلەن تېكىستنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش، ئوقۇيالمىغان خەتلەر، يېڭى سۆزلەر ئۇچرىسا سۆزلۈك قىسىمىدىن ياكى لۇغەتتىن ئىزدەش چوقۇم ئوقۇيالايدىغان بولۇش كېرەك.( }0 M: q, o" Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(2) تېكىستنى تەرجىمە قىلىش. ئۆگەنگەن سۆزلۈك، جۈملە ۋە گرامماتىكا بىلىملىرىگە ئاساسەن تىكىستنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ چىقىش.
+ w# G3 j' g4 ]9 {(3) تېكىستنى كۆپ قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش، توغرا ئوقۇش، تاكى راۋان، ئازماي ئوقۇيالىغانغا قەدەر ئوقۇش كېرەك.3 U+ q/ L$ k7 T! q% }1 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) تېكىستنى ئۈنلۈك ئاۋازدا يادلاش. يادلىغاندا ئىمكانقەدەر تولۇق يادلاش كېرەك. ئەگەر تولۇق يادلاپ بولالمىسىڭىز ئابزاسلارغا پارچىلاپ يادلاڭ، ئۇنىمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز جۈملىلەرگە پارچىلاپ يادلاڭ. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز سۆزلۈكنى قايتا ئۆگىنىڭ. ئەگەر تەكرار يادلاپمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يادلاپلا ئۇخلاڭ. ئەتىسى ئورۇنىڭىزدىن تۇرۇپلا يادلىسىڭىز ئاسانلا يادلىيالايسىز.
* o3 K" a1 j1 t! \4 k' E(5) تېكىستنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈنئالغۇ ياكى mp3 ئارقىلىق ئۈنگە ئېلىۋېلىڭ. ئاندىن ئۇنى قويۇپ ئەسلى تېكىستكە سېلىشتۇرۇپ خاتا يادلىغان، چۈشۈپ قالغان جايلارنى قايتا يادلاڭ.- \" l1 i, }6 a7 K2 a& Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(6) ئۆلچەملىك يادلاپ بولغاندىن كېيىن يادقا يېزىپ ئەسلى تېكىست بىلەن سېلىشتۇرۇڭ، خەت خاتالىقى بايقالسا خاتا يازغان شۇ خەتلەرنى قايتا ئۆگىنىڭ.3 M  F8 N9 l2 B. G4 b6 t! m0 ~) d4 q" bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5. گرامماتىكا. بۇنى ئۆگەنگەندە چوقۇم دەرسلىكتە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل كۆرۈش كېرەك.
) n0 o. I. A7 i( t1 t( m: T6. مەشىق. مەشىقلەرنى تەلەپ بويىچە يېزىپ ئىشلەش، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلى بىلىدىغانلارغا كۆرسىتىپ تۈزىتىش، تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئىشلەش كېرەك.
, u: ]0 |( O" E+ |0 f( Bدىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:9 J& n3 E+ l0 A) Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاش، ياكى خەنزۇ تىلىدىكى كىنولارنى كۆرۈش، خەنزچە قاناللاردىكى تېلېۋېزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈش كېرەك.
& S) B7 Q- q6 G4 u9 O' U% H2. مەيلى قايسى مەزمۇننى ئۆگىنىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ ئۆگىنىش، خاتىرە يېزىش كېرەك.
+ H+ k! w2 q7 M" a2 }) y3. ئۈچ قىسىم دەرسلىك كىتابنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش، بولۇپمۇ تېكىستلەرنى تولۇق يادلاپ بولۇش، سۆزلۈكلەرنى يادقا يازالايدىغان، كۆرۈپ ئوقۇيالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان بولۇش كېرەك.& A2 \' o# l3 b0 n, r& \3 ^7 w5 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. ئۆگىنىش داۋامىدا دەسلەپتە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىشى نورمال ئەھۋال، شۇڭا ئۈمىدسىزلەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، بۇرۇن قىلغان ئەجرى بىكار كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلىگەنلەرلا غەلىبە قازىنالايدۇ.
5 Y3 A) U* ^  X6 v% }5. ئۆگىنىش داۋامىدا خەنزۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا پاراڭلىشىش، كۆپرەك سۆزلىشىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقماڭ، دادىللىق بىلەن سۆزلەۋېرىڭ، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسىڭىز قارشى تەرەپتىن تۈزىتىپ بېرىشنى، توغرىسىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ، بۇ نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆگەنمەسلىك نومۇستۇر.
- ?1 f  a3 t  G/ a% P% z: V6. كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىزنى خەنزۇچە دەپ يېزىپ بېقىڭ، ئەگەر كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى خەنزۇچە يېزىڭ. يولدا ماڭغاچ ۋىۋىسكا، لوزۇنكا، پىلاكاتلاردىكى خەنزۇچە سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مېڭىڭ. خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق.
5 y) |6 U4 T1 J# G) a: X, ?7 W4 N, d& {7. ئارام ئېلىش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇڭ. قېنىپ ئۇخلاڭ، كۆپ يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىڭ، ئۆگىنىشكە ئاكتىپ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئاتلىنىڭ.
0 E% L* j5 ^* J, ?) dقېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە.
4 E) G" g. {7 `ئېسىڭىزدە بولسۇنكى باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ چوقۇم قىلالايسىز، توغرا ئۇسۇل بىلەن جاپالىق تېرىشقان ئادەمنىڭ ئەجرى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.+ J; v- J0 q7 _! L' M6 Z% M, k& @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەۋر تاقەت، چىدامچانلىق، غەيرەت جاسارەت ئاتا قىلسۇن.
2 d+ a4 L7 X, J" N2 Jئۆگىنىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +8 ئىناۋەت +20 تەڭگە +13 بايلىق +8 يىغىش سەۋەبى
Maarip + 8 + 8 + 4 + 8 ياقتۇردۇم
تۇرسۇن + 11 + 8 يارايسىز
520999 + 1 + 1 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-26 13:44:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغاندا تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق.6 W2 q9 F! A, o  R' u8 v7 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تېما مىسرانىم مۇنبىرىدىن tasawwur138 نىڭ يازمىسىغۇ دەيمەن.
ۋاقتى: 2014-4-26 13:45:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاۋاتىسىز رەھمەت سىزگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلى123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 14:15  
3 `4 x( e) c4 ]# s4 z; d$ g0 C) P8 C1 {( C0 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن  ئۇگۇنۇشكە  بەك  قىزىقاتتىم  ئەمما  مەن  خەنچىنى  پەقەت  بىلمەيمەن  ئەمەسمۇ  ما  ئۇسۇل  ماڭىمۇ  ماس  كىلەمۇ  كۇرۇستا  ئۇقاي  دىسەم  ئايلىقى  260 سۇم  كۇندە  ئىككى  سائەت  دەرىس  ئۇتىدىكەن  يانچۇقنڭ  تاينى  يوق  بىكا  يۇرمەن
مەن ئۇچۇنلا يوللاپسىز بۇرادەر بۇ تىمىنى مەنمۇ ھەركۇنى ئاز ئازدىن ئۇگۇنۋاتمەن
ۋاقتى: 2014-4-26 15:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. ئەگەر يازما ئۆزىمىزنىڭ بولسا، مېنىڭچە مەنبەئەنى ئەسكەرتمىسەكمۇ بولىدۇ. ناۋادا باشقىلارنىڭ بولۇپ قالسا، چوقۇم مەنبەئەنى ئەسكەرتىش لازىم.
ۋاقتى: 2014-4-26 16:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاۋاتىسىز رەھمەت سىزگە رەھمەت
رەھمەت قېرندىشم ساقلىۋېلىپ ئۈگنىمەن. ئەرەب تىلى ئۈگنىدىغانلار بارمىدۇ ؟ بولسا چچ ئۇندىدار نۇمرۇڭلارنى قالدۇرۇڭلا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۈگەنسەك .....

باھا سۆز

مەن مۇئۇگىنەي دىگەن مۇنتىزىم ئۇگىنىشكە شارائىتىم ياربەرمەيدۇ ئۆزلىگىدىن ئۇگەنگىلى بۇلامۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-27 09:33
حمداللە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 00:01; }8 r, z5 L# [" xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەھمەت قېرندىشم ساقلىۋېلىپ ئۈگنىمەن. ئەرەب تىلى ئۈگنى ...

8 G/ |# ?' e* q( F6 S7 Vمەن مۇئۇگىنەي دىگەن مۇنتىزىم ئۇگىنىشكە شارائىتىم ياربەرمەيدۇ ئۆزلىگىدىن ئۇگەنگىلى بۇلامۇ.
ۋاقتى: 2014-4-27 10:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ياقتۇردىغان ،سودا سېتىق، تېجارەتچى، ساياھەت، ئىش بېجىرىش،خىزمەت ۋە كۈندىلىك بىر قىسىم ئالاقە جەريانىدا قىينىلىۋاتقان دوستلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر ياخشى ئىش بوپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 09:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش