روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 28
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈشەندىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

669

يازما

5433

جۇغلانما
دەرىجەم: يولباشچى
قىزغىنلىق
1105 سەر
ئىناۋەت
1804 سەر
تەجرىبە
2513 سەر
تەڭگە
1262 دانە
تۆھپە
239 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

مائارىپ ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنىئىجادىيەت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawruz0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 00:37  

ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈشەندىسى مەن تېرورچى ئەمەس

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

مەيلى تارىخى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى يېقىنقى  زامان مەدەنيىتى ئىختىراچىلىقىدا بولسۇن دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەت قاتارىدا <ئۇيغۇر> دىگەن بۇ ئىسىم ئەزەلدىن ئۆز رولىنى جانلىق شەكىلدە نامايەن قىلىپ يۇلتۇز كەبى چاقناپ كەلگەنلىكى ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان پاكىت. باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئوينىغان رولى، جۇغراپىيەلىك ئورنى،ھەر جەھەتتىكى مەدەنيىتى ،تۈرلۈك ئىختىرالىرىغا قاراپ <ئۇيغۇر> بۇ دىگەن بۇ نامنى ھەركىم ھەر خىل شەكىلدە ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلنىپ كەلدى. مەن بىلىدىغان زامانلاردا خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنى <چەنتۇ>دەپ ئاتىغاننىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. توغرىسى<چۇئەنتوۋ>بۇلۇپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن سەللە يۆگەش ئادىتىگە قاراپ قۇيۇلغان لەقەم ئىسىم ئىكەن.قازاقلار <سارت>دەپ ئاتايدىكەن.بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولى تىجارەتىدە كۆزگە كۈرۈنگەن تىجارەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قۇيۇلغان لەقەم ئىسىم ئىكەن. نەچچە يىللاردىن بۇيان <ئۇيغۇر>سۆزىنى:_ چىنگىزخان قويغان،مەنىسى ئويۇشماق،ئىتتىپاقلاشماق.بىز نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشالمايمىز.....دىگەندەك تەۋىسيىلىك ماقالە ئەسەرلەر مەتبۇئات،تور بىكەتلەرنى بىر ئالدى........
ئۇيغۇرلاردا جەمەت لەقىمى ، شەخسى لەقەم ، يۇرت لەقىمى ئۇمۇملاشقان مىللەت بولغاچقا  مەيلى كىم <ئۇيغۇر>نى نىمە دەپ ئاتىسىۇن كىچىكلەر ۋە باشقىلار قىززىقانلىق قىلسا يۇرۇت كاتتىلىرى،ئەھلى ئىلىمدارلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ  قايسى بىر يازغۇچىمىز دىگەندەك ئۇيغۇرلار قوي گۆشى ئاساسلىق ئىستىمالىدىكى مىللەت بولغاچقا شۇنداقمۇ ئىزچىل قوي كەبى ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاپ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە، مىللەت خارەكتىرگە يات ئىشلارغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ سەۋىرچانلىق بىلەن ياشاپ كەلدى.  ئايرىم ساندىكى ئىشلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ھەتتا خەلقارادىكى ھەر قايسى جەھەتتىكى ئورنى ھەممە ئېتراپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىزچىل ئۆستى. ئەلۋەتتە بۇنى جاھانغا مەشھۇر بولىۋاتقان ئالىملىرىمىزدىن شۆھرەت مۇتەللىپ،ئەركىن سىدىق، ساھىپجامال خانىم.....ۋە باشقا ئسىمى ئاتالماي قالغان ئالىم دوكتۇرلىرىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئاشۇ ئالىملىرىمىز مەيلى قەيەردە ئۇقۇغان ،قەيەردە شۆھرەت قازانغان بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىسىمى قاتارىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنىپ ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگۇ دىگەن ئىسىمنىڭمۇ تەڭ يادلىنىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ مىللەتكىلا ئەمەس دۆلىتىمىزگىمۇ تەڭ تۆھپە قوشتى دىمەي تۇرالمايمىز.مانا بۇ تۆھپە ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جاھان ئەھلىگە جۇملىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئورنىغا نۇپۇزىغا قوشىۋاتقان تىنىمسىز تۆھپىسى. بۇنى ئىتراپ قىلمايمەن دىيىش نۇمۇسسىزلىق، مۇناپىقلىق........
ئەمما كۆز يۇمۇشقا قەتئى بولمايدۇكى يېقىندىن بويان ئۇيغۇرغا يەنە بىر ئىسىم قۇيۇلدى. ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ئەشەددى ھاقارەت <<تېرورچى>>.
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن <<تېرورچى>>دىگەن بۇ خەتنى ئۇقۇپلا قورقۇپ كىتىۋاتامسىز؟ قورىقماڭ مەن <تېرورچى>ئەمەس، ئۇقۇڭ  ھەم بۇ يازمامنى ئۇقۇپ مەسىلىنى ئاۋال ئۆزىڭىزدىن ئاندىن باشقىلاردىن ئىزدەك ئەمما  خاتا تەرەپتىن بۇرمىلاپ يۈرمەڭ. مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق بىر كىملەرنى تىللىماقچى، مىللى مەسىلنى كۆتۈرۈپ چىقماقچى ۋە ياكى مەلۇم بىر سىياسى مۇددىئا مەخسەتكە يەتمەكچى ئەمەس. ئەمما مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزگە ئاشۇنداق بولمىغۇر <<لەقەم>>لەرنى قويىۋاتقانلارغا ، ئۆزىنى <<تېرورچى>>ئوخشايمەن دەپ قالغانلارغا پاكىت بىلەب چۇشەنچە بەرمەكچى خالاس.ئەمما مەن قورىقمايمەن، چۈنكى مەن تېرورچى ئەمەس، مىنىڭ ئەزىز مىللىتىممۇ تېرورچى ئەمەس. <<تېرورچى>>دىگەن بۇ ئىسىمنى مىللەت نامى قىلىپ قوللۇنۇشقا مەن ئەبەدى قارشى.
ئېنىقكى بۇ <<تېرورچى>>دىگەن ئىسىم بىزگە دۆلىتىمىز تەرىپىدىن قۇيۇلغىنى يوق.ھەم مەڭگۇ ئۇنداق قۇيۇلمايدۇ.دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇندا ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ 56مىللەت باپ باراۋەر دەپ بەلگىلەنگەن.مانا بۇ پاكىت.
تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ئۇيغۇرلار باشقا كۆپ سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولسۇن ۋە ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولسۇن سودا ۋە باشقا ئالاقىلەردە ئىزچىل ئىجىل-ئىناقلىق مۇناسىۋېتىدە بۇلۇپ كەلگەن.ئەمما يېقىندىن بۇيان خەلقارادىكى بەزى ئۆزگۈرۈشلەر، بۇرمىلانغان خاتا ئىدىيلەرنىڭ تەسىردە بىر قىسىم كىشىللىرىمىز مىللەتكە ،پاك ئىسلام دىنىمىزغا ياد بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى سادىر قىلدى. بۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.....شۇ سەۋەپتىن باشقا مىللەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇرغا ئاشۇنداق بولمىغۇر ئىسىملارنى قۇيۇپ ئۈلگۈردى. بۇنىڭ تەسىردە ئاق قارىنى پەرىق قىلالمايدىغان ئۆمىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى كۈرۈپمۇ باقمىغان بىر تۇركۇم ئازغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا <<تېرورچى>>تامغىسىنى مەڭگۈلۈك بېسىۋەتتى......بۇنىڭ تەسىردە بۇرۇن ناگان-ناگاندا يۈز بېرىدىغان مىللەتلەر ئارا سۈركىلىش ، توغرا چۈشەنمەسلىك، بىر-بىرنى چەتكە قېقىش....قاتارلق ئىشلار ئىزچىل يۈز بىرىپ تۇردى.ھەتتا بىر ئۇيغۇر باشقا بىر مىللەت بىلەن ئادەتتىكىدەك جىدەللىشىپ قالسىمۇ مەيلى ج خ ئورۇنلىرىدا بولسۇن مەيلى باشقا تارماقلاردا بولسۇن <يەنە شۇ ئۇيغۇر، ئىدىيسىدە مەسىلە بار.....>دىيىلدى ھەم بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا داۋاملىق دىيىلۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئويلىمىغان دەرىجىدە سۈركىلىش ۋە ئورۇنسىز ئىشلار سادىر بولىۋاتىدۇ.
مەن2013-يىلى9-ئايدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كادىرلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ۋۇجىياچۇ يەنى يېزا ئىگىلىك 6-دىۋىزىيە كوممونىستىك ياشلار ئىتتپاقى تۇئەنىگە  بىر يىللق خىزمەتكە باردىم . بىرىنچى يۇلۇقتۇرغان مەسىلە شۇ بولدىكى مەن ئاپتۇبۇستىلا ھاقارەتلەندىم. يېىنىمدا ئولتۇرغان خەنزۇ يولداش ماڭا نەچچە قېتىم قارىۋەتكەندىن كىيىن _سەن ئۇيغۇرمۇ دىدى. مەن ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ نىمىشقا بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى سورىدى. مەن خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن كەلگەنلىكىمنى دەپ بەردىم. ئۇ تۇرۇپلا ئۇيغۇرلار بەك قورقۇنۇشلۇق، مەن ئۇيغۇرلاردىن قورقىمەن....دەپ سالدى. مەن ھەيران بۇلۇپ سەۋەبىنى سورىسام ئۇ يېىقىنقى يىىللاردىن بۇيان رايۇنمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قاتار تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى ۋە يېقىندىلا يۈز  بەرگەن تۇرپاندىكى ئىشلارنى سۆزلەپ ھەممە ئۇيغۇرنى تېرورچى قىلىپ كۆرسەتتى. مەن ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق چۈشەنچە بەرگەن بولساممۇ ئۇنىڭ مىڭىسىدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئۇچۇر بۆلىمى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يۇيۇلۇپ <تېرورچى>چىغا بولغان ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى بىخ سۈرۈپ بولغاچقا مىنىڭ ئاددى ھەم قىسقا چۇشەندۇرشۇم ئۇنىڭغا كار قىلمىدى. ئەمما ئارقىمىزدا ئولتۇرغان 70ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر خەنزۇ بوۋاي گېپىمىزگە ئارلىشىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپ شىجاڭغا چىققان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنڭ ئۇلارغا قىلغان غەمخورلىقى، مىھماندارچىلىقى....قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ كىلىپ ھازىرقى ياش باللار ھە دىگەندىلا خەقنى ھاقارەتلەشنىلا بىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى  مانا مەندىن سورا....دىۋىدى ھېلىقى خەنزۇ ياش جىممىدە بۇلۇپ قالدى.  گەپ ئاخىردا سوراپ بىلدىمكى ئۇ ياش خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە چىققىلى ئاران 7ئاي بوپتۇ......قاراپ باقايلى ،7ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرغا شۇنچە ئۆچ بوپ كەتكۇدەك ئۇيغۇر ئۇنىڭغا زادى نىمە قىلغان بولغىيدى؟ يەنە كىلىپ <<ۋۇجىياچۇ>> دەك ئۇيغۇر ئەمەس باشقا ئاز سانلىق مىللەتمۇ كەم بىر رايۇندا ئۇيغۇرنى تۈزۈك بىر كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا شۇنچە ئۆچ بوپ كېتىشى مىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.
2010-يىلى جېجىياڭ خاڭجۇ شەھرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستوتىدا ئىككى يىللىق قوش تىل ئۆگۈنۈش جەريانىدىمۇ خاڭجۇدىن كەلگەن بىر مۇئەللىم بىلەن بىر نەچچە قېتىم ھەمداستىخان بولغاندىن كىيىن ئۇ ئوقۇتقۇچى گەپ ئارلىقىدا :-ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەسكى ئەمەسكەنغۇ دەپ سالدى. بىز قىززىقسىنىپ نىمىشقا بۇنداق دىگەنلىكىنى  سورىساق ئاقسۇغا سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيلەشتە شىنجاڭغا چىققاندىن كىيىن يالغۇز يۈرمەسلىك، ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق.........تەربىيسى بېرىلگەنكەن.
توۋا بىر تەرەپتىن مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى تەكىتلەپ بىر تەرەپتىن.........................
ھەتتا  بىر قېتىم ئېھتىياج تۈپەيلى بىر شەخسى ماشىننى توسقۇنۇمدا ئاۋال چىقىرىپ بۇلۇپ ئازراق ماڭغاندىن كىيىن مىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندىن كىيىن قىلچە تارتىنماي تۇرۇپ يۈزۈمگىلا ئەگەر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى ماشىنىغا چىقماستىن بۇرۇن بىلگەن بولسام ماشىنىغا چىقارمىغان بولاتتىم دىدى. خىزمەت ئورنۇمغا بېرىپمۇ بىر نەچچە خەنزۇ يولداشنىڭ مۇشۇنداق بولمىغۇر سۇئاللىرىغا زېرىكمەي تۇرۇپ چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كەلدى. ئۇلار بەلكىم بۇ چۇشەندۇرۇشلىرىمدىن قانائەت ھاسىل قىلمىدى. قانائەت ھاسىل قىلمىسىمۇ مەن قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر يىل  داۋامىدا ئۇلارنىڭ قىلچىلىك بىر نەرسىسىگە خىيانەت قىلماي، ھالال يىمەكلىك بىلەن ئۇزۇقلىنىپ،كىشلەر ئارا مۇناسۋەتتە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلقنى تەكىىتلەپ ئىناق ئۆتۈپ خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن جان –دىل بىلەن چىققىنىمىز ئۇلارغا يۈزەكى بىر دەرىس بولدى دەپ قارىدىم.
مىنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇر مىللىتى ياكى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى جاھان مىدىيەلىرىدە ھەر خىل سەۋەپ بىلەن سۆزلىنىپ تۇرۋاتقان مۇشۇ دۇنيادا بىزدىن 4000كىلومىتىر يىراقتا بولسىمۇ بىر مەمىلكەتتە ياشاپ يەنە كىلىپ ئانا دىيارىمىزنىڭ تۇز-تائامىنى 7ئايدىن بۇيان يەپ كىلۋاتقان بىر ئادەمنىڭ كىلە-كەلمەي بىزگە سەلبى قاراشتا بۇلۇپ ئارىمىزدا ياشاپ تۇرۋاتقانلىقى بولدى.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق تۇنۇشتۇرۇش مەسلىسى مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە مۇجمەللىكى، شۇنداقلا ھازىرقى مەتبۇئات ۋە تۈرلۈك ئاخپارات ۋاستىللىرىدا ئۇيغۇر دىگەن تېمىغا بېرىۋاتقان ئېنىقلىما ئەڭ مۇھىم. 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇر نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى، ئۇيغۇر ھەققىدىكى تۇرلۇك ئەپقاچتى گەپلەر ھەر خىل مەخسەتتە تەسۋىرلەندى.بەزى تەپسىلى خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار ،تۈرۈكچە سۆزلەيدىغان جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى دىگەندەك بايانلار بىلەن تۇنۇشتۇرۇلدى. دىمەك دۇنيا نەزىردە بىز ئاۋال مۇسۇلمان دەپ تۇنۇلۇپ ئاندىن تۈرۈكچە سۆزلەيدىغىنىمىز، دۆلەت تەۋەلىكىمىز تىلغا ئېلىندى. ھەتتا دۆلەت ئىچىدىمۇ بىزنى ئاۋال مۇسۇلمان مىللەت قاتارىدا سانايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارغا چېتىشلىق بولغان 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ۋە باشقا دۇنيا خارەكتىرلىك زور ۋەقەلەردە ئەڭ ئاۋال مۇسۇلمان سۆزى تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا بەزى بۇرمىلىغۇچلار تەرىپىدىن بىز ئاشۇ <<تىرورچى>>مۇسۇلمانلارغا باغلاپ قۇيۇلدۇق. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشقان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بايقالغاندىن كىيىن بۇ <<تېرورچى>>نامى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇيغۇرغا يۈكلەندى.
ئىشقىلىپ مەيلى ئۆيۈمنى زىننەتلەۋاتقان ئىشلەمچى يولداشنىڭ بىزگە بولغان قارىشى ، مەن ئىش بىجىرىش ئۈچۈن بارغاندا يۇلۇقتۇرغان قوپال مۇئامىلە ،ئۇيغۇرچە قۇيۇلغان ئىمزانىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشى، خەنزۇچىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن مەخسىدىنى ئۇختۇرالماي ئاچچىق تولغاق يەۋەتقان بىچارە ئۇيغۇر، خەنزۇچىنى بىلمىسەڭ بىلىدىغان ئادەمنى باشلاپ كەل دەپ ھاقارەتلىك ھەيدىلىشلەر.......ئادەتتىكى بىر جىدەلگە ئاچچىقتا دىيىلگەن بىرەر ئېغىز سۆزنى دەستەك قىلىپ  ئىدىيەڭدە مەسىلە  باركەن دەپ ساقچىخانىغا ئاپىرلىپ يىنىك بولغاندا جەرىمانە تۆلەشلەر..تەكشۈرۈش پونكىتىدا ‏ئۇيغۇرغا باشقچە قاراش........ئېغىر بولغاندا..............قاتارلق ئىشلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ جەمىتمىزدە چۇقۇم بىر كۈشەندىسىنىڭ بارلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا سالماقلىق بىلەن ئېغىر بېسقلىق بىلەن جاۋاپ ئىزدەشكە ،سوغاققانلىق بىلەن ئىزدىنىشكە ،مەسىلە بايقالسا ۋاختىدا ئېنىق قىلىپ ئىنكاس قىلىش ياكى تۈزۈتۈش ئارقىلىق چوڭىنى كىچىكلىتىپ كىچىكىنى تۈگۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قىززىققانلىق بلەن مۇئامىلە قىلشقا بولمايدۇ. قارايلى ئاۋۇ ئاپتۇبۇستا بىر ياش ئۇيغۇرغا نىسبەتەن سەلبى قارشىنى ئوتتۇرغا قويىۋدى 70ياشلاردىكى مويسىپىت خەنزۇ تاغا ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئۇنىڭ سەلبى قارىشىنى پۇتۇنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.......دىمەك ئەجداد مىراس <<ياخشىلىق ئۆلمەيدۇ>>دىگەن ھېكەت بۇ يەردە ئۆزىنى كۆرسەتتى.
بىز مانا مۇشۇنداق چۈشەندۇرۇشكە ھەم چۈشەندۈرۈلۈشكە موھتاج!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
چۈنكى بىز باشقا 55مىللەتكە ئوخشاشلا تېرورچى ئەمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سانجى ئوبلاستى  ۋۇجىياچۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇئەنىدە يېزىلدى.


ئالدىنقى تېما: <<يىگىتلەر سىلەر كىم؟ بۇ قەيەر؟>>گە ئىزاھات
كېيىنكى تېما: مەندە ipad4 16GB بار ئىدى ماتىرىياللاردىن ئورتاق

باھا سۆز

بولىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قوياي  ۋاقتى: 2014-4-25 23:04

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelباشلىق-دېھقانلار نىمىگە موھتاج؟
heatlevelئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈشەندىسى
heatlevel<<يىگىتلەر سىلەر كىم؟ بۇ قەيەر؟>>گە ئىزاھات
heatlevelئاسۇق ئەپەندىگە ئوچۇق خەت
heatlevelسىياسەتتىن چەتنىگەن مائارىپ ۋە مائارىپتىن چەتنىگەن سىياسەت
heatlevelئەخلەت يەۋاتقان بالىلار
heatlevelپەرزەنتىمىزنى باشقا تىلدا ئۇقۇتامدۇق ياكى ئانا تىلدا ئۇقۇتامدۇق؟
heatlevelئۆزىڭىزنىڭ كومپىيوتېردا سىناڭ( ئۆتكۈر ۋېروس)
heatlevel2012-يلى12-ئاينىڭ 21-كۇنى نىمە ئىشلار بولىدۇ؟
heatlevelمىڭە يۇيۇش دىگەننى چۇشىنەمسىز؟
heatlevelئەخمەق ئۆزىگە ئىش تاپسا، ئەۋلىيامۇ قۇتقۇزالمايدۇ
heatlevelئۇيغۇر باللىرىنىڭ پاركور ھەركىتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

1188

تېما

1 تۈمەن

يازما

14 تۈمەن

جۇغلانما
دەرىجەم: ئاتامان
قىزغىنلىق
24445 سەر
ئىناۋەت
36495 سەر
تەجرىبە
80095 سەر
تەڭگە
32197 دانە
تۆھپە
3724 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

شەرەپ ئوردىنىمائارىپ ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

ۋاقتى: 2014-4-24 00:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغۇچىلارنىڭ سۇغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، تېمىنى بۇرمىلاپ ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باھا سۆز

بۇ تېمىنى سالۇنغا يوللاشقا بولارمۇ سىزچە؟ مىنىڭچىغۇ بولاتتى  ۋاقتى: 2014-4-25 11:39
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

32

تېما

263

يازما

4083

جۇغلانما
دەرىجەم: پىشقەدەم ئەزا
قىزغىنلىق
1009 سەر
ئىناۋەت
1324 سەر
تەجرىبە
1743 سەر
تەڭگە
1651 دانە
تۆھپە
304 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

مائارىپ ئوردىنىئىجادىيەت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىتەلەي ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

ۋاقتى: 2014-4-23 23:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز قارىشىڭىزغا تامامەن ئقوشۇلىمەن، بىز ئۇيغۇر، " تېرورچى" ئەمەس!
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

0

تېما

49

يازما

447

جۇغلانما
دەرىجەم: ئۈمىدلىك ئەزا
قىزغىنلىق
149 سەر
ئىناۋەت
101 سەر
تەجرىبە
197 سەر
تەڭگە
98 دانە
تۆھپە
0 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

ۋاقتى: 2014-4-23 23:26:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىرورچى ئەمەس.

باھا سۆز

گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىڭ  ۋاقتى: 2014-4-24 00:18
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

2

تېما

272

يازما

1715

جۇغلانما
دەرىجەم: تەجرىبىلىك ئەزا
قىزغىنلىق
376 سەر
ئىناۋەت
530 سەر
تەجرىبە
808 سەر
تەڭگە
474 دانە
تۆھپە
5 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

مائارىپ ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنى

ۋاقتى: 2014-4-23 23:54:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوخشاش قاراشتا
来自安卓客户端
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

50

تېما

765

يازما

4520

جۇغلانما
دەرىجەم: پەخىرى ئەزا
قىزغىنلىق
816 سەر
ئىناۋەت
1297 سەر
تەجرىبە
2400 سەر
تەڭگە
918 دانە
تۆھپە
197 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

شەرەپ ئوردىنىمائارىپ ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

ۋاقتى: 2014-4-24 00:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مەنمۇ بىرەر جايلارغا بارسام خەنزۇ يولداشلار بىلەن ، ھەمىدىن ئاۋال بىزنى يەرگە چۇشۇرۇپ تەكشۇرسە مەنمۇ ئۆزۇمنى جىنايەتچىدەك ھىس قىلىپ قالمەن .شۇ ھەمىمنى قىلۋاتقىنى  بوكنى ئەكەل دىسە كاللىنى كوتۇرۇپ كىلدىغانلارنىڭ ئىشى بولۋاتىدۇ.
قىززىق يۇمۇرلار سىزنى كۈتمەكتە..تازا كۈلىۋىلىڭ  
http://baid.us/rVCH

50

تېما

765

يازما

4520

جۇغلانما
دەرىجەم: پەخىرى ئەزا
قىزغىنلىق
816 سەر
ئىناۋەت
1297 سەر
تەجرىبە
2400 سەر
تەڭگە
918 دانە
تۆھپە
197 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

شەرەپ ئوردىنىمائارىپ ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

ۋاقتى: 2014-4-24 00:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىلى دىگەندەك قاراشتا بىز تىرۇرچى ئەمەس بىز مۇسۇلمان بىز ئۇيغۇر.
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

8

تېما

68

يازما

1577

جۇغلانما
دەرىجەم: تەجرىبىلىك ئەزا
قىزغىنلىق
583 سەر
ئىناۋەت
394 سەر
تەجرىبە
597 سەر
تەڭگە
361 دانە
تۆھپە
41 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

ئاۋانگارت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنى

ۋاقتى: 2014-4-24 00:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندا ياشىماق تەس،ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشىماق تېخىمۇ تەس! ئەدناسى،چىن يۈرىكىمىزدىكى سۆزىمىزنى خاتىرجەم ئېيتالمايمىز،مەسلەن:قوش تېل مائارىپىنىڭ جەمىيتىمىزگە،جۈملىدىن ئانا تىلمىزغا بولغان سەلبىي تەسىرى،ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى،قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتا بىز يەنىلا قىسىلمىز. ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ ئادىللىق تەلەپ قىلساق قالپاق ھامان تەييار. ئەشۇلار شۇنى بىلەمدىغاندۇ؟ ياق مىنىڭچە ئۇلار بىزنى دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرى،پاراۋانلىق قورلۇشلىرى بىلەن بەھىرلەنسىمۇ چاتاق چىقىرپلا يۈرۈيدىغان قالاق،ياۋايىلار دەپ قارايدۇ.ئەمما بىزنىڭ يۈرەك سادايىمىزنى كىم ئاڭلاپ باقتى،ئەتراپىمىز بارغانچە تارايماقتا،كىشلەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچىدە خاتىرجەم  ماڭالمايدۇ،نەگىلا بارمىسۇن كىملىك سورايدىغان ساقچى،ئىتىقادىقا لايىق كىيىم كىيىپ يۈرگەنلەرغۇ ساقچىلارنىڭ كۆزىگە ئىلىنىپلا قالىدۇ.
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

7

تېما

840

يازما

5796

جۇغلانما
دەرىجەم: شەرەپلىك ئەزا
قىزغىنلىق
1084 سەر
ئىناۋەت
1532 سەر
تەجرىبە
3172 سەر
تەڭگە
1337 دانە
تۆھپە
206 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

مائارىپ ئوردىنىئاۋانگارت ئوردىنىقىزغىنلىق ئوردىنىتەلەي ئوردىنىروھلان شاھزادىسى

ۋاقتى: 2014-4-24 00:59:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 01:00  

ھەممى ئىشلارنى ئۇللۇغ ئاللاھ ئاسان قىلغاي
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

0

تېما

10

يازما

132

جۇغلانما
دەرىجەم: رەسمىي ئەزا
قىزغىنلىق
47 سەر
ئىناۋەت
34 سەر
تەجرىبە
51 سەر
تەڭگە
37 دانە
تۆھپە
0 سەر

┅ئېرىشكەن مېداللىرىم┅

ۋاقتى: 2014-4-24 01:04:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلال قېرىندىشىمنىڭ ئىنكاسىغا ئەگەشتىم
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفۇن نۇسخا|archiver|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

GMT+8, 2014-5-5 10:36

Powered by Discuz! X3.1(NurQut)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش