روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 978|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياشلار مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياشلىق ئىنساننىڭ ئەڭ قىسقا ۋە مۇھىم بولغان بىر مەزگىلى ، كىشىلەر ئادەتتە ياشلىقنى سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ، يېڭدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشىتىدۇ . ياشلار ھەقىقەتەن سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش جەلپكار ، يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشاش جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولىدۇ .
1 e% Q% l$ w# S; l2 X, Wياشلىق چاقماققا ئوخشاش چېقىپ ئۆچىدۇ-دە ، كۆزدىن غايىپ بولىدۇ . ياشلىق دەۋرىدە قولدىن كەتكەن پۇرسەتلەرنى كەينىگە ياندۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . شۇڭا ، ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك . ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش يولىدا ياشلار ھەمىشە بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ . مەسىلەن : ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغان بىر قىسىم ياشلارنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلار « مەن بەك يارامسىز ئىكەنمەن ، ئائىلەمگە يۈك بولۇپ قالدىم ، بارلىق غايىلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى » دەپ مەيۈسلىنىدۇ . تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ، ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالىدۇ . ھەتتا مۇشۇ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ تراگىدىيىسى قىلىۋالىدۇ .
: U3 K0 J$ u  `$ u! z! j4 {3 f" a* H# Rئەمەلىيەتتە ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك – تۇرمۇش يولىدىكى كىچىككىنە بىر مەغلۇبىيەتتۇر . ئىمتىھاندىن ئۆتۈش – ھايات كەچۈ- رۈشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس ، ئالىي مەكتەپ بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى بەلگىلەيدىغان بىردىن-بىر شەرتمۇ ئەمەس . بىزنىڭ بەختىمىز جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېچىلغان . بىز ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۆز ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەپ ، ئىگىلىك يارىتىش ، ئۆزىمىزنى سىناپ كۆرۈش ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆز بەختىمىزنى تاپالايمىز ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .9 w$ Q5 U$ u0 A5 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۆۋەتتە ، ئالىي مەكتەپلەرگە تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالىدۇ ، تۇرمۇش يولى ئېتىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ، ھېھنى چېچىلىپ كېتىپ ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ . بەزىلەر ئىقتىسادنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدۇ . بۇ – ئىرادىسىزلىك . ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلارمۇ بارغۇ ؟ كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئەمالار ، ياش تۇرۇپ پۇت-قولىدىن ئايرىلغان مېيىپلارمۇ تىرىشىپ ئىشلەۋاتمامدۇ ؟ بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كەم ؟ بىز ئۆزىمىزگە دائىم مۇشۇنداق سوئال قويۇپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك . ئۈستۈنلۈك ، ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك . يەنە بەزى ياشلار مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ . ھەممە نەرسىگە ئۈمىدسىز قاراپ ، مەنىسىز ھېس قىلىدۇ . باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەختسىزلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپلا يۈرىدۇ . بۇ يارىماس قىلىق .
4 m# h( J( f0 J3 Yمۇھەببەت ئادەمنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە نازۇك ھېس-تۇغۇ . لېكىن بىز ياشلار مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، بەختىمىزنى بەختسىز مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرىغا مەھكۈم قىلماسلىقىمىز كېرەك . ياخشى پۇرسەتلەر يەنە كېلىدۇ . قولدىن كەتكەن نەرسە ئۈچۈن ھەمىشە ئۆكۈنۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل – مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ ، كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ، ياخشى پۇرسەتلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىۋېلىشىمىز كېرەك . مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك . مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەخت ئۆزى بىز ياشلارنى ئىزدەپ كېلىدۇ . كېلەچەك – ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۈپ .
, n2 k: a4 _( Y1 }, _- L8 m" lبىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىز رىقابەت دەۋرى ، يۈكسىلىش دەۋرى ، بىز ياشلار تېتىك ۋە جۇشقۇن ، ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بۇ رىقابەتكە قاتنىشىشىمىز كېرەك . ھەمىشە بوشىشىپ ، سالپىيىپ يۈرسەك دەۋىرگە ماسلىشالمايمىز . شۇڭا ، بىز ياشلار تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە قارىتا مەردانىلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك ، شۇندىلا بارلىق قىيىنچىلىقلار بىز ئۈچۈن باش ئېگىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت بىزگە يار بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ ، بىز جاپادىن قورقمىساقلا پارلاق كېلەچەك بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ .* X6 |0 W4 d/ a3 |7 ~' T2 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
« قەشقەر» ژۇرنىلى ، 2006 ، 4- سان .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-23 09:54:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ياشلىقتىكى مەغلۇبىيەتنى، مەغلۇبىيەت دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ياشلىقتا قىلغان ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولمىسا بىزدە يەنە قايتا باشلىغۇدەك كۈچ ماغدۇر بار.
* ?* m7 @! A; b( b, ~مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى دىگەن كونىلار.
ۋاقتى: 2014-4-23 18:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبىنىڭ يۈز دادىسى با، مەغلۇبىيەت يىتىم بالا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 06:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش