روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 830|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ۋاقىتنى ئالدايمەن دېمەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرىي
" p5 x( Z  c, Y: U1 ?( D1 `
' \. B  _# x  ?0 y6 J5 p: L, Jۋاقىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ھايات ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. ھايات مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدىكى تىرىكلىك. ۋاقىت ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. بۇ دۇنيادىن ئىز – دېرەكسىز، نام – نىشانسىز كەتكەنلەرنىڭ خاتالىقى ۋاقىتنى مەنىسىز ئىسراپ قىلغانلىقىدا. ھازىر تولا كىشىلەردە (بولۇپمۇ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىرىمىزدا) ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر. ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش باھانىسىدە قارتا، بىليارت ئويناش، مەقسەتسىز كوچا چىڭداش، بىر يەرگە يىغىلىپ قۇرۇق پاراڭنىڭ قۇلى بولۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىپادىسى. 4 e' E1 w: Y' `3 k# Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 }" q! X" l5 E+ L2 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەر كىمنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىش تولىمۇ يارىماسلىقتۇر. بۇنداق دېسەم، دوستۇم، ‹‹مەن تېخى ياش، چوڭ بولغۇچە چالىسىنى تولۇقلىۋالىمەن›› دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ بەكمۇ ھاماقەتلىك. سىز بۇنداق باھانە بىلەن ۋاقىتنى ئالدايمەن دېمەڭ. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىكەنسىز، ھامان بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت، سېكۇنتىڭىزنىڭ جاۋابىنى بېرىسىز. سىزنى خار ۋە ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان نامراتلىق، ئىقتىدارسىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكلەر دەل ھايات دەپتىرىڭىزدىكى قىممەتلىك ۋاقتىڭىزغا خىيانەت قىلغانلىقىڭىزنىڭ جازاسى بولۇپ، قاچانكى سىزدە ۋاقىت ئېڭى يېتىلگىچە ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايسىز. ۋاقىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ئازدۇر – كۆپتۇر نەپ يەتكۈزسە ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە ۋاقىت تېجەشنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى سەمىڭىزگە سېلىشنى لايىق تاپتىم: 7 ~2 N6 F) w, Z% ?! I2 `% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 S  t# t9 _6 m# I! @% R2 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. نىشانسىز بازار ئارىلىماي، ئېھتىياجلىق نەرسىنى دەل جايىدىنلا ئېلىپ ئىشنى پۈتتۈرۈش ۋاقىتنى تېجەشكە پايدىلىق. تەبىئىيكى، نىشانسىز بازار ئارىلاش ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىدۇ.
# ?7 ]9 E1 L& w# @( W. X  g
' @, }' Z2 f. r# Z' f" h- w( s2. باشقىلارنىڭ ئورۇنلۇق – ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە بىھۇدە ئۇرۇنماي، ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلالمايمەن دەپ چىرايلىق رەت قىلىش لازىم. # N4 o; r6 }* T  L5 L$ t) Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

9 g. X! B9 g. Q* i- D3. ئارىسالدىلىقمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ بىر خىلى. شۇڭا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسكىن قارار چىقىرىش تولىمۇ مۇھىم. 3 A! U- \* ?* c. Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

* S. T: F/ s! Z- H- D/ @0 B/ C! B1 {4. باشقىلارنىڭ قۇرۇق گېپىگە سۈكۈت قىلماي، سۆزىنى بۆلۈۋېتىشمۇ ۋاقىت تېجەشتۇر.
3 z3 ~# [& i( R0 o! m- E* Y7 p& G( Z3 G, s) b: X) T; dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5. خىزمەت، ئۆگىنىش، سودا ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن پىلانلىق شۇغۇللانغاندا ھەم باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلغىلى، ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ.
, v. O9 ^2 t! R5 h
: K- m+ x# h7 e0 @+ Q6. نەرسە – كېرەكلەرنى قالايمىقان قويماستىن، جايى – جايىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەندە ۋاقىتنى تېجەپ، نەرسە – كېرەك ئىزدەش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
  j, u! m4 R' {6 z& N0 C) c" b  L9 M. c# u% l/ c  Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7. ئالدىنى ئېلىش، يەنى مۇھىتىڭىزنىڭ ھەرقانداق تەرىپىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىنى ۋاقتىدا ئوڭشاش ئارقىلىقمۇ ۋاقىتنى تېجەپ، كاشىلا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5 Y4 i( }5 L, a0 J; h+ @( o4 Y( I/ j4 a: Y* f+ l: ]- |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8. بىرەرسىنى ياكى بىرەر خەۋەر كۈتۈشكە توغرا كەلگەندە، كىتاب ئوقۇش، يان تېلېفوندا يېزىقچىلىق قىلىش ئارقىلىقمۇ ۋاقىتنى تېجىگىلى (ئېنىقى شۇ پۇرسەتتە بىلىم تولۇقلىغىلى) بولىدۇ.
8 c. m6 X, J0 F( P( [
+ ^; ?' s9 P6 X( s& V" e7 A7 ]9. كەلگۈسى ئۈچۈن ئوشۇقچە غەم يەپ ئۆزىمىزنى بىھۇدە ئۇپرىتىشنىڭ ئورنىغا بۈگۈننىڭ چامىمىز يېتىدىغان ئىشلىرىنى پۇختا قىلىپمۇ ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ.
7 _% @2 C( l4 j- J; p0 E0 Y* x5 ~" R. }# D' _, M( M" [5 S* @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقىتنى تېجەشكە سەل قاراش بىزنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. ھاياتلىقتا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، پىلان توغرا، تەدبىر مۇكەممەل ھەم جانلىق بولسا، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، ئۆمۈرنى مەنىگە ئىگە قىلغىلى، مەۋجۇدىيىتىمىزنى لايىقىدا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەتە–ئۆگۈن دەپ ئىشنى كەينىگە تارتىپ، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىش ئەڭ زور ئالدامچىلىقتۇر. شۇڭا، تۈگىمەس باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ۋاقىتنى ئالدىمايلى! ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە، نېمە قىلغان – قىلمىغانلىقىمىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ. ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، تۇرمۇش باغچىسىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىدۇ.
  s# ?5 }& H, F0 ~  D7 i! E+ M
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-13 08:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت دىگەن ئاتقان ئوق،
6 v: R5 T* `4 Z1 ?+ k; ?ئۇ يانمايدۇ كەينىگە.
$ H" W  T/ `& H. z2 N5 Sۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ،/ L% D& N9 D% K2 b: X" y2 h% dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز چۈشەيلى بەيگىگە.
ۋاقتى: 2014-4-13 09:58:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مەنمۇ ئادەتتە كىينچە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ ساقلاپ قويمايمەن،ئىلىپ ساقلاش بۇنىڭ ئۆزى ۋاقىت ھەم پۇلى ئىسراپ قىلغانغا بارەۋەر.
ۋاقتى: 2014-4-13 10:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتىنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 03:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش