روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1466|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹شىئېر› ئەلۋىدا XP

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېتەر بولدۇڭ ئون ئۇچ يېشىڭدا ،
ئېغىر كەلدى سېنى ئۇزۇتۇش .
كومپۇيۇتۇر كۆنۇپ قالغانتى ،
دىيەلەرمۇ ‹ئەكىس پ  ›غا خوش .

ئەجەپ ئەرزان ئېلىۋالغانتىم ،
بەك قولايلىق ھەم ئالماشتۇرۇش .
ۋىندۇىسنىڭ بۇ خىل ھۇجۇمى ،
‹بىزلەر› ئۇچۇن قورالسىز ئۇرۇش .

360 قوغدايدۇ دەيدۇ ،
بۇغۇ بەلكىم ياخشى ئويلۇنۇش .
قوغدار يەنە ئۇغۇرلاپ ئۇچۇر ،
بولمىغاچقا بىزلەرگە تونۇش .
ئېسڭدىمۇ  يېشىل دۆڭلۇكتە،
ۋۇرت بىلەن ئۇچراشقىنىمىز.
سارغىيىپتۇ ئەمدى ئۇچىملىق،
قىش بولغاندا قانداق قىلىمىز.

توڭ تۇتۇپتۇ تور سۇرئىتىنى ،
يۇگرەپ ماڭساق بەك يىقلىمىز.
ياماقلىرى كۆپىيىپ كەتتى ،
تولۇقلاشقا يەتمەس قۇربىمىز.
زۇلپىقار ئەلى:ئىجادىيەت
مەنبە: مىسرانىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-10 15:33:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئالامەت چىقىپتۇ ھەقىقەتەن ھازىرقى ئەھۋالنى يۇرتۇپ بىرىپتۇ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-10 15:58:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ئالامەت يىزپتۇ ئاپتۇر بۇ شىئىرنى .
ۋاقتى: 2014-4-10 15:59:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگىمۇ ياخشى شىئىر يوللاپسىز.
ۋاقتى: 2014-4-10 16:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ  بۇ شىئىر ياخشىكەن
ۋاقتى: 2014-4-10 17:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغۇ يامان ئەمەس چىقىپتۇ، بىراق بۇ سىستېمىغا ئالدىراپ ‹ئەلۋىدا› دەپمۇ كەتمەيلى. چۈنكى، تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت گەرچە ئۆز مەنپەئەتىنىلا دەپ شۇنداق قارار چىقارغان بولسىمۇ بىراق، كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسى، مۇشۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك رىئال مەسىلىلەرگە قارىغاندا يەنىلا بۇ سىستېما بىر مەزگىل ھەرخىل ۋاسىتىلەر، چارە- ئاماللار بىلەن قوغدىلىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. مىڭلىغان- مىليونلىغان ئ.ىشلەتكۈچىلەرمۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزى كۆنگەن ۋە ئاران ئۆگەنگەن بۇ سىستېمىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، windows7 ،windows8 نى قاچىلاپ بولالمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا بەلگىلىك ئىقتىساد، ئۆگىنىشكە يەنە بىر جەريان كېتىدۇ. قىسقىسى، مىكروسوفتنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز گىپى بىلەنلا ھەممە ئىشنىڭ تەلتۆكۈس بولۇپ كېتىشى ناتايىن. قېنى، مەندىن باشقا سىز ئەشۇ  windows8 ئارقىلىق ھازىرقى قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى بېمالال، تېنەپ- تەمتىرىمەي ئېلىپ بارالايمەن دەپ ھۆددە قىلالامسىز؟
مەنمۇ ھازىر windowsxp دىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، ئىشلىرىمنى نورمال ئىزىغا سېلىشنى ئويلاش تۈگۈل تەسەۋۇرمۇ قىلالمايۋاتىمەن (مەن يا بەكلا قاتمال، بەكلا ئارقىدا قالدىممۇ قانداق بىلمىدىم).   
ۋاقتى: 2014-4-10 18:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىلار ناھايىتى  توغرا بوپتۇ،  windows7 دىگەننى  مەنمۇ  ئىشلىتىپ باققان ئەمما  پەقەت  كونەلمىدىم.........
توغرا  ئالدىرمايلى.... خوشلىشىشقا
ۋاقتى: 2014-4-10 19:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا !  شېئىر بەك بەلەن چىقىپتۇ !
ۋاقتى: 2014-4-10 21:03:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ ۋ ۋ ۋ  ئالامەت چىقىپتۇ ماۋۇ شېئىر ..   قەلەم  تەۋرەتكۈچىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللاھ
ۋاقتى: 2014-4-10 21:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنى ھەقىقەتەن قاملاشتۇرۇپ يېزىپتۇ،كۆپچىلىك مىنىڭچە win7 كۆنەلمىگىدەك يېرى يوققۇ.....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 01:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش