روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەڭ شىپالىق دورا − ئۈمىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈمىد − سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان باراقسان دەرەخ. ئۈمىد − ئۆچۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مەشئەل. ئۈمىد − سوغۇلدۇرۇشقا بولمايدىغان بۇلاق. تۇرمۇش بىزدىن ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈمىد بولمىسا، تىرىشچانلىق بولمايدۇ. تىرىشچانلىق بولمايدىكەن، ھاياتلىقنىڭ ھېچقانداق مەززىسى بولمايدۇ. دېمەك، ئۈمىد بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز سۈپىتىدە قاغجىرىغان قەلبىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە مەلھەم، دەردىمىزگە دەرمان بولالايدۇ.
! c* w8 {6 x1 }. w. @
, x7 i" S3 K8 d5 e# _كىشىلىك ھاياتتا بىز ھەمىشە كىشىلەرنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسىدۇر. بۇ ھەقتە ئامېرىكىلىق ئىككى پىسخولوگ ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر قىلىدىغان زىيانسىز ماددىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوكۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ سىناق يېرىم يىلدا جەمئىي بەش قېتىم ئىشلەنگەن. نەتىجىدە ئېممۇنىتېت كۈچى پىسخىك ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۈمىدسىزلەنگەنلەرنىڭ تۆۋەن بولغان. بۇ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.2 w/ n6 S0 y7 h+ t( |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

4 }3 n: y; g1 ^1 u0 g: yكىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىش بىزنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە سۆرەيدۇ. بىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان مۇستەھكەم پىسخىكا ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ بويسۇندۇرالمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك سىزنى چىرمىۋالغاندا مۇنۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ: ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرۇپ، قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىڭ. ياشلار توپلاشقان جايلارغا بېرىپ تۇرۇڭ، بولسا ياشلارنىڭ تازا قىزىۋاتقان توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ بېقىڭ. ياشاش مۇھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. كېچىلەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان، جاپالىق جايلاردا تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرەر ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. دېمەككى، ئەتراپىمىزدا بىزنى ھامان ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان نەرسىلەر كۆپ. شۇنداق ئىكەن، بىزنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.+ f* p1 F! n2 Q+ ?; eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' ^4 e' y7 V# \0 o, [دېمەك، ئۈمىد ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش مەيلى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن، بىزگە ھەر دائىم كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. روھىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى − ئۈمىدۋارلىقتۇر. ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر قانداق كېسەلگە قالقان بولالايدىغىنىمۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىقتۇر. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتىمىز ھەردەم ئۈمىدۋارلىقتا كۈلۈمسىرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى، جىسمىمىزنى قىممەتلىك سوۋغىلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. ( S/ p; s: c  m, S+ q/ t! ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 18:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش