روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

رەنجىشىم يوق (شېئىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار؟  ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزلەرنى مۇشۇ توريۈزىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلغنىغا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن. مەن قايسى كۈنى ئۈندىداردىكى مەلۇم بىر دوستۇمنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگەن بۇ شېئىرى ماڭا بەك يارىغان. شۇڭا سىلەر بىلەن تەڭ بەھىرلىنەي دەپ يوللىدىم. (بۇ شېئىرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئەسلى ئىگىسىگە مەنسۈپ)

        رەنجىشىم يوق         
ئاغرىنىشلار داۋا ئەمەس دەرتلىرىمگە،
ئەسقاتمىغان يىقىنلاردىن رەنجىشىم يوق.
باھار كەتتى سۈزۈك سۇنى كۆرەلمىدىم،
ئەگىز ئاققان ئېقىنلاردىن رەنجىشىم يوق.
سەۋەپلەرگە كۆنۈپ قالدىم تولا ئاڭلاپ،
قانائەتسىز جاۋاپلاردىن رەنجىشىم يوق.  
تەغدىرىمنى يىزىپ بەرمەس ئۆزگى ئىنسان.
پۈتۈلگەن شۇ ئازاپلاردىن رەنجىشىم يوق.
پاك سۆيگۈمگە  ۋاپاسىزدۇر بەزى بىرلەر ،
كۆڭلى قارا بىر نادانغا رەنجىشىم يوق.         
قىلدى غەيۋەت ئاڭلىمايدۇ قۇلقى دەپلا،  
دىلى زەھەر بىر يامانغا رەنجىشىم يوق.      
ھەر ئادەمنىڭ ياخشى كۈندە دوستى تولا،
ئېغىر كۈندا ياتلاشقانغا رەنجىشىم يوق.
ئاشكارلايدۇ تۈلكە مىجەز ھەرچاغ ئۆزنى،   
ساختا نىقاپ چاپلاشقانغا رەنجىشىم يوق.
ئەسقاتمايدۇ نائەھلىلەر زۇلۇم كۆرسەڭ،
قىممىتىمنى بىلمەي ساتسا رەنجىشىم يوق.
يىقىنلاردىن كەلگەن راھەت ھىجران بولسا،        
يات بىرىلەر ئوقيا ئاتسا رەنجىشىم يوق.
ئىلاجىم يوق چۈشەنمەستىن ئەسكى دىسە،
مەن بىر كىتاپ ئوقىمىسا رەنجىشىم يوق.
ئوقىغانلار بىلىپ تۇرۇپ مەردلىكىمنى،
نامەرتلەرچەر كۆزنى يۇمسا رەنجىشىم يوق.
دوستتىن كەلگەن نامەرتلىككە كۆنۈپ قالدىم،
رەقىپ ھامان ئاشكار دۈشمەن رەنجىشىم يوق..
ئاق كۆڭۈللۈك زىيان بولدى ماڭا ئاخىر،        
مەن سۆيگەنلەر ئاتتىغۇ ئوق رەنجىشىم يوق.
بۇلاق  بولدۇم تەشنالىقتا  چاڭقىغانغا ،      
مەن چاڭقىسام دەريا قۇرۇق رەنجىشىم يوق.…
مەنبە:ئۈندىدارىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-16 13:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  شىئىركەن
ۋاقتى: 2014-3-16 13:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى مەزمۇن ياخشىكەن. يوللۇغۇچىغا رەھمەت.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-16 14:07:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئر ئىكەن  رەھمەت سىزگە.
ياقتۇردۇم بوپ قويىدىكە
ۋاقتى: 2014-3-16 16:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى شىئېركەن!
ۋاقتى: 2014-3-16 18:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى كەچۇرۋىتىش ئۆزىگە بىرىلگەن ئەڭ ياخشى دۇرا-ئەلى مۇئەللىم ،داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى ھەمبەرلندۈرۈپ تۇرغايسىز !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 06:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش