روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] ئاتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا

( مۇھەممەتسۇلايمان ئابدىقايىم )

ئىگىلىپتۇ مەغرۇر قامىتىڭ ،
ئىگىلگەندەك ئانارنىڭ شېخى.
پىشانەڭگە قاپتۇ سىزىلىپ ،
شۇيىللارنىڭ سانسىز كەچمىشى،
ھەر ئويلىسام شېئىر يازىمەن،
شېئىر ئۈچۈن باققانمۇ مىنى؟ .

شۇ ياشانغان ئالتۇن بۇيۇڭنى ،
ماڭالمايسەن مەزمۇت كۈتۈرۈپ.
ئېغىزىڭغا تېتىماس غىزا،
سەدەپ چىشىڭ كەتكەن تۈكۈلۈپ.
كۆزلىرىڭگە يەتكەن قېرىلىق،
تۇرغاندەكلا سېنىمۇ كۈتۈپ.

چاك-چاك كەتكەن ئالقانلىرىڭغا،
ھەمراھ بوپتۇ ئەمدى يانتاياق،
قەدەم ئالساڭ ئاغرىيدۇ بىلىڭ،
باشلىرىڭنىڭ يوقتۇر يىرى ساق،
قولاشمايدۇ گەپ سۆزلىرىڭ ھەم،
تىنىقىڭدا يوقتۇر ھەم تۇراق.

ئاھ بەختىمنى بەرگۈچى ئاتا،
يوللىرىمغا تال-تال نۇر تۆكۈپ،
بەردەملىكنى قالدۇرۇپ ماڭا.
پەرۋىش قىلدىڭ مىنى ئاۋايلاپ،
يىگىت بولدۇم مەنمۇ ئالدىڭدا ،
ئوتتۇز ئىككى باھاردىن ئۆتۈپ.
ھاردىڭ توختا ئەمدى مەشخۇلدىن،
سۈت رەڭگىدەك ساقاللىرىڭنى ،
ياساپ قوياي ئۆزەم ئاۋايلاپ،
خامىنىڭنى تېپىپ بىرەي مەن،
سېنىڭكىدەك يېقىملىق ئۈندە،
سەن ئۈگەتكەن ناخشىنى توۋلاپ.

نۇر بۇيۇڭنى قېينىسا كېسەل ،
ھەتتا بارساڭ مەككە مەدرىسكە،
مەنمۇ سېنى ئاپىراي يۈدۈپ،
سەنمۇ مىنى كېچىك چېغىمدا،
يىغلاپ كەتسەم ھېچ سەۋەپسىزلا ،
ماڭغىنىڭدەك ھەر يان كۆتۈرۈپ.

تۇتۇپ قوياي پۇت-قوللىرىڭنى،
گوياكى مەن «دادا» دىگەندە ،
سېلىغاندەك مەڭزىمدىن سۆيۈپ.
ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلاي مەن ،
سەنمۇ خۇددى قىرانلىقىڭدا.
ئىشلىگەندەك مەن ئۈچۈن كۈيۈپ.

رەھمەت دېمە ئىشلىرىم ئۈچۈن ،
بالىلىقنى ئادا قىلاي مەن.
سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ ئارزۇيۇم،
سېنىڭ بىلەن گۈزەل مەندە تەن،
ئاتا ، تىنىڭ بولسۇن سالامەت،
شۇندا ماڭا سۈيۈملۈك ۋەتەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +15 ئىناۋەت +40 تەڭگە +24 بايلىق +21 تۆھپە +11 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 15 + 25 + 15 + 21 + 11 ماختاشقا تېگىشلىك
rabbiy + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-14 22:26:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتسۇلايمان ئابدىقايىم سىز بولامسىز ياكى؟
ئەگەر ئاپتۇر ئۆزىڭىز بولسىڭىز ئەسىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قۇرىدا مەنبەسى ئىجادىيتىم دېگەندەك ئەسكەرتمىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ.
ئەجەپمۇ ياخشى چىقىپتۇ، شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ مەنمۇ ئانامنى چوڭقۇر ياد



ئەت

تىم، سىز ئەمدىلا 32ياشقا كىرىپسىز، ئانىكىزنىڭ ھۆرمىتىنى قاتتىق قىلىڭ دوستۇمن


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-14 23:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيىتى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

باھا سۆز

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرىشىڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-15 01:22
ۋاقتى: 2014-3-14 23:40:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
تەكلىپىم:  ئاخىرىدىكى " سېنىڭ بىلەن گۈزەل مەندە تەن' دىگەن مىسرا دەل جايىغا چۈشمىگەندەك قىلىدۇ.  گۈزەلنىڭ ئورنىغا بەردەم دەپ ئالسىڭىز قانداق بولار؟
ۋاقتى: 2014-3-15 01:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەسۇر2 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 23:20
بۇ شىئېر ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيىتى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتى ...

ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىپسىز  تىخىمۇ تىرىشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 06:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش