روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يىلتىزلىسام باغرىڭغا يار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 18:43  

بۇ ئىشق مەنزىلىدە ۋەسلىڭ مېنى قىلغاچ خۇمار،
باشلىدىم يولنى يۈسۈپنىڭ روھىنى ئەيلەپ تۇمار.

زارىقىشنىڭ دەھشىتى يۇلتۇزلىرىمنى چاقنىتىپ،
روھ قۇشۇم قىلماقتا پەرۋاز سەن ئۈچۈن ھەردەم بىدار.

چۈشلىرىم بولماس بىھۇش سۆيگۈم-غۇرۇرۇم ئەۋجىدە،
يامرىغاي جىمجىت بېغىڭغا ئاي نۇرىدەك بىغۇبار.

دەردى ھىجران گۈللىرىدىن زوقلىنار ئەھلى ئىشق،
بولسىمۇ گەر لەۋلىرىڭ تۇز يۈرىكىمگە بال ئاقار.

يوللىرىمنىڭ ئاخىرى بولغاي گۈلىستانلىق ماكان،
چۆلدىكى ئۈجمە كەبى يىلتىزلىسام باغرىڭغا يار.


نەپرەت نامىدىكى يازمىلار رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-22 20:05:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ مەزمۇن كەڭەيتىۋەتكەن بولسىڭىز ئالامەت چىقىدىكەنتۇق. ھازىرمۇ خېلى تىرىشىپىز. يارايسىز.
مېنىڭچە رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن دېمەي ، كۆچۈرسىڭىز روھلان تور بېكىتى ۋە تېما ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ دەپ ئېلىڭ ئەسكەرتىشىڭىزگە.
ۋاقتى: 2014-2-26 16:24:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەلنى ئوقۇپ، سىزگە ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى. يېڭى ئوي- پىكىرگە تۇيۇنغان، مەزمۇنى چوڭقۇر، پاساھەتلىك تىل كەڭلىكىگە ئىگە بوپتۇ. داۋاملىق تىرىشقايسىز...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 07:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش