توك سائېتى
ئابدىرامان ئازات
ھۆكۈمەتتىن بەردىغۇ نامراتلارغا سائەتنى،
سېكىرتار مۇ بىلۋالدى خەلىققە كەلگەن ئامەتنى،
يىلتىپ بەرسە تۆت تۇخۇم قويۇپ بەردى سائەتنى،
سېكىرتارىم ئۇنۇتتى ساداقەتنى ئىتائەتنى،
دىھقان جېنىدا يىمەيدۇ مىۋىلەرنىڭ توڭىنى،
نەپ ئالدىدا سېكىرتار قوياممىدى قوڭىنى،
شۇنداق قىلىپ كۆكلەيدۇ بالاخورنىڭ يوغىنى،
ساپىقىدىن ئايرىلار پىشىپ قالسا قوغىنى،
ھېساببى بار-سورىغى بار ھەربىر تۈرلۈك ئىشنىڭمۇ،
باھار پەسلى كېلىدۇ زىمىستانۇ-قىشنىڭمۇ،
كىچىك دىسەك سېكىرتار داش قازاندا پىشتىڭمۇ،
ئاغريدىغان كۈنى بار ھارام يىگەن چىشنىڭمۇ،
2013-يىلى 9-ئاي يېڭسار ئىگىزيەر
|